قاسىم سىدىق
مەن 1989-يىلى زامان (ۋاقىت) ھەققىدىكى دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىمنى تېزىس شەكلىدە يىزىپ چىققان ۋە 1992-يىلى ئېلان قىلغان ئىدىم. شۇندىن بويان بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم، كۆزقارىشىمدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەكىسچە مەنىدە ۋاقىت دەۋرىي ھەركەتىتىن كېلىپ چىققان خاتا سەزگۈ دىگەن بۇ خىل مەۋقە تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقىدىكى زامان ۋەجىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، «زامان»غا جىددى مۇئامىلە قىلىش، «زامان» ئۇقۇمىنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش بەكمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. «زامان-سۇبىيىكتىپ كاتىگورىيە.»، «زامان-فىزىكىلىق رېئالللىق ئەمەس» دەيدىغان بۇ خىل نۇقتىنەزەر دەرۋەقە ئىنسانىيەتنىڭ ھىسىياتى بىلەن سىغىشالمايدۇ. زامان (ۋاقىت) بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا شۇنچە مۇستەھكەم ۋە كەڭ ئاساسقا ئىگە ئۇقۇمكى ئۇھەتتا چېقىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس رىئاللىق دەرىجىسىگە يەتكەن دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز. دەل مۇشۇنداق مۇقەددەسلىشىپ كەتكەن شەيئىگە تۇتۇلغان گۇمانى پۇزىتسىيەنىڭ ھە دىگەندىلا قارشى ئېلىنىپ كىتىشى ناتايىن. ئەكىسچە، تۇشمۇ-تۇشتىن غەزەپ، نارازىلق ۋە مەسخىرە سادالىرى ياڭرىشى مۇمكىن. نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۈزۈل-كېسىل ئىلمىي پۇزىتسىيە ۋە ئىلمىي مەسئوليەتچانلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ يەنە تەكرارلايمەنكى؛- زامان فىزىكىلىق رىئاللىق ئەمەس. ھەم ئۇنى ھەرگىز ئوبىكتىپ رىئاللىق دەپ قارىۋىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت زاماننى تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۇر بولغان سۇبىكتىپ قورال دەپ قاراش كىرەك. زاماننىڭ ئوبىكتىپلىغى ياكى سوبىكتىپلىغى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تارىخى ئۇستىدە توختولوش بۇ ماقالىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ ماقالىنىڭ ۋەزىپىسى «زامان (ۋاقىت)»دىن ئىبارەرت بۇ ئۇقۇم ئنسانىيەتنىڭ ئۇقۇم فۇندىدا قانداق پەيدا بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكتىپ چىنلىق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ-بۇلمامدۇ؟ «زامان» ئۇقۇمى نېمە ئوچۇن زۆرۇر؟ «ئوبىكتىپ زامان» دىن نىمە ئۈچۇن ۋاز كىچىش كىرەك؟ دىگەندەك مەسىللەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۇرگۇزۇش. تۆۋەندە ئاساسلارنى قىسقىچە بايان قىلىمەن.
1. «زامان» ئوقۇمىنىڭ كىلىپ چىقىشى.
«زامان» ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپە تارىخىدا ئەڭ قەدىمى ئۇقۇم دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ قەدىملىگى ئۇنىڭ ئوبىكتىپلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. «زامان» ئوقۇمىنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ؛ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ۋە ئوربىتا بويلاپ ئايلىنىشىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىزچىل تەكرارلىنىدىغان دەۋرى ھەركەتتىن ئىبارەت. بىزنىڭ يىراق ئۆتمۇشتىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يوقورقى دەۋرى ھەركەتلەرنىڭ ئىزچىل تەكرارلىنىشىدىن «كۇن» ۋە «يىل» ئوقۇملىرىنى ئاپىرىدە قىلغان. ئىپتىدائىي كالىندارلار ۋە ئىپتىدائىي سائەتلەر دەل مۇشۇنداق تەپەككۇر يولى ۋە مىتوددىن كىلىپ چىققان. سائەت، مىنوت، سىكونىتتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇملار ماھىيەتتە ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولغان «زامان»نىڭ ئۆلچىمىگە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ مۇناسىپ مىقدارىغا – ئۇزۇنلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دىمەك «زامان»نىڭ ماھىيىتى ھەركەتتىن ئىبارەت. پەقەت ھەركەتلا ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكتىپ رىئاللىقتۇر. موبادا ئىنسانىيەت ھىچقاچان دەۋرى ھەركەت بىلەن ئۇچىراشمىغان دەپ پەرەز قىلساق (بۇ شۇنچە بىمەنە پەرەز بولسىمۇ) ئۇ ھالدا «زامان» كىلىپ چىقمىغان بولاتتى. ئەگەر ئىنسانىيەت يەر شارىدا بولماي، قۇياش سىستىمىسىنىڭ ئىچىدىكى باشقا سەييارىلەردە بولغان بولسا ئۇ يەردىكى سائەتلەرنىڭ ئۆلچىمى ئەلبەتتە يەر شارىدىكىدىن پەرىقلىنەتتى. يەنى بىر يەرشارى سوتكىسى بىلەن بىر مىركورى سوتكىسى ياكى پىلوتون سوتكىسنىڭ قىممەتلىرى شۇنداقلا يەر شارى يىلى بىلەن مىركورى ياكى پىلوتون يىلىنىڭ قىممەتلىرىنى ھەرگىز ئوخشاش بولمايتى. يەنى يەر شارى ۋاقتى بويىچە يۈزيىل ياشىيالىغان ئادەم پىلوتون ۋاقتى بويىچە ئون يىل ياشالمايدۇ. چۇنكى پىلوتوننىڭ بىر يىلى 39.44 يەر شارى يىلىغا تەڭ. كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى سائەت پەقەت پايدىلنىش سىستىمىسى قىلىنغان جىسىمنىڭ دەۋرى ھەرىكىتىنىڭ بىر يۆنىلىشلىك تەقلىدىدىن ئىبارەت. سائەتنىڭ كۆرسىتىدىغىنى پەقەت جىسىمنىڭ بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەرشارى سائىتىنى كۆزدە تۇتقاندا مەلۇم بىر ھادىسىنىڭ يۇزبىرىپ تاماملىنىشىغا كەتكەن ۋاقىت ماھىيەتتە يەرشارى ئۆز ئوقىدا مانچىلىك ماڭغىچە بۇ ھادىسە يۇزبىرىپ تاماملىنىدۇ دىگەنلىكتۇر. دىمەك، مەيلى قانداق ئويلىمايلى «زامان» ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكىتىپ رىئاللىق سۇپىتىدە مەۋجۇت ئەمەس. «زامان» ئۇقۇمىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسى دەۋرى ھەركەت، ھەركەت بولسا ھامان ماكان ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يەنى ئو مېتىرنى ۋە تەكرارلىنىش قىتىم سانىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. «زامان» نىڭ ئوبىكىتىپ رىئاللىق بولماي پەقەت ھەركەتلا ئوبىكتىپ چىنلىق ئىكەنلىگىنى تەكىتلەش ھەرگىز «زامان» دىن ئۈزۈل-كىسىل ۋاز كىچىشنى تەشەببوس قىلغانلىق ئەمەس. بۇ،پەقەت «زامان» نى سوبىكىتىپ ئۆلچەم (قورال) سۈپىتىدە تونوشقىلا بولىدۇكى ئوبىكتىپ رىئاللىق دەپ قارىۋالماسلىق كىرەك دىگەنلىكتۇر.
