بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-9 19:20
ئاتقان ئوق، چاپقان قىلىچسەن!
قاراخان
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرلەپ...)
يالقۇن تاغدىن چىققان ھارارەت،
كۆيدۈرىدۇ زېمىن باغرىنى.
روھىڭدىكى چۇقان جاسارەت،
ئېچىۋىتەر زېھىن كاللىنى .
ئاچىل دىسەڭ ئېچىلدى گۈللەر،
زېمىستاندا ياۋنىڭ ئالدىدا.
تېنچلىق-دەپ كەپتىرىڭ ئۈنلەر ،
ئادالەتنىڭ يېشىل غارىدا.
ئۆرلەپ كۆككە ئىخلاس توپىسى،
قەۋرەڭدە كۆر چاقنايدۇ زىيا.
سېنىڭسىز يوق خىيال كەلگۈسى،
سەنسىز ئۆزلۈك بولماسكەن بىنا.
گۈۋاھ ئەنە تۇرپان مۇنارى،
سەكسەن يىلنىڭ يازۇ-قىشىغا.
سەن چۈشىگەن تۇرپان باھارى،
بەردى تۇز تەم ئاۋام ئېشىغا.
سەن زۇلمەتكە ئېتىلغان نۇر ئوق،
سەن غازىلار كۆتەرگەن قىلىچ.
سەن تىللاردا ئەسىرلىك نۇتۇق،
سەن قەلبكە بېغىشلايسەن كۈچ.
مەنبە:قاراخان (ئىجادىيەتلىرى)دىن.
|