ھۆرمەتلىك تورداشلار، گەرچە ئۆزەم يىراقتا،ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوست بۇرادەرلىرىم بىلەن ھېيىت ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ ئەمما بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرمىغا ئۇشبۇ يازمىنى تەرجىمە قىلىپ قۇربان ھېيىتيلىق سوۋغا قىلىپ سۇندۇم، ئالدىراشلىق ئىچىدە پۈتتۈرگەن بولغاچقا كەمتۈك يەرلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن،ئەپۇ قىلغايسىزلەر.
(بۇ تەرجىمە ئەسىرىمنى بارلىق جاپاكەش، پەرزەنتلىرىگە بارلىقىنى ئاتىغان، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن )
كۈچ قۇۋىتىمىز كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىشتىن كېلىدۇ.
(رالىف ۋالدۇن ئېمىرسون)
كىچىك ۋاقتىمدا گىببىس دوختۇر ئىسىملىك بىر ياشانغان قوشنىمىز بار ئىدى. ئۇ مەن كۆرگەن ھىچقانداق دوختۇرغا ئوخشىمايتتى. قاچانلا قارىسام پادىچىلار رەختىدىن تىكىلگەن ئىش كىيمى ۋە چىكىلىكىگە ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆزەينىكى بىكىتىلگەن كونا شىلەپىنى كىيۋالاتتى. ھەمىشە شۇنچىلىك يېقىملىق كۈلۈمسىرەييتى،ۋە بۇ كۈلۈمسىرىشى كونىراپ يىرتىلشقا باشلىغان شىلەپىسى بىلەن شۇنداق ماسلىشاتتى. ئۇ ھىچقاچان ئۇنىڭ گۈللۈكىدە ئوينىغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋارقىرىمايىتتى. ئېسىمدە قېىلىشىچە ئۇ مەن كۆرگەن ئەڭ خۇشخۇي كىشىلەرنڭ بىرى ئىدى. دوختۇر گىببىس كېسەل كۆرمىگەن چاغلىرىدا ئاساسەن كۆچەت تىكىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇنىڭ ھويلىسى ئون ئېيكىر(يەر مەيدانى بىرلىكى)بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىلىرىدىن بىرى بۇ يەرنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۇ قابىلىيەتلىك دوختۇرنىڭ باغۋەنچىلىككە تەدبىقلىنىدىغان بىر يۈرۈش قىزىقارلىق پىرىنسىپلىرى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ باغۋەنچىلىك مەكتىپىدە ئۆگىنۋالغان جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق دېگەن تىئورىما ئىدى. ئۇ ئادەتكە قارشى ھالدا يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلىرىنى ئەزەلدىن سۇغارمايىتتى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ئۇ تەمكىن ھالدا: دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ، يەنى ئەگەر سەن ئۇلارنى سۇغارساڭ ئەسلىدە قالتىس دەرەخ بولالايدىغان جىرىملار بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سەن ئۇلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشۇڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىزلىرىنى بالدۇرلا شاللىۋىتشىڭ كېرەك دېدى. ئۇ يەنە دائىم سۇ قۇيۇلۇپ تۇرغان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىنىڭ قانداق بولۇپ ئاجىز ۋە تېيىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ۋە پەقەتلا سۇغۇرۇلمىغان دەرەخنىڭ يلىتىزى سۇ ئىزدەش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەم چوڭقۇر ئۆسۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ناھايتى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. مەن شۇ چاغدىكى ئەقىلىم بىلەن چوڭقۇر ئۆسكەن يىلتىزنىڭ ئاجايىپ قەدرىلىنىدىغانلىنى ھىس قىلغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ دەرەخلىرىنى زادىلا سۇغارمىدى،ھەتتا يېڭى تىككەن كاۋچۇك دەرىخى كۆچەتلىرىنى سۇغىرىشنىڭ ئورنىغا قاتلانغان گېزىت بىلەن ھەركۈنى ئۇلارنى قاتتىق ساۋايتىتى. مەن ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنڭ دىققىتىنى تارتىمەن دەيىتتى.
مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر گىببىس پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا يول ئالدى، مەن كېىيىن ئۆيگە قايىتقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۇ 25يىلنىڭ ئالدىدا تىككەن كۆچەتلەرنى كۆرمەكچى بولدۇم،ھەم بېرىپ قاراپ باقتىم. ئۇلار شۇنداق مەزمۇت، ھەيۋەتلىك ھەم غايەت زور دەرەخلەرگە ئايلانغانىدى. نەچچە يلىدىن كىيىن مەنمۇ بىرنەچچە تۈپ دەرەخ تىكتىم. توموز ئىسسىقتا سۇ توشۇپ ئۇلارنى سۇغاردىم،ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، راۋۇرۇس دەرەخلەرگە ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان كۆچەتلىرىم ئازىراقلا شامال چىقىپ قويدىمۇ بولدى، دەھشەتلىك ئىغاڭلاپ، شاخلىرىنى سىلكىپ تاس قالاتتى يېتىۋالغىلى، ھەي ئارزۇلۇق دەرەخلىرىم!!!!!!!
ماڭا قىزىق تۇيۇلغىنى شۇ بولدىكى ،دوختۇر گىببىسنىڭ دەرەخلىرى ئاسانلىق راھەت مۇھىتتىن ئەمەس ،قىيىنچىلىق ۋە جاپا مۇشەققەتتىن مەنپەئەتلەنگەندەك قىلاتتى.
ھەر كۈنى ئۇخلاش ئالدىدا مەن ئىككى ئوغلۇمنى بىر كۆرۈپ چىقىمەن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ئوماق بەدىنىگە قاراپ ئويغا چۆمىمەن،ئۇلارنىڭ بېشىغا كېىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە بەختسىزلىكلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. ئاخرىدا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. كۆپ ھاللاردا مەن ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئاسانلىق ئىچىدا ھايات كەچۈرىشىنى تىلەيمەن يەنى مۇنداق: پەرۋەردىگارىم، ئۇلارنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن توسالغۇلاردىن ساقلىغىن!! ئەمما كېيىنچە مەن ئۇلار ئۈچۈن قىلدىغان دۇئالىرىمنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى مەن تۇرمۇشتىكى ھەرخىل جۇت-شىۋىرغانلاردىن ساقلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ،باللىرىمىنىڭ چوڭ بولغاندا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇنداقتا مەن ئۇلارنىڭ پەقەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى تىلىشىم بەكلا كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ھاياتتا بوران چاپقۇنلار ھەممە يەردە مەۋجۇت. شۇڭا مەن كەچلىك دۇئا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتتىم، چۈنكى ھايات بىزنىڭ خالاش خالىماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى بىر مۇشەققەتلىك جەريان. شۇڭا مەن ئوغۇللىرىمىنىڭ يىلتىزىنىڭ چوڭقۇر ئۆسۈشىنى تىلىدىم، چۈنكى كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر يىلتىزلا بولىدىكەن ئۇلار ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان تۈرلۈك ئىمكانىيەت،يوشۇرۇن مەنبەلەردىن ئۆزىگە لازىمىلىق كۈچ-قۇۋۋەتنى ئالالايدۇ.
كۆپ ھاللاردا بىز ئىشلىرىمىزنىڭ ئاسان،ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز،يەنى ئاسانلىق تىلەيمىز، ئەمما بۇ تىلەكلەر كەمدىن كەم ئىجاۋەت بولىدۇ. ئەسلى بىزنىڭ تىلەيدىغىنىمىز مەڭگۈلۈك ھەقىقەتكە قاراپ سوزۇلغان مەزمۇت ۋە چوڭقۇر يلىتىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ھاۋا گۈلدۈلەپ، يامغۇر يېشىن، بوران چاپقۇنلار قۇترىغان چاغلاردىمۇ تېرى-پېرەن بولماستىن مەزمۇت تۇرالايمىز.
(فىلىپ گاللىي- ئامېرىكا )
تەرجىمە قىلغۇچى ئۆزەم.
|