قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4893|ئىنكاس: 36

خوتەندىن تېپىلغان «قەلىمىي قۇرئان كەرىم»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

2

دوست

4865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 699
تۆھپە : 1081
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 06:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                   
                     خوتەندىن تېپىلغان «قەلىمىي قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭدىكى
                                 يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئائىت ئۇچۇر



        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان پايناپ يېزا تەۋەسىدىكى ئالتۇنلۇقتا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما يېقىنقى يىللاردىكى بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، قەبرىگاھىمۇ قىرغىزىستاننىڭ بالاساغۇندا بولۇشى كېرەك» دېگەن دەۋالاردا بولۇپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كىشىلەر يۇقىرىدىكىدەك ئاساسسىز دەۋالاردا بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىتلىق ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى.

       ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش مۇھاپىزەت قىلىش ئىدارىسىدىكى ئابدۇرەھىم سابىت مەزكۇر ئىدارىدىكى قولغا چۈشۈرۈلگەن بەزى پاكىتلىق ھۆججەتلەر ئارقىلىق يۈسۈپ ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.

      قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەھىم سابىت بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:«ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيە 410-يىلى (مىلادىيە 1019-1020-يىللىرى) بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 478-يىلى (مىلادىيە 1085-1086-يىللىرى) قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپن قىلىنغانلىقى، ھىجرىيە 514-يىلى (مىلادىيە 1120-1121-يىللىرى) ئۇ جايدىن ھازىرقى ئالتۇنلۇققا يۆتكەپ دەپن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا. بۇ پاكىتلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش،سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈردى. ھازىرچە بۇ پاكىتلاردىن 19-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان قەلىمى قۇرئاندىكى ھۆججەت ئەڭ ئىسپاتلىق ھۆججەتلەردىن بىرىدۇر.

      ئاپتور ماقالىسىدە خوتەندىن تېپىلغان قەلىمى قۇرئان كەرىم ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: قەلىمى قۇرئان خوتەندىن تېپىلغان قۇرئان بولۇپ،خوتەنلىك بىرى بۇ قۇرئان كەرىمىنى مەرھۇم مەرىپەتپەرۋەر شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ قەشقەردىكى ئوغلى جامائەت ئەربابى،تارىخچى، ئۆلىما مەرھۇم ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان. بۇ قۇرئان قولدا قومۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خۇش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن شۇڭا «قەلىمى قۇرئان» دەپ ئاتالغان. ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم مەزكۇر قۇرئاننى 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان. قۇرئان 726 بەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 34 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 22 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر، ھەر بېتىدە 13 قۇردىن خەت بار. قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان. قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلاپ قويغاندىن باشقا، ئىچ بېتىگە «قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز» دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا سۈرە فاتىھە بىلەن سۈرە ئەلىف، لام، مىم نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ، تولۇقلاپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا دېگەن دۇئا بار.

        ئاپتور قەلىمى قۇرئاندا دېيىلگەن بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەشقەر تارىخىغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: «بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ھېكىمبەگلىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىددىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنى زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىستىخارە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىدىكى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇشخەۋەر بېشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشغەرىغە تەقدىم قىلغان. نېئىمەتۇللا كاشغەرى 19-ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، 1846-يىلى ۋاپات بولغان. ئاپئاق خوجا مازىرىغا بارىدىغان كونا يولدىكى جاي نېئىمەتۇللا كاشغەرىنىڭ نامى بىلەن «نېمىتىم» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدىن 50 قەدەم يۇقىرىدا بۇ كىشىنىڭ رەڭلىك كاھىشلىق چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئېلىنغان قەبرىسى بار ئىدى.بۇ قەبرە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا چېقىۋېتىلگەن.»

        ئاپتور قەلىمىي قۇرئاندا دېيىلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازارىغا ئىت ئۇچۇرلارنى مۇنداق بايان قىلغان؛ زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرۇغان. بۇ ھەدىيەدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېئىمەتۇللا كاشغەرى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723-بېتىنىڭ ھاشيەسىگە (چەت چۆرىسىدىكى بىكار جاي) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان: «بۇ سۈرەتى ۋاقىمە تەھرىر ئولدىكىم، ھەزرەتى ۋاڭ زوھۇرىددىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمراتى ئۈچۈن نەھس-سەئىدلىككە بىر ئىستىخارە رۇئىياغە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن، مەن ھەزرەتى پادىشاھ ساھىب قەلەم يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ مازار قەبرى مۇتەبەررۈكلەرىگە چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاب ئىستىخارە قىلدىم. كاشغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ سەئىد نەھسلىكىگە ئىستىخارە رۇئىيا بېشارەت بولدى ۋە قەلئەنىڭ تەمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبەتىگە رۇخسەت بولدى. بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلارىغە بايان قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرەتى ھاكىم دىۋانى شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفنى فەقىرغە ھەدىيە، ئىنام قىلدى. رەھمەت، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم. 1253-ھىجىرى.» تامغا (مۆھۈر) ھىجرىيە 1238-يىلى (مىلادىيە 1822-1823-يىللىرى) ئويۇلغان. تامغىدىكى خەت «نېئىمەتۇللا بىن سەدرىددىن» دۇر.

    ئاپتور يۇقىرىقى ھۆججەتكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خۇلاسىسىنى مۇنداق بايان قىلغان:«مانا بۇ ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنىڭ ئورنىنى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19-ئەسىردە ئۆتكەن زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ،نېئىمەتۇللا كاشغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. مانا يۇقىرىدا تېپىلغان قەلىمى قۇرئاندىكى ھۆججەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ قەشقەردىكى ئورنىنىڭ توغرىلىقىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.»


مەنبە، 1992- يىللىق ئۇيغۇرچە بۇلاق ژورنىلى ئۇمۇمى 40- سان

----كىتابخۇمار----

7

تېما

57

دوست

9270

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 11:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە قانچىلىغان تارىخ پارچىسى مۈكۈپ ياتىدىغاندۇ ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

875

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17801
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:34:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر مىللەت جۈسۈپ بىزنىڭ دەپ يۈرىدىغان،ئەجەپ ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!!!

0

تېما

1

دوست

1938

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرلار بىر-بىرلەپ ئېچىلغۇسى.

0

تېما

2

دوست

1154

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18241
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 13:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بىرسى تالاشسا،مەھمۇت قەشقىرىنىمۇ تالاشسا.ئەلشىر ناۋايىنىمۇ تالاشسا....يا بىر پاكىتى بولمىسا،،ئاشۇ تالاشقۇچىلارغا ئۆچ بولدۇم

6

تېما

3

دوست

3831

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 961
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 13:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى پاكىت ئالدىدا ئۇلار نىمىلا دىسە بىكار،
تېمىڭىزغا رەھمەت .

2

تېما

6

دوست

3978

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1166
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 14:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىزدىن ئاشۇنداق ھەممە تالاشقۇدەك ئالىملار چىقىپتىكەن....    بۇندىن كىينمۇ  چىقىشنى  ئۈمۈد قىلمەن....   بۇنىڭدا ھەممىزنىڭ  مەسئۇلىيتى بار...

ana tilim maggu yokalmaydu

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 2445
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 15:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى ھېشكىم تالاشمايدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )