- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13788
- نادىر
- 2
- يازما
- 1363
ئۆسۈش
9.47%
|
ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغىلى خۇشياقماي سوزولوپ ياتقىنىمدا تەرەتكە سۇ تەييارلاشتىن باشلاپ،چاي قاينىتىش،ياڭاق چىقىش،سۈت قاينىتىش ،ناشتىلىق تەييارلاشتىن باشلاپ ھەممىنى قىلىپ داستىخانغا ئەكەلگەن ،مەن نامىزىمنى ئوقوپ بولوپ تەييار ناشتىلىقنى ھوزور بىلەن يەپ تاماق قاچامنى ئورنىدا قويوپ ئىشقا ماڭسام ئايالىم شۇ قاچىلارنى يۇيۇپ،داستىخانننى ،ئوران -كۆرپىلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ،ئۆينى تازلاپ ،يۈگىرەپ دىگەندەك چارچاپ ھالى قالمىغاندا ئىشقا ماڭىدۇ .چۈشتە ئىشتىن كىلىپ قورساق ئاچلىقىدا مەن كومپىيوتىر ئالدىدا تۇرغىنىمدا ياكى باشقا ئىشلىرىم بىلەن مەشخۇل بولغىنىمدا ئۇ يەنە شۇ تاماق ئىتىش بىلەن مەشخۇل ،مەن تەييار تاماقنى يەپ ئۆز ئىشلىرىم بىلەن ئەمما ئۇ يەنە قاچا يۇيۇشتىن باشلاپ ئۆي يۇغۇشتۇرۇشقىچە بولغان ئىشلاردا پالاقشىپ ئاران ئۈلگىرىدۇ.چۈشنتىن كىيىن ئىشتىن ھىرىپ ئىچىپ كەلگەندىمۇ شۇ .تاماق ئىتىش،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش،كىر يۇيۇش،مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش...مەن بولسام خىزمەتتىن باشقا ئۆينىڭ ھىچ ئىشىنى قىلمايدىكەنمەن.ئەمما ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ،يەنە كىلىپ خىزمىتى جاپالىق...
ئايالىم بۇ ئىشلارنى قىلغاندا قاقشاپ ياكى قىيداپ ،باتناپ ئەمەس .خۇددى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندەك تەبىي قىلىۋىرىدۇ.دەل مۇشۇنداق قىلىشلار مىنى ئويغىتىۋەتتى.مەن ئايالىمنىڭ بۇ جەۋرى جاپاسىدىن ئانامنىڭ مىنى بىقىپ مۈشۈنچىلىك قىلغىچە بولغان جەريانىدىكى جەۋرى جاپاسىنى ،ئائىلىمىز ئۈچۈن تۆلىگەن ئۈنتىنسىز بەدەللىرىنى ھەقىقىي كۆردۈم.شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنى تەبىيلا باشقىدىن،چىن يۈرىگىمدىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم،شۇڭا بەزىدە قولومدىن كەلگۈدەك ئىشلار بولسا قىلىۋىتىدىغان بولدۇم،مەسىلەن:بۇرۇنراق كەلگىنىمدە چاي قاينىتىپ دەملەپ قويوش ياكى بەزىدە ياخشى قىلالمىساممۇ سىرتتىن تاييار كەسمە خىمىرنى ئەكىرىپ سۈيۈقئاش قىلىش دىگەندەك.ئۇندىن باشقا ئىلگىرى ماتىرىياللىرىم ،نەرسە كىرەكلىرىمنى خالىغانچە قويغان بولسا ھازىر ئۆز ئورنىغا قويىدىغان ،يىمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى قالايمىقان قويمايدىغان بولدۇم.
ئەگەردە ئايالىم شۇ ئىشلارنى ئازراق قىيداپ ياكى باتناپ قىلغان بولسىدى ياكى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش خىزمەت قىلىمەن.ئۆيدە شۈنچە ئىش قىلسام سەن ھىچ قىلمايسەن دىگەندەك ئويلاپ قالغان بولسا ئىدى مەندە بۇ ئويغىنىش ئەمەس ئۇنىڭغا بولغان نەپرەت ئويغانغان بولار ئىدى...
ئايالىمنىڭ شۇ بەدەللىرىگە قاراپ ،ئايالىم شۈنچە قىلىۋاتقانلىرىغا ،ئۆزۈمنىڭ بولسا ھىچ ئىش قىلمىغىنىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ بىر ئەركەككە خاس بولغان ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە كەسپى ئىشلرىمدا ئۈزۈپ چىقىش ياكى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونوپ يەتتىم.ئەگەر قولومدىن ھىچ ئىش چىقماي،ئائىلەم ۋە جەمىيەتكە نىسبەتەن ھىچبىر رولىم بولمىسا،ھىچئىشنى بىشىغا ئىلىپ چىقالمىسام مەن تۇزكور بولغىدەكمەن ،ئايالىمنىڭ جەۋرى جاپاسىغا يۈز كىلەلمەيدىكەنمەن دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ تىل ئۈگىنىش،كىتاب كۆرۈش،ئائىلىمىزنىڭ ئىتىسادى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش دىگەندەك ئىشلارغا سۇنىڭ ئىقىشى ،تۈكنىڭ يىتىشىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماي مەسئۇلىيەتچ |
|