2. زامان –فىزىكىلىق رىئاللىق ئەمەس، پەلسەپەۋى رىئاللىق
تەجىرىبە پىېنى بولغان فىزىكىنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى، تەجىرىبە ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدىغان، ئاڭدىن مۇستەسنا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئوبىكتىپ مەۋجۇتلۇكتىن ئىبارەت. ماددا (ماسسا-ئىنىرگىيە)، ھەركەت، زەررەت قاتارلىقلار مانا مۇشۇنداق رىئاللىقتۇر. ئىنسانىيەت يارالمىغان ۋاقىتلاردىمۇ يوقارقى فىزىكىلىق رىئاللىقلار ھامان مەۋجۇت ئىدى دەپ قاراش پۈتكۈل تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئىلغار پەلسەپەنىڭ ئورتاق مەۋقەسى. ھالبۇكى، ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكتىپ ئالەمدىمۇ «زامان»بار دەپ قاراشنىڭ ھىچقانداق ئاساسىي يوق. زامان پەقەت بىزنىڭ ھەركەتنى تەسۋىرلەش، بىلىش، جەريانلارنى خاتىرلەش، ئىپادىلەش ئىھتىياجىمىزغا زورور بولغان سوبىكتىپ قورال، خالاس. بو نوقتىنى تىخىمۇ روشەنلەشتۇرۇش ئۇچۇن تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
فىزىكىلىق جەريانلار ۋە ئوبىكتلارنىڭ ھەرقاندىغى ئۈچ ئۆلچەملىك رىئاللىقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىغى ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندا ئىپادىلىنىدۇ ۋە تەجىربە ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدۇ. ھالبۇكى زامان ئۇچ ئۆلچەملىك رىئاللىق ئەمەس ۋە ئۇنى تەجىربە ئارقىلىق دەلىلىگىلى، كۇزەتكىلى بولمايدۇ. فىزىكىلىق جەريانلار قايتىلىنىدۇ، دەۋرى بولىدۇ، كۆپ يۆنىشلىك بولىدۇ. ھالبۇكى، «زامان» قايتىلانمايدۇ، پەقەت ئورتاق ئىتىراپ قىلىنغان خاراكتىر شۇكى ئو بىر يۆنولۇشلىك بولىدۇ. بىر ئۆلچەملىك بىر يۆنولۇشلۇك رىئاللىق ئوبىكتىپ بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئاڭ فۇرمىسى سۇپىتىدىلا مەۋجۇت. پۇتكۇل تەجىربە پەنلىرى ئۇنداق رىئاللىقنى بايقىغىنى يوق. ئۈچ ئۆلچەملىك رىئاللىقنىڭ بىر ئۆلچىمىنى كۆزدە تۇتۇش بۇ باشقا گەپ. تەبىئەت دونياسىدا بىر ئۆلچەملىك رىئاللىق مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىشنىڭ قىلچە تەجىربە ۋە ئىلمىي ئاساسى يوق. زامان- ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى ئەمەس، ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى پەقەت ماكاندىن ئىبارەت.
5. ئوبىيىكتىپ «زامان»نىڭ ئۇقۇم ئاساسى ئۇنى ئوبىيىكتىپ دەپ بېكىتىشكە يىتەرلىك ئەمەس.
3. «ئوبىكتىپ زامان» پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلار
2. ئاتالمىش «ئوبىكتىپ زامان» پەقەت ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرنىڭ تەسەۋۇرىنى ئورغۇتۇپ نۇرغۇنلىغان ھازىرقى زامان چۆچەكلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. زامانغا ئالاقىدار پارادوكىسلارنىڭ سانىنى ئالماق قىيىن. ئاتالمىش «قوش-گىزەك پارادوكىسى» بارلىق بىئولوگىيەلىك قانونلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك رىئاكسىيە ۋە جەريانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر، ئاللىقانداقتۇر «زامان»نىڭ نەتىجىسى ئەمەس. «ۋاقىتتا ساياھەت قىلىش»، «ۋاقت تونىلى» قاتارلىقلار پەلسەپەۋى جەھەتتىكى يىتەكچى ئىدىيىنىڭ خاتالىقىنىڭ مۇقەررەر مەھسولى. ئىنسانىيەت نۆۋەتتە ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان يالغانغا ئۆزى ئىشىنىپ قالماقتا. زامان ئۈچ ئۆلچەملىك رىئاللىق ئەمەس ئىكەن. ئۇنى «ئەگرى»دەپ تەسۋىرلەش ئەسلا ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۇنكى «ئەگرى»لىك «شەكىل» كاتىگۇرىيىگە مەنسۇپ خۇسۇسيەت بولۇپ، ھەرقانداق تەبى شەكىل ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ. «ۋاقىت تونىلى» دىگەنلىكنىڭ ئۆزىمۇ زاماننى ماكانغا ئوخشاش ئوبىيىكتىپ رىئاللىق دەپ پەرەز قىلىشىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى. ھالبۇكى، زاماننىڭ ئېنىقلىمىسىىدىكى «زامان بىر ئۆلچەملىك قايتىلانماس جەريان» دىگەن بۇ خاراكتىر بىلەن يوقورقى ئەپسانە ۋە چۆچەكلەر ئەسلا سىغىشالمايدۇ. دىمەك، ئاتالمىش «ئوبىكتىپ زامان» بۇگۇنكى دەۋر نەزىريىۋى فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىنى چوڭقۇر زىدىيەتكە پاتۇرۇپ قويدى. ئەگەر ئۇنۇڭدىن ۋاقتىدا ۋاز كەچمىسەك تاكى ۋاز كەچكەنگە قەدەر ئادەم ۋە ھاۋانىڭ ئەۋلاتلىرى قاراڭغۇ پەلسەپە ئورمانلىرىدا ئېزىقىپ، ھەقىقەت ئۇپوقىغا كۆز يەتكۈزەلمەيدۇ.
4. زاماننى سۇبىكتىپ زۆرۈر قورال دەپ تونۇش كىرەك
زاماننىڭ ئوبىكتىپلىغىنى ئىنكار قىلىش، زاماندىن ئۇزۇل-كېسىل ۋاز كىچىش دىگەنلىك ئەمەس ئەلبەتتە، زامان (ۋاقىت) مىتودى بولمىسا فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق تىزلىكنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيدۇ. زامان بولمىسا ئىجدىمائىي ھايات تەرتىۋى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بىز بارلىق پائاليەتلىرىمىزنى «زامان» ئارقىلىق تەڭشەيمىز. بىز ئادەتتە يەرشارى ئۆز ئوقىدا مانچە مىتىر ئايلانغىچە، مەن مانچىلىك ئىش قىلىدىم دەپ ئولتۇرمايمىز، بەلكى مانچىلىك ۋاقىتتا مانچىلىك ئىش قىلدىم دىسەك تىخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. بىرەيلەننى 80يىل ئۆمۈر كۆردى دىگەنلىك ماھىيەتتە بۇ ئادەم يەرشارى قوياشنى چۆردەپ 80 قىتىم ئايلانغىچە ياشىدى دىگەنلىكتۇر. دىمەك، زاماننى سوبىكتىپ قورال، زۆرۇر ئۇقۇم دەپ قوبول قىلىش ۋە ئونىڭ فىزىكىلىق رىئاللىقىنى تەسۋىرلەشكە يىتەرلىك بولغان مكرو بۆلەكلىرىنى تورغۇزۇش تولىمۇ زۆرۇر. پەقەت ئوبىكتىپ ئالەم بىز ئۆزىمىز ياسىۋالغان سوبىكىتپ قورال بولغان «زامان» غا بويسۇنۇشى كىرەك دىسەك خاتا قىلغان بولىمىز. زامان ھىچقاچان ھەرىكەتنىڭ چەكلىگۇچىسى ۋە ئىمكانىيىتى بولالمايدۇ. بايامقى 80 يىل ياشىغان ئادەم بىلەن 40 يىللا ياشىغان ئادەمنى سىلىشتۇرساق ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك، فىزىلوگىيىلىك جەريانلارنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەتكى، ئاللىقانداقتۇر «زامان» نىڭ نەتىجىسى ئەمەس، شۇڭا مەن شەكىل نەزەريىسى تەتقىقات گۇرۇپىسىدىكى ئالاقىدار ئەزالار بىلەن، سوبىكتىپ زاماننىڭ مۇتلەق ئېلمىنتار بىرلىكلىرىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن ئىزدەندۇق ۋە ئىزچىل ئىزدىنۋاتىمىز. خۇلاسە شۇكى؛ «ئوبىكتىپ زامان»دىن ۋاز كىچىش، زاماننىڭ سوبىكتىپلىغىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مۇتلەق ئىلىمىنتار بىرلىكىنى تورغۇزۇش-ھازىرقى زامان نەزىريىۋى فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىدىكى «زامان» تۈپەيلى كىلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. باشقىچە ئېيتقاندا ئاتالمىش «ئوبىكتىپ زامان» دىن ۋاز كىچىپ، سوبىكتىپ قورال سۇپىتىدىكى زاماننى مۇئەييەنلەشتۇرۇش بىزنىڭ ئالەمنى بىلىشىمىزگە ئەسلا قىيىنچىلىق پەيدا قىلمايلا قالماستىن ئەكىسچە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. 2010-8-5
|