- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 126
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-9 19:09
8-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوغۇزلار قەشقەر- پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، قارلۇقلار ئوغۇزلارنىڭ قەدىمىي قەبىلىسىدىن بولغان ئوغۇز،ياغما، ئاشىنا،چىڭگىل قەبىلىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇرى تەبىقىدىكى قەبىلىسى بۇلۇپلا قالماي، تۇنجى ئوغۇز-ئۇيغۇر خانلىقى--قاراخانىيلار خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى يەنە بىر يەرلىك قەبىلىسى-- ساكلار قەبىلىسىمۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر قەبىلىسى ھىسابلىنىدۇ. قاراخانىيلار خانلىقى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئالتاي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ھىندى-ياۋرۇپا تىللىق مىللەتلەر ھاكىمىيىتى تەڭلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قارىخانىيلار ھاكىمىيىتى زورىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساكلار ھاكىمىيەت ئورنىنى ئوغۇزلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ساكلار مىلادى 2-ئەسىردە قەشقەر رايونىغا كەشمىر رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن، قەشقەرغە ئوغۇزلار كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلار قەشقەرنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولۇپ قالغان،ھەمدە يەرلىكلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر شەھرىنى ئەڭ بۇرۇن بەرپا قىلغان. بۇ قەبىلىدىن قول-ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر كۆپرەك چىقىدۇ، ساكلارنىڭ سودا ئېڭى بىرقەدەر يۇقۇرى بولۇپ، ئەسلى يۇرتى بولغان ھىندى-پارس تەرەپلەردىن يىپەك يولىنى بويلاپ مال يۆتكەپ خان جەمەتى بىلەن قويۇق مۇناسىبەت ئورنىتىدۇ، ھەمدە خاقانىيىلىكلەرنى ماددىي-ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۆزلىرىمۇ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان. ئۇلار دەسلەپتە كەشمىر رايونىنى بازا قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا سودا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،ھەمدە 4-ئەسىردە قەشقەر-پەرغانە رايونىغا بۇدداھ دىنىنى ئېلىپ كىرىدۇ، قاراخانىيلار خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن كەشمىردىكى بازىسىنى قەشقەرغە يۆتكەپ، سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ، قەشقەر-ئاتۇش رايونىغا سودا قىلىشنى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئەڭ بۇرۇن ئاشۇلار ئۈگىتىدۇ، چۈنكى ئوغۇزلار ئات ئۈستىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار بولغاچقا، سودا-سېتىقنى نومۇس دەپ بىلەتتى. ساكلارنىڭ بىر ئۇچى ھىندىستاندىكى ساكيا(ساكيامونى-بۇدداھ دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى) قەبىلىسىگە تۇتاش بولۇپ،يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىپ، رەسمىي قەبىلە شەكلىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ھەمدە كىچىك ھاكىمىيەت(بەگلىك)لەرنى بەرپا قىلىدۇ. قارىخانىيلار خان جەمەتىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان قارلۇق قەبىلىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گەرچە ساكلار قەشقەرغە قارلۇقلاردىن بۇرۇن كەلگەن بولسىمۇ، بۇدداھ دىنىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى سەۋەبىدىن ئىسلام دىنىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشنى خالىمىغاچقا ، چەتكە قېقىلىپ، قارلۇق قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسخرىسىگە ئۇچراپ، قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى جايلارنى ماكان تۇتىدۇ، ھەمدە ئورنىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. چۈنكى كۆپ ئىلاھلىق دىنلاردىن جاق تويغان ئاۋام پۇقرالارمۇ ئۆزىنى يۇقۇرى تەبىقىدىن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى بەس-بەستە قوبۇل قىلغان، 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولۇش بىر خىل ئىمتىياز ۋە يۇقۇرى تەبىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، شۇ دەۋردە بىر خىل مودىغا ئايلانغان ئىدى، يەنى مۇسۇلمان بولۇش ناھايىتى پەخرلىك ھىسابلىناتتى، شۇڭا ئىسلام دىنى قەشقەر رايونىدا ئىنتايىن تىز ئومۇملاشقان ئىدى. ساكلار مۇسۇلمانلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئامالسىزلىقتىن ھازىرقى كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ توققۇزاق (توققۇز ساك- ناھىيە تۇرۇشلۇق بازار)، ئوغۇساق(ئوغۇز- ساك، يەنى شالغۇت قەبىلە بولۇپ، ئورنى قەشقەر شەھرىگە ئەڭ يېقىن)، ئاتۇشنىڭ ئېكىساق( ئىگە ساك) ۋە قۇمساق( قەۋم ساك) قاتارلىق جايلىرىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە كېيىن شالغۇتلىشىپ مۇسۇلمان بولغان. بۇ جايلارنىڭ نامى ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىۋاتىدۇ.
دىمەك ساكلار ئوغۇز(ئاساسى قەبىلىسى قارلۇق)لار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى 16-ئەسىردىكى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەسلى ئاھالسى بولغان ھىندىيانلارنىڭ تەقدىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئىزاھات:
يوسىف دېگۇينىس <<ھونلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمى بايانى>>1758-يىل پارىژ نەشرى.
خۇا تاۋ <<8-10-ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخدىن بايان>>، 2000-يىل خەنزۇچە نەشرى.
بارتولد <<ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى>> جوڭخۇا كىتاپچىلىق نەشرىياتى، 2005-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
مەھمۇد كاشىغەرىي <<تۇركىي تىللار دىۋانى>> ئۇيغۇرچە نەشرى 1-توم. |
|