- تىزىملاتقان
- 2013-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 202
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  67.33%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YAVUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 16:08
21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان دۇنيادا تۆت يېڭى دۆلەت پەيدا بولۇپ بىر دۆلەت يوقالدى .ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛
1 .شەرقىي تىمۇر؛2002-يىلى ھىندونېزىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان.يەر مەيدانى 14867كۋادىرت كىلومېتر[مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تىمۇر ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ۋە غەربىي قىسمىدىكى كىچىك بىررايوننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ] .پايتەختى دىلى شەھىرى . ئاھالىسى تىمۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ.نوپۇسى،1مىليوندىن ئاشىدۇ. ھىندونىزىيە بىلەن چىگرىلىنىدۇ ،ئاۋسترالىيەبىلەن دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ.
2.كوسوۋو؛ 2007-يىلى سېربىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان.يەرمەيدانى 10870كۋادرات كىلومېتر .پايتەختى پرىشتىنا .ئاھالىسى ئالبانلارنى ئاساس قىلىدۇ.ئالبانلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزمۇستەقىللىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ كەلدى،سېربىيەمۇ بۇنى كۈچىنىڭ بارىچە توسۇپ ،يول قويماي كەلدى.1998-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى ئتشكىلاتى بۇنىڭغا ئارلىشىپ،سېربىيە-مونتېنىگرونى بومباردىمان قىلدى.سېربىيە-مونتېنىگرو[ئاتالمىش يۇگوسلاۋىيە]بۇنىڭغا تىزپۈكمەيدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ش.ئا.ئە.ت نىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي كوسۇۋودىن ئەسكەر چىكىندۈرۈپ،ش ئا ئە ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ كوسوۋوغا كىرىشىگە قوشۇلغان.ئەمما كوسوۋونىڭ ئارقىدىنلا مۇستەقىل بولۇۋېلىشىغا قوشۇلمىغان.كوسوۋونىڭ ئاخىرقىي تەغدىرىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش مەسىلىسىگىمۇ قوشۇلمىغان.ئەمما ش ئا ئە ت بۇنىڭغا 5يىل مۇددەت بىكىتىپ،سېربىيەگە مەجبۇرىي تاڭغان.شۇنىڭ بىلەن 2007-يىل كوسوۋوئالبان ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي پارلامېنت،سېربىيەنىڭ قارشىلىقىغاقارىماي، رەسمىي مۇستەقىللق جاكارلاپ ئۆزتەغدىرىنى بەلگىلىدى.
كوسوۋونىڭ نوپۇسى 2مىليوندىن ئارتۇق.شىمالدا سېربىيە بىلەن،شەرقىي جەنۇبتا ماكېدونىيە بىلەن ،غەربتە مونتېنىگرو[قاراتاغ] ،غەربىي جەنۇبتا ئالبانىيەلەر بىلەن چىگرىلىنىدۇ.
3.مونتېنىگرۇ[قاراتاغ] سېربىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققان.يەر مەيدانى 13800كۋادرات كىلومېتر.مۇنتېنىگرۇ سلاۋيانلىرىنى ئاساس قىلىدۇ .پايتەختى پودگورىتسا.سېربىيە،كوسوۋو،ئالبانىيەۋە بوسىنىيە-ھېرتسىگوۋېنالار بىلەن چىگرىلىنىدۇ.
4.جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى.ئۇزۇن يىللاردىن بىرى قوراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ خارتۇم دائىرىلىرىنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچراپ كەلگەن،ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ خارتۇمغا ئاتتىق ۋەيۇمشاق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ بېسىم قىلىشى[ئىقتىسادىي ياردەم،خەلقارادىكى نامىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈش ۋە خەلقئاراتېرورچى دۆلەتلەر قاتارىدىن چقىرىۋىتىش،بولمايدىكەن تېرورچى دۆلەتلەر قاتارىدا ئۇزاققىچە قالدۇرۇش،ئىقتىسادىي ئمبارگو يۈرگۈزۇش دېگەندەك]ۋە ئۇزۇن يىللىق ئىچكىي ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلى2012-يىلى 7-ئايدا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەرەب دۆلىتى سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.يەر مەيدانى،نوپۇسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. پايتەختى جۇبا.ئاھالىسى ناسارا نېگرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
5.سىككىم.ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت ئىدى.يەرمەيدانى 7مىڭ نەچچە يۈز كۋادرات كىلومېتر.پايتەختى گاڭتوك.ئاھالىسى شىكلارنى ئاساس قىلىدۇ.شىمالدا جوڭگو ،شەرقتە بوتان ،غەربتە نېپال ،جەنۇبتا ھىندىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ.ئاخىرى ئۆزىنى باقالماي ھىندىستاننىڭ بىرشتاتى بولۇپ قۇرۇلدى.
|
|