قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2326|ئىنكاس: 4

ئەسىرلەردە كورىيەدە ياشىغان مۇسۇلمان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

7

دوست

3917

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1283
توردىكى ۋاقتى: 868
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 21:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            
Ⅴ-ⅩⅢ ئەسىرلەردە كورىيەدە ياشىغان مۇسۇلمان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار - تارىخ
         ئەسىرلەردە كورىيەدە ياشىغان مۇسۇلمان تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلا                 
                                          خى سو لى

( تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرستىتى پەن-ئەدەبىيات فاكولتىتى تەكلىپلىك دوكتور ئوقۇتقۇچى)



        مەلۇم بولغىنىدەك ⅩⅢ –ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىچكى ئاسىيادە ئوتتۇرغا چىققان موڭغۇل ئىمپۇراتۇرلىقى ⅩⅢ-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بىپايان ئاسىيا تۇپراقلىرىدا بىر دۇنياۋىي ھاكىمىيىەت قۇرىدۇ. جۈملىدىن جوڭڭو زىمىنىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن يۈەن سۇلالىسى (1270-1386) دەۋرىدە موڭغۇل ئەمەلدارلىرى، يۇقۇرى مەدىنىيەتكە ئىگە خەنزۇلارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈرك-ئىسلام مەدىنىيىتىگە ئىگە بولغان نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنى يۈەن سارىيىغا تەكلىپ قىلىپ، باشقۇرۇش ۋە مالىيە ئىشلىرىدا ئۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇلار يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگىنىگە ئوخشاش، باشقۇرۇش ئىشلىرىدىمۇ بۇيۇك نۇپوزغا ئىگە ئىدى. بۇ ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار ، رېيىن گروسېت نىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك ئىپتىدائىي موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ ، يەرلىك ئەمەلدار، باج يىغقۇچى ۋە مالىيە مۇشاۋۇرى سۈپىتىدە جوڭگۇنى ئەمەلىيەتتە باشقۇرغان.
          تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈەن سارىيىدا قىلغان بۈيۈك خىزمەتلىرى تىزلا ھەر ساھەدە قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. خۇسۇسەن، يۈەن سۇلالىسىغا قاراشلىق بولغان كورىيەدىكى كوريو خانىدانلىقى (918-1392) تۈرك-ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ، موڭغۇل بەگلىرى بىلەن بىللە خىزمەتچى، تەرجىمان، كاتىپ، خاس مۇھاپىزەتچى، تەربىيىچى قاتارلىق ۋەزىپىلەر بىلەن ياكى سودىگەر بولۇپ كوريو جەمىيىتىگە كىرىشى تەبىئىي تەرەققىياتقا سەۋەپ بولغان.
         ئوتتۇرا ئاسىيالق مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ كورو سارىيىدىكى ئورنىنڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ۋە كورىيە جەمىيىتىگە سىڭىشىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولسا، كوريو خانىشى بولغان قۇبلايخاننىڭ قىزى، موڭغۇل مەلىكىسى چەكۇكنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كورىيەگە كەلگەن سامغا ئىسىملىك مۇسۇلماندۇر. كوريوسا (كورىيە تارىخى) ناملىق تارىخى مەنبەدە بىر خۇيخۇي (مۇسۇلمان) دەپ تەرىپلەنگەن سامغا نىڭ ۋەسىقىلەردە كۆرۈلگەن بەزى نوقتىلار دىققەت بىلەن كۆزگە ئېلىنسا ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر مۇسۇلمان تۈركنىڭ ئۇيغۇر تۈركى ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ.
