قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق:مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 23:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماددا» ۋە «جىسىم»

قاسىم سىدىق


كىلاسسىك فىزىكا ۋە پەلسەپەدە شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ھۆكۈمران فىزىكا ئىدىيىلىرى ۋە پەلسەپەۋى كۆز قاراشلاردا «ماددا» بىلەن «جىسىم» ئىنىق پەرىقلەندۈرۈلمەي ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا «ماددا»دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
شەكىل نەزەرىيىسى «ماددا»بىلەن «جىسىم»نى بىر -بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى مۇستەقىل ئۈقۈم دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.
شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ كۆزدە تۈتقان «ماددا»سى - ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە -«ئېن»لار ۋە ئۇلارنىڭ ھەجىملىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
«جىسىم»بولسا - «ماددا» بىلەن نيوتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇق (ماكان-يوقلۇق)نىڭ ئارلاشما گەۋدىسىدىن ئىبارەت.
مېنىڭ بىلىشىمچە«جىسىم» ھازىرغىچە مەيلى فىزىكا ۋە مەيلى پەلسەپەدە بولسۇن رۇشەن ۋە مۇكەممەل ،توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئېنقلىمىغا ئىگەئۈقۈم  بولغان ئەمەس. بىز «ماددا» بىلەن «جىسىم»نىڭ شەكىل نەزەرىيىسى خاراكتېرلىك ئېنقلىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز لازىم.
يۇقۇرقى نوقتىنەزەر شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پىرىنسىپال مەۋقەسى، شۇڭا شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا قاتناشقۇچىلار تەتقىقات ۋە يىزىقچىلىق جەريانىدا يۇقۇرقى ئىككى ئۈقۈمنى پەرىقلەندۈرۈشى كېرەك.
چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئىنكاس ۋە تېما يوللاش شەكلىدە مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلساق بولىدۇ.
                                                    2011.9.30
ئالاقىدار ئۇلىنىشلار:

*«مۇتلەق ھەجىم» ھەققىدە

ئاق قەغەز مودىلى

فىزىكىلىق ئالەم


2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 23:53:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 00:47  

  ھورمەتلىك قاسىمكا، مەن سىلىنىڭ سالامەت، ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن. سىلىنىڭ مىنى مۇشۇنچىلىك چوڭ بىلگەنلىرىدىن ئۆزەمنى ناھايىتى خوشال ھېس قىلىمەن. ئەمما مىنىڭ بىلىدىغىنىم بەكمۇ ئاز. بولۇپمۇ شەكىل نەزىريېسىنىڭ مۇشۇ قىسمىغا كەلگەندە ئۆزەمنىڭ تولىمۇ بىلىمسىزلىكىنى ھېس قىلىمەن، مەزمۇن جەھەتتىكى چۈشىنىشىمنى ئوزەم ئاز-پاز ھېس قىلساممۇ ئەمما سىلىنىڭ كۇتكەن يەرلىرىدىن چىقالمايدىغىنىم ئېنىق. ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىڭ بىلىدىغىنىم تەكشى يۈزلىكتىكى رېسىملارنى ئاز-پاز جىجىلاپ بېقىشلا بولىۋاتىدۇ. شەكىل نەزىريىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى توغرا ئىپادىلەشكە ئۈچ ئولچەملىك رېسىملەرنى ئىشلىيەلەيدىغان بالىلار بولسا بەك ياخشى بولاتتى. ئەمما بۇنداق بالىلار بولغىنى بىلەن شەكىل نەزىريىسىگە قىزىقىشى ناتايىن. قىزىققان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ شەكىل نەزىريىسىنى چۈشىنىپ سىلە ئۈچۈن تەقلىدى رېسىملەرنى ئىشلەپ بىرەلىگۇدەك بولۇشقا يەنە بىرمۇنچە ۋاقىت كىتىدۇ.مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا مىنىڭمۇ بېشىم قېتىپ كىتىدۇ. مىنىڭمۇ ئىلگىرى ئوگەنگەن يەرلىرىم يېشىمنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمەن. شۇڭا مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولاي، سىلە بەزى مەزمۇنلارنى ئخىچام ئاددى قىلىپ ھەربىر مەزمۇننى ئايرىم -ئايرىم قىلىپ سىزىدىغان رەسىلەرنى تەلەپ قىلسىلا قىلالىغىنىم بويىچە ئىشلەپ باقاي. قىلالمىسام ئىشلەپ بەرمىدى دەپ رەنجىپ قالمىغايىلا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 01:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 01:19  
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 23:53
ھورمەتلىك قاسىمكا، مەن سىلىنىڭ سالامەت، ئۆمۈرلىرىنى ...

