3-يىلى مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم ئېدى.شۇ چاغلاردا يېزىلاردا تېلىۋىزۇر تېخى ئومۇملاشمىغان بولۇپ ھەرقايسى كەنت مەھەللىلەردە پەقەت بىرەر ئىككىدىنلا 21دىيۇملۇق،14 دىيۇملۇق رەڭسىز تېلىۋىزۇرلار بار ئېدى.مەھەللىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ھەر كۈنى كەچتە كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇشقاندىن كېيىن تېلىۋىزۇرى بار بايلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ھويلىسىدا تېلىۋىزۇر كۆرەتتى. مانا شۇ چاغلاردا تېلىۋىزۇردا پات-پات بېرىدىغان بەكمۇ قىزىقارلىق بىر كومىدىيە بولۇپ كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ تېلىق تۇرۇۋېتەتتى.بۇ كومىدىيەنىڭ نامى‹‹كۈتۈلمىگەن قوش توي›› بولۇپ كىشىلەر ئۇنى‹‹ سايىم نوچىنىڭ دىراممىسى›› دەپ ئاتىشاتتى.چۈنكى ئۇنىڭدا كومىدىيە ئارتىسىمىز مەمتىمىن نورۇز خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ خاراكتىرىنى بەكمۇ كېلىشتۈرۈپ ھەم قىزىقىارلىق قىلىپ ئالغان ئېدى.سەھنىدە ئايسىخان قولىغا سۈپۈرگە ئېلىۋېلىپ ئېرىنى قوغلاۋاتقان ،ئېرى،ئانىسىدىن قاچقان كەپسىز كىچىك بالىدەك گۈلدۈرلەپ قېچىۋاتقان كۆرۈنۈش چىققان ھامان پارا-پاراق كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى. دەل مانا شۇ كومىدىيە خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرگە ‹‹سايىم نوچى››، ‹‹سايىماخۇن› ›دېگەن ئوبرازلىق لەقەمنى مىراس قىلىپ قويغان ئېدى.بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاتالغۇ ئومۇملىشىپ خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ ئورتاق لەقىمى بولۇپ قالدى.شۇنداقتىمۇ لېكىن ياشلىرىمىز بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىش مەنبەسنى بىلمەيتتى.مانا بۈگۈن بۇ ئاتالغۇنى ئىزاھلايدىغان مەنبە ئاخىرى تېپىلدى.مەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى توپتوغرا 30 يىلدىن كېيىن تېلىۋىزۇردا قايتا قويغان بۇ كومىدىيەنى كۆچۈرۈۋېلىپ، كېچىچە يۇكۇ تورىغا يوللاپ ئاندىن بۇ مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.دوستلار بۇ كومىدىيەدىكى قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەردىن قانغۇچە شادلىنىپ كۈلسە مانا بۇ مېنىڭ ھاردۇقۇمنى چىقىرىدىغان ئىش. كومىدىيە ھەققىدە:
1983-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئوپېرا ئۆمىكى‹‹كۇتۇلمىگەن توي››ناملىق كومىدىيەلىك دىراممىنى ئورۇنلىدى.
بۇ دىرامىنىڭ ئاپتۇرى –تۇرسۇن يۇنۇس، رىژىسۇرى – نىجات ئەكبەر
روللاردا- رەيھان كېرىم ، مەمتىمىن نورۇز، سەربى نۇرھاجى ، ۋارىس ئىسلام، سەيدۇللام توختى.نۇرۇم سابىر ھاجى ھەنىپە ئىسمايىل رەيھانگۇل رۇزى ، ئەركىن نىياز قاتارلىق ئارتىستلار بار.ئۇلاردىن سەيدۇللام توختى،مەمتىمىن نۇرۇز قاتارلىقلار ئارىمىزدىن كېتىپ ئاللىقاچان رەھمەتلىك بولۇپ كەتتى.بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققالىرىغا ماتېريال بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن.
كومىدىيەدىكى تەرسا،ئاچچىقى يامان،جۆرىلىىنى بوزەك قىلىشقا ،رايىغا باقتۇرۇشقا خۇشتار ئايسىخان بىلەن سادىراخۇن بىر تۇققان ئاكا –سىڭىل بولۇپ ، ئۇلار جۆرىلىرى بىلەن بىر ھويلىدىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۆيدە بىرگە ياشايدۇ،لېكىن كۈچى ۋە ھەيۋىسى بىلەن دائىم ئۇلارنى بوزەك قىلىدۇ. يەنى سايىماخۇن بىلەن ئايسىخان ئەر خوتۇن،سايىماخۇن خوتۇنىدىن ‹‹خۇددى مۈشۈكتىن قورققان چاشقاندەك››قورقىدۇ.يەڭگىسى ھەمراخانمۇ ئېرى سادىراخۇندىن ساردىن قورققان چۆجىدەك بەكلا قورقىدۇ.كومىدىيە ۋەقەلىكىدە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئادىلجان بىلەن تاجىگۈل تىببى ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ناھىيەسىگە پراكتىكا قىلىشقا قايتىپ كېلىدۇ.ئۇلار بىلەن ئىككىسىنىڭ لايىقى پازىلجان بىلەن ھاجىگۈلمۇ بىللە كېلىدۇ.لېكىن ئايسىخان بىلەن سادىراخۇن ئۇلارنىڭ ئۆز رايى،ئىرادىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ سۆيگەن كىشىسى بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلماي نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىپ مەجبۇرى توي قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ.ئۇلارنىڭ رايىچە بولغاندا ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىدا ‹‹تەبىئى ئۇرۇقداشلىق كېسەللىكى››تۈپەيلى كەمتۈك،مېيىپ بالىلار تۇغۇلۇپ قېلىپ ئەۋلادلار سۈپىتىگە تەسىر يېتەتتى. تاجىگۇلنىڭ دادىسى سايىماخۇن بىلەن ئادىلجانىڭ ئانسى ھەمراخان بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئۆز بالىلىرىنىڭ نەۋرە تۇققان ئەمەسلەر بىلەن شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەر بىلەن توي قىلىش ئىشىنى قوللايدۇ.نەتجىدە بۇ ئائىلىدە مۇرەككەپ لېكىن كەسكىن،تەرسا ئەمما كۈلكىلىك زىدىيەت پارتلاپ چىقىدۇ. ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەك بولسىڭىز فىلىم مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
|