ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : قېرىنداشلار ئامانمۇ سىلەر ؟
ساق بىر ھەپتە ئۆتتىدە <<باغداش>>تا <<ئىستىقبال سەھنىسى>> نىڭ گېپى بولىنىۋاتامدۇ ــ يوق دەپ ئەتتىگەندە بىر قاراپ قويىمەن ، چۈشتە ، كەچتە يەنە بىر قاراپ قويۇپ چىقىپ كېتىمەن ...
ھەممىمىزگە ئايان << ش ج ت ۋ 9 ـ يۈرۈش قانىلى >> ئالدىنقى ھەپتە ، يەنى ، 12ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنى << ئىستىقبال سەھنىسى >> دەپ يېڭى پروگرامما يولغا قويۇلدى . چىن كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ، مەن خېلىدىن بېرى مۇشۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئىنى ـ سىڭىللىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئالدىن ــ ئالا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىنتىلدۈرىدىغان بىرەر پروگرامما يولغا قويۇلغان بولسا دەپ ئويلىغانىدىم . نېمىلا دېگەن بىلەن بىر ئاپتونۇم رايۇنغۇ بىز ! ھە ، شۈكرى . ئەمدى بار بولدى مانا . << تەلەي يۇلتۇزى>> مۇ بولىدۇ ، ئۇ پروگرمما ئىنى ــ سىڭىللىرىمىزنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى بەسلىشىشلىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ماڭسا ( دېمەكچى بولغىنىم ، قاتناشتۇرۇلغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان بولسا ) ، ئۇلاردا ئوقۇش بىلەن بىرگە دەۋرگە نىسبەتەن رىقابەت ئېڭىنىڭ تاۋلىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولاتتى . ماۋۇ << ئىستىقبال سەھنىسى >> نىڭ ئۆزى شۇندا ، شۇ تاۋلىنىشلارنىڭ پىششىپ يېتىلىپ مېۋە بېرىش باسقۇچى بولۇپ قالغۇسىكەنلەر .
نېمە تولا ؟ ناخشىچى بىلەن ئۇسسۇلچى تولا بىزدە ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە شۇ تاينى يوق <<ناۋا>> ئۈچۈن ئالاتاغىل قاۋاپ تۇرىۋاتىمىزغۇ . ئۇنىڭغا قارىغاندا ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشقۇ بۇ . ھەممممىنى بىلىپ تۇرىمىز ،بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇ داقا ــ دۇمباققا دۈملا چۈشۈپ تۇرىمىزدە .<< ناينىناي ...ئايلىناي ...>> دەپلا بارىدىغان بولساق ، ئاكىلىرىمىز بىزگە <<بىرىنچىلىك>> نى تۆكمە قىلىپ بېرىۋېرىدۇ . باشقا ئەللەردە << بىرىنچىلىك>> تىن بىرىلا بولسا ، بىزنىڭ بۇ ئەلدە <<بىرىنچىلىك>> دېگەن توشاق !!!
شەخسەن مەن بۇ 1ــ ساندىن شۇنداق بىر تەسىراتقا كەلدىمكى : ( يەنى بۇ تەسىراتنى مەندە پەيدا قىلغۇچى 4ــ نومۇر ئىمامجان )
ئىنى ــ سىڭىللىرىم ، سىلەر شۇنداق بىر ئىجدىھاد ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇڭلاركى ، باشقىلار سىلەرنى تاللىمىسۇن ، سىلەر باشقىلارنى تاللاپ تۇرۇپ خىزمەت سوراڭلار .
|