رەھمەت،ھەر قايسىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرشچانلىق كۇرسەتسەك بولغىنى،قولىدىن چوڭراق ئىش كېلىدىغانلار بۇ ئىشقا "ھە-ھۆ" دەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.سىزھازىرچە  دىيامىتىرى ئوخشاش شارلاردىن يۇقۇرقى تېمىدا دىيىلگەن شەكىللەر ئىچىدىكى ئۇزىڭىز چۈشىنەلىگەنلىرىنىڭ ئىشلەشكە بولىدىغان تەكشىلىكتىكى مودىللىرىنى ئىشلىگەچ تۇرۇڭ.بۇ ھەقتىكى گەپلەرنى ئەمدى ئەشۇ تېما ئاستىدا قىلىشساق بولىدۇ.

3

تېما

0

دوست

751

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21564
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 02:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلققە شەرەپ قۇچۇپ ئىزدىنىۋاتىسىز،ئاپىرىن

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 13:23  

«ئاتوم»،«كىۋانىت»ئىدىيىلىرىدىن «ئېن»غا نەزەر

قاسىم سىدىق


قىسقىچە مەزمۇنى:
    «كىۋانىت»ئىدىيىسى شەكىل نەزىريسدە تەشەببۇس قىلىنغان«ئېن»پەرىزى بىلەن پىرىنسىپال زىدىيەتكە ئىگەئەمەس،ئەكسىچە «ئېن»مۇقەررەر ھالدا«كىۋانىت»ئىديىسىنىڭ مەنتىقى رىۋاجى.«كىۋانىت»ئىدىيىسى ماھىيەتتە زامانىۋى تۇس ئالغان قەدىمى پەلسەپەۋى مەسىلە.«كىۋانىت»لىق ماددى ئالەمنىڭ ماھىيىتى.


ئاچقۇچلۇق سۇزلەر:«ئاتوم نەزىريىسى»، «كىۋانىت»،«ئېن»،«پەلسەپە».

«كىۋانىت» ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يىلتىزلىرى



لېئۇكىپپوس
(م.ئى500-440-يىللار)

تېلىستىن باشلانغان  قەدىمكى گىرىك(يونان) پەلسەپەسى ھازىرغىچە بولغان تەجىربە پەنلىرىنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ۋە تەتقىقات رامكىسىنى بەلگىلىگەن،ھازىرقى زامان پەنلىرى بۇ يۇنۇلۇش ۋە رامكىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق.ئەگەر بىز ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرىدىن قەدىمكى زامان«ئۇقۇم-ئىدىيە كىسەكلىرى»نى چىقىرىپ تاشلىساق تەبىئەت پەنلىرىدىن ئىبارەت تىخى پۇتمىگەن بۇ ھەيۋەتلىك بىنا ھەش-پەش دىگۇچە گۆمۆرۆلۆپ چۆشۆدۇ.سىز «ئاتوم»ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا كىۋانىت نەزىريىسىنى،«ئۆزلۆكسىز» لىك ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا نىسبىلىك نەزىريىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟،بۇ ،مۇمكىن ئەمەس.ھالبۇكى،يۇقۇرقى ئۇقۇم ۋە ئىدىيىلەر قەدىمقى يونانلىقلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى بىناسىغا قويغان ئۇل تاشلار ئىدى.بۇنداق مىساللارنى كۇپلەپ كۇرسۇتەلەيمىز.


دىموكىرىت
(م.ئى460-370-يىللار)

  قەدىمكى يونان مۇتەپپەككۇرلىرىدىن لېئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلار«ئاتوم»ئىديسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچىلار بولۇپ،گىرىكلارنىڭ نەزىرىدە ئاتوم- قايتا پارچىلانمايدىغان،جىسىملارنى تۇزىدىغان ئەڭ كىچىك ماددى بىرلىك دەپ قارىلاتتى.
لېئوكىپپۇسنىڭ ئەسەرلىرى تولوق ساقلانمىغان بولۇپ،ئونىڭ ئاتوم ھەققىدىكى يادرولۇق ئىدىيىلىرى بەخىتكە يارىشابەزى شېئىرلىرىنىڭ پارچىلىرىدائىنىسكىلوپىدىك ئالىم دىموكىرىتقا يىتىپ كەلگەن.دىموكىرىت ئەسەرلىرىدە ئەينى دەۋىردىكى ئاتوم ئىدىيىلىرىگە ئائىت كۇزقاراشلار بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان.دىموكىرىت يونان ئاتوم نەزىريىسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچى ۋە تاماملىغۇچى ھىساپلىنىدۇ.
كىۋانىت مىخانىكىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋېرنى.كارىل.ھېزىنبېرىگ(Werner Karl Heisenberg,1901-1976) دىمۇكىرىت ئاتوم ئىدىيىسىنىڭ 19-ئەسىردىكى ھاياتى كۇچى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە«پەلسەپە ۋە فىزىكا» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق يازىدۇ:«دىموكىرىتنىڭ ئاتوم نۇقتىنەزىرى ئالدىنقى ئەسىردىكى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىۋى قىسمى ئىدى.بونداق ئاتوم نۇقتىنەزىرىنى ئاساسەن چۇشەنگىلى بولۇپلا قالماي،نىسبەتەن بىۋاستە كۇزەتكىلى بولاتتى،بۇ نۇقتىنەزەر فىزىكلارنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنى بەلگىلىدى.ھەتتا پەيلاسوپلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى خالىمايدىغان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنىمۇ بەلگىلىدى. ».
بۇ يەردە گىرىكلارنىڭ «ئاتوم»ئىدىيسىگە ۋارسلىق قىلغان رىملىق مۇتەپەككۇرلوكىرىتسى.كار(Lucretius,Carus م.ئى:55 -99) نىمۇ ئەسلەپ ئۇتۇش كىرەك .لوكىرىتسى ئۇزىنىڭ «ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە» ناملىق پەلسەپەۋى داستانىدا«ئاتوم»ھەققىدە خىلى تەپسىلى توختالدى.«ئاتوم» نىڭ كونكىرىت «شەكىل»لىرى ھەققىدىمۇيونانلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كەڭ سەھىپە ئاجىراتتى.بۇ ئەسەرئۇزىدىكى مول مەزمۇنلار ۋەجىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى موھىم ئەسەرلەر كاتۇلۇگىدىن  ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ.ئالبىرىت.ئېينىشتىيېن 1924-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ نىمىسچە تەرجىمىسىگە كىرىش سۇزمۇ يازغان  ئىدى(1-توم 200-بەت).


لوكىرىتسى.كار( Lucretius,Carus م.ئى:55 -99)

ئېھتىمال،ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ تاكى گالىلىغىچە بولغان ناھايتى ئۇزۇن مەزگىللىك ھۇكۇمرانلىغى ۋەجىدىن بولسا كىرەك،«ئاتوم»نەزىريەسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى ۋە ھەتتا بۇ تەلىمات ئاسەن ئونتۇپ كىتىلدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە گالىلېئۇ.گالىلې(1564-1642) زامانسىدا بۇ مەسىلىنى فىرانسىيىلىك پەيلاسۇپ،فىزىك ۋە ئاستىرۇنۇم گاسسىندى(1592-1655)قايتا ئوتتۇرىغا قويدى،لىكىن،گاسسىندى يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريسىنىڭ ئاساسچىسى دىگەن شەرەپكە نائىل بولالمىدى،ئۇنى«ئاتوم تەلىماتى»نى تارىخنىڭ يادىغا سالدى دىسەك بولىدۇ.
يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى  ئەنگىلىيە فىزىكا ۋەخىمىيە ئالىمى جون.دالتون(John Dalton,1766-1844)بولۇپ،دالتۇننى تۆپ پىرىنسىپ جەھەتتە يونان ئاتوم ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە رىۋاجلاندۇردى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

