كىچىك سەييارە يەر شارىنى ئۇرۇشى مۇمكىن.
تاشپولات روزى
بۇ خەۋەر ئامېرىكا خەۋەر ئاخباراتلىرىدا كەڭ تارقالدى. بۇ كىچىك سەييارىنىڭ كەڭلىكى 400 مېتىر بولۇپ ئىسمى <<2013 TV135>> ئىكەن. ئۇ بۇ يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئوتكەن ئىدى. ئۇ يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6،700،000 كەلىمىلەر بولغان. بۇ سەييارىنى ئۇكرائىنالىك ئاسترونوم 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى تاپقان بولۇپ ئۇ 2032 يىلى قايتا كېلىپ يەرشارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىكەن ياكى ناھايىتى كىچىك ئېھتىماللىق بىلەن يەرشارىنى ئۇرىدىكەن.
ئەگەر بۇ سەييارە يەر شارىغا ئۇرۇلسا ئۇرۇلغان ۋاقتىدا چوڭ بىر پارتلاش بولۇپ ھازىرغىچە پارلانغان ئەڭ چوڭ ئاتوم بومبىلىرىنىڭ كۈچىدىن 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ھازىرقى ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا ئۇرۇلماسلىق ئېھتىماللىقى تەخمىنەن 99.998 پىرسەنت ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ناھايىتى كىچىك بىر ئېھتىماللىق بار ئىكەن.
بۇ خەۋەردىن قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق چۈنكى ئۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى كىچىك ھەم كىم بىلىدۇ ئۇ يەر شارىغا يەنە قايتىلاپ كېلىپ بولغۇچە باشقا يەرلەردە سوقۇلۇپ ئۇرۇلۇپ يوقاپ كېتەمدۇ تېخى.
http://www.theguardian.com/scien ... v135-doomsday-again
|