قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 4

قۇتتېكىن: غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.چۈشەنمىدىم

ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىىلدا سۆزلىمىدى چۈشەنمىدىم،
ئەبجەش قىلىپ سۆزلەۋەردى نېمە دىدى چۈشەنمىدىم.


مىللىتىڭنىڭ نامى دىسە ئۇرغۇي دەيدۇ نۇمۇس قىلماي،
ئۇيغۇر دېگەن  نامىمىزنى دېيەلمىدى چۈشەنمىدىم.


ھەممە كىشى بەكمۇ ئامراق دەنشى كۈرۈپ ئولتۇرۇشقا،
تېلۋىزۇر دەيدۇ دېسەم ھاڭۋىقىپ قالدى چۈشەنمىدىم.


شوۋجى دەيدۇ يان تېلغۇننى چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە،
نۇمىرىنى ياۋ سەن چى دەپ تىز يادلىدى چۈشەنمىدىم.


كىر يۇيارمىز شىجىدا،مىۋە-چىۋەلەر بار بىڭشاڭدا،
ئانا تىلدا  دىيىشكە ئېغىز كۆنمىدى چۈشەنمىدىم.


لازا بولدى كۆك مۇچمۇ چىڭسەي بولدى شۇ كەرەپشە،
كۆكتاتلارنىڭ نامىلىرى ئۆزگەرتىلدى چۈشەنمىدىم.


يەر ناملىرى ئۆزگەردى باشقا تىلغا يۇقالدى ئەكسى،
ئۇيغۇرچىسىنى دىسەم مەن بىلەلمىدى چۈشەنمىدىم.


كۆپتۇر بۇنداق مىساللار بولدى خېلىل سەن قاقشىما،
تىبابەتتە يوقمۇ داۋا بۇ كېسەلگە چۈشەنمىدىم.


بىلىپ قۇيۇڭ ئەي دوستۇم تىل مىللەتنىڭ بەلگىسىدۇر،
نېمە ئۈچۈن ئانا تىلنى خارلايمىز بىز چۈشەنمىدىم.


ئوبدان ئويلان ئەي مىللىتىم ئانا تىلىم ئەبجەشلەشتى،
ئانا تىلدا ئەۋلاتلارنىڭ ھەققى يوقمۇ چۈشەنمىدىم.



ئىجادىيىتىم

ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن

2013-1-9


2.يۇرتۋاز



نەگە بارسا يۇرتىنى داڭلاپ ماختار يۇرتۋاز،
باشقا يۇرۇتنى ماز قىلىپ تىللاپ قاقشار يۇرتۋاز.


گەر ئاڭلىسا ھەر يەردە ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى،
ماختاپ كۆككە كۈتۈرۈپ داڭلاپ يۈرەر يۇرتۋاز.


ئەگەر چىقسا يۇرتىدىن كىچىككىنە بىر ئالىم،
ئۆز يۇرتىنى پەش قىلىپ شايلا چاچار يۇرتۋاز.


ئاققان تۇرۇپ تېنىدە بىر مىللەتنىڭ قانلىرى،
ئايرىمچىلىق قىلىپلا  يۈرەر دائىم يۇرتۋاز.


تەن ئالمايدۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ئىللەتنى،
تۈزىتىش نەدە تۇرسۇن كۆكتە ئۇچار يۇرتۋاز.


كۆرسىتىپ بەرسە ھەركىم ئۆزىدىكى ئىللەتنى،
دۈشمەن بۇلۇپ ئۇنىڭغا خەنجەر ئۇرار يۇرتۋاز.


چىقىپ قالسا يۇرتىدىن ئوغىرى يا قاراقچى،
يۈز ئۆرۇپلا يۇرتىدىن كىچىپ كىتەر يۇرتۋاز.


سىڭىپ كەتكەنمۇ ياكى قېنىغا يۇرتۋازلىق،
ئۆمۈر بۇيى تاشلىماس ئىللىتىنى يۇرتۋاز.


ئۇيۇشقاق مىللەت دېگەن بامىنى ئۇنۇتتىمۇ،
بۆلگۈنچىلىك قىلىپلا يۈرۈيدىغۇ يۇرتۋاز.



ئەجەپمۇ بەك زىرىكتىم يۇرۇتۋازنىڭ گىپىدىن،
يا نۇمۇسمۇ قىلمايدۇ قىلمىشىدىن يۇرتۋاز.


ئاڭلىغىن ئەي يۇرتۋاز ساڭا قىلاي بىر نەسھەت،
تاشلىغىن ئىللىتىڭنى بولما ئەمدى يۇرتۋاز.





