- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1371
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
37.1%
|
مەن قەشقەر مارالبېشىدا ئوقوتقوچىلىق قىلىمەن. بۇ تېمىنى ئوقوپ ئۆزەمگە نىسبەتەن جاۋاپ تاپالمايدىغان سۇئاللارغا دۈچ كەلدىم. ئەلۋەتتە بۇنداق شەرەپتىن سۆيۈندۈم، شاتلاندىم. ئاساسلىقى ھەۋەس قىلدىم. كىچىكىمدە شوپۇر بولۇپ ھەممەت يۇرتنى كىزىپ كۆرسەم دەيدىغان ئارزويۇم بار ئىدى. لىكىن ماشىنغا ئىرىشكەندە بىلىدمكى يۇرىت كىزىش ئۈچۈن ماشىنغا ماي قاچىلاشقا، شۇنىڭ غېمىدە ئائىلە، خىزمەت.... ئىشلىرىنى قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن. ئوتتۇرا تېخىنكومدا ئوقوۋاتقان چاغلىرىمدا بولسا چەتئەلگە چىقىش، كۆرۈش، ئوقوش، ياشاش. ئارزۇيدا بولدۇم. لىكىن ئاساسلىقى نېمە سەۋەپلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم، مەندىكى جاسارەتسىزلىك ئاساسى سەۋەپتۇ، مەن ئۇنى ئائىلە شارائىتىمغا، ئوقوش شارائىتىمغا، جەمىيەت، ھۆكۈمەت..... لەرگە ئارتىپ كلىۋاتىمەن. ئەمدى ئوغلوم 5 ياشقا كىردى. ئوغلۇم تۇغۇلۇشىتىن بۇرۇنلا تەربىيلەشكە تەييارلىق قىلغان ئىدىم. نەتىجىسى راستىنلا ياخشى بولدى. 5 ياشلىق ئوغلۇمدىن سۆيۈنمەن.
ئەمدى مۇشۇ ماقالىنى ئوقوغاندىن كىيىن ئويلىغىنىم. زادى چەتئەلگە چىقىش ياخشى ئوقوپ، شەرەپ قوچۇشنىڭ ياكى ئەركىن ياشاشنىڭ بىردىن- بىر يولىمىدۇ؟ قانداق قىلسام ھازىرقى شارائىتىم بىلەن چىقىپ كىتەلەيمەن؟ (قايسى دۆلەتكە بولسا مەيلى) ياكى ئوغلۇمنى (يالغۇز مىنىڭ ئوغلۇملا ئەمەس مەن خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىكى بارلىق ئوقوغۇچىلارنى) توغرا بولغان ئوقوتوش، ئۇسۇلى، يۈكسەك نىشانغا يىتەلەيدىغان ئوقوتوش مەزمۇنى بىلەن تەربىيەلىيەلەيمەن؟ ھازىر ھەممە يەردە «قوش تىل» دەپ تىللا بىلسە «ئەلاچى» بولۇپ كىتۋاتىدۇ. ھەتتا مائارىپنىڭ نىشانىق، مەكتەپلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ نىشانى «شىنجاڭ سىنىپلىرىغا يوللاش» بولۇپ كەتتى. مەنچە بۇ مائارىپ يولى ناھايىتمۇ تار، قىسقا، خەتەرلىك يول. لىكىن راستىنى ئىيىتقاندا رايۇنمىزدىكى مائارىپنىڭ نىشانى «قوش تىل» پەقەتلا «قوش تىل». بىز پەقەت قوش تىلدا سۆزلىگلى يارالغانمۇ؟ ھاياتىمىزنىڭ مەخستى «قوش تىل»لىق بولۇشمۇ؟ «قوش تىل» بىزگە نېمە بىرىدۇ؟ بىز «قوش تىل»دىن پايدىلىنىپ نېمە ئىشلەرنى قىلالايمىز؟ قىسقىسى مەن ئوغلۇمنى قەيەردە؟ قانداق مائارىپ شارائىتىدا تەربيەلىسەم «قوش تىل» ئېلىپ كەلگەن نەتىجدىنمۇ ئارتۇقراق نەتىجىگە ئىرىشەلەيمەن؟ 5 ياشلىق ئوغلۇم زادى قايەردە؟ قانداق شارائىتتا ئوقوسا بولا؟ ئىقتىسادى كۈچۈم چەكلىك، (نورمال بىر ئوقوتقوچى) مەن يەنە نېمە قىلالايمەن؟
مۇشۇ سۇئاللار دائىم قىينايدۇ. ئاخىردا جەمئىيەت، شارائىت مېنى ھەيدەپ كىتىۋرىدۇ. زادى شۇنداق بولۇپ كىتەرمۇ؟ مەن ھېچنىمنى ئۆزگەرتەلمەسمەنمۇ؟
ئۈمۈت ۋە ئۈمۈتسىزلىك، ئارزۇلىرىمنى غۇۋالاشتۇردۇ. ھازىرقى مەكتەپلەردىكى مائارىپ شەكلى ۋە مەزمۇنى ئەڭ مۇھىمى مائارىپنىڭ «قوش تىل» نىشانى ماڭا ئوغلۇمنى مەكتەپكە بەرمەسلىككە ئۈندەيدۇ. ئەگەر بەرمىسەم يەنە قانداق بولىدۇ؟ ئاندىن ئۇنىڭغا نېمە ئۈگىتىمەن؟
قارسام مۇشۇ توردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى سەۋىيەلىك كىشىلەر باردەك قىلىدۇ؟ مۇمكىن بولسا ماڭا بىر يول كۆرستىپ بەرسەڭلا. ئائىلدە، مەكتەپتە قانداق مەزمۇلاردا، ئوقوتوش كىرەك؟ مۇمكىن بولسا ئوغلومنى سىتانفورد ئونۋېرسىتىتىغا يەتكۈزۈش نىشانمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىر خەرىتە سىزىپ بەرگەن بولساڭلا. بىر تىرىشىپ باقسام. ئەجىرىڭلارغا ئالدىن رەھمەت ئيتىمەن. ئاللادىن ھەممىمىزگە بەركەت تىلەيمەن. |
|