(John Dalton,1766-1844)

چۇنكى جون.دالتۇن گىرىكلارنىڭ ئاتومنىڭ پارچىلانماسلىقىدىن ئىبارەت تۇپ مەۋقەسىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.بۇ يەردە دالتوننىڭ «ئاتوم»ىنىڭ قەدىمقىلارنىڭكىدەك ھەر خىل شەكىللەرگە ئەمەس، پەقەت شار شەكلىگىلا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۇتۇش كىرەك.
ھالبۇكى تارىخ تومسۇننى(Thomson,Joseph John) سەھنىگە چىقارغىنىدا گىرىكلارنىڭ بۇئىدىئال زەررىچىسى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدى.


چاتاق دالتوننىڭ ئەسلا «ئاتوم»ئەمەس نەرسىنى «ئاتوم»دەپ قارىۋىلىشىدىن باشلاندى.مۇبادا لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرتلار قەبرسىدىن چىقالىغان بولسا دالتون ۋەتومسۇنغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ «سەنلەر بىزنىڭ ئاتومىمىزنى نىمە قىلىۋىتىشتىڭ»دەپ كايىغان ،ئۇلارنىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغىدىن نېلىس. بورمۇ چەتتە قالمىغان بولاتتى.چۆنكى، دالتوننىڭ«ئاتوم»ى ئۇنىڭ ئۇزى ۋە گىرىكلاركۇزدە تۇتقان قايتا پارچىلانمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بولماي،ئەكسىچە ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە سىستىما ئىدى.تومسۇن ئالاھىزەل 1890-يىللاردا ئاتالمىش«ئاتوم»ئىچىدىكى ئىلىكتىروننى تەجىربىدە بايقىدى،بۇ بايقاش شۇبھىسىزكى ئولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.لىكىن«ئاتوم»نىڭ ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت فىزىكا دونياسىدا«چەكسىز پارچىلىنىش»ئەقىدىلىرىگە ئىلھام بەرمىدى دىيەلمەيمىز.تاكى ھازىرغىچە جوڭگۇدىكى كۇپ سانلىق پەيلاسۇپلار ۋە فىزىكلارماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى شۇكى،تەبىئەت پەنلىرى بىناسىنى تولوق  پۇتتۇرۇش ،ئوبېكتىپ ئالەمنى ئۆزۆل-كىسىل بىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئىنشائاللا، مەلۇم مەنىدە گىرمانىيەلىك ماكىس.پىلانىك(1858年4月23日-1947年10月4日) تەرىپىدىن بۇ خىل ئۆمىتسىزلىك كەيپىياتىغا جەڭ ئېلان قىلىندى دەپ قاراشقا بولىدۇ.



پىلانىك 1900-يىلى «كىۋانىت »ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.بۇ ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىكى«quantus»دىن كەلگەن بولۇپ،«قانچە،قانچىلىك»دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى«ئۇزۇك -ئۇزۇك»،«دانە»،«يەككە»دىگەندەك سۇزلەربىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.لىكىن،پىلانىك بۇ ئاتالغۇنى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىگى دىگەن يىڭى ئۇقۇمغا ئايلاندۇردى.«پىلانىك تۇراقلىغى» بۇنىڭ دەلىلى.
«كىۋانىت »ئۇقۇمى خىلى كەسكىن مەنىدە قەدىمكى گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ئىدىيىسىنى قايتىدىن ھاياتى كۇچكە ئىگە قىلدى.ئىھتىمال 1900-يىلى لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلارئۇئالەمدە تۇرۇپ پىلانىكقا غايىۋانە رەھمەت ئوقۇغاندۇر.
چۆنكى،«كىۋانىت»بىلەن گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ى «ئەڭ كىچىك»، «قايتا پارچىلانماس» دىگەن پىرىنسىپال نۇقتىدا بىردەكلىككە ئىگە ئىدى.
  ئېينىشتىيېن 1905-يىلى يورۇقلۇق كىۋانتى-«فۇتۇن»پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى،1922-1923-يىللاردا كومپىتۇن فۇتۇننىڭ زەررىچە ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇدىغان تەجىربىلەرنى ئىشلىدى.مەيلى«كىۋانىت»ياكى«فۇتون»بولسۇن ئۇلاردا«ئەڭ كىچىك»،«قايتا پارچىلانماس»دىگەن قەدىمكى ئىدىيە-«ئاتوم»ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتى.ئۇنداقتا تارىخ بىر قەدەممۇ ئالدىغا سىلجىمىدىمۇ؟،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،20-ئەسىرنىڭ ئىجادىلىغى شۇكى،پىلانىك ۋە ئېينىشتىيېن قاتارلىقلار بۇ قەدىمكى مەسىلىنى مىقدارلاشتۇردى،خالاس.لىكىن بۇيەردە قەدىمكى گىرىكلار ۋە دالتۇن نەزىريىلىرىدە ئىزچىل ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەسلى مەنىدىكى«ئاتوم»نىڭ «شەكلى»(فىزىكىلىق شەكىل) ئۇستىدىكى ئىزدىنىش غايىپ بولدى.