ئۇيغۇر ئوغلى

ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن

2013-3-5

3.كەتتى




ھالال ئىشلەپ دۇنيادا ياشىغانلارمۇ كەتتى،
ھارام تېپىپ يەپ-ئىچىپ ئوينىغانلارمۇ كەتتى.


تەر تۆكۈپ تۇمۇزلاردا ئېتىزلاردا ئىشلىگەن،
ساددا ئىشچان تىرىشچان دېھقانلىرىمىزمۇ كەتتى.


مال-دۇنيا بايلىق ئۈچۈن ئات ئۇلاغدەك ئىشلىگەن،
ساخاۋەتتىن ئەسەر يوق بېخىل بايلارمۇ كەتتى.


بارلىقىنى خەلىققە،ئەركىنلىككە ئاتىغان،
ئادالەتنى كۈيلىگەن پالۋانلىرىمىزمۇ كەتتى.


مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان،
مۇنبەرلەردە تەۋرەنمەس ئۇستازلىرىمىزمۇ كەتتى.


ھاياتلىققا يىڭىدىن ئۈمۈدلەر ئاتا قىلغان،
ئاق خالاتلىق پەرىشتە دوختۇرلىرىمىزمۇ كەتتى.


ئىلىم-پەندە شان قۇچۇپ تالاي ئەسەرلەر يازغان،
ئالىم،يازغۇچى،شائىر ئەدىپلىرىمىزمۇ كەتتى.


خەلق ئۈچۈن تىنىم تاپماي تالاي تۆھپىلەر قوشقان،
ئىجاتكارلار،تۆھپىكارلار،سەنئەتچىلەرمۇ كەتتى.


ئەل خەلىقنىڭ پۇتىغا يانتاق بۇلۇپ سانجىلغان،
ساتقىن،خائىن مۇناپىق باشلىقلىرىمىزمۇ كەتتى.


لالما ئىتتەك كۈن بۇيى بىكار لاغايلاپ يۈرگەن،
داشقال بۇلۇپ شاللانغان شۇ كىشىلەرمۇ كەتتى


كىرىپ شەيتان كەينىگە يامان يوللارغا ماڭغان،
ئەل-خەلىقتىن لەنەت ئالغان ئازغۇنلارمۇ كەتتى.


بەك قىسقا ئادەم ئۆمرى،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،
ھاياتىنى رەڭدار قىلغان شۇ كىشىلەرمۇ كەتتى.


ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ دۇنيا پەقەت قۇنالغۇ،
ھەممە كەتتى بۇ دۇنيادىن كىم مۇرادىغا يەتتى.



ئۇيغۇر ئوغلى
2013-3-7


4.ئانا يۇرت


رۇمانلارنىڭ سەركىسى سەن نامى مەشھۇر «ئانا يۇرت»،
مىللىتىمنىڭ گۆھىرى سەن پەخرىمىز سەن «ئانا يۇرت».

نامى مەشھۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېزىلغان،
ئۇيغۇرۇمنىڭ قەھرىمانلىق رۇمانى سەن «ئانا يۇرت».

ھەر ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بىر ئوتنى سېلىپ،
ئۇنتۇلمايسەن ئوۇرقۇرمەنلەر تەرپىدىن سەن «ئانا يۇرت».

مەزمۇنىڭ بەكمۇ ئېسىل،تەربىيەڭ بىزگە شۇنچە زور،
خەلقىمىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بولدۇڭ سەن «ئانا يۇرت».

يۇقالمايدۇ چىن تارىخ،ئۆزگەرتەلمەس ئۇنى ھېچكىم،
ئاشۇ چىن تارىخىنىڭ پاكىتى ئىدىڭ سەن «ئانا يۇرت».

ئۆزگەرتىلدىڭ شۇڭىلاشقا،چىن تارىخ يېزىلغاچقا،
باشقا رۇمانلار ئالدىدا بىچارە سەن «ئانا يۇرت».

تۇنجى باسماڭ شۇنچە قىممەت چىقتى باھا بىرمىڭغا،
تاپالمىغان كىشىلەرگە بىباھا سەن «ئانا يۇرت».

قىممىتىڭدىن قىسمىتىڭ كۆپتۇر سېنىڭ شۇنچە ھەسسە،
ئەمما لېكىن يەنىلا شۇنچە مەغرۇر سەن «ئانا يۇرت».

سۈيۈپ ئوقار سېنى خەلقىم،مەزمۇنىڭ بولغاچ ئېسىل،
ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخرى سەن، گۈللە مەڭگۇ سەن «ئانا يۇرت».



3

تېما

0

دوست

377

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21564
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ئىلھاممۇ بۇلاقتەك قايناتۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

147

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21562
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن   ياخشى   يىزىلىپتۇ   

15

تېما

3

دوست

6127

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1130
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنداق ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21820
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )