قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4366|ئىنكاس: 41

چىندىن ئۆيلەنگەن بىر ئەجنەبىنىڭ زارى-...قەيسەر مىجىت تەرجىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

7

دوست

3362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 563
تۆھپە : 707
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
چىندىن ئۆيلەنگەن بىر ئەجنەبىنىڭ زارى-
خەنزۇچىدىن قەيسەر مىجىت تەرجىمىسى  
ئىېلاۋە: بۈگۈن  بىرسى نۈندىداردا "جوڭگۇلۇق بىلەن توي قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى" ناملىق بىر تەرجىمە ئەسەرنى يوللاپتۇ. كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئەسەرانى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغدا تەرجىمە قىلىپ بىر سورۇندا كۆپچىلىككە ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم. كۆپنىڭ سورۇنىغا قۇرۇق بارغىلى بولمايدۇ-دە.
بۇ ئەسەرنى ئەجنەبىدىن كۆرە، بىر چىنلىقنىڭ يازغانلىغىنىڭ ئىھتىماللىغى چوڭ بولۇپ ئەمىليەتمۇ بار، مۇبالىغىمۇ بار، شۇنداقلا مۇھىمى كۈلكە بار!
بەلكىم بۈگۈن باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرمىگەن بولسام، بۇ تەرجىمە قىلغىنىم كومپىيۇتۇرمنىڭ ببىر يىرىدە غىرىپسىنىپ تۇرۇپ قالاتتى. ئەسلىدە بۇنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوۇرىغا سۇنماقچى ئىدىم،    ئەمما ھىچ ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
ماۋۇ بىر چاغلاردا "ئاتۇشى شى" دەپ جۆيلۈپ يۈرگەن ئادەمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ قويۇڭلار كۆپچىلىك!
****************************************************  
ئەييۇھانناس، ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس:
ھەي ئالەمدىكى خالايىق، ئاڭلاڭلا مىنىڭ زارىمنى، كۆرۈڭلا مىنىڭ چىندىن خوتۇن ئىلىپ خاراپ بولغان ھالىمنى.
كىمدى كىم چىندىن ئۆيلىنىپ ئالغىنىم بىر خوتۇن دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ بىر BS (بۇلشىت-) تۇر، چىنلار بس نى تەتۇرچە SB(شابى) دىيىشىدىكەن، مەنچە ھەر ئىككىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاشتۇر.
چىندىن خوتۇن ئالدىڭمۇ، ئالىدىكەنسەن پۈتۈن ئائىلىسىنى. يىرىم يىلغا يەتمەيلا چىنلىق خوتۇن باشلاپ كىلىدىكەن دادىسىنى، ئانىسىنى، ئىككىنجى ئاچىسىنى، ۋە ئىككىنجى ئاچىسىنىڭ بالىلىرىنى، قىسقىسى، ھەممىسىنى.
بىر ئەسىر ئىلگىرى چىنلىق ئىشچىلار كەپتىكەن سان-فرانسىسكوغا تومۇر يول ياسىغىلى، قاراپ باق بۇگۇن كالىفورنىيەگە، ئاشتى سانى مىليوندىن، قەيەرگە بارساڭ، چىنچە ئۇقمىساڭ بولمايدۇ راھەت ياشىغىلى. بۇندىن كىيىن قايسى دۆلەت جۇرئەت قىلالىسۇن تەكلىپ قىلىشقا چىنلارنى تۆمۈر يول ياسىغىلى؟
ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس!، چىنلار ئىيتقان "ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ" دىگەن سۆز دەرھەقىقەت ئىكەن راست!
ھەي نىمىسىنى دەي، كۆرگەن كۈنلىرىمگە پۇشمان يەي. ئۆيۈمنى چىنلارغا قويدۇم تارتتۇرۇپ، ئۆزۈم خىلى ئىسىل ئادەم تۇرۇپ.  تېگىمنى سورىساڭ، ئاق تەنلىك شوتلاندىيە ئۇرۇغى، زامان-زاماندىن قۇرۇق بولۇپ باقمىغان ئەجدادىمنىڭ شىر چورۇغى. ئاتا-بوۋام كورۇپ باقمىغان ھىچقاچان تېگى يۇمۇلاق قازان، ھازىر مەندىن سورىساڭ، ئاشخانامدىنلا چىقىدۇ ئىككىسى رەڭگى-روھىمنى قىلىپ خازان. ئاشخانامنىڭ تارتمىسىنى ئاچسام-مەن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىدىن تۇرىدۇ پەقەت 3 دانە ۋىلكا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ياغاچ چوكا. "زارلانما، توختا دەمسەن؟" ياق، ئۇنىڭغا كەم بولا، ئىيتىپ تۈگەتمىسەم بولمايدۇ، دەردىم بەك تولا.
چىنلار ئۆيۈڭنى باستىمۇ، بولدى تۈگىدى، خۇسۇسىلىغىڭ ئۆلدى. قايسى كۈنى ھاجەتخانىدا ئۆزۈمنى بوشۇتۇپ ئولتۇرسام، قېينى ئاتام ھاجەتخانىغا كىردى، كىردى-دە قولىنى يۇدى، تېخى مەن بىلەن ئېنگىلىزچە مەشققە چۇشتى:
how are you? and you?
)قانداقراق بالاڭزا؟ راھەتلىنىۋاتامسىلە؟(  
بەزىدە كۈتۈپخانامدىكى سافادا كىتاپ كۆرۈپ ئۇخلاپ قالىمەن، قېينىئانام مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ كىلىپ پۇتۇمغا يوتقاننى تاشلاپ قويىدۇ ھەتتا بەزىدە بەللىرىمگە ئۇرۇپمۇ قويىدۇ، كىتىپ كىتىپ خاتا يەرگە ئۇرۇپمۇ سالىدۇ. ئامال قانچە، چىنلار مۇشۇنداق قىزغىن ئىكەن، "بىر ئائىلە ئىكەنمىز، سىنىڭ-مىنىڭ قىلىشمايمىز" دىيىشىدىكەن.   ئۆز ئۆيۈمدە نەگە بارماي، ياكى قەينىئاتامنىڭ ياكى قەينىئانامنىڭ بەزىدە ھەر ئىككىسىنىڭ مۈشۈكياپىلاقتەك ماڭا كۆز تىكىپ تۇرغىنىنى بايقايمەن. مەن ئالدىدا چىراقنى يورۇتۇپ ماڭسام، ئۇلار كەينىمدىن تاپ باستۇرۇپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدۇ. ئىشقىلىپ مەن قەدەم باسقان يەرنىڭ كەينىدىن ئادەمنى قورقۇتۇپ قارڭغۇلۇق مارىلاپ تۇرىدۇ.
خانىمىم قات-قات يالتىراق بىلەن ئورۇۋاپتۇ بىر چىرايلىق پەشتاق ۋە رەڭدار گىلەمنىڭ ئۈستىنى. زەڭ سىلىپ قارىسام، يالتىراق بىلەن چۈمكەپ بوپتۇ ئۆيدىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى. تىلىۋىزورنىڭ يىراقتىن كونتىروللىغۇچىنى، پىئانونىڭ ئۈستىنى.  ئەگەر غىڭ قىلماي تۇرسام، تاسلا قالغۇدەك مىنىمۇ پىلاستىنكا بىلەن چۆمكۇگىلى. ئۇلار قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىكەن، ئۇنى ئاساسلىغى يۇيۇش ئۇچۇن ئەمەس قۇرۇتۇش ئۇچۇن ئىشلىتىدىكەن.
ئامىرىكىلىقلار ئۆي جاھازىلىرىنى تۇرمۇشىنى قولاي ۋە راھەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالىدۇ، ئەمما چىنلار باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كۆرگەزمە قىلىپ ئۆينىڭ مەرگىزىگە سالىدۇ.  ئۇلار قاتتىق ھەم سوغۇق، يۆلەنگىلى بولمايدۇ، ياتقىلى تېخى بولمايدۇ، ھەي نىمىسىنى دەي.
