- تىزىملاتقان
- 2013-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 243
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
81%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YAVUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-19 13:15
ھون يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 15:59
كوسۇۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى روسىيەنىڭ ئىتتىپىاداشلىرى ئ ...
ئەھۋال پۈتۈنلەي سىز دېگەندەك ئەمەس،كوسوۋونى ئېتراپ قىلمايدىغان دۆلەتلەرــــــــ سېربىيەدىن باشقا رۇسىيە،گرېـتسىيەلا،خالاس.ھەتتا سېربىيە بىلەن قان-قېرىنداشلاردىن بولغان كروئاتىيە،سلوۋېنىيە،بۇلغارىيەلەرمۇ كوسوۋونى ئتىراپ قىلىدۇ.رۇسىيەنىڭ ئاتالمىش ئىتتىپاقداشلىرى قاتارىدا سانىلىدىغان ئۇكرائىنا،بېلارۇسىيەلەرمۇ ھەتتا جوڭگۇمۇ سۈكۈتتە.بۇلاردىن باشقا قالغان دۇنيا بۇنى ئتىراپ قىلشقا يۈزلىنىپ بولدى.رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئاتالمىش تەسىرىنى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسون.
ئەمدى سىزدىگەن ئۇ جەنۇبىي ئوسسېت،ئابخازىيە مەسىلىلىرىگە كەلسەك، بۇبىر تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەكلا ئىش بولدى.ئابخازلارۋە ئوسسېتلارنىڭ مەسىلىسى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ باقمىغان.ھەم ئۇيەرلەردىمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك'' قززىق نۇقتىلار'' چىقىپ باقمىغان[بۇنداق بولىشى ئەلۋەتتە ئۇيەرلەردە مەسىلە يوق دىگەننى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ].شۇنداق بولىشىغا قارىماي 2011-يىلى كۈزدە رۇسىيەئارمىيىسىنىڭ گرۇزىيىنىڭ شىمالىدىكى جەنۇبىي ئوسسېت ۋە غەربىدىكى ئابخازىييىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇيەرلەرنى قانۇنسىز ئگەللىۋېلىشى دۇنيانى چۆچۈتتى ۋە ھەيران قالدۇردى.ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ رۇسنىڭ گرۇزىيەدىن ئۆچ ئلىش ھەركىتى ئىكەنلىكىنى تېزلا بىلدى.ھەم بۇنى ھازىرغىچە ئەيىپلەپ كېلىۋاتىدۇ. رۇسىيەدىمۇ شىمالىي ئوسسېت بار،ئوسسېتلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەن بولسا شۇلارنىڭمۇ خېتىنى بېرىۋەتسە بولىۋېرىدۇ.
بۇمەسىلىدە رۇسىيەنى خەلقئارادا ھىچكىم قوللىمايدۇ.ھەتتا رۇسلار دائىم سۆڭەك تاشلاپ بېرىپ كەلگەن ئەرمەنىيەمۇ قوللاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. |
|