- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 533
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
6.6%
|
ئۇكام توخۇتۇر:
ھەرقىتىم يازمىڭىزنى كۆرگەندە يازمىڭىزنى ئوقۇپلا ئۆتۈپ كېتەي دەيمەنۇ يەنىلا باشقا تورداشلارنىڭ يازمىڭىزنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ خاتا ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بولىمەن.
1. سىزدىن سوراپ باقاي: سىز تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى، خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇليىتى، خىزمەت تەقسىماتىنى زادى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
قولاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ!
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمىتى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە قوتان سالغاندەك ئاددىلا ئىش ئەمەس. قوتان سالسىڭىز بىرەر ئىشلەمچى كەلمەي قويسا يۈگۈرۈپ چىقىپلا كوچىدىن باشقا بىرىنى ياللىۋالسىڭىز بولغىنى بىلەن رىياسەتچىلىككە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئالدىنقى ئايدا ئېلىپ بېرىلغان دېكتور، رىياسەتچىلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قانچىلىك كەسكىن رىقابەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرگەنسىز. كۆرمىگەن بولسىڭىز ماۋۇ تېمىدىن قايتا كۆرۈۋېلىڭ؛ تېما ئادرىسى:
http://bbs.misranim.com/thread-111360-1-1.html
رېھىم قاننىڭ ۋاقىتلىق سەھنىدىن ئايرىلىشى بىلەنلا جەمىيەتتىن بىرەر كىشىنى رىياسەتچى قىلىپ ئەكىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ھەر بىر ئىدارە-ئورگانغا مۇقىم بېكىتىپ بېرىلگەن شىتات بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ھەر بىر بۈلۈم ئىشخانىدىكى خادىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش ئورنى مەسئۇليىتى، خىزمەت تەقسىماتى بولىدۇ. ھەر بىر خادىم ئۆز خىزمەت تەقسىماتى بويىچە ئىش قىلىدۇ، رىياسەتچىلەر بولسا ئۆز مەسئۇل بولغان پىروگرامما ئۈچۈن مەخسۇس مەشىق ئېلىپ بارىدۇ. (بىر پىروگراممىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە باشقا پىروگراممىدىكى رىياسەتچىنى ئالماشتۇرۇپ شۇ پىروگراممىغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرقى ناۋا بىخ ھالىتىدە بولغاچ رىياسەتچىلەرمۇ ناۋاغا خاس خاسلىق بىلەن مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ. بىلمەي تۇرۇپ ۋەزخانىلىق قىلىش پەقەت نادانلارنىڭ ئىشىدۇر خالاس. شۇڭا ناۋادا رىياسەتچىلەرنى ناۋانى مونوپۇل قىلىۋالدى دىيىش تولىمۇ بىمەنە جۆيلۈش.
2. تېلۋىزىيەدە ئونۋېرسال ساپاغا ئېگە ھەييار رىياسەتچىلەر، ۋە ھەجۋى رىياسەتچىلەر يوق دېيەرلىك نېمىشقا مۇشۇنداق رىياسەتچىلەر مەيدانغا كەلمەيدۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپسىز. ئۆزىڭىز ماۋۇ يەر شارىدا بارمۇ-يوق زادى؟
ئىككى يىل ئىلگىرى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يۈزىگە مەشرەپ دېگەن خەتنى چېكىۋالغان رىياسەتچى(ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) بىلەن مەمەتجان روزى سايىت رىياسەتچىلىك قىلغان ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىدا تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن قىسمەن يومۇرىستىك قىلىقلارنى قىلغاندا توردا شۇ ئىككىيلەن توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەپسانە گەپلەر تارقالدى. بەزى تورداشلار ئەڭ ئاددىسى غىلجىڭ، خەنەك دېگەنلەردىن تارتىپ ئېغىرراقى ئاتا-ئانىسىغىچە ھاقارەت قىلىشتىن يانمىدى. ئۇلار شۇ ھاقارەتكە قالغۇدەك نېمە گۇناھ قىلغان؟ پەقەت خەلقىمىزنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يومۇرىستىك قىلىقلارنى قىلغان ئىدىغۇ. شۇلار ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا سىز قايسى جاڭگالدىكى چىغ تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان ئىدىڭىز؟
رىياسەتچىلىرىمىزدە ئونۋېرسال ساپا ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس. ئەنسىرەيدىغىنى توردىكى كىچىك بالىلارنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىپ ئىززەت-ئابرويىنى تۆكۈشى. خەنزۇلارنىڭ ياكى چەتئەللىكلەرنىڭ تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلار شۇنچىلىك ئەركىن، سەھنىدىمۇ خۇددى دوستلار ئولتۇرىشىدىكىدەك خىلمۇ- خىل يۇمۇرىستىك قىلىقلارنى قىلىدۇ. بەزىدە ئەدەپ چېگرىسىدىنمۇ چىقىپ كېتىدىغان قىلىقلارنى قىلىدۇ. لېكىن توردا ئۇلار ھەققىدە ماقالە يېزىلسا تورداشلار ئۇلارنى ھاقارەت بىلەن ئەمەس تىللاش ئەمەس بەلكى ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن ئالقىشلايدۇ، مەدەت بېرىدۇ. لېكىن بىزدىچۇ؟ بىرەر نەتىجە قازانغان كىشى ھەققىدە يازما يېزىلسىلا ‹‹ئىشتىنى قىسقىكەنەي، چېچى شالاڭكەنەي، غىلجىڭكەنەي، ئۇكەنەي، بۇكەنەي›› دەپ ئۆزىنىڭ غەيۋەت خالتىسىدىكى دەشناملارنى تۆكۈۋېتىدىغانلار نۇرغۇن. سىز تور دۇنياسىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان تارىخىڭىزدا بىرەر داڭلىق شەخسگە قىلىنغان ھاقارەتكە مەيدىڭىزنى كېرىپ تۇرۇپ ئىككى ئېغىز رەددىيە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟
ياق قىلالمىدىڭىز، چۈنكى سىزدە ئۇنچىلىك يۈرەك يوق، قورقىدىغىنىڭىز توردىكى توخۇتۇر نامىڭىزنىڭ تىل-دەشنامغا ئۇچراپ قېلىشى. سىزدە باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قوغدۇغۇدەك جۈرئەت يوق ئىكەنۇ، رىياسەتچىلەردىن ئۇنى بۇنى- تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بارمىتى؟
شۇڭا يازما يازغاندا توردىكى تورداشلارنىڭ مەدەنىيەت، بىلىم قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىپراق تەكلىپ بېرەرسىز.
ئىززەت-ئابرۇي تىكلىمەك تولىمۇ تەس، ئەمما ئىززىتىدىن چۈشمەك دەقىقىچىلىكلا ئىش.
|
|