چىنلارنىڭ چاي ئىچىدىغان سايمانلىرى ئادەمنى تېخىمۇ چۆچۈتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ كىچىكلىگىدە ھەتتا ئۇنىڭدا 300 قىتىم چاي ئىچسەڭمۇ ئۇسسۇزلۇغۇڭ قانمايدۇ، ئىيتقىنا بۇرادەر، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ ئىچى پۇشمامدۇ؟   
ئالەمدىكى ئورۇندۇقتىن باشقا پۇتى بار، پۇرىقى بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى چىنلار مەززە قىلىپ يىيەلەيدۇ. مەن ئادەتتە ئۇلار ئەتكەن تاماقنىڭ ھەممىنى يىيەلەيمەن، ئەمما ئاغىينە، ماڭا نىمە يىگەنلىگىمنى ئىيتىپ بولما ئاۋارە، ئاڭلىمايلا قوياي، ئاڭلاپ قىلىپ قۇسۇپ سىلىپ يەردە ئوڭدا ياتماي!. كىشىلەر دىيىشىدۇ: چىنلار گۆشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن بۇنى چۈشىنىمەن، لىكىن توخۇنىڭ پۇتى، ئۆدەكنىڭ كالپۇكى، چوشقىنىڭ قۇلىغىدا قانداقمۇ گۆش بولسۇن؟ قېتىپ قالىمەن ئايالىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ھاپۇر-شۇپۇر تاماق يىيىشلىرىگە قاراپ، پۇتۇن بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ، تەرلەپ سىقىراپ، باشلىرىم پىقىراپ!. ياخشى كۆرىمەن پېقىر بىلىق يىيىشنى، ئەمما خالىمايمەن بىلىق بىشىنىڭ تەمىنى تىتىپ بىقىشنى. خالىمايمەن، ئويلىمىغان يەردىن بىلىقنىڭ كۆزى بىلەن كۆزۈمنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشىنى. قورقىمەن شۇڭا كۆزى بار جانلىقنى يەپ سىلىشنى. پەيتىنى تىپىپ چاقچاققا پۇتلاپ، ئىيتىۋالىمەن ئايالىمغا قوسىغىمدىكى مۇنۇ راست گەپنى:
ئائىلەڭدىكىلەر تالاپ يەپ تاشلايدۇ مىنى، ئاچارچىلىق بېسىپ سالسا ئامىرىكىنى، تىتىپ كىتىدۇ ھەرقاچان چوكا بىلەن مىنىڭ مۇنۇ ئەجنەبى قۇلىغىمنى، ئەجنەبى كۆزۈمنى، ئەجنەبى ئۈچەي باغرىمنى!"
چىن دورىلىرى بىلەن شورپا دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇننى ئىلىپ قالساڭ، بالاغا قالىسەن ھۇشيار تۇرمىساڭ. قوشنىلىرىڭ ھامان ساقچى چاقىرىشقا تەييار، دەيدۇ ئۇلار "خېمىيىۋى قورالنىڭ پۇرىغى كىلىۋاتىدۇ، چوقۇم ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئەسكى ئادەم بار". ساقچى كىلىپ كەتتى ئۆيۈمگە ئۇچ رەت، ھەي سايىسىدىن ھۈركۈيدىغان قوشنام دىگەن نامەرت، دەردىمگە دەرت قوشقىنىڭغا بولسۇن مىڭ لەنەت!
چىنلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يىرى - ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى. ئازراق ئىشتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدۇڭمۇ بولدى، ئۇ دەرھال ئون يىل بولغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى لەغمەننىڭ پىلتىسىنى سوزغاندەك سوزۇپ چىقىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ لەغمەن يىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك، لەغمەن ئۇزۇن، بىر تاتىم يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر تاتىم سوزۇلۇپ چىقىدۇ، خىلىغىچە تۈگىمەيدۇ.   
ئەگەر يولدىشى ئامىرىكىلىق ئايالنىڭ چىشىغا تىگىپ "sorry" دىسە، ئەپۇ قىلىدۇ، مۇبادا سەن چىنلىق ئايالغا "sorry" دەپ سالدىڭمۇ؟ "ئىيتە نىمىنى خاتا قىلدىڭ؟"دەپ كۆزۈڭگە كىرىپلاۋالىدۇ.   
چىنلىق ئاياللار تۇغما ھالدا "ئەرلەرنى ئۆزگەرتىش بۇرچۇم"دەپ قارايدۇ، ئۇ سىنى ئۆزگەرتىشكە ھەركەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىنى ئىگەللىۋىلىش، سىنىڭ پۈتۈن ۋاقتىڭنى كونتىرول قىلىۋىلىشنى ئويلايدۇ. قارىغاندا چىندىن كولۇمبۇسقا ئوخشاش غەۋۋاسنىڭ چىقمىغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس چۇنكى، سەن دىڭىزغا سەپەر قىلا قىلمايلا، چىنلىق ئايالنىڭ سورىغى توقماقتەك بىشىڭغا چۇشىدۇ: ئىيتە نەگە باردىڭ؟، كىم بىلەن باردىڭ؟، پاراخوتتا ئاياللار بارمۇ؟، يىشى قانچە، مەندەك گۈزەلمۇ؟، قانداق تونۇشتىڭ؟   شۇنىڭ بىلەن، غەۋۋاس بولماقچى بولغىنىڭغا جاق تويۇپ قولۇڭنى كۆتۈرۈپ دەيسەن: بولدى، بولدى جىنىم، بارمىدىم، غەۋۋاس بولمىدىم،مەن ئۆلەي، نىمە كۆرسەم سەن بىلەن كۆرەي.
  ئامىرىكىلىقلار بالىلىرىنى تۇرمۇشى بەختلىك، خوشال بولسۇن دەپ ئويلاپ تەربىيلەيدۇ. چىنلىقلار بالىلىرىغا قاتتىق قول، ئۇلارنى كىچىگىدىن پىئانو، چامباشچىلىق، باللىت، چىنچە ۋە ماتىماتىكا ئۈگۈنۈشكە مەجبۇرالايدۇ، ئۇلارنى 18 ياشتا دوكتور، ماگستىرلىقنى ئىلىپ بولۇپ ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزمەيلا ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرگە سەكرەشكە قىستايدۇ، 30 ياشتا پىنسىيىگە چىقىپ، 40 ياشتا پانى ئالەمگە سەپەر قىلىشقا مەجبۇرلليدۇ. بارلىق ئۆسمۈرلەر ئويۇنغا ئامراق، ياشلار تەۋەككۈلچى كىلىدۇ، ئەمما چىنلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىىڭ ئۇلارنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى  قىلىشىنى چەكلەيدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇلار بالىلىرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىن بىر مەقسىدى بالىلىرىنى قانداق قىلىپ تۈز سۇرەتتە ساراڭغا ئايالاندۇرۇشتۇر.
   مەن چىنلىق خوتۇن ئالغاندىن كىيىنلا چىن بولۇپ ياشىماقنىڭ نەقەدەر تەس ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم.     
كىم چىنلىق خوتۇن ئالىدىكەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مەڭگۇ نىشان تۈگىمەيدۇ، بىر ئۆي ئالغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ئالغۇسى كىلىدۇ، بۇنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى بىزەشلىگۈسى كىلىدۇ. بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇمىسا بولمايدۇ. ھاياتلىق ئۆچمەيدۇ، مەقسەت تۈگىمەيدۇ، جاپا ئۆكسىمەيدۇ.   


139

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   44.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6470
تۆھپە : 4209
توردىكى ۋاقتى: 1200
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا بەك پەيزى تەرجىمە قىلىپسىز!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

5

دوست

2620

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇلار بالىلىرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىن بىر مەقسىدى بالىلىرىنى قانداق قىلىپ تۈز سۇرەتتە ساراڭغا ئايالاندۇرۇشتۇر.
بىر ئۆي ئالغاندىن كىيىن يەنە بىرنى ئالغۇسى كىلىدۇ، جاپا ئۆكسىمەيدۇ.

پۇل تاپقاندىن كىيىن دىننى ئىتىقادىنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ، ئەجنەبىلەر دىنىغا كىرىدىغانلېرى كۆپ دەپ بىر خەۋەر كۆرگەن...

4

تېما

1

دوست

1575

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 261
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پاھ-پاھ، بۇ ئەجنەبىي راستىنلا چىنلىقلارنى، بولۇپمۇ چىنلىقلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپتۇ جۇمۇ، دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتىۋاتىدۇ، گەرچە مېنىڭ چىندىن خوتۇنۇم بولمىسىمۇ شۇ مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغاندىن بىرسى بار ئەمەسمۇ؟  

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22200
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغان قىرندىشمىزغا ئاپىرىن ،ھەقىقەتەن قىزقارلىق،جانلق تەرجىمە بوپتۇ.بىزمۇشۇنداق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ياخشى يىزىلغان تەرجىمە ئەسەرلىرگە بەك ئېھتىياجلىق.چۈنكى ئادەم ئۆزنىمۇ،ئۆزگىلەرنىمۇ ئاز-تولا چۈشنىشى كىرەك..

توخۇ يىگەن تۈلكى

36

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9147
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3231
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 420
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا  چۈشۈرۈپ ساقلاپ قوياي ،ئىچىم پۇشسا ئوقۇپ كۈلۈپ ئوينارمەن

قارام سوپى

7

تېما

3

دوست

3641

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 993
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھ....
بۇ ئۈندىداردا تارقالغاندىن يۈز چەندان قىززىقكەن!

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5014
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن- جۇڭگۇ دېگەنلىك بولسا، چىنلار- جۇڭگۇلار دېگەن گەپ بولۇپ قېلىپ، جۇڭگۇلۇق ئادەم دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ . جۇڭگۇلۇق دېگەننى چىنلىقلار دېسە توغرا بولامىكىن دەيمە، چىن دۆلەتنى، چىنلىقلار ئادەمنى كۆرسەتسە توغرا بولىدۇ. ئوسمان تۈركلىرىمۇ جۇڭگۇلۇق دېگەننى چىنلى (تۈركچە لى\ئۇيغۇرچە لىق، لىك، لۇق، لۈك) دەيدىكەن.

قارام سوپى

7

تېما

3

دوست

3641

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 993
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilkash يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 17:59
چىن- جۇڭگۇ دېگەنلىك بولسا، چىنلار- جۇڭگۇلار دېگەن گەپ ب ...

ھۆرمەتلەشنى خالىمىغان،چۈشەنمىگەندىكىن ئاز پىكىر قىلىپ سەيلى -ساياھەت قىلىڭ!

0

تېما

1

دوست

1265

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئائىلەڭدىكىلەر تالاپ يەپ تاشلايدۇ مىنى، ئاچارچىلىق بېسىپ سالسا ئامىرىكىنى، تىتىپ كىتىدۇ ھەرقاچان چوكا بىلەن مىنىڭ مۇنۇ ئەجنەبى قۇلىغىمنى، ئەجنەبى كۆزۈمنى، ئەجنەبى ئۈچەي باغرىمنى!»
_______________________________
ھا..ھا...ھا !      يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش.................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )