قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 6

كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

3

دوست

7080

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   41.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1389
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 12:37:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                                                            
                                                                           كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە



           ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . شۇنداق ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتۇر ، مانا ئەمدىلىكتە مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ رولى ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك ياخشى كۈنلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىر تۈركۈم ئىدىيىسى تۇراقسىز ، پۇرسەتپەرەس ، مەسئۇلىيەتسىز ، دىيانەتسىز كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىۋىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ، ناچار قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ، مىللىتىمىزگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن شەكىللەنگەن كىرىزىس مىللەتنىڭ كېلىچىگىگىلا ئەمەس بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ زور خەۋپلەرنى كەلتۈرمەكتە ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشى ، بۇنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىمنى سۇنماقچىمەن .
      زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەللامىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ‹‹ ئائىلە ›› ناملىق كىتابىدا ئائىلىگە تەبىر بېرىپ : ‹‹ ئائىلە نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي ، ئۇ يەنە ، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇدگاھى ؛ مېھىر – شەپقەت ، ئەقىل – ئىدراك ، ئەخلاق – ئادەت ، بىلىم – مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرۈدىغان تۇنجى مەكتىپى ؛ قوشنىلارغا ، ئىلىم ئوچاقلىرىغا ، جەمئىيەتكە ، كىشىلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغۇسى ؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل موزىيى ؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شىپاھخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ ؛ .... ئائىلە - ھەممە كىشى ، پۈتۈن جەمئىيەت ، ھەر ساھە غەمخورلۇق قىلىشى لازىم بولغان مىللىي تۇرمۇشنىڭ ‹ئۇرۇقى› . ئائىلىدىن ئائىلىلەر سېستىمىسى – جەمئىيەت ، ئىنسانلار تۈركۈمى – مىللەت تۆرۈلىدۇ ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . ئائىلىلەر ماددىي ۋە مەنىۋىي ، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي شارائىتى ۋە قىياپىتىگە ئېتىبارسىز قاراش جەمئىيەت ۋە مىللەت ، ئىنسانىيەتنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قاراش ھېساپلىنىدۇ ›› [1] دەپ يازىدۇ . ئالىمنىڭ ئائىلە ھەققىدە بەرگەن يۇقارقى تەبىرى بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا ، تەپەككۈر قىلىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇ فورمۇلا بىلەن دەڭسەپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئۈندەيدۇ . ئالىمنىڭ پىكرى بويىچە ئالساق، ئەر - ئايال ( ئوغۇل – قىز )نىڭ قانۇنلۇق ھالدا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولىشى ئەلۋەتتە قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ( نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولىدىغان ، ئائىلىسى تۇرۇپ 3 – بىر كىشىدىن پەرزەنتلىك بولىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ ) ، بىراق گەپ بۇ ئائىلىنىڭ بەرپا بولىشىدا ئەمەس بەلكى شۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى ، ئىككى تەرەپ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، ئائىلىنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولىشى ، ئائىلە ئەخلاقى ۋە مەدەنىيىتى ، پەرزەند تەربىيىسى ، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مانا بىز بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى تويلارنىڭ ئەكسىچە ئەركىن مۇھەببەت ئاساسىدا ئائىلىلەر بەرپا بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، ‹‹ تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن ›› دېگەندەك بەزى مۇشەققەتلەردىن خالىي بولمىغان ھالدا، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويۇپ ‹‹ بېشى باش ، ئايىغى تاش ›› ھالدا ھاياتنىڭ تۈرلۈك تۈمەن سىناقلىرىغا يۈزلىنىدۇ . بۇ سىناقلاردا ئائىلىلەرنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى قانچىلىك مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە قانچە زامان بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ؟ بۇنىڭغا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جاۋاپ ھازىرلىيالايمىز . بىز ئالدى بىلەن مۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنىي ( 1898 – يىلى 21 يېشىدىن باشلاپ قەشقەر چىنىباغدا 17 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن )نىڭ 1931 – يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابى ‹‹ قەشقەرنى ئەسلەيمەن ››دىكى مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى : ‹‹ قەشقەردە توي بېشىدا تۇرۇپ نىكاھ ئۇقۇغان موللا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ، نىكاھ ئۇقۇغان چاغدىلا ئاجرىشىش خېتىنىمۇ تەييارلاپ قۇيىدىكەن . چۈنكى بۇنداق ئىشلار قاچانلا بولمىسۇن يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . بىر ئەر بىرەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىغا ئۈچ قېتىم ‹ تالاق › دېسە ، ئەر – خۇتۇن ئاجراشقان بولىدىكەن . شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا نىكاھلىنىش ھىچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدىكەن . نۇرغۇن ئەرلەر بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە ، مەلۇم جايدا بىرەر قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە ، كۆپۈنچە بىر ئىككى كۈن ، بەزىدە نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئاي ئۆتكەندە كېتىپ قالىدىكەن ، كېتىشتىن بۇرۇن ئاجرىشىدىكەن ... قەشقەردە قىزلار 12 يېشىدىلا توي قىلىدىغان ، كۆپ بالىلىق ياكى كۆپ نەۋرىلىك بولىدىغان بولغاچقا ، ئاسان قېرىپ ، 25 ياشلاردىلا قېرى چىراي بولۇپ كېتىدىكەن ›› [2]. مانا بۇ بايانلاردىن بىز مۇندىن 100 نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھقا ئويۇنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوپ ( 1835 – 1865) 1858 – يىلىدىن 1859 – يىلىغىچە قەشقەردە بولغان كۈنلىرىدە كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يازغان ‹‹ ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى ›› دىگەن كىتابىدا، ‹‹ ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بەزمىلەرگە بارىدۇ . بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ . چۈنكى ، ئاياللار خالىغان چاغدا ئەرلەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ . ئەگەر ئايالى ئاجراشماقچى بولسا ، ئۆيدىن بىرنەرسە كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ . ئەگەر ئەر ئاجراشماقچى بولسا ، ئايالىنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئالتە شەھەردە مۇسۇلماندارچىلىققا يات كەڭ يېيىلغان بىر ئاجايىپ ئادەت بار ، ئۇ بولسىمۇ ، باشقا يۇرتتىن كېلىپ توختاپ قالغانلارنى ۋاقىتلىق ئۆيلەپ قۇيىدىغان ئادەتتۇر . ۋاقىتلىق نىكاھقا قەتئىي يول قويمايدىغان ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتىدىغان سۈننىيلەر تۇرۇقلۇق ، قەشقەرلىكنىڭ بۇ خىل ئادەتكە يول قويۇشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىشتۇر. ئېھتىمال بۇ بۇتپەرەسلىك زامانىدىن قالغان ئادەت بولىشى مۈمكىن .
        ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئادىتى مۇھاجىرلار كۆپرەك جايلاشقان ئالتە شەھەر تەۋەسىدىلا ئەۋج ئالغان ، كۇچارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتسەك بۇنداق ئادەت يوق . چۈنكى ئۇ ياقلارغا باشقا يۇرتلۇقلار ئانچە بارمايدۇ . ئەر بولغۇچى خوتۇنغا تويلۇق ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ نىكاھ ئۇقۇتسىلا ئىش پۈتىدۇ . خوتەن تەرەپلەردە بىزنىڭ كۈمۈش پۇل ھېساۋىمىزدا بىر يېرىم كۈمۈش خەجلىسىلا خوتۇن ئالغىلى بولىدۇ . يەكەندە تېخى مەخسۇس خوتۇن بازىرى بولۇپ ئەرگە تېگىدىغان خوتۇنلارنى بازاردىنلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ . ئەمما ئاقسۇ ، تۇرپانلاردا توي قىلماق تەسرەك . ئالتە شەھەردە ئاياللارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بېرىلگەندەك قىلغىنى بىلەن ، بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپى شۇكى ، كىشىلەر ئائىلىنى قەدىرلىمەيدىغان ، نىكاھنى ئويۇن تاماشا قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر .... كېيىن كىشىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەچكە ، جەمئىيەتتە يەنىلا مۆرتەدلىك ۋە زىناخورلۇق يامراپ كەتتى . مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ھاراقنىڭ ئورنىنى نەشە ئىگىلىدى . ئالتە شەھەردە نەشە چېكىدىغانلار بەڭگە دېيىلىدۇ . بەڭگىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق بىر تەبىقە . ... ئالتە شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا پاھىشخانىلار بار . ئاياللار شۇ يەرلەردە پاھىشىلىككە سېلىنىدۇ . قەشقەردە پاھىشە ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بولسىمۇ ، لېكىن نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىقنى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ ... ››[3] دەپ يازغانلىرى كاتارىن ماكارتنىينىڭ يازغانلىرىنىڭ بەرھەقلىگىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئادەتنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنلا بار ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
روسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى نۇشرىۋان يائوشېۋ ‹‹ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت ›› ناملىق ئەسىرىدە 1915 – يىلى ئەتراپىدا يۇرتىمىزدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ سەبىي قىزلارنى سەككىز – توققۇز يېشىدىلا ئەرگە بېرىدۇ . 12 – 13 ياشقىچە ياتلىق قىلىنمىغان قىزلار ئەيىبلىك سانىلىدۇ . قىز بىر ئەردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدۇ . بىر ئەر ، ھالى يەتسە يىلىغا 40 – 50 قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇ سەۋەبلىك ئەرسىز قالغان خوتۇنلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ . بالىلىق ئاياللار ياش بولسىمۇ ، ئەر چىقمايدۇ . بەك كۆپ قىزلار مۇساپىرلاردىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ . ئۇلار كۈنىگە ئۈچ – تۆت تىيىنغا مويكىلاردا يۇڭ يۇيۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربىيىلەيدۇ . ... خوتۇن قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك ، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ساۋابلىق ئىش . ئەشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەمەرىسدىن بولسا كېرەك ، بۇ يەردە ئۆمرىدە يۈزدىن كۆپرەك قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ . خوتۇن قىزلارنى ئۇرۇپ سوقۇش ، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ نەزەرىچە ، بارلىق قۇت - سائادەت ۋە بارچە يىتۈكلۈك كۆپرەك خۇتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتۇر. ... بىزنىڭ بۇ يەردە خوتۇن ئەرزان . تېخى يېقىندىلا بىر ئىككى تەڭگە چىقىم قىلىپ 14 ياشلىق بىر قىز ئالغان ئىدىم . يېنىدا ئىككى كۈن يېتىپ ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى قويۇۋېتىپ ، ئاخشام يەنە بىرنى ئالدىم . بالىلارنىڭ ئانىسى قېرىپ قالدى ، ئۇ .. بولمايدۇ . بىز پەيزىۋاتقا دائىم بېرىپ تۇرىمىز ، ھەر بارغاندا بىرنى ئالماي كەلمەيمىز . ئۈچ كۈن تۇرىمىزدە تالاق خېتىنى بېرىۋېتىپ كېتىمىز ، ناھايىتى ئۈچ – تۆت تەڭگىلا چىقىم بولىدۇ .... ›› [4]
           گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئارخىئولوگ ئالبېرت ۋون لېكوك ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ›› ناملىق كىتابىدا تۇرپان قاراخوجىدا بولغان مۇنداق بىر ۋاقىئەنى خاتىرىلىگەن : ‹‹ شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، بىر كۈنى قازى بىلەن ئورنى يۇقىرى بىر ئاخۇن بىزنى ئىزلەپ كەلدى . ئاخۇن بىزگە ”سىلەر ئىككىڭلەر خۇتۇنسىز بۇنداق ياشىساڭلار بولمايدۇ ، سىلەر توي قىلىشىڭلار زۈرۈر “ دېدى . بىز ” بىز توي قىلىپ بولغان “ دېسەك ئۇلار يەنە، ” توغرا ، لېكىن سىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىڭلار نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا ، شۇڭا سىلەر بۇ يەردە چۇقۇم نىكاھلىنىشىڭلار لازىم . بەگنىڭ ۋە مېنىڭ قىزىمنى سىلەرگە ياتلىق قىلىشقا جابدۇپ قويدۇق “ دېدى . بۇ ئىش بىزنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى . بىز قانداق قىلساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي بۇ ئىشنى رەت قىلالايمىز ؟ بىز ئاۋۋال ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتۇق ، ئاندىن: ” دوستلار ، سىلەرمۇ بۇ يەردە چىڭ پادىشاھىنىڭ سىنچىلىرى – مەخپىي پايلاقچىلىرى بارلىقىنى بىلىسىلەر ، ھەر ھەپتىدە بىزنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمىزنى بېيجىڭدىكى ئەلچىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ ، باش ئەلچى بۇ دوكلادلارنى بېرلىندىكى پادىشاھ ۋېللىيامغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ . بىزنىڭ قانۇنىمىزدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىز پەقەت بىر قېتىملا توي قىلالايمىز ، ئەگەر پادىشاھ بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە توي قىلغىنىمىزنى ئۇقۇپ قالسا ، سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بىز قانداق بولىمىز؟ “ دېدۇق . ئۇلار ساقاللىرىنى سىپاپ ”بىلمەيمىز “ دېيىشتى . ئۇلاپلا بىز چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدۇق : ئەگەر بىز قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزسەك ، ” 25 دەررە ئۇرۇلىمىز “. ئۇلار بىزنىڭ بۇ خىل ياۋايىلارچە قىلمىشىمىزدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشىپ قايتتى›› [5]. ياپونىيىلىك دۇبىئەنجېشىن ‹‹ بۇ يەرلىك قىزلار ناھايىتى بالدۇر توي قىلىدىكەن ، ئەگەر 15 ياشقىچە ياتلىق بولمىسا ياتلىق بولالمايدىكەن ، ئادەتتە 12 ~ 13 ياشلاردىلا 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەردىن بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتىدىكەن... بىراق ئەرلەر ئاياللارنى يىرتىق كەشنى تاشلىغاندەك چۆرىۋېتىدىكەن ، شۇنچىكىلا ياقمىسا خوتۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ باشقىسىنى ئالىدىكەن . ياپونىيىدە توي قىلغاندا بۇرۇن توي قىلغانمۇ دەپ سورايدۇ ، بۇ يەردە نەچچە ئەرگە تەگكەن دەپ سورايدىكەن.
       بۇ يەردىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولالايدىكەن ، بىر ئەر بىر قانچە خوتۇن ئالالايدىكەن ، بىراق مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خوتۇنلار ئايرىم – ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ ، بۇ خوتۇنلار پۇلغا سېتىۋېلىنغان ، شۇڭا قىز توغۇلسىلا بايلىق دېيىشكە بولىدۇ . ئاجراشقاندا ، بالىسى ئەگەر ئوغۇل بولسا ئېرى ئالىدۇ، قىز بولسا خوتۇنى ئېلىپ كېتىدۇ ... ›› [6] . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ . . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ . بۇلارنى كۆرۈپ ئۆز – ئۆزۈڭدىن خورلىنىسەن . خۇسۇسەن ماڭا ئوخشاش باشقا يەردە ئۆسكەن بىر كىشىگە، بۇلارنىڭ قىلىقلىرى بەك غۇربەت ۋە يات تويۇلىدىكەن . بۇلارنىڭ ئومۇمەن مۇئامىلىلىرى چىنلىقلار بىلەن بولغانلىقتىن ، ھەممىسى بەڭگى بولۇپ ، بازارلاردىن قىز يوقۇلىدىكەن . شۇڭا بىر ئاز ياشراقلىرى چىنلىقلارغا ئۆيلىنىدۇ ياكى ئومۇمىي يەرلەردە قىمار ئويناپ ، ئۆمۈر ئۆتكۈزىدۇ . بۇ تەرەپلەردە ۋاقىتلىق نىكاھمۇ خېلى تەرەققىي قىلغانىكەن . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يوقسىزلىقنىڭ سەمەرىسىدۇر ئاخىر ›› [6] دەپ يازىدۇ . يۇقارقى بايانلاردىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، 18 - ، 19 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا مۇستەھكەم ئائىلە ، نەسەب قارىشى بولمىغان ، شۇڭىمۇ نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكنىڭ باشلانمىسى ئەنە شۇ ئائىلىلەردىن باشلانغان .
مائارىبچى ياقۇت يۇنۇس خانىم ئۆز ئەسلىمىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ يۇرتىمىزدا ‹ تالاق › دەيدىغان بىر خىل ئەسكى ئادەت بار ئىدى . ئايالىدىن رەنجىگەن ، يوقىلاڭ ئىشقا ئىشىنىپ قالغان ، گۇمان قىلىپ قالغان بەزى ئەرلەر ياكى ئۆكتەم ، كۆكەمە ئەرلەر بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش تالاشتىن كېيىنلا ئايالىنى ‹ تالاق › ياكى ‹ ئۈچ تالاق › دېگەندەك بولمىغۇر سۆز بىلەن تىللايتتى . بۇنىڭ بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىن چىقىپ كېتەتتى . ئەمما ، بۇنداق سۆزنى ئايال ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى . بۇنداق ئائىلىلەر كۆپۈنچە بۇزۇلۇپ كېتەتتى . بالا – چاقىلىرى كۆپ ، ئاتا – ئانىسى بېسىم ئىشلەتكەن ، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان، ئەرنىڭ گۇمانى يېشىلگەن ، ئايال بۆھتاندىن ئاقلانغان ئەھۋالدا ‹ تالاق ›نى ياندۇرۇشقا توغرا كېلىپمۇ قالاتتى . ‹ تالاق›نى ياندۇرۇشتا ، ئەگەر ئەرنىڭ ئاغزىدىن ‹ ئۈچ تالاق › دىگەن سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا ، بۇنداق ‹ تالاق › يانمايتتى؛ ئەگەر ‹ تالاق › دېگەن بولسا بۇنى يابدۇرغىلى بولاتتى . ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولاتتى : بىر خىلى – ئايال باشقا ئەرگە بىر قېتىم نىكاھلىنىشى كېرەك . يەنە بىر خىلى، ئايال بىراۋغا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنى ئەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك ئىدى . بۇ خىل رەسمىيەتنى ئاساسەن يۇرتنىڭ ئىمام خاتىبلىرى دىنىي رەسمىيەت بىلەن ئىجرا قىلاتتى ... ›› [7]
يۇقارقىلار 200 يىللار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇلار ئەينى دەۋر رىئاللىقىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىگىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن ، ئاڭ سەۋىيىسى ئاشقان ، ئائىلىگە ئوبېكتىپ قارايدىغان ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان زاماندىكى ئائىلىلەر قانداق بولماقتا ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلەشتە مونۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسەك ئارتۇقلۇق قىلماس ئەلۋەتتە .