         سامغا كورىيەلىك بىر ئايالغا ئۆيلىنىپ كورىيەگە يەرلەشكەن ۋە كوريو خانى ۋە خانىشىنىڭ خاس ۋەكىلى بولۇپ كوريو-يۈەن سىياسى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان. كوريو خانى تەرىپىدىن بېرىلگەن كورىيىچە « چاڭ سون روڭ» ئىسمى بىلەن تونۇلغان سامغا، ھېلىھەم كورىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان «دوكسۇ چاڭ»جەمەتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دوكسۇ چاڭ جەمەتىنىڭ شەجەرىسىدە سامغا دىن ئىتىباەن 25 ئەۋلات داۋاملاشقان ئائىلە تارىخى ئالاھىدە بىر شەكىلدە مۇھاپىزەت قىلىنماقتا. 25 ئەۋلات بويىچە كورىيەلەشكەن تۈرك نەسىللىك چاڭ ئائىلىسى ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركلەر كوريو ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان چوسون خانىدانلىقى دەۋرىدە 150 يىل ئۆز خاسلىقىنى قوغداپ ، كورىيە زىمىنىدە تۇنجى تۈرك-ئىسلام جەمىيىتىنى تەشكىل قىلغان.
        مۇسۇلمان تۈركلەر كورىيەلىك ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ۋەزىپىلەردە بۇلۇپ، قەدەممۇ قەدەم كورىيەلەشكەن بولسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن، بىر مۇددەت باشكەنت كيوسوڭ ۋە ئەتراپىدىكى بەزى شەھەرلەردە ئۆز جامائىتىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆز ئەنئەنىلىرىنى ۋە دىننى پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغان. جەمىيەتلىرى ئىچىدە ئۆز بايراملىرىنى تەبرىكلەشكەن، مىللىي كىيىملەرنى كىيىشكەن. ھەتتا يېكوڭ ناملىق جامى ئىشائا قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. ئىسلام جامائەتلىرى ئارىسىدا ئىسلامى مەسىلىلەرنىڭ يېشىلىشى، ۋە تەرتىپلىك ئىبادەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ۋەزىپىدىكى دىننى زاتلار بار ئىدى. ئۇلار رەسمىي ئوردا مۇراسىملىرىغا مۇنتىزىم تەكلىپ قىلىنغان،ئۇ يەردە قۇرئان ئوقۇپ، خاننى تەبرىكلەپ ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، دۆلىتىنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن ئىسلامىي ئۇسۇلدا دۇئا قىلغان. ئۇلارغا جوڭگۇدىكىدەك كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاراچىلىق ۋەزىپىسى يۈكلەنگەنلىكى ئىھتىمال.
         كورىيەگە يەرلەشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمانلاردىن بولغاچقا بەزى مەدىنىيەت تەركىپلىرىنىڭ كورىيىدە تارقىلىشىغا سەۋەپچى بولغان . بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى ھىچ شۈبھىسىزكى تۈرك-ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىنىڭ كوريو خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن چۇسون خانىدانلىقىنىڭ باشلىرىغا قەدەر كورىيە ئوردىسىدا كەڭ قوللىنىلغانلىقىدۇر.
         مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇل دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر موڭغۇللارنىڭ رەسمى يېزىقى بولدى. پەقەت قۇبلايخان دەۋرىدە موڭغۇل تىل مەدىنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن پاسپا دىيىلىدىغان تىبەت ۋە سانسىكىرت ئېلىپبەسىدىن تۈزۈلگەن بىرخىل يېزىق قوللىنىلغان بولسىمۇ ، بۇ يېزىق ئارزۇ قىلىنغان نەتىجە بەرمىگەچكە ئۇيغۇر يېزىقى داۋاملىق قوللىنىلغان. موڭغۇل-يۈەن ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى ئۇيغۇر يېزىقىغا ياندىشىپ ئۇيغۇر تىلىمۇ يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا سالاپەت تىلى بولۇپ قوللىنىلغان.
         كۆرىۋاتقىنىمىزدەك، بۇ دەۋىردە كورىيەدە يۈەن سۇلالىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ياكى كورىيەلىكلەر بىلەن ئۆزلىشىپ كەتكەن كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمان تۈركلەر كوريو ئوردىسىدا بۈيۈك نۇپۇزغا ئىگە بولۇپ، سىياسى، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان دەسلەپكى ۋاقىتتا موڭغۇل ئوردا خادىملىرى سۈپىتىدە بىرتۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ كوريو ئوردىسىدا ۋەزىپىدە بولۇشى ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كوريو ئوردىسىدا تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان. بۇ سەۋەپتىن ، يۈەن ئوردىسى بىلەن خەۋەرلىشىش ۋە تاتۇ ( ھازىرقى بېيجىڭ) دىكى موڭغۇل ۋە تۈرك خادىملار بىلەن يېقىن ۋە دوستلارچە مۇناسىۋەتتە بولۇشقا مەجبۇر بولغان كوريو ئوردا خادىملىرى ۋە يۇقۇرى قاتلام خادىملىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئۆگۈنىش شەرت بولغان. شۇ يۈزدىن كوريو خانىدانلىقىدا موڭغۇل تەسىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋاقتىدا(ⅩⅢ -ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن - ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە) ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى كەڭ تارقالغان ،ۋە غەيرى رەسمىي ئوردا تىل-يېزىقى ھالغا كەلگەن. موڭغۇل مەلىكىسىمۇ ئۇيغۇر ئەلچىلەر ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ،يۈەن سارىيىغا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان مەكتۇپلارنى يوللايتتى.
          كوريو خاندانلىقىىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە كەڭ تارالغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ چوسون خانىدانىدىمۇ مۇھىم چەتئەل تىللىرى ئارىسىدىن يەر ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. 1395 –يىلىغا ئائىت بىر ۋەسىقىگە قارىغاندا ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان بىر تەشرىفات خادىمىنىڭ ئىلتىماسىغا قارىغاندا «دۆلەتلىك تەرجىمان تاللاش ئىمتىھانى » دا موڭغۇلچە بىلەن باراۋەر ئۇيغۇرچە نىڭ مۇ رەسمىي چەتئەل تىلى بولۇشى قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭدىن 30 يىل كىيىن، يەنى 1323-يىلدىكى بىر ۋەسىقىگە قارىغاندا ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر تەشرىفات ۋەزىرلىكىدە موڭغۇلچە، پاسپاچە ۋە ئۇيغۇرچە رەسمىي تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىلگەن.
        دۆلەتلىك تەرجىمە خادىمى بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھانغا ئىلتىماس قىلغان نامزاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كورىيەلىك بولۇشىغا قارىماي ⅩⅤ-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئۇيغۇرچە نىڭ رەسمىي چەتئەل تىلىلىرى ئارىسىدىن يەر ئېلىپ مۇناسۋەتلىك ۋەزىرلىكلەرگە ئۆگىتىلىشى ، ئۇ ئەسنالاردا ھېلىمۇ چوسون ئوردىسىدا مۇسۇلمان-تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە كورىيە جەمىيىتىدە يەرلىشىپ ئۇيغۇرچىنى ئانا تىلى قىلىپ سۆزلەشكەن مۇسۇلمان تۈركلەر سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كوريۇ ئوردىسىنىڭ بۇ خىل پايدىلىق سىياسىتى ئەينى زاماندا كورىيەدە ياشىغان ئويغۇرلارغا دۆلەت دەرىجىسىدىكى ئۇيغۇرچە مائارىپ ئەزالىرى ۋە ياكى رەسمى دۆلەت تەرجىمە خادىملىرى بولۇپ ئىشلەش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن.
         ئۇزۇن مۇددەت ئۆز جامائىتىنى تەشكىل قىلىپ، ئەركىن ھالدا دىننىي ۋە مەدەنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاشقا تىرىشقان كورىيىدىكى مۇسۇلمان تۈركلەر،1427-يىلى ئىسلامىي ئىبادەتلەر ۋە مىللىي قىياپەتلەرنى ( مىللىي كىيىم-كىچەكلەر) چەكلەيدىغان قارارنامىنىڭ چىقىشى بىلەن ناھايىتى جىددى بىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. ھالبۇكى،ⅩⅢ -ئەسىرنىڭ ئۈچۈنجى چارىكىدىن ئىتىبارەن ⅩⅤ-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىگە قەدەر بولغان 150 يىل ئىچىدە ئىبادەتلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى، تىلىنى ۋە ئۆزلىرىگە خاس قىياپەت ( مىللىي كىيىم كىچەك)لىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كورىيەگە يەرلەشكەن تۈرك ۋە مۇسۇلمانلار ، چۇسۇن خانىدانلىقىنىڭ داۋاملىق يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئاستىدا تەدرىجى ھالدا بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقان. ⅩⅤ-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يولغا قويۇلغان بۇ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى كورىيەدە ئىسلامىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ يوقۇتىلىىشىغا ۋە كورىيە جەمىيىتىدە تەسىرى بار بولغان بەزى تۈرك مەدەنىيەت تەركىپلىرىنىڭ يوقۇلۇشىغا تۈپ سەۋەپ بولغان.

           بۇ ئەسەر   تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرسىتېتى پەن-ئەدەبىيات فاكولتىتى « تۈركلۈك تەتقىقات ژورنىلى»  نىڭ 1988يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان  كورىيىلىك دوكتور  ىې سو لى   نىڭ ئەسىرى بولۇپ، تەرجىمە قىلىپ يوللاندى.


0

تېما

0

دوست

468

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22345
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 16:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كاللامغا نۇرغۇن چىگىش خىياللار كەلدى،ئەمما جاۋابىنى تېپىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلۋاتىمەن...............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

خوجە

0

تېما

10

دوست

4502

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1247
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 20:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار پارچىلانغاندا  بىر بولۇك ھونلار  ھىنگان تاغلىرىدىن ئۆتۇپ دىېڭىزغغا چىكەتكەن ، مىنىڭچە  ئۇلار كىمە بىلەن ئامېرىكىغا بارمىغانلا بولسا ،،كوريە ۋە  ياپۇنىيە تەۋەلىكىدىكى ئاراللارغا بىرىش مومكىنچىلىكى يۇقىرى ،

1

تېما

5

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 13:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ  كورىيىدە بۇرۇندىن ئولتۇراقلاشقان 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار بولۇپ،بۇ ھەقتە بىر كورىيەلىك مونوگرافىيلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان ئىكەن.ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق بارغانلىقى ۋە بۇ خاتىرىنىڭ تەپسىلاتى مەلۇم ئەمەس،

2

تېما

37

دوست

4650

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1463
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك يوللانمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈرلەر!
ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان توھپىلىرىنى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئالەمگە مەشھۇر ئۇلۇق ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغى نامى بىلەن سەلتەنەت  سۈرگەن يىللاردا كارامەت ئىلمىي مەدەنىي يېڭىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
ئەمدى، ماقالىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرۇلۇق كىچىككىنە ئىزاھات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
1) ئۇيغۇر تىلىدا سۆزنىڭ قوشۇمچىلىرى تۇمۇر قىسمىدىن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. ئايرىپ يېزىش تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسىدىلا بار. شۇڭا بىز :
گروسېت نىڭ ـــــ گروسېتنىڭ ، سامغا نىڭ ـــــ سامغانىڭ  دېگەن شەكلىدە يېزىشىمىز كېرەك.
2) ئۇيغۇر تىلىدا  ‹پ› ، ‹ت› ، ‹ك› ، ‹ق› ھەرپلىرى بەلگىلىك ئورۇندا قاتارى بۇيىچە ‹ب›،‹د›،‹گ›،‹غ› غا ئالمىشىپ يېزىلىدۇ.
تۈۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:
./thread-27697-1-1.html
شۇڭا:

ئىمپۇراتۇرلىقى ـــــ ئىمپېراتۇرلىغى
يىغقۇچى ـــــ يىققۇچى
تىزلا ـــــ تېزلا
خانىدانلىقى ـــــ خانىدانلىغى
يۈكلەنگەنلىكى ـــــ يۈكلەنگەنلىگى
يېزىقى ـــــ يېزىغى

شەكلىدە يېزىلىشى كېرەك.

ئەمدى:     ئوتتۇرغا ـــــ  ئوتتۇرىغا ،  جۇڭڭۇ  ـــــ جۇڭگۇ  شەكلىدە يېزىلىشى كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )