قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق:قېنى ،مۇنازىرە قىلىپ باقايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 11:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى



ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)




ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى .  
          19- ئەسىردە كىشىلەر : تىلشۇناسلىق پەقەت تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا پەن ساھالىرى ئوتتۇرسىدا ، جۇملىدىن ماتېماتىكا بىلەن ھىچقانداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق - دەپ قاراپ كەلگنىدى . « تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارلىقى قارىماققا شۇنچە يىراق ، ئۇلار گويا ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنىڭ بىر - بىرىگە نىسپىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇبىنى ھاسىل قىلغاندەك تۇرىدۇ » ، ئەمەلىيەتتىمۇ ، « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى چەك - چېگرىسى شۇنداق ئىنىق ئايرىلىپ كەتكەنكى ، تەبىئى پەن ، سانائەت پەنلىرى ئوقۇيدىغانلار تىل - يېزىق جەھەتتە ئانچە كۇچ سەرىپ قىلمايتتى ؛ ئىجتىمائى پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىغا قاراپمۇ قويمايتتى . مەدەنىيەت تارىخىنى ئاقتۇردىغان بولساق ، ھەم ماتېماتىك ھەم تىلشۇناس بولغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ ئىككى پەننى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ بىر يېڭى ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇستىدە باش قاتۇرغانلار بولسا تىخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ »   
          20- ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەەىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئۆستى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلمۇ ھاياتلىق ئىلمى ، ئىنتۇگراپىيە پەنلىرى ساھەلىرىگە بارا- بار ا سىڭىپ كىردى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئالدى بىلەن بىئولۇگىيەگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناشلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئارقا - ئارقىدىن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى . « ماتىماتىكا ھازىرقى زامان ئىلىم - پىنىنىڭ تىلى » بولۇپ قالدى . شۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكلارنىڭ دېققەت نەزىرى بارغانسىرى تىل ھادىسلىرىگە چۇشۇشكە باشلىدى . ئالايلۇق ، روسسىيىلىك بۇيۇك ماتېماتىك ماركوۋ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، پوشكىننىڭ « ئېۋگىنى ئۇنىگىن » داستانىنىدىكى روسچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىبىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، ماركوۋچە تاسادىبىي جەريان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا كەلگەندە ، تىلشۇناسلارمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقى يۇسۇندا تونۇشقا باشلىدى . شىۋېتسىيىلىك ئاتاقلىق تىلشۇناس سوشۇر تىلنى بىر خىل مۇكەممەل بەلگىلەر سىستېمىسى - دەپ قاراپ ، « تۇپ ئالاھىدىلىكتىن ئېيىتقاندا ، تىلدىكى سانلىق مىقدار بىلەن سانلىق مىقدار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى ماتېماتىكىلىق شەكىل بىلەن قائىدىلىك تۇردە تەسۋېرلەشكە بولىدۇ » غانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . تىلشۇناس چومىسكىي ئوتتۇرغا قويغان تىلنىڭ سېنتىتىك مودېلى ماتېماتىكىدىكى ماس چۇشەنچىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە « تىل __ تىلنىڭ سېنتېىك مودېلىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە تەرتىپلەنگەن توپلىمىدىن ئىبارەت » ئىكەن . چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ » دەپ ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بايان قىلسا ، ئامىركىلىق ئالىم بىلۇمفېلىد : « ماتېماتىكا تىل ئىرىشكەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدۇر ، خالاس » دەپ - جاكارلىدى . كونتۇرۇل ئىلمىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم ۋيېنىېر : « تىلشۇناسلىق ھازىرقى زامان ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى » دەپ كۆرسەتتى . ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شېننان تىل - يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سىناق تەجىربە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس بايان قىلدى . بۇ بايانلار ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ھۈلىنى قۇردى . تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ بىرلىشىشى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەرلىكى بولۇپ قالدى . يەنە بىر جەھەتتىن ، كومپېيوتىر ئىلمى تېز تەرەققىي قىلىپ كوردلاشقان تېز ھېسابلاش نى ئەمەلگە ئاشۇردى ، سانلىق قىممەت بولمىغان بەلگىلەرنى يەنى تەبىئى تىلنى بىر ياقلىق قىلالايدىغان بولدى . ئالىملار كومپېيوتىردا « سۇنئى ئەقىل » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ماشىنا تەرجىمان » لارنى لايىھىلەپ چىقتى . شۇ ئارقىلىق ئوىشاش بولمىغان تىللار ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇئىتىنى تېزلەشتۇردى . بارا - بارا « ئادەم - ماشىنا سۆزلىشىشى » نى ئەمەلگە ئاشۇردى .بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر يېڭى پەن تارمىقى « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى » نى بارلىققا كەلتۇردى .   
              ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەسلى نىشانى _ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ، فورمىلالاشتۇرۇپ تەسۋېرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات مەزمۇنى مۇنداق ئۇچ نوقتىغا يىغىنچاقلانغان .(1) ئىستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، ھەر خىل تىل بىرلىكلىرىنىڭ تىلدىكى كۆرۇلۇش تەكرارلىقىنى ياكى ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش .(2)ماتېماتىكىلىق لوگىكا قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، كومپېيوتىر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سېستىمىسىنىڭ « شىفېرلىق تىل » ۋە « ۋاستە تىل » ئىنى لايىھەلەش ھەمدە مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېنىقلاشنىڭ سىېفىر سېستىمىسىنى تۇزۇش . (3) ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەبىئى تىلنى مۇۋاپىق تىل مودېللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى نازۇك فورلىلالاشقان سېستىمىغا ئايلاندۇرۇش .  ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى مۇشۇ ئۇچ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ، قىسقىغىنە 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.  

___________________________________________________________
بۇ ماقالە شىنجاڭ پېدا گوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1999- يىلى 1- سانىغا بىسىلغان « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا » دېگەن ئىلمىي ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .

0

تېما

2

دوست

102

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32903
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 12:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

2

دوست

2797

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 852
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 15:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-9-28 21:28
ھەرقانداق ماتىماتىماتىكىلىق ئىپادىنىڭ ئارقىسىدا غەير ...

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا بەكمۇ قايىل بولدۇم. سىزدەك ماتىماتىكىنى چۈشۈنىدىغان ئۇيغۇردىن %1، ئۇقۇغۇچىدىن %10 بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى.

0

تېما

0

دوست

1021

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32407
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 17:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىقنىڭ دىگەنلىرى:
ئەپەندىم، پۈتكۇل تور دۇنياسى مىنىڭ ماتىماتىكا بىلمەيدىغانلىغىمنى،شۇڭا ھەمكارلاشقۇچى ئىزەۋاتقانلىغىمنى بىلىدۇ.مەن بۇ ھەقتە نەچچە قېتىم توختالغان.سىلى زادى نىمىنى ئىسپاتلىماقچى؟.ئۇزلىرىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقلىرىنى كۇز-كوز قىلماقچىمۇ ياكى بۇ ئارقىلىق تارتىش كۈچى بار دىگەننى ئىسپاتلىماقچىمۇ؟.ئاۋال بىر مەقسەتلىرىنى دېسىلە؟!.

ئىسيانكارنىڭ دىگەنلىرى:
مانا ئەمدى گەپ ئۇچۇق بولدى. مات بولدىلا.............
مەن سورىغان دەسلەپكى ئىككى سۇئاللار فىزىكىدىكى ئەڭ ئاساسى ئۇقۇملاردۇر. سىلە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىلە ياكى ھىساپلا بىرەلمىدىلە. كىيىنكى ئىككىسى ھازىرقى پەن تېخنىدا قوللىنىۋاتقان قانۇنىيەتلەردۇر. بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىلە ياكى ھىساپلاپ بىرەلمىدىلە. دىمەك بۇ سىلىنىڭ فىزىكا ۋە ماتىماتىكىدا ساۋاتسىز ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
ساۋاتسىز ئادەم يىزىق تەتقىق قىلالامدۇ؟

مەن دەل سىلىنىڭ فىزىكىدا ۋە ماتىماتىكىدا ساۋاتسىز ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلىماقچى.
مەن دەل سىلىنىڭ فىزىكا تەتقىق قىلىشقا كۈچلىرى يەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىماقچى.
فىزىكىدا ساۋاتسىز كىشىنىڭ فىزىكا تەتقىقات ماقالىسى يازالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى.

