- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5496
- نادىر
- 0
- يازما
- 623
ئۆسۈش
9.92%
|
تۈركىيە نىمە ئۈچۇن جۇڭگۇنىڭ بومبا سېستىمىسىنى
سېتىۋالماقچى؟
نۇرغۇنلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، جۇڭگۇ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى شىركىتى ئامىرىكا، ياۋرۇپا، ھەم رۇسسىيە قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ 4 مىلياردا ئامىرىكا دوللىرى سوممىسىدىكى ، تۈركىيەگە ياردەملىشىپ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى ياسايدىغان توختامغا ئىرىشتى.
تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجرائىيە كومىتىتنىڭ يىغىنىدا، تۈركىيە جۇڭگۇ يۇقىرى توغرىلىق ئەسۋاب ئكىسپورت-ئىمپورت شىركىتىنىڭ بىرلىكتە HQ-9 تىپلىق سېستىمىنى بىرلىكتە ياساش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگۇ شىركىتىنىڭ ئىلتىماسى ئامىركىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى، رۇسسىيەنىڭ S-300 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى، ئىتالىيە-فىرانسىيە ھەمكارلىقىدىكى SAMP/T Aster 30 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسنى بېسىپ چۈشۇپ تاللاندى. گەرچە تۈركىيەنىڭ مۇشۇ جۇڭگۇ شىركىتىگە بارغانسىرى تايىنىۋاتقىنىدەك مىش-مىش پاراڭلار بۇرۇن تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خەۋەر نۇرغۇنلارنى ھەيران قالدۇردى. تۈركىيە ناتونىڭ (NATO) قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى، ناتودىكى نۇرغۇن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئامىرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەر ۋە HQ-9 سېستىمىسى ئۆزئارا ماسلاشمايدۇ (ئۇچۇر-ئالماشتۇرالمايدۇ، ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلالمايدۇ دىمەكچى، چۈنكى ئوخشىمىغان ئۆلچەمدە ، پۈتۇنلەي ئايرىلىپ تۇرۇپ ياسالغان. خۇددى ، AK-47نىڭ ئوقىنى M-14 لغا سېلىپ ئاتقىلى بولمىغانغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئىش.). بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامىرىكا، گىرمانىيە، گوللاندىيە جەمئىي 6 يۈرۈش ۋەتەنپەرۋەر سېستىمىسىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، سۈرىيەدىن كىلىدىغان تۇقۇنۇشقا قالغان قىلغان ئىدى.
ئەنقەرەنىڭ قارارى ئامىرىكىغا نىسبەتەن بىر نەزەرگە ئىلمىغاندەك بىر ئىش بولدى، چۈنكى ئامىرىكا ئۇزۇن مەزگىل بۇ جۇڭگۇ شىركىتىنىڭ پاكىستان، سۈرىيە، چاۋشىيەن،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قورال سودىسى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئەيىبلەپ ئىمبارگو يۈگۇزۇپ كەلگەنىدى. بارلىق ئامىرىكا شىركەتلىرى ھەم شەخسىيلەرنىڭ بۇ شىركەت بىلەن سودا قىلىش چەكلەنگەنىدى.ئامىرىكىنىڭ بۇ شىركەتكە ئىمبارگو يۈرگۇزىشىنى 1993 يىلىغا سۈرۈشكە بۇلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى پاكىستانغا ئۆتكۈزۇپ بەرگەن. ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق ئىمبارگو، مەزكۈر شىركەتكە قارىتىلغان، مۇشۇ يىلنىڭ 2-ئېيغا توغرا كىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەزكۈر شىركەت ئامىرىكا قانۇنى چەكلىگەن بۇيۇملارنى ئېرانغا ساتقان دەپ قارالغان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، مەزكۈر شىركەت جۇڭگۇ ئالەم بوشلۇقى سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تېخنىكىسىنى سېتىش ئۇچۇرن قۇرۇلغان. بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا ياساش زاۋۇتى يوق ، پەقەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى تەمىنلەش ئارقىلىق جۇڭگۇ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئاشكارلىشىدىن كىيىن ، ئامىرىكا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بۇلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئامىرىكا دۆلەتلىك مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى : " بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامىرىكا ھۆكۈمىتى چەكلىگەن شىركەت بىلەن ، ناتو قىسىملىرىنىڭ سېستىمىسى بىلەن ماسلاشمايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى توغرىسىدا توختام تۈزمەكچى بولغانلىقىغا قارىتا قاتتىق بىئارام بۇلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۇردۇق " دىدى.
تۈركىيەنىڭ بۇ قارارى، تۈركىيە ھازىرقى باش مىنسىتىر ئەردوغان ھۇقۇق تۇتقان مەزگىلدە بارغانسىرى غەرب بىلەن يىراقلىشىۋاتقانلىقىغا بولغان سەزگۇرلۇكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىشى مۇمكىن. ئامىركىلىق تەھلىلچىلەر، دىپلوماتلار، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان، تۈركىيەنىڭ جۇڭگۇ بىلەن مۇناسىىۋىتىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتەردى.
ئامىركىلىق ئانالىزچى Nasr، ئۆزىنىڭ " نەزەردىن ساقىت قىلىنغان دۆلەت "دىگەن كىتابىدا كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ 2010 يىلى 2-ئايدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشى ۋە، ئەردوغاننىڭ ئىككى ئاي كىيىنلا جۇڭگۇغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان.ئۇنىڭ كىتابىدا دىيىشىچە ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ، ئۈرۇمچىدە قىسقا مەزگىل توختاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، بۇ جۇڭگۇ بىلەن تۈركىيەنىڭ ، جۇڭگۇنىڭ چىگرا ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بولغان ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي دىپلوماتىيەسىنى قايرىپ قۇيۇپ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئاتلانغانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ كۆرسەتكەن.
7-ئايدا ئەردوغاننىڭ قىلغان سۆزى "ئەگەر بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسەك، بىز ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا خەير-خوش دەيمىز. شاڭخەي تەشكىلاتى تېخىمۇ ياخشى ھەم كۈچلۈك" بىلەن، غەربنىڭ تۈركىيە غەربنى تاشلىۋېتىدۇ دىگەن قارىشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم چۇڭقۇرلاتتى.بىراق ، Asron Stein، ئىستانبولدىكى پايدىنى مەقسەت قىلمىغان پىروگرامما "ئىقتىساد ھەم خەلقئارا سىياسى تەتقىقاد مەركىزى" نىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇنداق دەپ قارىدى، " تۈركىيەنىڭ جۇڭگۇنىڭ شىركىتىنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە سېستىمىسى بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان.". ئۇ ئۆزنىڭ خېتىدە شۇنداق چۈشەنچە بىرىپ شۇنداق دىدى،
" بۇ پۈتكۇل قارار پەقەت تۆت شىركەتنىڭ بىرى بىلەن توختام تۈزۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. تۈركىيە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان سودىلارنى، تۈكىيەنىڭ ئايروپىلانغا قارشى مۇداپىئە سېستىمىدا سودىلىشىپ باققان. 2013 - يىلى 1-ئايدا، SSM سېستىمىسى تۈرى ئەردوغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان." Stein بىرلا ۋاقىتتا خان جەمەتى بىرلەشمە ئۇچۇر ئىنىستوتىدا قۇشۇمچە تەتقىقاتچى، ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، ئامىرىكا شىركىتى تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ئۆتكۈزۇپ بىرىش توغرىسىدكى تەپىلىنى قاندۇرالمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋرۇغا سىغمايدۇ، ئامىركا، ياۋرۇپا شىركەتلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئىلغار بولغان ھالقىلىق تېخنىكىلىرىنى تۈركىيەگە بىرىشى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ئۆتكۈزۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش دائىم ئالدىنقا ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ. ئۇ يەنە شۇنداق دىدى "تۈركىيەنىڭ تېخنىكىنى تەكىتلىشى يېڭى ئىش ئەمەس. 1985-يىلى تۈركىيە پارلامىنتى 3238- نۇمۇرۈلۇق قارار ماقۇللاپ، قانۇن تۇرغۇزغان. شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدە مۇداپىئە سانائىتىنى بەرپا قىلىش ھەربىي لاۋازىمەت سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بۇلىشى كېرەك دىيىلگەن".
"تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتكى ھەربىي لاۋازىمەت سىياسىتى دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مايىل. ئەگەر ۋەزىپە تۈركىيە ئۈچۇن بەك مۈشكۇل بولسا، تۈركىيە ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى خالايدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولمايدىغان بولسا، تۈركىيە ئىشلەپچىقىرش ئىجازىتىگە ئىرىشىشنى ئويلىشىدۇ".
شۇنىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، جۇڭگۇ شىركەتلىرى ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا دائىم تېخنىكا ئۆتۇنۇپ بىرىشنى خالايدۇ. بېيجىڭ، مەسىلەن، ئۇزۇن مەزگىل پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچى مۇداپىئە سانائىتىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بىرىپ كەلدى.
تەھلىل: تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سېستىمىسى يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارغا كەلگەندە ئاجىز. مەسىلەر تۈركىيە كۈرەشچى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۇنئىي ھەمراھنى ئالەمبوشلۇقىغا يەتكۇزىدىغان راكىتا تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا ئەمەلىي كۈچى يوق. تۈركىيە ئوتتوۇرا شەرقتە كۈچلۇك رەھبەر، دۇنيادا بىر قۇتۇپقا ئايلىنىش ئۇچۇن يۇقىرقىدەك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى كېرەك. ھەربىيتەھدىت كۈچى بولمىغان تۈركىيە سىياسى تەسىرى قەدىرئەھۋال ئوتتۇراھال دۆلەت. ھەمكارلىشىىش ئەڭ ياخش تاللاش. چۈنكى دۇنيادا ھىچبىر دۆلەت يۇقىرقى تېخنىكىلارنى پۈتۇنلەي باشقىلارغا بەرمەيدۇ. ئۆزى پۇتۇنلەي ياساپ چىقىش ئۇچۇن نەچچە 10 يىللىق تەتقىقات سىناق خراجەت ، ئەڭ مۇھىمى تېخنىكا كۈچى كىتىدۇ. تۈركىيە بۇلارنى ھازىرلىمىغان. شۇڭا بەزى بىر كاشال مەسىلىلەرنى قايرىپ قۇيۇپ دۆلەت مەنپەئەتى ئۇچۇن بۇنداق سودىلارنى قىلىش تامامەن مۇمكىن.
:مەنبە: جۇڭگۇ سۇمرۇخ تورى
http://news.ifeng.com/mil/3/detail_2013_10/09/30148987_0.shtml
http://news.ifeng.com/mil/3/detail_2013_10/08/30123777_0.shtml?_from_ralated |
|