- تىزىملاتقان
- 2013-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 781
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
ئۆسۈش
56.2%
|
باشقىلارنىڭ ھەققى
مەن شۇنچە ئالدىراش ماشىنىلىق كېتىپ بارسام، بىر دوقمۇشتا ئۇ يولدىن كەلگەن بىرى بىلەن قارشى تەرەپتىن كەلگەن بىر مويسىپىت، يولنىڭ ئوتتۇرسىدىلا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سوراشتى، مەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپمەي دەپ بىرئاز ساقلاپ باقتىم، ئەمما بولمىدى. سىگنال بەردىم،بىرسى ھودۇققاندەك يەنەبىرسى ئالايغاندەك قىلدى، ئىشقىلىپ يول بوشىدى، مەن ماڭدىم...خىيالىمدا يەنە نۇرغۇن كارتىنىلار تىزىلىشقا باشلىدى...يېشىل تاكسىلار بىر ئوبدان كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىدا ياندىن كىرىپ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ-دە يەنە ھايالشىمايلا يانغا بۇراپ (بەزىدەئالدىڭدىلا )توختاپ سېنىڭ چېشىڭغا تېگىدۇ، چېشىڭغا تەگسىلا مەيلىتىغۇ ماشىناڭغا تېگىپ كەتمەي، ھەر قانچە ئۇستا بولساڭمۇ ئاللاھ ساقلىسا ساقلىنىسەن شۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسىدىن، ھامان توختايدىغان بولغاندىكىن ئارقامدىن كېلىپ توختىساڭمۇ بولىدىغۇ، دەيمەن ئۆزۈمگە غودىراپ ، ئۇنىڭغا دېگىلى بولاتتىمۇ باشقا ماشىنىدا تۇرسا.
يەنە كېتىپ بارىمەن ، يولدا كېتىۋاتقان 100ماشىنىڭ 95نىڭ يىراقنى يورۇتۇش چىرىقى يورۇتۇغلۇق تۇرماقتا، بۇنداق ماشىنىنىڭ چىرىقى سىزنىڭ كۆزىڭىزگە چۈشكەن دائىرىدىن باشلاپ كۆزىڭىز ئالدىدىكى ھىچنىمىنى كۆرمەيدۇ.يا ماشىنىنى توختىۋالالمايسىز، ياكى ئۆشنىڭىزگە ئارتىۋالالمايسىز، خۇددى كۆزىڭىزگە قولچىراق تۇتىۋالغاندەك بىئارامچىلىقتا پەرەز بىلەنلا ماشىنا ھەيدەيسىز، ناۋادا بىرەر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ كەتسىڭىز كۆزىڭىزگە چىراق ياققان ماشىنا كېتىۋىرىدۇ ئۆز يولىغا "قارا ،ئاۋۇ مازەككە ماشىنا ھەيدىيەلمىگەن ھالىغا..."دەپ كۈلۈپ، بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، چۈنكى ئۇنىڭ قىلغىنى ئېنىقلا "مەن ياشاي ، سەن نېمە بولساڭ مەيلى "دېگىنى ، يولدا باشقىلارنڭ ھەققى يوقمۇ، باشقىلارنى گۆرگە ئىتتىرىشكە نېمە ھەققىڭ؟ گۆرگە ئىتتىرمىدىم دەمسەن؟ سەن ئۆزۇڭ بېرىپ سوقمىغان بىلەن سېنىڭ قىلغىنىڭ قارشى تەرەپكە ئېنىقلا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. رەسۇلىللاھ بەدەننى پاكىز قىلىپ مەسچىتكە كىرىشنى بۇيرىغان، سەجدە قىلغاندا قولتۇقتىن غەيرى پۇراق چىقىپ يېنىدىكى قېرىندىشىغا سېسىق پۇراقتىن ئازار بېرىشتىن توسقان. ناماز ئوقىۋاتقان ئادەمنى ناماز ئوقىۋاتقان ھالەتتە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن توسقان(نېمە دېگەن مۇكەممەل دىن ھە!) دېمەك ماشىنا ھەيدەۋاتقاندىمۇ بىلىپ بىلمەي باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەيلى ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قەدىرلەيلى، بەزى توكلۇق ھارۋىلار قىزىل چىراقتىن بىخەۋەر شۇنداق پەرۋاز قىلىدۇكى، ئۇنىڭغا دۇچ كېپ قالسىڭىز سىزنىڭ يولىڭىز توغرا بولسىمۇ سىزگە شۇنداق سەت گولىيىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، چىرايىغا قارىسىڭىز ئەھلى مۇسۇلمان چىراي، ئەتىگەندە بىر چىرايلىق نامازمۇ ئوقىغان بولغىيتى ، بىراق باشقىلارنىڭ يول ھەققى مەسىلىسىدە (بۇ يول ھەققى مەسىلىسىلا ئەمەس جانغا تاقىلىدىغان مەسىلە) ئۇ ھەققىڭىزگە رۇئايە قىلمايدۇ.
كېيىن ئويلىسام باشقىلارنىڭ ھەققى مەسىلىسى بىزدە پۇل مەسىلىدە سەل ئېنىق چۈشىنىلسىمۇ، باشقا تەرەپلەردىكى ھەققى -ھوقۇقى مەسىلىسى تازا ئېنىق بولمىغاندەك تۇرىدۇ، مەن ھازىرچە يول ھەققى مەسىلىسىدىلا توختىلىپ تۇراي، ئەمما چېچىنى يەلپۇتۇپ كېتىپ بارغان چېرايلىق جۇۋان ئۆز ئېرىنىڭلا كۆرۈش ھوقۇقى بولغان سۇمبۇل، ئەتىر پۇراپ تۇرغان چېچىنى باشقىلارغا نامايىش قىلغاندا ئېرىنىڭ ھەققىگە چېقىلىۋاتقانلقىنى بىلەمدۇ؟ يەنە.....
تۇرمۇشىمىزدىكى بىز دىققەت قىلالماي قالغان باشقىلار ئۈستىدىكى باشقا ھەقلەر توغرىسىدا كېيىنكى قېتىم توختىلارمىز(ئاللاھ خالىسا) |
|