1994 – يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە جان سانى 38. 4 بولۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشقان نوپۇس 92. 1 ئادەمگە يەتكەن ، ھەر بىر نوپۇس 28 .2 ئادەمنى باقىدىغان بولغان
.       1983 – يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 422 مىڭ 484 جۈپ توي قىلىشقا ، 129 مىڭ 17 جۈپ ئاجرىشىشقا ئىلتىماس قىلغان ، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 29 مىڭ 792 جۈپ ئاجراشقان ، يارىشىپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 22 مىڭ 636 جۈپ . 1984 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 155 مىڭ 297 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 44 مىڭ 487 جۈپ ، يارىشىۋېلىشقا تىزىملاتقانلار 7367 جۈپ ... [9]
1987 – يىلى ئاپتونوم رايوندا نىكاھ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى نوپۇس 233 مىڭ 609 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھلانمىغانلار 46. 28 پىرسەنتنى ، جۈپتى بارلار %82. 63 نى ، جۈپتى يوقلار %84. 4 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %88 . 2 ئىگەللىگەن ... توي قىلغانلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلغانلار شۇ ياشتىكىلەرنىڭ %01 .7 نى ئىگەللەيدۇ ، بالدۇر توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار %92نى ئىگەللەيدۇ. .... ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلاردىن نىكاھلانمىغانلار %5. 25 نى، جۈپتى بارلار %1 .64نى ، جۈپتى قازا قىلغانلار %6 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %4. 4 نى ئىگەللەيدۇ .
        1989 – يىلى نىكاھلانغانلار 169 مىڭ 213 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4617 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 35 مىڭ 643 جۈپ . [11]
1991 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 189 مىڭ 684 جۈپ نىكاھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان ، 170 مىڭ 999 جۈپنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ( بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغان 4994 جۈپ ) ، 18 مىڭ 685 جۈپ ئەر - ئايال توي قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توي خېتى بېرىلمىگەن . 57 مىڭ 987 جۈپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 40 مىڭ 53 جۈپنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ، 17 مىڭ 934 جۈپ مۇرەسسە ئارقىلىق ئەپلىشىپ قالغان .[12]
       1992 – يىلى 181 مىڭ 240 جۈپ ئەر ئايال توي قىلىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قىلغان . 165 مىڭ 122 جۈپ كىشىنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4653 جۈپ ، 16 مىڭ 118 جۈپ ئەر ئايالنىڭ توي قىلىشقا شەرتى توشمىغانلىقتىن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلمىگەن . بۇ يىلى 54 مىڭ 215 جۈپ ئەر ئايال نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 37 مىڭ 194 جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن . [13]
199 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقانلار 194 مىڭ 900 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەنلەر 160 مىڭ 709 جۈپ ( يارىشىۋالغانلار 4863 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 29 مىڭ 328 جۈپ
1994 – يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە 202 مىڭ 149 جۈپ ئەر ئايالنىڭ نىكاھلىنىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلغانلار 166 مىڭ 643 جۈپ (ياراشىۋالغانلار 6854 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 28 مىڭ 652 جۈپ بولغان [15].
1997 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىدا نىكاھقا تىزىملاتقانلار 201 مىڭ 162 جۈپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىڭ 674 جۈپكە ( بۇنىڭ 4692 جۈپى يارىشىۋالغانلار ) رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلگەن ، 30 مىڭ 488 جۈپ ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان ، ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 28 مىڭ 232 جۈپ ئاجراشقان
].
       بەزىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىسكىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 40 نەچچە مىللەت بار ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىشى تۇرغانلا گەپ. توغرا، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 نەچچە مىللەت ياشايدۇ ، شۇنداق ئىكەن،بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ پەقەت شىنجاڭدىكى بىزنىلا ئۆز ئىچىگىلا ئېلىشى مۇمكىن ئېلىشى ئەمەس ، بىراق شىنجاڭدا ئاساسلىق ياشاپ كېلىۋاتقان مىللەت بىز ، ياخشى ئىشلارنىڭ، تەرەقىياتنىڭ ئىگىسى بىز ئەمەس. بىراق بۇنداق سان-سېفىرلار بىزنىڭ ... بىزگە تەۋە !

ئاپتۇرى:غالىب بارات ئەرك

0

تېما

0

دوست

1453

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 409
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 21:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياحشى ماقالىكەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

5

دوست

3285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 21:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن تىما ئەككەپ سىز  ھارمىغايسىز

----كىتابخۇمار----

7

تېما

57

دوست

9270

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 22:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uzturuk يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 19:47
2013 يىللىق ئۆزبەك چولپانلار كىچىلىكى  ..  ئەڭ يېڭى پەچەت  ...

ئايرىم تىما قىپ يوللىسىڭىز بولماسمىدى ھەممە تىمىغا ئىنكاس ھالىتىدە يوللىغىچە

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 11:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن 2009-يىلى ئالتىنچى ئايدا كۇچادا نۇتۇق سۆزلىگەندە ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى 40%گە يەتتى دەۋاتاتتى. بۇ توي قىلغان ھەر ئون جۈپ ياشنىڭ تۆت جۈپى ئاجرىشىپ كېتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا بۇ خىل ھادىسىنى بىر خىل كىشىلەر كۆنۈپ كەتكەن جەمئىيەتلەشكەن تراگېدىيە دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 23:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەنhttp://bbs.alkin.cn/read.php?tid=14841

0

تېما

1

دوست

627

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21966
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېرىيالكەن. رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )