- تىزىملاتقان
- 2013-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 26
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
8.67%
|
باي ناھىيە ياقېرىق بازىرى ئۆستەڭبۇيى كەنتى رەھبىرىنىڭ توردا ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىگە قارىتا مۇنبەرگە كىرىپ بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىزاھات بېرىشىنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ.بۇ ئەلۋەتتە ئامما بىلەن كادىرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا،ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە چۈشىنىشىلمەسلىكنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
ئەلۋەتتە ئاساسى قاتلامدا مەسىلە يوق دىيەلمەيمىز،ئەمما مەسىلىلەرنى كۈزەتكەندە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىش نۇقتىنەزىرىدىن چەتنەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ،شۇ رايۇندىكى ئاساسى مەسىلە ۋە چوڭ مەسىلىلەرنى تاشلاپ قويۇپ كىچىكلىرىگە ئېسىلىۋېلىشمۇ توغرا ئەمەس.
مېنىڭ بىلىشىمچە مەزكۇر كەنت ياقېرىق بازىرى تەۋەسىدە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغان،ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىر قەدەر ياخشى قوغدىغان،ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاۋاتقان ئۈلگىلىك كەنت ھېساپلىنىدۇ.
بۇ كەنتتىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ كەنت ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،دېھقانلارغا كېسىپ بېرىلگەن ئولتۇراق ئۆي ئورنىنىڭ چوڭلۇقى،ھويلا-ئاراملارنىڭ كەڭرىلىكى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ باشقا كەنىتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە بۇنى ئەشۇ كادىرلارنىڭ ئۆز دېھقانلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ كەنت يېرىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.ياقېرىق بازىرىدا ھەرقايسى كەنتلەرگە تەۋە يەرلەردىن ئىلگىر-ئاخىرى بولۇپ يۈزمىڭمودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر ئېچىش-تەرەققىيات رايۇنىغا لازىم دىگەن باھانە بىلەن كەنىتلەردىن قايتۇرىۋېلىندى،بۇ يەرنىڭ بىر قىسمى ئاتالمىش شىركەتكە بېرىۋېتىلدى،كېيىن كۆچمەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ھازىر يەرلىك دېھقانلار ئەشۇ كۆچمەنلەردىن يەر سېتىۋېلىپ تېرىيدىغان ھالەت شەكىللەندى.ياقېرىق بازىرىدا يەر تېرىيدىغان چوڭ خوجايىنلار پەيدا بولدى،ئاڭلاشقا قارىغاندا جاڭ فامىلىلىك خوجايىىننىڭ ھازىر ياقېرىق تەۋەسىدە تېرىۋاتقان يېرى 20مىڭ مودىن ئاشىدىكەن،يېزا رەھبەرلىرىنىڭ،قىسمەن ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ تېرىۋاتقان يەرلىرى ئاز ئەمەسكەن.تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان يەر ئىگىلەش بالاسىغا تاقابىل تۇرۇپ كەنتنىڭ يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش،ھېچ بولمىغاندا كۆپرەك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كەنت رەھبەرلىرى دۇچ كېلىدىغان بېسىم ۋە تەھدىتلەرمۇ ئاز ئەمەس.مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىپ كۆپرەك مەنپەئەتنى قوغداپ قالالىغىنى يەنىلا ئوستەڭبۇيى كەنتى بولسا كىرەك.
مەن ئىنكاستا تىلغا ئېلىنغان كەنىت سېكرىتارىنىڭ شوپۇر ئىنىسى ۋە ئۇنىڭ دوختۇر ئايالىنى ياخشى بىلىمەن،ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن،يازمىدا تىلغا ئېلىنغان كەنىت دوختۇرى قىز ئالى مەكتەپنىڭ تىبابەت كەسپىدە ئوقۇغان.ئۇلار ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ مۇۋاپىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالماي ئەڭ ئاساسى قاتلامدا شوپۇر ۋە كەنىت دوختۇرى بولسا،ئەمدى ئۇنىڭغىمۇ ئۆكتە قۇپۇلسا ئەلۋەتتە بۇ ئادىللىق بولمايدۇ.
جاڭ خۇجايىن تېرىۋاتقان 20مىڭ مو يەر ۋە ناھىيە ۋە يېزا رەھبەرلىرى تۆۋەن باھادا ئۇزاق مەزگىللىك توختام بىلەن ئېلىۋالغان يەرلەر،باي ناھىيىسىدىكى ئىدارە باشلىقلىرىغا ۋە يېزا-بازار باشلىقلىرىغا تەۋە بولغان ئونلاپ يىگىرمىلەپ ئورۇندىكى قورۇ جاي،يايلاق،ئوتلاق،كان....قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرىدىغان بولساق يازمىدىكى ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس ئىشلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇدۇ.يەنە يىللار ئۆتۈپ كەنت سېكرىتارلىرىمۇ باشقا مىللەتتىن بېكىتىلدىغان زامان كەلگەندە ئادەملىرىمىز چوقۇمكى بۇرۇن ئۆزلىرى تىللىغان،ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئادەملەرنىڭ جۈملىدىن رەھبەرلەرنىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى،ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىپ قالىدۇ..... رىياللىقىمىزدا بۇنداق پاكىتلار ساماندەك تۇرۇپتۇ...
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن كەنت رەھبەرلىرى مەسىلىگە جىددى قاراپ مۇنبەردە ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ،بۇمۇ ئۇلارنىڭ تور كۆرىدىغانلىقىنى،جاھاندىكى ئىشلاردىن خەۋەردار سەگەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى،ئاممىنىڭ نىمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى نىمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلمۈگۈدەك چۈشەنمىگۈدەك ھالەتتە ئەمەسلىكىنى،ساپاسىنىڭ خېلىلا يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ....
مەن بۇ پىكىرگە ئەگەشتم ،
سز ئوزىڭىزگە ۋەكللك قىلىسز ، بىزگە ئەمەس |
|