«دەۋرى ئالەم»ئىدىيىسى ھەققىدە
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەريىسى(ئەينى ۋاقىتتىكى "بوشلۇق نەزەريىسى")1990-يىللاردىلا"دەۋرى ئالەم"ئىدىيىسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.بۇ كۇز قاراش بويىچە بولغاندا "ئالەم"("فىزىكىلىق ئالەم") ئىزچىل كېڭيىپ-تارىيىپ دەۋرى قىلىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرى مەڭگۆ ئورۇنلۇق بولىدۇ.
مەن بۇ خىل پەرەزنى ئۇزەمنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلۇم بويىچە ،پەلسەپە ۋە لوگىكا مىتوتلىرىنى قوللۇنۇپ كەلتۇرۇپ چىقارغان ئىدىم.يەنى، مىنىڭ لوگىكىلىق ئەقلى يەكۆنلىرىم،پەلسەپەۋى ئەقلى خۇلاسىلىرىم ھىچقانداق ماتىماتىكىلىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى.
مەن، ئەرمەنىيىلىك ۋاچ.گۇرزايدىئان-V.G.Gurzadyan،ئەنگىلىيىلىك روگىر پىنروزلار -R.Penrose ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ھەققىدىكى بايقاشنى 2010-يىلى 11-ئايدا قولغا كەلتۇرگەنلىگىنى ئېلان قىلىشقانلىرىدا، شەكىل نەزەريىسىنىڭ دەۋرى ئالەم قارىشىنى قوللايدىغان بىر بايقاش مەيدانغا كەلدى دەپ ،شەكىل نەزەريىسىگە تىخىمۇ ئۇمىتۋار قارايدىغان بولغان ئىدىم.
ئەرمەنىيىلىك ۋاچ.گۇرزايدىئان،ئەنگىلىيىلىك روگىر .پىنروزلار تەمىنلىگەن يۇقۇرقى سۇرەت ،ئالەم ئارقا كۇرۇنۇش رادىياتسىيىسنىڭ مەركەزداش چەمبەرلەر بويىچە ھەربىر چەمبەر ھالقىلىرىدا پەرىقلىق زىچىلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۇرسىتىدۇ.بۇ زىچلىق پەرقى بۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم "ئالەم"بولغانلىغىنىڭ ئىسپاتى،ھەر بىر چەمبەر ئىچىدىكى رادىياتسىيەئالدىنقى قىتىملىق "ئالەم"لەرنىڭ قالدۇرغان ئىزى دەپ قارالغان.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئۇلىنىش مانا:
ۋاچ.گۇرزايدىئان(سولدا) ۋە روگىر .پىنروز
ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى،روگىر پىنرۇز خەلىقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى. بۇنداق شەخىسلەر بۇنداق چوڭ مەسىلىلەردە يەڭگىللىك بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ يۇرمەس دەپ ئويلۇدۇم.
يېقىندا تورئارىلاپ يۇرۇپ،دەۋرى ئالەم ئىدىيىسىنى 2007-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر شەخىسنى بايقىدىم.ئۇ،گىرمانيە فىزىكى مارتىن.بوجوۋالد(Martin Bojowald)ئىدى.ئۇ،1973-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۇنى توغۇلغان بولۇپ،ھازىر ئامرىكا پىنسىۋالىنىيە شىتاتلىق ئونۋېرىستېتىدا ئوقۇتقۇچى ئىكەن.ئۇ ،ئىلىم-پەن ئاسمىنىدىكى ساناقلىق ياش چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتقان نۇرغۇن تەتقىقاتلىرى،گۇزەل سالاھىيەتلىرى بارئىكەن.
مارتىن.بوجوۋالدنىڭ دەۋرى ئالەم ئىدىيىسى ۋېكېپىدىيا تور قامۇسىىدىكى Martin Bojowald تېمىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرولغان."ۋاڭيى"تورى بۇ ھەقتە خەۋەرمۇ بەرگەن ئىكەن.جۇڭگۇدىكى نۇرغۇن تور بىكەتلەر ،شۇنداقلا "خەلق"تورىمۇ بۇ خەۋەرنى بەرگەن.
在空间尺度上宇宙大反弹的原理图
مارتىن.بوجوۋالد ئۇز ئىدىيىسىنى ۋاچ.گۇرزايدىئان ۋە روگىر .پىنروزلاردىن 3 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،ئېھتىمال،ۋاچ.گۇرزايدىئان ۋە روگىر .پىنروزلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۇنىڭغا خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن.
مارتىن.بوجوۋالد تىن باشقا يەنە پائول فرامپتون 2007-يىلى كېڭىيىپ-تارىيىپ چەكسىز دەۋرى قىلىدىغان ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇنىڭ نەزەريىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا"چوڭ پارتىلاشقا قىلىنغان خىرىس،يېڭى نەزەرىيە"دەپ ئاتالغان.بۇ ھەقتە"ئىلىم-پەن"تورىدا بېرىلگەن خەۋەرنىڭ ئۇلىنىشى مانا:
作者:任霄鹏 来源:科学网 发布时间:2007-1-31 17:13:8
شەكىل نەزەريىسىنىڭ "دەۋرى ئالەم" قارىشى پەلسەپە-لوگىكىلىق بىر ئىدىيە سۇپىتىدە يۇقۇرقى دۇنياۋى داڭدارلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئالاھىزەل 20يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ،شەكىل نەزەريىسىدىكى بۇئىدىيەساقلىنىش قانۇنلىرىنى مەنبە ۋە ئاساس قىلىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرى مەڭگۇ ئورۇنلۇق دەپلا قارىلىدىكەن "دەۋرى ئالەم"قارىشىنى قوبۇل قىلماي باشقا چارىمىز يوق.شەكىل نەزەريىسىدە بۇ خىل دەۋرىلىكنىڭ مىخانىكىلىق شەرتى 29-تىئورمىچە ئېغىش بولۇپ،يۇقۇرقى دۇنياۋى مەشھۇرلارنىڭ بايانلىرىدىن،بۇنداق دەۋرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرگەن باياننى ئۇچراتمىدىم.
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 1990-يىللاردىن باشلاپ ئىلگىرى-ئاخىر ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان بەزى پەرەزلىرى كىيىن خەلىقئارادىكى تەتقىقات،كۇزۇتۇش،تەجىرىبە نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىۋاتقانلىغى "شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟"سەرلەۋھەلىك بۇ تېمىدا بايان قىلىنغان.ۋىجدانى بارلىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بۇ نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىشى،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا جىددى كۇڭۆل بۇلىشى،ئىمكانيىتى يار بەرگەنلىرى بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىپ ئورتاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرۇش ئۇچۈن تىرشچانلىق كۇرسىتىشى كېرەك ئىدى.ئەپسۇسكى،بەزىلەر ھېچ بولمىسا سۇكۇت قىلىشنىڭ ئورنىغا، شەكىل نەزەريىسىنى ھۇجۇم نىشانى،سېسىتىش نىشانى قىلىۋىلىشتى.بۇنداق كىشىلەر ھامان تارىخنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.
شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ ئورتاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۆشنى خالايدىغانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
ماگىستىردىن يۇقۇرى ئىلمى ئۇنۋانغا ئىگە،خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلى ئاساسى پۇختا،كۋانىت مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە نىيوتۇن مىخانىكىسىدىن،ماتىماتىكىدىن ئەتراپلىق ،بىر قەدەر چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە،جانلىق تەپەككۇرئىگىلىرىدىن مەسئوليەتچان بىر نەپەركىشى يۇقۇرى ئىش ھەققى بىلەن شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى ياردەمچىلىگىگە قوبۇل قىلىنىدۇ.بۇنداق كىشىلەر بولسا مەلۇم شىركەت بىلەن توختاملىشىدۇ.خالىغانلار سالاھىيىتىگە ئالاقىدار ماتىرياللارنى تۇۋەندىكى ئىلخەت ساندۇقىغا ئالدىن يوللىسا بولىدۇ:
1325193063@qq.com
بۇ تېمىنى ھەر قانداق تور بەت مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئىجازەتسىز كۇچۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنى
|