《سەرگەردانلىقتىن داھىلىققىچە》 ھىتلىرنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم.
مەن 《سەرگەردانلىقتىن داھىلىققىچە》(从乞丐到元首) دىگەن بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تورغا يوللانغان ۋاقىتتا قانچىلىك يوللانغان بولسا شۇنچىلىكنى ساقلىۋالغان بولساممۇ تاكى يېقىنقى كۈنلەرگىچە ئوقۇمىغان ئىدىم. لېكىن ئۆتكەن ھەپتە قانداقلا بولىمىسۇن بىر ئوقۇپ بېقىش ئىستىگىدە بۇ تېمىنى قايتا ئاچتىم. كىرىش سۆز قىسمىدا دىيىلگىنىدەك بېشىنى ئوقۇدۇميۇ ئاخىرى چىقمىغۇچە زادىلا بولدى قىلغۇم كەلمىدى. بۇ كىتاپ باغداش تورىغا 4-باپقىچە يوللانغان بولۇپ ئاخىرىنى خەنچە توردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇدۇم. ئۇزۇن بوپتىكەن بىر كىتاپنى مۇشۇنداق بېرىلىپ ئوقۇمىغىلى. مۇشۇ قىزغىنلىقىم بويىچە ھىتلېرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىنو 《ھىتلېر: ئالۋاستىنىڭ قايتا تىرىلىشى》دىگەن كنونى كۆرۈپ، شۇ چاغلاردا سۆزلىگەن نوتۇقلىرىنىمۇ ئوقۇپ ھەم ئاڭلاپ چىقتىم. تۆۋەندىكىلەر ھىتلېرنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان خىسلەتلىرى .
1. ھىتلېرنىڭ تىرىشچانلىقى. ھىتلېر كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يېنىدا ھىچقانداق پۇل يوق سەرگەردانلارنىڭ ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىغا كىرىپ قالغاندىمۇ كىتاپ ئوقۇشنى توختىتىپ قويمىغان.
2 .مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى. پىۋىخانا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولۇپ تۈرمىگە كىرىپ قالغاندىمۇ، سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىمۇ ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويمىغان. ھىتلېر تۈرمىدىكى چېغىدا يېزىپ چىققان 《 مېنىڭ كۈرەشلىرىم》دىگەن كىتاپى ئىتالىيەلىك سىياسىئون ئالىكساندىر ماكياۋېللى يېزىىپ چىققان 《ھۆكۈمدارلار دەستۇرى》دىن قالسىلا دۇنيادىكى ھەربى سىياسى ئىشلاردا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە 2- كىتاپ ھىساپلىنىدىكەن.
3. ھېتلېرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قورقماسلىقى. ھىتلېر ئالدىنقى سەپتە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھەر قانداق ۋەزىپىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئورۇنلاشقا تىرىشقان.
4. ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى. ھېتلىر ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان بولۇپ، باشقىلار نىمىشقا توي قىلمايسىز دەپ سورىغاندا ئەگەر توي قىلسام پۈتۈن زېھنىم بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلالمايمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ ياش چاغلىرىدا بىر دوستى قىزلارغا قىزىقماماسىز دەپ سورىسا قىز ئوغۇللار تاكى نىكا كۈنىگىچە ئۆزىنى پاك تۇتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا مىللەتنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.
5.غۇرۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى. ھىتلېرنىڭ غۇرۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، 1907-يىلى ۋىنادىكى سەنئەت مەكتەپكە كىرىش ئىلتماسى رەت قىلىنغان. كېيىنكى يىلىدىكى ئىلتىماسىمۇ رەت قىلىنغاندىن كېيىن بىر خوشنىسى ياردەم قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق سەھنە لايھىلىگۈچى پروفېسسور رولىغا ئۇنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ بەرگەن. كېيىن ھىتلېر بۇ خەتنى يىرتىپ تاشلىۋەتكەن. قورسىقى ئاچ قالغاندىمۇ باشقىلارنىڭ تامىقىنى يىيىشنى رەت قىلغان.
6. ھىتلېر تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ كوچىدا يېتىپ قالغان. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ھەم ئاخىرقى قېتىم ھاراق ئىچىشى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ھاراق، تاماكىغا يېقىن كەلمىگەن.. نۇرغۇن ۋاقتىنى كىتاپ ئوقۇشقا سەرپ قىلغان.
ئەسلىدە بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن ماڭا تەسىر قىلغان يەرلىرى بەك كۆپ ئىدى، لېكىن ئىپادىلەش قابىليىتىم ياخشى بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىكلا يازالىدىم. باشقا تورداشلار ئوقۇسا مەندىنمۇ كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولۇشى مۈمكىن. سىزمۇ بۇ كىتاپقا قىزىقسىڭىز بەيدۇ تورىدىن خەنچىسىنى ناھايىتى ئاسانلا تاپالايسىز. باشتىن ئوقۇش خوشياقمىسا ئارقىمىزدىن پىچاقلاندۇق دىگەن يېرىدىن باشلاپ ئوقۇپ كەتسىڭىز بولىدۇ. يەنە ئۇنىڭ نۇتۇق تېكىستلىرى، شۇ ۋاقىتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە لېنتىغا ئېلى فىلىملەرمۇ توردا بار. فلىمغا ئېنگلىزچە،خەنچە تەرجىمىسى كىرىشتۈرۈلگەن. مەن بۇ تەسىراتىم ئارقىلىق ھەرگىز ھىتلېرنىڭ قىرغىنچىلىقىنى مەدھىلىمەكچى ئەمەس. بۇ پەقەت ھىتلېر گېرمانىيەگە زوڭلى بولغانغا قەدەر ئىش ئىزلىرىدىن ئالغان تەسىراتىم. كېيىن ئامېرىكا ئەلباشى ئېزىن خاۋېرمۇ دەپتىكەن ئەگەر ھىتلېر 1937-يىلغىچە ھوقۇق تۇتقان بولسا نوبىل تىنلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە لايىق ئىدى دەپ.
《ھىتلېر: ئالۋاستىنىڭ قايتا تىرىلىشى》希特勒--恶魔复活记 ناملىق كىنودىكى ھىتلېر بىلەن سوتچى ئارىسىدىكى سۇئال جاۋاپتىن بىر نەچچە جۈملە: سوتچى: سىز گېرمانىيە پۇقراسىمۇ؟
ھىتلېر: سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز بىر ۋاراق قەغەزمۇ ياكى تومۇرۇمدا ئېىقىۋاتقان قانمۇ؟(سوتقا قاتناشقانلار پاراققىدە كۈلۈپ كېتىدۇ) (ھىتلېرنىڭ مىللى ھىسىياتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ جاۋابى ئارقىلىق مېنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشۇم مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى قايسى مىللەتنىڭ قېنى ئىكەنلىكى دىمەكچى )
سوتچى: ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا سىز باۋارىيە ۋە گېرمانىيەگە قارىتىلغان بىر مەيدان توپىلاڭغا رەھبەرلىك قىلدىڭىز
سىز كارل مەسلىھەتچى، روسسو گېنرال ۋە سەيس پولكوۋنىكنى تۇتقۇن قىلدىڭىز. سىز دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدىڭىز ھەم دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ ئەيىپلەندىڭىز . ھىتلېر: ئەگەر بىر ئوغرى باشقا بىرىنىڭ ھەميانىنى ئوغىرلىۋالسا، سىز ئۇ ھەمياننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز، سىز ئوغرى ھىساپلىنىامسىز؟ 1918-يىلى بىز جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن سېتىۋېتىلدۇق. ئۇلار ئۆزىنى بىزنىڭ رەھبىرىمىز دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 《ۋېرسال شەرتنامىسى》نى ئىمزالىدى. بۇنى دۆلەتنى سېتىش جىنايىتى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. بۇ نۇتۇق ئەمەس، بۇ ھۆكۈم. مەن پەقەت 5 يىل بۇرۇن ئوغىرلانغان نەرسىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان پارلامېنتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا ھەق يول بىلەن قايتۇرۇپ كەلمەكچى. مەن قورال ئىشلەتمىدىم، مەن كارل مەسلىھەتچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ نىمىشقا سوتقا تارتىلمايدۇ؟ ئەگەر مېنىڭ راستىنلا جىنايىتىم بولسا، ئۇنداقتا مېنىڭ جىنايىتىم گېرمانىيە خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىمدۇر.
|