قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇر مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنڭ 60 يىللىق قۇتلۇق تويى تەبرىكلەندى
سۈرەتتە: مەكتەپ مەسئۇللىرى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا گۈل تەقدىم قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قوروسى ئالاھىدە قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، بۇ كۈنى بۇ يەردە داغدۇغلۇق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق تويى تەبرىكلەندى.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غولامجان ئابدۇرسۇل ھەمدە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسى،قەشقەر شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، تەكلىپ بىلەن قاتناشقان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەدىپ، يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ، 6000غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ھاجى مىرزاھىت كېرىمى قاتارلىق بىر قىسىم پىشقەدەم شائىرلار مەكتەپنىڭ 60يىللىق تويىغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاپ پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ مەكتەپتىن پىنسىيەگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا گۈل تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە سىڭدۈرگەن ئەجر تۆھپىسىگە رەھمەت-تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1953-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە «شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ» دەپ ئاتالغان، 1958-يىلى 9-ئايدا نامى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن، مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە سەككىز سىنىپ، 403نەپەر ئوقۇغۇچى، 29نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە 84سىنىپ، 4200نەپەر ئوقۇغۇچى، 440نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئىشچى،خىزمەتچىسى بار بولغان، ئۆلچەملىك كاۋچۇك مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تەنتەربىيە مەيدان، ئەسلىھەلىرى، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سىفىرلاشقان ئۇنۋىرسال تەجىربىخانا، تىل ئوقۇتۇش ئۆيى، كۈتۈپخانا، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق قوبۇللىغۇچ ئۆيلىرى بار بولغان تۈرلۈك زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى يولۇق بولغان مەرىپەت بۇلىقىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مەكتەپ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە « ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدىكى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ»، « قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» ،« تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەندىن باشقا ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە مول ۋە ئۆزگىچە مەكتەپ مەدەنىيىتى، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بىلەن ۋىلايىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئۈلگە بولۇپ كەلگەن.
خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنى ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ تاييارلىغان
|