مانا ئەمدى ئىسپاتلاندى. ماتىماتىكا بىلمەيمەن دىدىلە، مەسلىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىلە، بۇنى ئەنە ئۆزلىرى تەن ئالدىلا.
سىلە بىلەن بولغان مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقتى.
سىلە مات بولدىلا!

قايىل بولمىسىلا يەنىلا ھېلىقى تۆت سۇئال......
سىلە بىلەن ئارتۇق مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى. چۈنكى ساۋاتىسىز كىشى بىلەن ئىلمى مۇھاكىمە قىلىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق.
باشقىسىغا تور ئەھلى باھا بەرسۇن...............
فىزىكىنىڭ ۋە ماتىماتىكىنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇقۇملىرىنى بىلمىگەن ساۋاتىسىز كىشى يەنە ساۋاتسىزلىقىنى قىلىدۇ دە.... سىلىگە چۈشەندۈرۈپ بولغان، ھەممە ئادەم چۈشەنسىمۇ لىكىن سىلە چۈشەنمىدىلە ھەم چۈشەنمەيدىلا،
ئىختىيارلىرى..... مەن سىلىنىڭ سەۋىيەلىرىگە قايىل بولمىساممۇ ، لىكىن جاھلىلىقلىرىغا قايىل بولدۇم. سىلە ئەگەر ئۆزلىرى چۈشىنىدىغان ئىش ئۈچۈن مۇشۇ جاھىللىقلىرى بىلەن تىرىشقان  بولسىلا چۇقۇم نەتىجە قازىنىدىكەنلا .
سىلىگە ئامەت تىلەيمەن. خوش
مېڭىشىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ يۈگۈرگىلى بۇلامدۇ؟
فىزىكىنىڭ ۋە ماتىماتىكىنىڭ ئاساسى بىلىملىرىنى بىلمەي تۇرۇپ نىيوتۇن قانۇنىيەتلىرىنى ئاغدۇرىۋەتكىلى بۇلامدۇ؟


./thread-22109-93-1.html
مۇشۇ ئادىرىسقا كىرىپ قاسىم ئەپەندىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇنازىرسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

ئەڭ ياخشىسى بۇ قاسىم سىدىق دىگەن كىشى بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭلار. بۇكىشىنىڭ كاللىسىدا ھازىرقى زامان فىزىكىسغا ئوخشىمايدىغان بىر ئوقۇم بار، ئۆزىنىڭ ئۇقۇمى بىلەن ماس كەلمىسە، مەيلى توغرا بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ، بىز بىر خىل ئۇقۇم بىلەن تەپەككۈر قىلساق بۇ كىشى باشقا بىر خىل ئۇقۇم بىلەن تەپەككۈر قىلىدۇ. شۇڭا مۇنازىرىدە ئوخشاش پىكىرگە كىلىپ سۆھبەتلەشكىلى بولمايدۇ. سىز يەردىكى گەپنى قىلسىڭىز بۇ كىشى ئاسماندىكى گەپنى قىلىدۇ، سىز فىزىكا توغرىلىق سۆزلىسىڭىز بۇ كىشى پەلسەپەدىن چۈشىدۇ، سىز نىيوتۇن توغرىلىق سۆزلىسىڭىز بۇكىشى ئىينىشتىيىن توغرىلىق سۆزلەيدۇ، سىز ماتىماتىكا سۆزلىسىڭىز بۇ كىشى يەنە دىندىن سۆزلەيدۇ، سىز دىندىن سۆزلىسىڭىز بۇ كىشى يەنە باشقا تەرەپتىن سۆزلەيدۇ.
ماتىماتىكىلىق مودىلى ۋە فورمىلاسى قېنى دىسىڭىز ماتىماتىكىنى تىللايدۇ.
بىر سۇئال سورىسىڭىز جاۋاپ بەرمەي باشقا سۇئال سورايدۇ.
دىگەنلىرىنى خاتاكەن دىسىڭىز بىرمۇنچە ئەرگەشكۈچىلىرى بىلەن تازا تىللايدۇ.

ئەڭ ياخشىسى بۇ قاسىم سىدىق دىگەن كىشى بىلەن مۇنازىرە قىلىمەن دىمەي، ئۆزىگە قويۇپ بىرىڭلار. ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بىللە مۇھاكىمە قىلسۇن.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 20:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىل نەزەريىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار خەنزۇچە تورلاردىمۇ چەكلەنگىنى يوق،ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىلمى ماقالە يېزىشتا پايدىلىنىش ماتىريالى  سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلىنىپتۇ:





回眸物理史,展望新一轮物理学革命--《科技传播》2011年07期

http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTotal-KJCB201107112.htm

2011                      年07期 目录
*

《科技传播》杂志(国内统一刊号:CN11-5820/N 国际标准刊号:ISSN   1674-6708),由中国科学技术协会主管、中国科技新闻学会主办的一本面向科技界、学术界、传播界以及大专院校师生等广大读者的国内外公开发行的国家级跨学科的科技类学术刊物

            《科技传播》以提高国家科技传播能力,服务于社会经济发展为办刊宗旨。坚持科技发展为国家经济建设服务,科技发展为社会进步服务的原则。把科技传播与提高国家竞争力和综合国力,提高全民族科学文化素质紧密结合,使科技传播的成果促进经济社会的发展和人民科迹质的提高
            《科技传播》坚持研究性、权威性、指导性和实用性,注重文章的科学性和学术价值。从科技传播政策、科技传播实践、科技传播技术手段的发展等多个层面关注科技转播领域         
                                      
شەكىل نەزەريىسى تونۇشتۇرۇلغان ،جوڭگۇ پەن تېخنىكا جەميىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ژۇرنالنىڭ(2011-يىلى 7-سان) مۇقاۋىسى ۋە  بۇ ژورنال ھەققىدىكى تۇنۇشتۇرۇش.


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 11:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 11:43  

تاشپولات: ئىلھام يۈسۈپ ئاكا ۋە ماتېماتىكا”دىن تەرمە:


..........................


     تۆۋەندە ئىلھام ئاكا يازغان (ماتېماتىكىدىكى بەزى ئۇقۇملارنىڭ كېلىپ چىقىشى) دېگەن كىتابتىكى “ماتېماتىكا ئىلمىگە قانداق تەبىر بېرىش كېرەك” دېگەن پاراگرافنى تونۇشتۇرىمەن.

ماتېماتىكا ئىلمىگە قانداق تەبىر بېرىش كېرەك


      ماتېماتىكا دېگەن ئاتالغۇنى گىرېك ئالىمى پەتۇگۇراس مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىرلەردە كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ گىرېكچە (μαθηματικά) ، يەنى ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدە. ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئۆزى بىر تارىخى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكىدىن ئىبارەت  بۇ ئىلىمگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ئېنىقلىما بېرىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، تۆۋەندە بىر تارىخى نۇقتىدىن چىقىپ “ماتېماتىكا دېگەن نېمە” دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ كۆرەيلى.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن ئىلگىرى، ماتېماتىكا ئاساسەن “سان” لارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئىدى، بۇ دەۋرلەردە مىسىر، بايبىلون، ھىندىستان، ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماتېماتىكىسى خېلى تەرەقى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاساسەن سانلارنى جەملەش، ئېلېمېنتار ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ئۇ چاغدىكى گېئومېتىرىيە بولسا، ئارىفمېتىكىنىڭ ئاددىي قوللىنىشىدىلا ئىبارەت ئىدى.
    مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن باشلاپ، گىرېك ماتېماتىكىسى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، لېكىن ئۇلار ئارىفمېتىكىغا قارىغاندا شەكىللەرنى تەتقىق قىلىشقا بەكرەك قىزىقتى، بۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكا “سان بىلەن شەكىل” لەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمگە ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ماتېماتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە ئوتكەن مەشھۇر گىرېك پەيلاسوپى ئارستوتىل، ماتېماتىكىغا “ماتېماتىكا مىقدارلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدىن ئىبارەت” دەپ ئېنىقلىما بەردى.
      16-ئەسىرگە كەلگەندە، ئەنگلىيە پەيلاسوپى ف باكون (F. Bacon, 1561-1626) ماتېماتىكىنى “ساپ ماتېماتىكا” (pure mathematics) ۋە “ئارىلاشما ماتېماتىكا” (mixed mathematics) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىدى. ئۇنۇڭ “ئارىلاشما ماتېماتىكا” دېگىنى ھازىرقى “قوللىنىشچان ماتېماتىكا” غا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئۇ “ساپ ماتېماتىكا”غا، “ماددا ۋە تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئاكسىئومىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان مىقدارلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىلىم” دەپ ئېنىقلىما بەردى.
     17-ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى دېكارت (R. Deacartes, 1596 – 1650) قاتارلىقلارنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىگە بولغان كۆز قارىشىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. دېكارت: “تەرتىپ” ۋە “ئۆلچەم” نى تەتقىق قىلىش مەقسەت قىلغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.
      دەل يەنە ئاشۇ دېكارتنىڭ دەۋرىدە ماتېماتىكىدا غايەت زور بۇرۇلۇش پەيدا بولدى، 17-، 18- ئەسىردىكى پۈتكۈل ماتېماتىكلار دىققىتىنى ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىشقا  مەركەزلەشتۈردى. نيۇتون بىلەن لەيبىنىز كەشىپ قىلغان دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئىلمى، ئەمەلىيەتتە ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىدىغان بىر خىل قورالدىن ئىبارەت ئىدى. ئەلۋەتتە ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىش يەنىلا سان ۋە شەكىلدىن ئايرىلالمايتتى، شۇڭا ماتېماتىكا سان، شەكىل، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئىنگلىز “ماتېماتىكا رىيال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى بىلەن سانلىق مىقدارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم” دەپ كۆرسەتتى. لېكىن يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە، توپلام نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى گېرمانىيە ئالىمى كانتور ( G. Cantor, 1845 – 1918)، “ماتېماتىكا مۇتلەق ئەركىن تەرەقى قىلىدىغان ئىلىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېنىق بولغان تەپەككۇرغىلا بويسۇنىدۇ، يەنى ئۇنۇڭدىكى چۈشەنچىلەر چوقۇم ئۆزئارا زىت كەلمەيدىغان ئېنىقلىمىلار ئارقىلىق ئورنىتىلغان بۆلىشى ھەمدە تەرتىپلىك ھالدا بۇرۇن ئورنىتىلغان ياكى ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان چۈشەنچىلەر بىلەن باغلايدىغان بۆلىشى كېرەك” دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.  
    20- ئەسىرگە كەلگەندە ماتېماتىكا ئالىمى رۇسسەل (Russell Bertrand) ماتېماتىكىغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەرگەن: “ساپ ماتېماتىكا مۇنداق بىر تۈرلۈك ھۆكۈملەردىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى مەلۇم بىر ھۆكۈمنى مەلۇم تۇردىكى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمى ھالى ئۈچۈن ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا يەنە باشقا بىر ھۆكۈمنىڭمۇ  ئوخشاش تۇردىكى شەيئىلەر ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردە بىرىنچى ھۆكۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقى، ياكى ھۆكۈم قۇرۇلىدىغان شەيئىلەرنىڭ زادى قانداق نەرسە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت بىز مەلۇم خۇسۇسى ھالدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئومۇمى ھالدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلىدىغانلا بولساق، ئۇ ھالدا بىز چىقارغان بۇ ئەقلى خۇلاسە ماتېماتىكا بولغان بولىدۇ، دېمەك ماتېماتىكىنى مۇنداق بىر ئىلىم دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ، يەنى بىز ئۇنۇڭ قانداق شەيئىلەرنى دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇ دەۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز”.
       مەسىلەن، مەلۇم بىر a شەيئىنى 4 كە پۈتۈن بولىنىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا بۇ a نىڭ 2 گە پۈتۈن بولۇنىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردىكى يەكۈن، a نىڭ قانداق شەيئى بۆلىشى ياكى ئۇنۇڭ ھەقىقەتەن 4 كە پۈتۈن بولۇنۇشى ياكى بۆلۈنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ پەقەت بىزنىڭ پەرىزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك. رۇسسەلنىڭ ئېنىقلىمىسىدا لوگىكا ۋە ماتېماتىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ماتېماتىكىنى ئەمەلىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن. گەرچە رۇسسەلنىڭ يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسى ناھايىتى مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئوبيېكتىپ ئېنىقلىمىسى دەپ قوبۇل قىلىش تەس. شۇڭا 20- ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇزلۇق ماتېماتىكلار، ئىنگلىزنىڭ يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلىمەكچى بولدى، ئۇلار ماتېماتىكا: “ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى، ھەرخىل مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرخىل ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇمكىن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە باغلىنىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم” دەپ ئېنىقلىما بەردى، لېكىن بۇ ئېنىقلىمىدا سان بىلەن شەكىلنى پەرقلەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئارستوتىلنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قايتىپ كەلدى دېيىشكە بولاتتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ماتېماتىكا ھازىرقى دەۋرگە ماس كېلىدىغان ئېنىقلىما بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادىكى بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق ئالىملار كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئاخىرى “ماتېماتىكا ھەرخىل ئەندىزىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم”(science of pattern) دەپ ئېنىقلىما بەردى.
      مەسىلەن، بىز 2 گە 3 نى قوشساق 5 بولىدۇ دېسەك، بۇمۇ بىرخىل ئەندىزىدىن ئىبارەت، چۈنكى بۇ يەردىكى 2 بىلەن 3 سانى ئادەم بولۇشىمۇ، ھايۋان بۆلۈشىمۇ ۋە باشقا خالىغان جىسىم بولۇشىمۇ مۇمكىن، دېمەك بۇنى ئومۇمەن 2 شەيئىنى 3 شەيئىگە قوشسا 5 شەيئى بولۇشىنىڭ ئەندىزىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، قارىماققا بۇ ئېنىقلىمىدىكى “ھەرخىل ئەندىزە” دېگەن سۆز ئارستوتىلنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى “مىقدار” دېگەن سوز بىلەن ئالماشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن “ئەندىزە” سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن “مىقدار” سۆزى ئوز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ھەمدە تېخىمۇ ئومۇملۇققا ئىگە بولۇپ، ئۇ سانلارنىڭ ئەندىزىسى، شەكىللەرنىڭ ئەندىزىسى، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەندىزىسى، تەپەككۇر ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئەندىزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئەندىزىلەر رېئاللىق بولۇشىمۇ ياكى خىيالى بولۇشىمۇ  مۇمكىن، شۇڭا ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ بۇ يېڭى ئېنىقلىمىسى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە يىغىنچاقلاشچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، زور كۆپ ساندىكى ماتېماتىكلارنىڭ قايىل بۆلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

داۋامى بار

./thread-27545-1-1.html

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 12:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 11:17
“تاشپولات: ئىلھام يۈسۈپ ئاكا ۋە ماتېماتىكا”دىن تەرمە:

...

يۇقۇرقى ئېنىقلىمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى بار ،لىكىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەتراپلىق ئەمەس بولۇپ قالغىدەك،ھەممىسىنى يۇغۇرۇپ بىر ئېنىقلىما ھالىتىگە كەلتۈرسە بىر ئاز مۇكەممەل بولامدۇ-قانداق؟!.

0

تېما

0

دوست

156

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8865
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 10:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-9-28 21:57
توغرا دەيسىز.بەش دۇۋە بۇغداينى بىر دۆۋە بۇغدايغا قۇشۇ ...

ئەسلى ئىنكاس يازماي دىگەن ئەمما سىز بۇنى مانداق ھىساپلىسىڭىز قانداق بولار .   بەش دۆۋە بۇغداينى بىر دۆۋە بۇغدايغا كۆپەيتسەك دەپ . ئەڭ ئاددى ماتىماتىكىلىك سۇئال سوراي سىزدىن . A+B=?   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )