ۋەھشى ئالدامچىلىقلار ئەتراپىمىزدىلا
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئىلاۋە :ئالدامچىلىق بەزىدە كىچىك ئىش ،لىكىن ھاياتىمىزغا ۋە پۇل -پۈچەككە دەخلى قىلغاندا سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . بەزىدە بەزى ئالدامچىلىققا يولۇقۇپ ئۆزۈمچە چۆچۈپ باشقىلارغا دەيمەن ،لىكىن ئۇلار بۇ ئاللىبۇرۇن كونا ئالدامچىلىق بولۇپ قالدى دەيدۇ ، شۇڭلاشقا جەميەت بىلىملىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرىمەن .مەنمۇ نەچچە قېتىم ئاڭلاپ باققاچقا كۆز ئالدىمدا قىلىنغان بەزى ئالدامچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالدىم شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىىپ ،بۇ ئۆزەم تەرجىمە قىلغان ۋە يولۇققان ئالدامچىلىقلارنى قىسقىغىنە سىلەرگە سۇندۇم ,بۇلار ئىلگىرى تورغا سۇنۇلغان بولۇپ تورداشلار ئىنكاس ئارقىلىق يولۇققان ئالدامچىلىقلارنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ ، شۇلارنى كۆرۈپ كۆپچىلىككە يەنە بىر ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم . كۆپچىلىكمۇ ئەگەر يولۇققان ئالدامچىلىقلار بولسا ئىنكاس بىلەن كۆپچىلىككە ئەسكەرتىش بېرىشىنى قارشى ئالىمەن ، بولمىسا تۆۋەندىكىلەردىن ساۋاق ئالسىمۇ بولىدۇ .
1.ئالدامچىلىق :مەلۇم بىر شەھەردە يېڭى ئىشقا چۈشكەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ،ئۇ بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن كوچىدا بىر كىچىك قىزنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ-دە ،ئىچ ئاغىرتىپ بېرىپ ،
ــ قىزىم ،نىمە بولدىڭىز ؟ــ دەپ سوراپتۇ.
ــ دادام مۇشۇ قەغەزنى بەرگەن لىكىن دادامنى تاپالمىدىم ،قورقىۋاتىمەن ،ئۆينى تاپالمايۋاتىمەن .ــ دەپتۇ.
ئۇ مۇئەللىم كىچىك بالىنىڭ ئوماقلىقىنى،بىچارىلىكىنى كۆرۈپ ئۇ ئادرىس بويىچە ئىزدەپ ئۆينى تېپىپتۇ ،قوڭغىراقنى بېسىپتۇـ دە،نىمە بولغىنىنى بىلمەپتۇ. ئەتىسى بىر ئەسكى ئۆيدە ئانىسىدىن تۇغما پېتى ئۆزىنى كۆرۈپتۇ .ئەسلىدە قارا نىيەت ئونسۇرلار قوڭغىراققا توكلۇق ئەسۋاب ئورنىتىپ ،ئۇنى توكتا ھوشىدىن كەتكۈزۈپ ،كىچىچە نۇمۇسىغا تىگىپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن ،ھېلىقى كىچىك قىزمۇ باشقىلاردىن ئىجارىگە سېتىۋالغان قىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
2.ئالدامچىلىق: مەلۇم بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ،بىر قېرى ئادەمگە ئورۇن بەرگەن ۋە ئاپتۇبۇسنىڭ ئېسىلىش كالتىكىگە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرغان ،شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئاستا قېشىغا كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا:«سىز راستىنلا ياخشى ئادەم ئىكەنسىز» دىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرسىگە بىرنى قېقىپ قويغان. ئپتۇبۇستا ئادەم بەك جىق ئەمەس ئىكەن .ئۇ ئايالنىڭ بىردەمدىلا بېشى قېيىپ ،ئۇيقۇسى كىلىپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ،ئۇ ئايال دەرھال يۈگرەپ بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ :«ئۇ ئادەم ماڭا خېمىيەلىك دورا بەردى ،مەن بولالمىدىم مەن ئۇنى تونۇمايمەن ،مىنى دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا ئاپرىڭلار» دەپلا ئايلىنىپ كەتكەن،ئۇ ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان .كىيىن بۇ شايكا تۇتۇلغان ،ئەسلىدە ئۇلار ئادەمنىڭ ئەزالىرىنى ساتىدىغان شايكا بولۇپ ،بىركىشىگە يېقىنلىشىپ ،بىر خىل خېمىيلىك دورا ئارقىلىق شۇ كىشىنى ئايلاندۇرۇپ ،ئۇنى باشقىلارغا« تۇغقىنىم »دەپ قويۇپ ،ئالداپ ئاپىرىپ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتىدىكەن .بۇنداق خېميىلىك دورا دى ئىن ئف دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ،پۇرسىلا قىسقا مۇددەت ئادەم ھوشىدىن كىتىدىكەن .بەزى ئونسۇرلار تېخى كىتابنىڭ ئارىسىغا بۇنى سۈركەپ ،باشقىلارغا سوقۇلغان بولۇپ ،باشقىلار كىتابلىرىنى تېرىشىپ بەرگەندە كىتابنى ئېچىپلا پۇرتىۋىتىدىكەن -دە رەزىل مەقسىدىگە يىتىدىكەن .
3. ئالدامچىلىق: بىر كۈنى بىر ئادەم بىر ئاپتۇبۇس بىكەتكە كەلگەندە ئارقا ئىشكىنى توراپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ،«چۈشمەي تۇرۇڭلار،مىنىڭ تىلفۇنۇمنى ئوغرى ئالدى ،كىم ئالغىنىنى بىلمىدىم ،ماڭا بىرسىىڭلار تىلفۇننى بېرىپ تۇرساڭلار مەن تېلفۇن قىلىپ ئوغرىنى تېپىۋالسام »دىگەندە بىر نەچچە ئاقكۆڭۈل كىشى يان تېلفۇننى تەڭلىگەن،ئۇ تاللاپ ئەڭ قىمىمىتىنى ئالغان ۋە تېلفۇن قىلغان بولۇپ ،دەرھال تىلىفۇننى ئېلىپ قاچقان .ئۇلار نىمە ئىش بولغاننى بىلىپ بولغۇچە ئوغرى كۆزدىن غايىپ بولغان.مۇنداق ئالدامچىلىقلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە
4.ئالدامچىلىق :مەن بىر كۈنى بېيجىڭدىن قايتىپ كىلىپ تيەنجىندە بىكەتتىن چىقاي دەپ تۇرغان ئىدىم ،تۇيۇقسىز بىر ئادەمنىڭ قېشىمغا كىلىپ مەن بىلەن بىللە ماڭغىنىنى كۆردۈم ،مەن شۇنداق ھەيران قالدىم ،بۇ ئادەم ئاستا ماڭا يېقىنلاشتى-دە ، ماڭا بىر ئالما تېلفۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ « بۇنى ئوغۇرلاپ كەلدىم بۇنى ئالامسە ؟»دېدى .مەن قارىسام راس ئالما تېلفۇنكەن .نەچچى دەپ سورىسام ،«1200يۈەن»،دېدى،«مەن 150كە بېرەمسە ؟» دىدىم .ئۇ ماڭا يېقىن كىلىپ ،«بوپتۇ،تىز بول ئەمىسە »دېدى .مەن پۇلنى ئالاي دەپ تۇرسام ،ئۇنىڭ قولىغا دىققىتىم چۈشۈپ قالدى .ئۇ تىزلىكتە يەنە بىر تىلفۇنغا ئالماشتۇرىۋالدى-دە ،ماڭا تەڭلىدى . مەن قارىسام ئۇ بىر ئېچىلمايدىغان ،شەكلى ئالما تىلفۇنىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر تىلفۇننى بەردى.مەن بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققاچقا ،ئۇنىڭغا «مىنىڭ بۇ پۇلۇم جا پۇل،جا غا جانى تىگشەمدۇق؟» دىسەم ئۇ گەپ-سۆز يوق كىتىپ قالدى.
تورداشلار ئىنكاس قىلغان ئالدامچىلىقلار :
1. ئاجايىپ ئىشلار بار مەن شاڭخەيگە ئوقۇشقا كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆرگىنىم ئۇيغۇر كاۋاپچىلارنڭ ئالدامچىلىقى بولدى ئۇلار ئىشەك گۆشىنى قوي گۆشىنىڭ سۈيگە چىلاپ ئەپچىقىپ قوي گۈشى دەپ ساتىدىكەن ئىسىت ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يۈزى ئاشۇنداق بىرقىسىم ناكەسلەرنڭ قولىدا يەربىلەن يەكسان بۇلۋاتىدۇ
2.شىمالى شىنجاڭ،تۇرپان-قۇمۇل،كورلا تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلار خۇمدانلىق(نىئەنزىگو بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشىدۇ).كۆپچىلىككە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي،بېكەت ئەتراپىدا ئوغرى-يانچۇقچى،ئالدامچىلار بەك كۆپ،شۇلاردىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەڭ،يۇقارقى دوستلار دېگەندەك،ئەرزان تېلېفون سېتىش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش،چەتئەل پۇلى ئالماشتۇرۇش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش،ئارقىڭىزغا چۈشۈپ سومكا ئوغۇرلاش ئىشلىرى بەك كۆپ.
شۇنى ئېسىمىزدە ساقلايلىكى:جاھاندا ھېچكىم ئۆز مەنپەەتىنى قۇربان قىلىپ سىزگە بىكارغا نەپ يەتكۈزمەيدۇ،ئۆزى پايدا ئالالايدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ.
بۇ خىل ئالدامچىلىق ھازىر كوچىدىن شىركەتلەرگە،ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى،ھەتتا داڭلىق شىركەت،كارخانىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى،ئۇنداق ئىلمى ئۇسۇلدا قۇرۇلغان توزاققا بەك ھۇشيار بولمىسىڭىز ئاسانلا چۈشۈپ كېتىسىز،ئەرز قىلسىڭىز بەلكىم سىز ئۇتتۇرۋېتىشىڭىز مۈمكىن.
مەن خوتەن ئايرودرومىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرتىشتىن ئۆتۈپ بولغاندا مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم(مېنىڭچە ئايرودروم بىخەتەرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندە ئالدامچىلارنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى):ئىككى نەپەر كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان ئايرۇخانقىز سۈپەت ئىككى قىز يېنىمغا كېلىپ،ئەپەندىم بېلىتىڭىزنى(تىزىملاش بېلىتى) كۆرۈپ باقسام بولامدۇ دەپ قالدى،مەن بۇنى نورمال تەكشۈرۈش دەپ ئويلاپتىمەن،ئۇلار بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن،سىز دائىم ئايرۇپىلانغا ئولتۇردىكەنسىز،سىزنىڭ دەرىجىڭىز ئالى دەرىجىلىك ئەزا بولۇشقا توشۇدىكەن،بىز سىزدەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن راۋاج تېپىپ كېلىۋاتىمىز......بىرمۇنچە يېقىملىق گەپلەر بىلەن سىزنى قايمۇقتۇرۇپ بولۇپ،ئالتۇن رەڭلىك تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن كارتىنى چىقاردى،ھەم كارتا ئىچىدە 600يۈئەن بار،ھەرقاچان ئىىشلىتەلەيسىز،دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر لېنىيەگە بېلەت ئالسىڭىز سىزگە ئەڭ ئەرزان(بازار باھاسىدىنمۇ ئەرزان)قىلىشقا كاپالەت بېرىمىز(كاللامدا بولىدىغان ئىشكەن دەپ قىزىقىپلا قالدىم،ئۇلار مېنىڭ قىزىقىۋاتقانلىغىمنى ئاللىقاچان سېزىپ بولدى)،يەنە تېخى ئايرودرومدا ئالى دەرىجىلىك كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولىسىز،كارتىنى چىقارسىڭىزلا سىز بارلىق ئالى مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز،قانداق بېجىرەمسىز،بېجىرىش بەك قولاي(مەن ئىزچىل بۇ خانىملارنى ئايرودروم خادىمى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن)،مەن بوپتۇ بېجىرسەم بېجىرەي دېدىم،ئۇلار كومپيوتېرىنى تاراقلىتىپ،مېنىڭ ئارخىپىمنى تۇرغۇزدى،ھەممە ئىش پۈتەي دېگەندە خانىملار ماڭا بىردەك ئېگىلىپ تۇرۇپ(بەك يېقىملىقundefined) ئەپەندىم:بۇ كارتا ئىچىدە 600 يۈئەن بار،سىز يەنە 600 يۈئەن تاپشۇرسىڭىز 1200يۈئەن بولىدۇ،سىز كېلەر قېتىم بېلەت ئالماقچى بولسىڭىز 1200يۈئەننى ئىشلىتىپ بېلەت ئالسىڭىز سىزگە نېمە دېگەن ئەرزان توختايدۇ،بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ،سانى چەكلىك(undefinedكۆڭلىدە مېنى تېزرەك ئالدانغىن دەۋاتقان بولىشى مۈمكىن)،دەپ كېتىشتى.مانا ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان شەخسى مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇىشى مېنىمۇ بۇ ئىشقا سۆرەۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا 600يۈئەننى تاپشۇرۇپ،ھېلىقى ئالتۇن كارتىنى قولۇمغا ئالدىم،بۇ ۋاقىتتا ئايرۇپىلانغا چىقىش ۋاختى توشۇپ قالغان ئىدى.ئۇلار توىمۇ سەمىمى قىياپەتتە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قېلىشتى(undefinedئىچىدە كۈلۈۋاتقان بولىشى مۈمكىن)دەل شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىمنى سەزدىم،مەن ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئىدارىسىنىڭ كونكېرت ئىسمىنى سورىماپتىمەن(ئۇلارنىڭ ئايردوروم بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىغىنىمۇ ئەسلا سورىماپتىمەن)،ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئىشىنىپ كەتكەنلىگىمگە ھەيران قالدىم،شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىغىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم،لېكىن مەن بۇ چاغدا بېلەت تەكشۈرتۈشتىن ئۆتۈپ ئايرۇپىلانغا قاراپ يول ئالغان ئىدىم.
ئۈرۈمچىگە كېلىپ 2 سائەتتىن كېيىن يانفونىمغا ئالتۇن كارتا شېركىتىدىن ئۇچۇر كەلدى،مېنىڭ مۇۋاپەققىيەتلىك ھالدا ئۇلارنىڭ رەسمى ئەزاسى بولغىنىم ئۇختۇرۇلدى.مەن كارتا ئۈستىدىكى ھەقسىز تېلېفون ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىم،شۇ چاغدا شۇنى ھېس قىلدىمكى،مېنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىغىنىم ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان،كارخانىلارنىڭ يېرىم ئالدامچىلىقىغا كىرىدىكەن(يېرىم دېگىنىم،مەن پۈتۈنلەي ئالدانغان ئەمەس،لېكىن ئۇلاردىن ماڭا نەپ يەتمەيدىغان،نەپ يەتتتى دېگەندە بەلكىم 5 يىل ۋاقىتى كېتەر).مەن كارتا بېجىرگەندە ئىنچىكە ھالقىلارنى پەقەت ئېغىزغا ئالمايدىكەن،كېيىن مەن شېركەتكە تېلېفون قىلغاندا شۇنى بىلدىمكى،بۇ كارتا 5 يىل ئىناۋەتكە ئىگىمىش،كارتا ئىچىدىكى پۇلنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ شېركەتكە تېلېفون قىلىپ شۇلاردىن تور ئارقىلىق بېلەت ئالىدىكەنمەن(تور ئالدامچىلىغى) ،ھەر قېتىم بېلەت ئالسام كارتىدىن 20-30يۈئەن چىقىم قىلىپ بېرىدىكەن،مەن تاپشۇرغان 600يۈئەننىڭ 150 يۈئەنى مېنىڭ 5 يىللىق سۇغۇرتامئىمىش.دېمەك مېنىڭ 600يۈئەن پۇلۇم قانۇن يولىغا سېلىنغان ئىنچىكە ئالدامچىلىق بىلەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دېگەن سۆز.چۈنكى مەن ھەر قېتىم بېلەت ئالسان 20-30 يۈئەن ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ ئۇلارنىڭ تورىدىن بېلەت ئالمايمەن،ئەگەر ئالىمەن دېسەممۇ 600يۈئەن(كارتىدىكى بىلەن قوشۇپ1200يۈئەن)نى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئاز دېگەندە 20قېتىم بېلەت ئېلىشىم كېرەك،مەن 5 يىلدا 20 قېتىم ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرامدىمەن؟يەنە كېلىپ بېلەت ئالغاندا چوقۇم شۇلاردىن ئېلىش،ھەم باكا كارتىسىغا پۇل ئۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئېنىقلا ئىشەنچلىك ئەمەس.مەن ئۇلارنىڭ يوللىغان بېلەت باھاىسى(ئۇلارچە ئەڭ تۆۋەن باھامىش) بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدىكى ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش لېنىيەدىكى بېلەت باھاسىنى سۈرۈشتۈرسەم 300يۈئەن قىممەتكەن.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىشنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈپ،خوتەن ۋىلايەتلىك سود-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئەھۋال مەلۇم قىلدىم،ئۇلار بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى(مەن بۇ يەردە ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن)،ھەم ئۇلارنىڭ خوتەن ئايرودرومى ۋە ھېلىقى ئالدامچى شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى باش شېركىتى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئارقىلىق،بېيجىڭدىكى شېركەت ماڭا تېلېفون قىلىپ ناماقۇل بولدى،ھەم پۇلۇمنى كارتامغا ئۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى.
لېكىن مېنىڭ ئالدى كەينىمدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ كارتىنى بېجىرگەن ئىدى،ئۇلار قانداق قىلغاندۇ،بىلمىدىم.
3.مەنمۇ 1 سائەت ئالدىدا ئالدانغىلى ئاز قالدىم بىر ئافغان كىرىپتۇ دۇكانغا ساقتا 100دوللارنى كوتۇرۇپ مەن تۇتۇپلا بىلىپ قالدىم ساقتىكەن دىسەم گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى
4.مەن بىر قېتىم بىر خىتايدىن ئاجايىپ رەۋىشتە ئالدانغانىدىم . ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق . مېنىڭ ناۋايلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىم . بىر كۈنى بىر خىتاي تېلىفۇندا سۆزلەشكەچ كىرىپ تېلىفۇندىكىسىگە نان يەمسە مومىمۇ ، نام يەمسە مومىمۇ دەلىۋەردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى بۇنى دەپ قولىدا يۈز سومنى تۇتقان ھالدا نان يەيدىكەن ئۇ دەپ نان ئالماق بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون سوملۇق نان ئالدى . مەن پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ چىپەرتقۇتلۇق يېرىگە جىجىلاپ باقتىم . ھەقىقەتەن جاڭپاڭلىق تەرىپى كۈچلۈك ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا 90 سومنى قايتۇرۇپ بەردىم . ئۇ داۋاملىق تېلىفۇندا سۆزلىشىۋاتاتتى . ئۇ ناننى ئېلىپ مېڭىۋېتىپ تېلىفۇندىكىسىگە - نېمە ؟ موما يەمسەنما ؟ بايا شۇنداق دېسەڭ بولمامتى كالۋا ..... دەپ چېچىلىپ كېلىپ ئۇ موما يەيدىكەن ، خاپا بولمىساڭ دەپ ناننى قايتۇردى . مەنمۇ تىزلا قايتۇردۇم . كەينىدىنلا تېلىفۇندىكىسىگە نېمە ، خەي بايا نېمە دېدىڭ ؟ موما يەيمەن دېمىدىڭمۇ ، خەپ دەپ كايىغان بولۇپ قايتىپ كېلىپ ئۇ ئەسلى نان يەيمەن دەپتىكەنتۇق ، يەنىلا نان ئالاي دەپ ناننى ئالدى ۋە ھېلىقى يۈز سومنى بەردى . مەنمۇ ھېلىقى يۈز سوم دەپلا ئالدىم ئۇنى . ئۇ چىقىپ كېتىپ ئانام - ئەپسانە ، ماۋۇ پۇل جامۇ نېمە ؟ دېگىنىگە - ياق ، مان قارىغان دەپ جاۋاب بەردىم . ئۇنداق ئەمەستۇ ، بۇ پۇل باشقىچە تۇرىدا ؟ دىيىشىگە ، ئۇ پۇلنىڭ ساختا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇ پۇلنى قولۇمغا ئالدىم . ئېسىت ! كىيىنكى ئالغىنىم ھەقىقەتەن ساختا پۇل ئىكەن .
شۇڭا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەم بۇزۇقلاردىن ھېزى بولۇڭلار !!!
ئاللاھ ھەمىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن
2013-12-05
تىيەنجىندە رەتلەندى
|