قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 2

كومپيۇتېرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى تەرەققىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

181

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22374
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-20 03:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

كومپيۇتېرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى تەرەققىياتى 2 (داۋامى)
(تەرجىمە ئەسەر)

زامانىۋى كومپيۇتېرغا بېسىلغان  مۇھىم قەدەملەر
      1930- ۋە 1940- يىللىرى ئارىسىدا،بىر قاتار ئۈزلۈكسىز تۇراقلاشقان ۋە تىخىمۇ ئىقتىدارلىق بولغان قوللىنىشچان ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۈگۈن بىز زامانىۋى كومپيۇتېرلاردا كۆرۈۋاتقان زۆرۈر فونكىسسىيەلەرشۇ چاغلاردىن باشلاپ قوشۇلۇشقا باشلىغان.  رەقەملىك ئېلېكترون تېخنىكىسى(1937-يىلى كىلود شانەن (Claude Shannon) تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان) ۋەجانلىق پروگرامما تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى ئەڭ زۆرۈر قەدەم بولۇپ قالغان. باشتىن ئاخىرى تەكىتلەش كېرەك بولغان نۇقتا شۇكى،,تۇنجى رەقەملىك ئېلىكترونلۇق كومپيۇتېرنىڭ ۋۇجۇدقاچىقىشى  ناھايىتىمۇ بەك  قىيىنغا توختىغان.
  بۇ جەرياندىكى ئەڭ گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر بولسا :
       1. كونراد زۇسىنىڭ (Konrad Zuse's)ئېلىكترومېخانىكىلىق Z  ماشىنىسى، يەنى:  (Z3، (1941 بولسا ئىككىلىك سىستېما بويۇنچە ھېسابلاش ئىلىپ بارالايدىغان  بىرئشچى ماشىنا بولۇپ ئۇ يەنە كەسىر سانلىق ھېسابلاش ئىلىپ بېرىش ۋە پىروگراممىلىغىلى بولۇش ياكى بولماسلىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. 1998- يىلىغاكەلگەندە Z3 نىڭ تۇلىن كومپلىت (بۇ ئېنگلىزچەكەسپى ئاتالغۇ بولۇپ Turing Complete . مەنىسى ،نەزەرىيە جەھەتتىن،ئەگەر مەلۇم بىر نەرسە تۇلىن كومپلىت بولسا بۇ دېگەنلىك مەزكۇر نەرسىنى ھەرقانداقبىر ھېسابلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ دېگەنلىك ) ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  دۇنيادىكى تۇنجى مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان كومپيۇتېر بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا كونراد زۇسى دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارىلىدۇ.
       2. ئاتاناسوف بەررىينىڭ (Atanasoff-Berry) پروگراممىلىغىلى بولمايدىغان كومپيۇتېرى.  بۇ  1937-يىلى باشلىنىپ 1941-يىلى تاماملانغان بولۇپ ئۇنىڭدا ئېلىكترونلۇق لامپا(vacuum tube) ئاساس قىلىنغان ھېسابلاش ئىلىپبېرىش ،ئىككىلىك رەقەم ۋە يېڭىلىنىدىغان كوندېنساتورلۇق ساقلىغۇچ (regenerative capacitor memory.) قاتارلىقلار تېخنىكىلارقوللىنىلغان . يېڭىلىنىدىغان كوندېنساتورلۇق ساقلىغۇچنىڭ قوللىنىلىشى ئۇنى ئۆزىنىڭ باشقا نۇسخىلىرىدىن تىخىمۇ ئىخچام قىلغان، چۈنكى ئارىلىقتىكى نەتىجىلەرساقلىنىلىپلا ئوخشاش تۈردىكى ھېسابلاش بۆلەكلىرىگە يەتكۈزۈلۈپ بېرىلەتتى.
       3. بىرتانىيەنىڭ  1943- يىلى مەخپى ياسالغان گىگانت ئادەم كومپيۇتېرى(BritishColossus computers) بۇ كومپيۇتېر پروگراممىلىغىلى بولۇش جەھەتتە چەكلىمىلىككە ئىگە بولغان. ئەمما شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئەگەر مەلۇم بىر ئۈسكۈنىگە مىڭلىغان ئېلىكترونلۇق لامپىلارنى ئىشلەتكەندە خىلى ئىشەنچلىك ۋە ئېلىكترونلۇق قايتا پروگراممىلىغىلى بولۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدەگېرمانىيىنىڭ مەخپى شىفىرلىرىنى يېشىشكە ئىشلىتىلگەن.
        4. 1944- يىلى ياسالغان خارۋارد مارك بىر(Harvard Mark I). بۇ بولسا چوڭ كۆلەمدىكى ئېلېكترو مېخانىكىلىق كومپيۇتېر بولۇپ پروگراممىلاش ئىقتىدارى چەكلىمىلككە ئىگە ئىدى.
        5.ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات تەجرىبىخانىسى تەرىپىدىن1946-يىلى ياسالغان ENIAC  كومپيۇتېرى. بۇكومپيۇتېرغا ئونلۇق كەسىرلىك ھېسابلاش قوللىنىلغان بولۇپ بەزىدە ئۇ يەنە تۇنجى ئاممىباپ ئېلىكترونلۇق كومپيۇتېر دەپ ئاتىلىدۇ. (چۈنكى كونراد زۇسىنىڭ  1941- يىلى ياسالغان  Z3 كومپيۇتېرى ئېلېكتروننىڭ ئورنىغائېلېكترو ماگنىتنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن). قانداقلا بولمىسۇن دەسلىپىدە ENIAC نىڭ چىرتىيوجىدا پروگراممىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بىر خىل چاتما تاختىنى ئۇلاش تەلەپ قىلىناتتى.

   پروگرامما ساقلاش شەكلىدىكى قۇرۇلما (stored-program architecture)
         ENIAC كومپيۇتېرنىڭ بىر قانچە تەتقىقاتچىلىرى ئۆز كەمچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ناھايىتىمۇ جانلىق، نەپس بولغان يىڭى بىر لايىھە يەنى: ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان  پروگرامما ساقلاش شەكلىدىكى قۇرۇلما ياكى ۋان نىيۇمەن قۇرۇلمىسىنى(von Neumann architecture) تېپىپ چىقىشتى.
          بۇ لايىھە دەسلىپىدە جوھن ۋان نىيۇمەن(John von Neumann)تەرىپىدىن 1945- يىلى يېزىلغان" EDVACتوغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى " دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىنغان.  بۇ ۋاقىتلاردا دەل مۇشۇخىل ۋان نىيۇمەن لايىھىسىدىكى كومپيۇتېر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار باشلىنىپ كەتكەنىدى، بۇ تەتقىقاتنىڭ تۇنجىسى بولسا ئەنگلىيە مانچىستىر ئۇنىۋېرسىتىدا، University of Manchester in England) 1948)- يىلى تاماملانغان بولۇپ ئۇ كومپيۇتېرنىڭ نامى مانچىستىركىچىك كۆلەملىك سىناق ماشىنىسى(Manchester Small- Scale Experiment Machine)
  ياكى قىسقارتىلىپ  (baby  ياكىSSEM)دەپ ئاتالغان.
          (EDSAC   Electronic Delay Storage Automatic Calculator), بولسا 1949- يىلى كامبىرچ ئۇنىۋېرسىتىدا ياسالغان بولۇپ بۇ تۇنجى قېتىمقى ۋان نىيۇمەن لاھىيىسىنىڭ قوللىنىلىپ  ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتى بار بولغان،  تەجرىبىنى مەقسەت قىلمىغان كومپيۇتېرنىڭ ياسىلىشى بولۇپ ، ياسىلىپ ئارقىدىنلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبىخانىسىغا تەتقىقات خىزمەتلىرى  ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان. بۇ ماشىنالايىھىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي  ۋان نىيۇمەننىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئىلىنغان EDVAC كومپيۇتېر پۈتۈپ چىققان. ئەمما كىيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە تولۇق ۋەزىپىلىك ئىشلىتىشكە ئىمكان بولمىغان.
          ۋان نىيۇمەن لايىھەسىنىڭ بەزى شەكىللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بارلىق ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىنى كومپيۇتېر دېگەن سۆز بىلەن خارەكتىرلەشتۈرۈشكە ئەمدى ئىنىقلىما بېرىلدى.  گەرچە1940- يىلىدىكى تۇنجى ئېلىكترونلۇق ئاممىباپ كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كومپيۇتېرغا قوللىنىلغان تېخنىكىلار كۈنسايىن ھەيران قالارلىق دەرىجىدەئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ ۋان نىيۇمەن قۇرۇلمىسى ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ كېلىنمەكتە.
         1950- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋىت ئالىملىرىدىن سىرجىي سوبولىۋ (Sergei Sobolev) ۋە نىكولاي بىرۇسەنتسوۋ قاتارلىقلار (Brusentsov Nikolay)  ئۈچلۈك ساناق سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېرتەتقىقاتىغا كىرىشتى. بۇ خىل كومپيۇتېر ئاساسلىق (0،1 ۋە 1_) نى ئاساس قىلغان ئۈچلۈك ساناق سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ بۇ كۆپىنچە كومپيۇتېرلار ئاساس قىلىدىغان بۇرۇنقى  ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېرلارغا سېلىشتۇرغاندا روشەن پەرقلىنەتتى. ئۇلار موسكۋادۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىدا  (Moscow State University) ئۈچلۈك ساناق سىستېمىسىدىكى سىتۇن (Setun) كومپيۇتېرنى لاھىيىلەپ چىقتى.  بۇ ئۈسكۈنە پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە چەكلك مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىلدى. شۇنداقتىمۇ  نۇرغۇنلىغان ئىككىلىك سىستېما لايىھىسىدىكى ماشىنىلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلدى.      
                     
   يىرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
         1950- يىللاردا ئېلىكترونلۇق لامپىلار كومپيۇتېرلاردىكى ئېلىكترونلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشنى باشلىغان بولۇپ ، 1960- يىللارغا كەلگەندە بولسا ئۇ لامپىلارمۇ  ھەجمى كىچىك، سۈرئىتى تىز، تەننەرخى ئەرزان، ئاز ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان، ناھايىتى مۇقىم بولغان كىرىستال لامپىلارغا (transistor)  ئورۇن بوشىتىشقا باشلىدى. تۇنجى كىرىستال لامپىلاردىن قۇراشتۇرۇلغان كومپيۇتېر 1953- يىلى مانچىستىر ئۇنىۋېرسىتىدا (University of Manchester) كۆرگەزمە قىلىندى. 1970- يىلىغا كەلگەندە توپلاشتۇرۇلغان توكيولى تېخنىكىسى شۇنداقلا ئارقىدىنلا بارلىققا كەلگەن ئىنتىل شىركىتىنىڭ Intel 4004 تىپلىق  مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن كومپيۇتېرلارنىڭ ھەجمى كىچىكلىدى، باھاسى تۆۋەنلىدى ھېسابلاش سۈرئىتى ۋە مۇقۇمچانلىقى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا سىنئالغۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدا مەخسۇس كومپيۇتېر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار قوشۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار كىر يۇيۇش ماشىنىسىغا ئوخشاش مېخانىكىلىق كونترول قىلىنىدىغان  يەرلىك ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. 80- يىللار بولسا  ئائىلە كومپيۇتېرى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان شەخسى كومپيۇتېرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى.
        ئىنتېرنىتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ شەخسى كومپيۇتېرخۇددى تېلىۋېزور ۋە تېلېفوندەك ئائىلە ۋە شىركەتلەردە  ئادەتتىكى بىر شەيئىلەرگە ئايلاندى.نۆۋەتتە بىز ھەممىمىز ئىشلىتىۋاتقان زامانىۋى ئەقلى تېلېفونلار بولسا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پروگراممىلىغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانا تەرەققىيات شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، كومپيۇتېر تەرەققىياتى يوقتىن بارلىققا كېلىپ ئاخىرىدا ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدا بىردىن كومپيۇتېر بار بولۇش سەۋىيىسىگە يەتتى.

(داۋامى ئۈزلۈكسىز يوللىنىلىدۇ)

1

تېما

0

دوست

585

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16693
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 16:30:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 16:47:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتېر بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )