- تىزىملاتقان
- 2013-11-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 124
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
41.33%
|
ماۋۇ ئۆزھال ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ يازمىسى ئىكەن،توۋا
-------------------------------
ئاپاق خوجا ھەققىدىكى تارىخ راسمۇ ؟
يىقىندا « مىھرىبانىم قايدا سەن » نامىلىق رۇماننى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ئارقىدىن شاھ مەشرەپ ئۈلۈپ كىتىپ ئىككى يىلدىن ئەل ئارىسىغا تارقىلىپ بىزدە ساقىلىنپ قالغان بىر نۇسقىغا ئاساسان نەشىر قىلىنغان « شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسسە » نامىلىق رۇماننى ئوقۇپ قالدىم . كاللامدا بىر سۇئال پەيدا بولدى . شاھ مەشرەپنىڭ ئۇستازى موللا بازار دىۋانە ئۆزىنىڭ قەدىناس دوستى ئاپاق خوجىغا شاھ مەشرەپنى ھاۋالە قىلىدىكەن . شاھ مەشرەپ نەزىرىمدە ناھايىتى ئىسيانكار شائىر . ئۇ گۇمىنام . سوپى ئاللا يار قاتارلىق بىر دەۋرىدىكى ھەر قانداق شائىرنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىغان . قۇرۇق شان شۆھرەت ۋە باشقىلار بىرىلگەن ۋاقىتلىق نەرسىلەرنى ئەمەس ئەبەدىيلىككە چىن مۇھەببەت باغلىغان بىر ئىنسان . شۇڭا ئىنسانلىغى بىلەن مەغرۇرۇلانغان ئىكەن . ئۇ ھەممىنى مەنسىتمەستىن ھەتتاكى شاھلارنىڭ خاندانلىرىغا . ئېسىل كۆرپىلىرىگە . ھەتتا تەختىگىمۇ سىيىپ چىچىپ قويغان ھىكايىلىرى بىلەن مەشھۇر ئىكەن . بىراق ئەدلى ئادالەتنى ياقىلاپ ياشاپ نەدە ناھەقچىلىق ھۈكۈم سۈرسە شۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ زاكۇنلىشش ئارقىلىق رەقىپلىرىنى مات قىلىپ ياشىغان بۇ ئەزىز ئاپاق خوجىنى شۈنچە ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئىلىپ تالايلىغان شېئىرلارنى يازغان ھەم يەتتە يىل خىزمىتىدە بۇلۇپ ئاپاق خوجىنىڭ دىدارىنى ئاران نەچچە قىتىملا كۆرگەن ئىكەن . مىنى ئويغا سالغان مەسىلە دەل مۇشۇ . بىز بۇ ھەقتە ئويلانساق يا شاھ مەشرەپنى ئىنكار قىلىشقا ياكى بولمىسا ئاپاق خوجىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بۇلىمىز . ئاپاق خوجىنىڭ تارىخى نۇرغۇنلىرى توقۇلما ئىكەنلىگى . لامانىڭ سۈيدۈكىنى ئىچكەنلىگىدەك يالغانلچىقلارنى مەن بەزى ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ باقتىم . ئاپاق خوجا بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكىدەك ئۇنداق رەزىل . نەپسانىيەتچى . ساتقىن . مۇناپىق ئادەم بولسا شاھلارنى مەسخىرە قىلىپ ئىنكار قىلغان شاھ مەشرەپنىڭ كۆزىدىن ، قەلىمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بۇلاتتى . شاھ مەشرەپ ھىچقانداق ئىلىم ئەھلىنى ئىتىراپ قىلماي ياشاپ كەلگەن بىر ئادەم تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئاپاق خوجا ھەققىدە . ئۇنىڭ رەزىللىكلىرى ھەققىدە بىر نەرسە يىزىپ قالدۇرمىغان ؟ خوشامەتچىلىككە ئۆچ . ئادالەت ئۈچۈن جىننى تىكىپ ياشىغان شائىر نىمە ئۈچۈن ئاپاق خوجىنى شۇ قەدەر ھۈرمەت بىلدۇرىدۇ . ئۇنىڭغا ئاتاپ شېئىرلارنى يازىدۇ ؟ ھەتتاكى ئۇ بەلىخقا بىرىپ مەھمۇد خاننىڭ ئۈزىنى ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىشىقا قىستىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل ئاپاق خوجىنىڭ سىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىڭ بەلىخلىق مەھمۇد خاننىڭ قولىدا دىگەن بىر ئىغىز گىپىنىڭ تەسىرى بىلەن بولغان ئىكەن . ئۇنىڭ دوستى ساتارى (پىرمەسىت) مەشرەپ بىلەن بىللە بىر ئۈمۈر ياشاپ بۇ ھەقتە ھىچقانداق مەنبە ياكى ئۇچۇر قالدۇرماپتۇ . مەشرەپمۇ شۇ . يەنە گۇمىنام (خىرقتى) مۇ ئاپاق خوجا ھەققىدە ئىنىق بىر مەلۇمات بىرىپ ئۇنىڭ رەزىللىكلىرىنى پاش قىلىپ ئەسەر يىزىپ قالدۇرماپتۇ . ئاپاق خوجىنىڭ شۇ زاماندىكى تەسىرىنى قىلىپ ئىيتقاندا ئىلان قىلالمىسىمۇ لىكىن كىينگە قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ھەقىقەتنى ياقىلاش ئىمكانيىتى بار ئىدى . چىنگىزخان زامانىسىدىن تارتىپ ھەر قانداق بىر تارىخ مەيلى كىم بولمىسۇن تارىخچى ۋە يازغۇچىلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلمىغان ئىكەن . بىراق بۇ ھۈكۈمدار ھەققىدە دەل شۇ دەۋىردە ياشىغان بىرەرسىنىڭ قالدۇرغان يازما تارىخى مەنبە بارمۇ ياكى بىزگە يىتپ كەلگىنى ئاپاق خوجا ئېسمىدىكى باشقا بىر ئادەمنىڭ تارىخىمۇ ؟ ئاڭلسام ئۈبىكلەر ئاپاق خوجا ھەققىدە يامان گەپ قىلسا قان تۆكۈشتىن يانماسمىش . مىنىڭ سورايدىغىنىم ئاپپاق خوجا ھەققىدىكى تارىخنىڭ چىنلغىى قانچىلىك ؟ ئوتتۇرا ئاساىيا تەۋەلىگىدە چىگرا يوق بىر شارائىتتا بۇ خارا . قەشقەر . خارەزىم . سەمەرقەنىت دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەرلەر تۇرۇپ ئۆز زامانىسىدا نۇرغۇنلىغان ئەللامە . ئالىملار ياشىغان تۇرۇپ نىمىشقا ئۇلارنىڭ يازما تارىخىدىن بىز بىز ھازىر بىلىپ لەنەت ئوقۇۋاتقان ئاپاق خوجا ھەققىدە مەلۇمات يوق ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر مۇنازىرە قىلىپ باقساق قانداق ؟ |
|