ئالەمنى ماكرۇ ۋە مىكرو نوقتىدىن«پىلانىك تۇراقلىغى»،«پىلانىك ئۇزۇنلىغى»قاتارلىقلار ئارقىلىق چۇشەندۇرگىلى بولسا ئىھتىمال فىزىكا ئاياقلاشقان بولاتتى.ئەپسۇس «غەيرى نۇقتا»نىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى نەزەريەلەر ئالەمدە پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىنمۇ كىچىك رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىدىن بىشارەت بىرىپ پىلانىكنى دالتۇنچە تەقدىرگە گىرىپتار قىلماقتا.بۇ خىل تەقدىر 2009-يىلى ئامىرىكا تەۋەلىگىدىكى خەنزۇئىلىمگەر چىنگاڭ (陈刚)نىڭ پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن 1000ھەسسە كىچىك بولغان مىكرۇ رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىگە تەجىربە ئارقىلق ئىرىشكەنلىگى تۇپەيلى ئۇزۇل-كىسىل مۇئەييەنلىشىدۇ.پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن قىسقا بولغان مىكرۇدۇنيادا پىلانىك ئۇلچەملىرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان چىنگاڭ 2010-يىلى ئامىرىكا دۇلەتلىك قۇرۇلوش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى،ماسساچۇتىس سانائەت پەنلىرى ئىنستېتوتى نانومىتىرقۇرۇلۇشى تەجىرىبەخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قالىدۇ.

来源:中国新闻网  作者:唐嘉丽 选稿:屠瑜

چىنگاڭ (陈刚)

ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئۇزىنىڭ«مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە»ناملىق ماقالىسىدا پىلانىك ئۇلچىمىدىن كىچىك بولغان مىكرۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىگى ئۇستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەنگەن. بۇ يەردە پىلانىك تۇراقلىغنىڭ 1900-يىلى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىغى،«غەيرى نۇقتا»ئىدىيسنىڭ بولسا كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۇتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فۇتۇنمۇ ھەرگىز ئىلېمېنتار بىرلىك ئەمەس،چۇنكى فۇتۇن ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدۇ ۋە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىدۇ دىگەن چۇشەنچە ۋە تەجىربە نەتىجىلىرى فۇتۇننىڭ ئېلېمىنتار زەررىچىلىگىنى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى «كىۋانىت»لىغىنى ئىنكار قىلىدۇ.
مۇبادا فۇتۇننىڭ ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغانلىغى ياكى قوبول قىلىدىغانلىغى مۇئەييەنلەشسە بۇ ھالدا كۇچ توشۇغۇچى زەررىچىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇزى تۇزۇلۇشكە ئىگە بولغان زەررىچىلەرمۇ بار دىگەن يەكۇنگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.چۇنكى فۇتۇن ئىلېكتىر ماگىنىت كۇچىنىڭ توشۇغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئېن

«ئېن» شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان پۇتۇن ماددى ئالەمنى تۇزۇدىغان ئىدىئال زەررىچە ۋە ئەڭ ئېلېمىنتار بىرلىك.گىرىكلارنىڭ ئاتومى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى كىۋانىت،ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە.
«ئېن»ئىدىيىسى گىرىكلارنىڭ ئاتوم ئىدىيىسى ۋە پىلانىكنىڭ «كىۋانىت»ئىدىيىلىرى بىلەن «قايتا پارچىلانمايدىغان ئەڭ ئاساسى بىرلىك»دىگەن مۇشۇنوقتىدا تارىخى ئىزچىللىقنى ساقلىغان.
ئەسلى مەنىدىكى ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇنمۇ يىڭى ئاتالغۇ زۇرۇر ئىدى.لىكن «ئېن»نوقۇل ئاتالغۇ زۇرۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.ئۇ،ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مەھسۇلى،مىنىڭچە«ساقلىنىش قانونلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ئېنلارغا تەقسىملەنگەن بولىدۇ»دىگەن بۇ قاراش بۇ ئۇقۇمدىكى ئىجادى ئىدىيە.مۇشۇ ئىدىيە  شەكىل نەزىريىسىدىكى«
ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئورۇنلۇق بولىۋىرىدۇ» دىگەن يەكۇننىڭ ئاساسى.«ئېن»ئىدىيىسىنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغان نۇۋەتتىكى فىزىكا«غەيرى نۇقتا»نى چۇشەندۇرۇشكە ئامالسىز،لىكن،«غەيرى نۇقتا»دىن ئىبارەت بۇ نەزىريەۋى مودىلنىڭ ئەمەليەتتە مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر،«ئېن »مۇتلەق ھەجىم»)ئارقىلىق غەيرى نۇقتىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ.

_______________

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.ھىزىنبىرىگ:فىزىكا ۋە پەلسەپە
2.ئالفىرىد.ۋېبېت:«غەرىپ پەلسەپە تارىخى»(ئېنگىلىزچىسى«پەلسەپە تارىخى»،خەنزۇچىگە«ئاتلانتىك ئوكيان پەلسەپە تارىخى»دەپ تەرجىمە قىلىنغان)خىۋادوڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
3.ۋاڭشاۋچاۋ:«يونان پەلسەپەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» شاڭخەي ئۇچ بىرلەشمە نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
4.لوكىرىتسى.كار:«ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى) 1981-يىل نەشىرى.
5.«ئېينىشتىيېن ئەسەرلىرى»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى)1977-يىلى نەشىرى،1-توم 200-بەت
6.«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ،1993-يىلى ئويغۇرچە نەشىرى 744-بەت.
7.بەيدو تورى
8.گوگىل تورى
9. ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە

10.قاسىم سىدىق: فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە تەتقىقات رامكىسى




66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 18:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبادا «مۇتلەق ھەجىم»ئىتراپ قىلىنمىسا ساقلىنىش قانونلىرىنى توراقلىق مىقدارغا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ ۋە ھەقىقى مەنىدە ساقلىنىش قانونلىرى بولماي قالىدۇ.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 00:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شەكىل نەزەريىسىنىڭ تار نەزەريىسىگە قىلغان چاقچىقى

قاسىم سىدىق
*
./thread-10605-5-1.html
46-قەۋەت

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13444
توردىكى ۋاقتى: 6623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 19:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ چوڭ زىچلىق قانچىلىك ؟

قاسىم سىدىق

«زىچلىق»ئۇقۇمى فىزىكىدىكى مۇھىم ئۇقۇملارنىڭ بىرى.ئەگەر،ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان  ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بار دەپ قارالسا ئونىڭ «زىچلىغى»ھەممىدىن چوڭ بولىشى ،«زىچلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم مۇشۇنداق زەررىچىگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز بولىشى كېرەك.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا تەجىرىبە ۋە نەزەريىۋى جەھەتتىن ئىرىشىلگەن ئەڭ چوڭ زىچلىق قانچىلىك؟،زىچلىقنىڭ پەرەز قىلىشقا بولىدىغان ئەڭ چوڭ قىممىتى قانچىلىك؟.سىز بۇلار ھەققىدە بەلگىلىك تۇنۇشقا ئىگە بولالىسىڭىز، بىرىلگەن ئالەملىك ئومۇمى ماسسا- ئىنىرگىيە گە ئاساسەن،ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا ئىنىرگىيىنىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى(ھەجىمى)نى پەرەز قىلالايسىز.قېنى،بۇ ھەقتىكى كۇز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ!.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )