قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 9

تەستەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

4

دوست

1609

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18335
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 18:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

تەستەك
ھېكايە



        بىر ئايدىن بۇيانقى يالغۇزلۇق ،ئۆي  ئىچىدىكى يىغىلمىغان قاچا قۇچىلار ، كىرئالغۇ ئۈستىگە دۆۋلىنىپ  كەتكەن كىر كىيىملەر  。。。ئۆينىڭ بۇرۇنقى   رەتلىك، ئىللىقلىغىدىن ئەسەرمۇ يوق. تاماق جوزىسى ئۈستىدە قاچانلاردىدۇ چالا يەپ تاشلاپ قويغان    تاماق قالدۇقى ...   ئاشقازىنىمنىڭ ئاغىرىشىغا قوشۇلۇپ ئىچ ئىچىمدىن مۇزلاپ كەتكەچكە گەرچە   تاڭ ئاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ يۇتقاندىن چىقماي خىيالغا پاتقىنىمچە تورۇسقا قاراپ ياتاتتىم ...تۇيۇقسىز تىلفۇننىڭ جىرىڭلىشىدىن   چوچۇپ غودىرغىنىمچە تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم :
     -ۋەي ياخىشىمۇ سىز ،سىز ئالىم ئەپەندى بولامسىز ؟تونۇمايدىغانلا بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن سەل ئېرەڭشىمىگەندەك قىلىپ خوشياقمىغان تەلەپپۇزدا :
-ھە... مەن شۇ .بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ - دەپ سورىدىم .
   - مەن تىز يەتكۈزۈش ئورنىدىن سىزنىڭ بىر پارچە خېتىڭىز بار ئىدى .ھازىر مەن سىزنى  ئۆيىڭىز ئالدىدا ساخلاۋاتىمەن   .ئېغىر كۆرمەي ئېلىۋالغان بولسىڭىز ...  مەن ماڭا كەلگەن نىمە خەتتۇر بۇ...  ئادەمنى.... تازىمۇ ....  ئۆز ئۆزۈمگە غودۇرىغانچە  يۇتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ   كىيىملىرىمنى كىيىپ  سىرتقا سىقتىم .  ھۇۋ...  سىرت سوغۇق ئىدى مەن ئالدىراپ پەسكە چۈشتۈم .  ئېشىك ئالدىدا ياش بىر يىگىت بىر پارچە خەتنى تۇتۇپ تۇراتتى . قىسقىغىنا سالام سەھەتتىن كىيىن ئۇبىر پارچە تالۇننى سۇندى :
      -خاپا بولماي ماۋۇ يەرگە ئىمزا قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز . مەن ئۇ كۆرسەتكەن جايغا ئىمزايىمنى قويۇپ بولغاندىن كىيىن بىر پارچە قېلىن خەتنى سۇندى ،  مەن ھەم ھەيرانلىق ،ھەم قىزىقىش ئارلاش خەتكە تىزلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم .راستىنلا ماڭا كەلگەن خەت ئىدى .ئۆيگە ئالدىراپ كىرىپ    ئولتۇرۇپ   خەتنى ئاچتىم .بىر قاراپلاتونۇدۇم . ئايالىمنىڭ   خېتى ئىدى .  ھە بىرەر ئايدىن بېرى ئاناڭنىڭ ئويىدە يېتىۋېرىپ زېرىكىپسەندە  ،ئاتتىن چۈشسەڭمۇ ،ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈڭ كەلمەي مىنى ئەكىتىڭ دەپ يالۋۇرۇپ يازغانسەن تايىنلىق    مەن كۆڭلۇمدە شۇنداق دىگەچ خەتكە كۆز يۈگۈتتۈم ....
        ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم   قانداق ئەھۋالىڭىز ؟  بەلكىم بۇخەتنى كۆرۈپ بىر ئايدىن بېرى جىمجىت يېتىۋېلىپ ئەمدى بولغاندا نىمە بولغاندۇ بۇنىڭغا دەپ ھەيران قالغانسىز. مەن بىر ئايدىن بېرى كېچە كۇندۇز ئويلاندىم ،سىز بىلەن يۈز تۇرانە ھالدا پاراڭلىشالىشىمىزغا كۆزۇم يەتمىدى ،(سىز ئەزەلدىن كۆپ گەپ قىلمايتتىڭىز ھەم كۆپ گەپنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتتىڭىز )شۇڭا ئۇزۇن ئويلىنىشلاردىن كىيىن كۆڭلۇمدىكىنى خەت ئارقىلىق بايان قىلىشنى ئەڭ توغرا ئۇسۇل دەپ قارىدىم . سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئاچچىقلانماي ،سەۋرىچانلىق بىلەن  ئوقۇپ چىقسىڭىز( بۇنىڭ سىزگە نەقەدەر ئېغىر كېلىدىغىنىنى بىلىمەن )   15 يىل   جەريانىدىكى سىزگە دىيەلمەيۋاتقان يۈرەك تىۋىشلىرىمنى ئاڭلاپ بىقىڭ  ...
         بىلەمسىز ئىككىمىز توي قىلغان ئەشۇ كۈنلەردە مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ،ئەڭ بەختلىك كېلىنچەك ھېساپلايتتىىم ، چۈنكى سىز   ھەم بىلىملىك ھەم كېلىشكەن بىر ئەر ئىدىڭىز . بىز تۇرۇشلۇق ناھىيە كىچىڭ بولغاچقىمىكىن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر گەرچە كۆپ بولسىمۇ ئەمما سىزدەك يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلار يوق دىيەرلىك ئىدى ،سىز ئىچكىردە ئوقۇپ ماگىستىرلىقنى ئالغان بولۇپ ئاتا –ئانىڭىزغا بولغان ۋاپادارلىقىڭىز ئۈستۈن كەلدىمۇ ياكى نىمە سەۋەپكىن ئىشقىلىپ چوڭ شەھەرلەردە قالماي يۇرتىمىزغا قايتىپ كېلىپ ناھىلىك مالىيە ئىدارىسىدا خىزمەت قىلۋا تاتتىڭىز. .. شۇنداق بەخىت ئىچىدە مەس بولۇپ توي ئارىمىنىڭ قانداق توشۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدۇق .ئىشقا چۇشىدىغان كۇنى سىز:
      - گۈلنار سومكىڭىزدىكى تويغا چۈشكەن پۇلنى ماڭا بېرىپ قويۇڭ مەن ئىشقا ماڭغاچ بانكىغا سېلىۋېتەي ،سومكىڭىزدابۇنچە كۆپ پۇلنى ساقلىماڭ ،- دىدىڭىز  . مەنمۇ ئارتۇقچە ئويلىمايلا پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ سىزگە سۇندۇم ،پۇل ساپ ساق بىر تۈمەن ئىدى . سىز پۇلنى ئېلىپ ساناپ باققاندىن كىيىن ،سومكىڭىزغا سالغىنىڭىزچە :
-     خوش ئومىقىم چۈشتە كۆرۈشەيلى دەپ مەڭزىمنى يىنىككىنە چىمدىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىڭىز مەن ئارقىڭىزدىن ناشتا قىلغان قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن خىزمەتكە ماڭدىم ...خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەرخىل چاقچاقلىرى ، تەبرىكلەشلىرى ئىچىدە مەسخۇش بولۇپ بىر كۈننىڭ قانداق توشۇپ قالغانلىغىنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمەن . كەچتە سىز مىنى مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ بىرگە قايتاتتۇق ...كۈنلەر ئەنە شۇنداق كۈلكە چاقچاق ئىچىدە بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ..دىگەندەك تىز ئوتمەكتە مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تويىمىزغىمۇ 6ئاي بولۇپ قالغان ئىدى .ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئازقالغان ئىدى ئىشخانىدىكىلەر بەس بەستە بايراملىق كىيىم سېتۋېلىشقان ئىدى . تويدىن كىيىن سىز تۈزىگەن بىر قاتار پىلان بويىچە ئادەتتە زۆرۈر بولمىسا قالايمىقان نەرسە سېتۋالمايتتۇق ،ھەر ئايلىق مائاشىمىزنىڭ تۇرمۇشقا كېرەكلىك قىسمىنى ھېساپلاپ ئېلىپ قېلىپ ئۇينىڭ بانكىدىن ئالغان قەرزىنى تۆلەپ ئاشقان پۇلنى سىز بېرىپ بانكىغا قويۇپ قوياتتىڭىز  .  مەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ  بىر خىزمەتدىشىمىز بىلەن پار قىلىپ كىيىم ئالماقچى بولغانلىغىمنى ئېيتتىم .قاپاقلىرىڭىز تۈرۈلۈپ چىرايىڭىز ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى ،دەرھال  ئەسلىڭىزگە قايتىپ:
-     نىمە زۆرۈريىتى بار . كىيىم ئېلىشقا تويدا ئالغىنىڭىزمۇ يېڭى تۇرسا ،ئالدىمىزدا پۇل خەجلەيدىغان ھەر ھەر ئىشلار بار ،يانا نەچچە ئايدىن كىيىن كۆزىڭىز يورۇيدۇ ،بۇنىڭغىمۇ پۇل بولمىسا بولماس .تىجەشلىك بولايلى خوتۇن   بايرامنىڭ تولىلىقىدا  ئۇ بايرىمىڭلارنى ھېچبىر ئەتىۋالاپ كەتكىچىلىكى يوق .بولدى ئۇخلايلى  . سىز شۇنداق دىگىنىڭىزچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىڭىز . قاتتىق ئازاپلاندىم .ئەزەلدىن پۇلدىن قىسىلماي يۈرگەچكىمۇ بۇ قىلىغىڭىز قاتتىق ھار كەلگەن ئىدى .مىچىلداپ يىغلاپ ئولتۇرسام بىرچاغدا   كۆزىڭىزنى ئۇۋلىغانچە چىقىپ بولۇڭ يېتىپ ئۇخلاڭ ،قورسىقىڭىزدىكى شاھزادىمىزنى ئويلىمامسىز دەپ مىنى پەپىلەپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتىڭىز. يېنىمدا سىز ئالەمدىن بېغەم ئۇخلاۋاتىسىز ئەمما مىنىڭ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس  ،تويدىن كىيىن ئىشقا چۈشۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىكى خىزمەتدىشىم ئاسىيە ھەدەم بىلەن بولغان پاراڭ كاللامغا كىرىپلا ئالدى .
-     سىڭلىم بىر گەپ قىلسام خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ ،سىز يېڭىلا ئائىلە قۇردىڭىز بەلكىم تويدا چۈشكەن پۇلىڭىزخېلى كوپ ،مومكىن بولسا شۇ پۇلىڭىزنى    ئايرىم ساقلاپ قويۇڭ ،ئايال كىشىنىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان كۈن يوق ،باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ .دىگەن ئىدى مەن ئۇپۇلنى ئاپامغا بەرسەم ئۇئۆزىڭىزنىڭ پۇلى قىزىم .بولدى بىزگە كېرەك ئەمەس دەپ قولۇمغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىگىنى كىيىن يولدىشىمنىڭ بانكىغا قويۇپ قويغانلىغىنى ئېيتسام بېشىنى يېنىڭ چايقاپ قويۇپ :
-       - ھەي.... كىچىكتە سىز بولۇپتۇ لىكىن گېپىم قۇلىقىڭىزدا بولسۇن ئۆزىڭىزگە پىششىق....
-         -   ۋاي ۋۇي ئاسىيە ھەدەپاراڭلىشىۋاتامسىلەر  دەپ ئىشخانىغا ئىشخانىغا كىرگەن گۈلنەزەر پارىڭىمىزنى ئۈزۈپ قويغان ئىدى ...
قانداق چاغدا ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن .ھەر كۇنى سەھەر تۇرىدىغان ئادەم ئەتىسى بەكلا تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم .   خىزمەتداشلىرىم مىنىڭ كەيپىياتىمنى سېزىكلىك دەپ چۈشۈنىشتى شۇنداق چۈشەندۈرمەي نەچارە؟ئاپامنىڭ ئېلىپ قويغان سوۋغىتى بىلەن بايراممۇ چانماي ئۆتۈپ كەتتى ....
    كەچۈرۈڭ ئېرىم،   سۆزلىرىم بەكلا ئۇزۇراپ كېتىپ بارىدۇ .زېرىكمەي ،سەۋېر قىلىپ ئاخىرغىچە ئوقۇڭ . بىلەمسىز 15 يىلدىن بېرىقى ھېچكىمگە  ئېيتالماي كەلگەن پىغانلىرىمنى بۇقېتىم بىراق تۆكىۋالاي ،ئىچىم بوشىسۇن ھەم سىزگىمۇ بۇنۇڭدىن كىيىنكى  ھايات مۇساپىڭىزدە بىر تەجىربە ساۋاق بولۇپ قالسۇن...
      شۇنداق قىلىپ بالىمىزمۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى   .ھەممىمىز شۇنداق خوش بولدۇقكى   ئىشقىلىپ ئائىلىمىز باشقىچىلا جانلىنىپ كەتكەن ئىدى . بۆشۈك تويىنى قىلىش قىلماسلىق مەسىلسىدە خېلى تالاش تارتىش قىلىشتۇق ، توينىڭ پۇتۇن چىقىمىنى دىگۈدەك ئاپام چىقىرىپ قىلىپ بەرگەن ئىدى قېينى  ئانام شۇ كۇنى يۆتكىگىلى كېلىپ ناھايتى كېرىلىپ تۇرۇپ  يارىشلىقىدا بولماي قالدى دەپ داستىخىنىنى ئوتتۇرغا ئاچتى ئەكەلگىنى بىر دانە ئۈزۈك بولۇپ پەمىمچە ئىككى گىرام ئۆپچۆرىسىدە كېلەتتى . چوڭ ھەدەم بۇنى كۆرۈپ ئەمدى بىرنىمە دىمەكچى بولىۋېدى ئاپام دەرھال ئىشارە قىلىپ توختىتىۋېلىپ؛
- ۋاي رەخمەت كۆپ جۇۋاپ كېتىپلا ، بۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولاتتى .بىزنىڭمۇ قىزىمىزغا ئاتىغىنىمىز بار بۇ ئاز بولسىمۇ   دەپ بىر جۇپ ئۈزۈك، بىر دانە بىلەيزۈك زەنجىر ،ھالقىلارنى قويدى . بۇلارنى كۆرۈپ سىڭلىڭىزنىڭ چىرايى ئازراق ئۆڭگەن بولسىمۇ ئارتۇقچە گەپ سۆز قىلمايلا بالىنىڭ كېرەكلىك نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى ،ئەتىراپتىكى  خولۇم خوشنىلارنىڭ ،ھەم قېينى ئانامغا ھەمرا بولۇپ يۆتكەشكە كەلگەنلەرنىڭ پىچىرلاشلىرى خېلى ئۇزاققىچە پەسەيمىدى . مانا ئۆيىمىزدە يېڭى ىر جاننىڭ كۆپىيىشى بىلەن كىلىدىغان ئىشلىرىم تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى ، كىچىچە سائەتكە قاراپ بالىنى ئېمىتىش ،بۇلماق تەييارلاش ، بالىنىڭ تەرەت لاتىلىرىنى يۇيۇش ، تاماق ئېتىش مىنى خېلىلا ھالىمدىن كەتۆۈزۋەتكەن ئىدى . سىز ئىشتىن كېلەتتىڭىز دە بالىنى كۆتۈرۈپ بىر ئەركىلىتىپ كويغاندىن كىيىن   كىرىسلودا سوزۇلۇپ يېتىپ تىلۋېزۇر كۆرەتتىڭىز ...  ئاپامنىڭ ئۆيىگە ھەر قېتىم بارسام ھەدەم ماڭا سەت قاراپ ئالىيىۋالاتتىيۇ ئەمما ھېچنىمە دىمەييتى ...   ئىشقا چۈشىدىغان ۋاختىم يېقىنلىشىپ قالدى . ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئانىسى ياشىنىپ قالغاچقا چوقۇم بالا باققۇچى تەكلىپ قىلمىساق بولمايتتى . بىز يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە 16-17 ياشلاردىكى بىر قىزنى تاپتۇق قىز ھەم پاكىز، ھەم چاققان ،ئۆي ئىشلىرىغىمۇ ،بالا بېقىشقىمۇ خېلى ئېپى بار قىز ئىدى ...   بىر كۈنى بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ بۆشۈك تويىدا يېنىدا تۇرىشىدىغان بولۇپ قالدىم ،شۇسەۋەپتىن ئاخشىمى ياتاق ئۆيگە كىرگەندە مەن سىزگە :
- ئالىم ، ئاينۇرنىڭ بالىسىنىڭ بۆشۈك توي مەرىكىسىدە ئوتتۇردا تۇرۇشۇپ بەرسەڭ دەيدۇ شۇڭا بىرەر ...  گېپىمنىڭ ئاخىرسى تۈگىمەستىلا چالۋاقاپلا كەتتىڭىز :
-  مەن نىمە كويدا ،سىز نىمە ئۇيدا ھە ؟ بىر ئۆينى ئۆي كىلىش شۇنچىلىك ئاسانما ،  ھە دىسىلا كىيىم ،كىيىملا دىگەن ...شۇ لاتا- پېتىگە قورساق تويامتى ؟مائاشىمىز ئارانلا يېتىۋاتسا بالا باققۇچىغا بەرمىسەك تېخى ، بالىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئالمىساق تېخى   كىيىن ئاغرىپ تارتىپ قالساق لازىم بولار دەپ يىغىپ قويغان پۇلنىزە بۇزساملا دەيسىز ...   ئاۋازىڭىز سەت چىقىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر بالا ئويغۇنۇپ چىقىراپ يىغلاپ كەتتى .  مەن ئارتۇق گەپ   قىلماي بالىنى قۇچىقىمغا ئالدىم .... بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى   يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم دوق قىلىپ يۈرۈپ بىر ئىككى قۇر كىيىم ئېلىپ بەرگەننى    ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچە ھاللاردا ھەدەم ،ئاپاملارنىڭ ئېلىپ بەرگەن كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆتىۋاتاتتىم . سىزنىڭ پىكىرىڭىز بىلەن يەنە بىر ئۆيمۇ ئېلىۋالدۇق .  شاھزاتمۇ باشلانغۇچ مەكتەپكەكىرىپ قالدى    .مائاشىمىز خېلى يۇقۇرلاپ ، قەرزلىرىمىز تۈگەپ قالغان بولسىمۇ سىز يەنىلا قاتتىق قول ئىدىڭىز ،يىمەك ئىچمەككە  ناھايتى ئەھمىيەت بېرەتتىڭىز ،ئۇن ،ماي ،گۆشتىن زادىلا قىسمايتتىڭىز ئەممازە  ھەر ئايلىق مائاشىمنى موچەن ،تىيىندىن تارتىپ سورىقىنى قىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋېلىپ سەي كۆكتات ئېلىشقا يەتكۈدەك پۇل بېرىپلا قالغىنىنى ھېلىقى كارتىغا قويۇۋېتەتتىڭىز ،يەنىلا   كىيىم ئېلىش توغۇرلۇق پاراڭ بولغاندىلا ئۆيدە سۈركىلىش بولماي قالمايتتى .  ئەل ئاغىينىلەر يىغىلىپ قالغاندا دائىم سىلەر بەكلا باي جۇمۇ دەپ چېقىۋېلىشلىرىغىمۇ كۆنۇپ كەتتىم .  نەچچە قېتىم ئاجىرشىپ كېتىشنى ئويلىدىميۇ ئەشۇ بالىمىزنى يىتىم بولمىسۇن ،كىيىن باشقىلار ئالدىدا سارغىيىپ قالمىسۇن دەپلا چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ ئۆتۈپ بارا بارا كۆنۈپمۇ قالغان ئىدىم ... ھەر قېتىم پۇل توغۇرلۇق  تىل ئىشىتكىنىمدە ئامىنەم ھەدەمنىڭ ھېلىقى گېپى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى ،مەزىدە ئۆزەمنىڭ ھاماقەتلىگىمدىن ئۆز ئۆزەمنى تىللاپمۇ كېتەتتىم  ...
          كۆنلەر بىر بىرىنى قوغلاپ  ناھايتى تىزئۆتىۋاتاتتى  14 ياشقا كىرگەن شاھزاد  ۋە ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزىم شاھناز مىنىڭ ئائىلىدىكى بىردىن بىر كۆڭۈل خوشۇم ئىدى . كەچلىرى ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىش ، شەنبە يەكشەنبىدە ئۆيلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كىيىن بالىلارنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىش ...مەن ھازىر ئىككى بالامنىلا ئويلايتتىم . سىز بولسىڭىز پۇل يىغىشنىڭ كويىدىلا يۈرەتتىڭىز ھەراس (  مىنىڭ تويدىكى ،ھەم كىيىن ئاپام قىلىپ بەرگەن ئالتۇن جابدۇقلارنىمۇ   3- يۈرۈش ئۆينى ئالغاندا كىيىن قەرزىمىز تۈگىگەندە قوشلاپ ئېلىپ بېرىمەن جىنىم دەپ پەپىلەشلىرىڭىز بىلەن بىر جۇپ ئۈزۈكتىن باشقىسىنى سېتىپ ئۆيگەتاپشۇرۇپ ئاتقانتىڭىزھەم ئەقىللىق ،غەرەز ئۇقىدىغان ئايالدە سىز دەپ مەڭزىمنى يىنىككىنە چىمدىپ قويغانتىڭىز) پالانىنىڭ ھازىر 5 يەردە زىمىنى بولۇپتۇ ، پۇستانىنىڭ ...    ئۆيدە گەپلەشسەك ،سىڭلىڭىز بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىڭلاردىمۇ شۇ پۇل ،ئۆي توغۇرلۇقلا  پاراڭ بولاتتى ،توۋا دەپ قالدىم نىمانچە قىلىدىغاندۇ بۇ خەق؟ يائاللا شۇنچە كۆپ ئۆينى يىغىۋېلىپ ...  ئىككى يىل ئىلگىرى قېينى ئانام  ئاغىرپ قېلىۋېدى سىز دەرھال ئۆيدىكى پۇل چېكىنى ئاچىقىپ 20000 يۈئەن ئىلىپ بەرگەندە  ،پاھ ئېرىم پۇلغا شۇنچىلىك ئامراق بولغىنى بىلەن ئاتا ئانىغا كۇيۇمچان ،ۋاپاداركەن ھە ، دەپ سىزدىن شۇنداق سۆيۈنگەن ھەم   باشقىلاردىن ئاڭلىغان ‹‹ ئانىسىغا ۋاپادار ئوغۇل ئايالىغىمۇ كۈيۈنىدىغان چىقىدۇ ››دىگەن گەپ راست ئوخشايدۇ دەپ سىزگە نىسبەتەن ئىچىمدىكى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت ئالمىشاتتى . خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىدا  تېشىمدا ھيت ئويناپ ئىچىمدە روزا تۇتۇپ  ‹‹بەختلىك›› بەختسىزئىكەنلىگىمنى چاندۇرماي يۈرگىنىم بىلەن ھەر قېتىم ئاپامنى يوخلاپ بارغىنىمدا بىرەر ئىككى كىلۇ ئالما ،ئانار ئېلىپ بېرىشقا يانچۇقۇم قۇرۇق قولنى كەسكۇدەك بولاتتىم ...  ھەممە ئىش مانا شۇ پۇلنىڭ ئىشىدىن باشلاندى .ئاتىمىزدىن كىچىكلا يىتىم قالغان چۆچۈردەك 4 بالىنى چوڭ قىلىپ ،ھېچكىمگە چوقۇتماي ،ياخشى تەربىيەلەپ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ كوپ جاپايىمىزنى تارتقان مېھرىبان ئانام ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ،ھەدىلىرىم ئاكام ،ھەممىمىز كۇندە دىگۈدەك بىر ئايدىن بېرى  ئۇنىڭ بېشىدا سەكپارە ئىدۇق . ئاخىرى قايتا قايتا تەكشۈرۈپ دىئاگىنۇز نەتىجىسى چىقتى يۈرەككە كۆۋرۈك سالىدىكەن ،ئانامنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا نايىمىزدىكى دوختۇرخانا  ئانامنى ئورۇمچىگە يوللاپ بەردى  . ئانامنىڭ يىغىپ قويغانلىرى ناھىلىك دوختۇرخانىدىلا تۈگىگەچ ئاكا-ھەدىلىرىم تۇشمۇ تۇشتىن پۇل چىقىرىپ بىر دەمدىلا 70-80مىڭ يۇەن پۇل يىغىلىپ بولۇنغان ئىدى  ئانامنىڭ مىجەزى ياخشى بولغاچقىمۇ ياكى نىمە سەۋەپتىن بۇنى بىلمەيمەن  ئىككى ھەدەمنىڭ يولدىشى ،ھەم كېلىنىمىز بۇ ئائىلىگە شۇنداق يېپىلاتتى شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىدە بارىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتى . مەنمۇ ئەتە .. دىيىشىمگە 15 يىلقى ئائىلە ئەھۋالىمىزنى بىلگەچكىمۇ    بىزنى يەنە پۇل توغۇرلۇق خاپىلىشىپ يۈرمىسۇن دەپ ئويلىدىمۇ ئاكام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
         - بولدى سىڭلىم مۇشۇ يېتەرلىك،    بىزدىكىسى يەتمىگەندە  ئاندىن بىرگەپ بولسۇن دەپ توسۇپ قويدى ،   مەن شۇنچىلىك خىجىل بولدۇمكى ھېلىقى چاغدىكى 10 مىڭ يۇەننى يولدىشىمغا تۇتقۇزغۇنۇمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ، ئەمما كۆڭلۇمدە ئۇ ناھايتى مېھرىبان، ئۆتكەندە   ئاپىسى ئاغرىپ قالغاندىمۇ ھېچكىمگە قارىماستىن پۇل چىقارغانغۇ ،ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئاكىسى يېڭى ئۆي سالغاندا 15 مىڭ يۈئەن ياردەم قىلغانغۇ ھېچبولمىغاندا 10 يۈئەن پۇل چىقىرالايدۇ دەپ چوڭ ئۈمىتتە ئىدىم .    شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە كېلىپ كەشلىك تاماققا تۇتۇندۇم .تاماقنى يەپ ئولتۇرۇپ ئاپامنى ئەتە ئۆرۈمچىگە ئىلىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتتىم ،سىز تىلۋېزۇردىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇپ ھە.. دەپلا قويدىڭىز ،سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئاسان سىرتقا بىلىندۈرمەيدىغان مىجەزىڭىز بولغاچقا مەن ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بارىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولۇپ    ياتاق ئۆيگە كىرىم    سىز گېزىت كۆرۈۋاتاتتىڭىز مەن :
- ئەتە ئاكاملار ئاپامنى ئېلىپ ماڭماقچى ئويدىكى پۇللار نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تۇگىگەچكە ھەممەيلەن يىغىش قىلىپ  80 مىڭ يۈئەن تەييارلىدى ، بىزمۇ ئازراق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ قويساق دىگەنتىم،- دىدىم سىزگە  قاراپ  . چىرايىڭىز شۇنداق قارىداپ كەتتىكى   ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم( ئاچچىقلانسىڭىز شۇنداق قارىداپ كېتەتتىڭىز )سىز مىنىڭ چىرايىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا بېرىپ ئىشكاپتىن چاپىنىڭىزنى ئالدىڭىز ۋە يانچۇقىنى خېلى ئۇزۇن مالتىلاپ ئاندىن يۇز يۇەنلىك پۇلدىن ئۈچنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتىڭىز .مەن قولىڭىزدىكى پۇلغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم ،سىزدىن شۇنچىلىك رايىم قايتتىكى سىزنى ئەمدىلەتىن كورۇۋاتقاندەك سىزگە ئۇزاق تىكىلىپباشتىن ئاياق قاراپ  تۇرۋەتكەندىن كىيىن قەيەردىن كەلگەن جۇرئەتكى ئىشقىلىپ  :
-بولدى تىگىل بولدى ، مەن باشقىنى سورىماي ،بولۇپتۇ،  بارلىق مولۇك ئىككىمىزگە تەۋە دەيلى ئەمما  15 يىل ئىلگىرى سىزگە تاپشۇرغان تويدا چۈشكەن پۇل ئۆزەمگە تەئەللۇق. قېنى شۇنى بولسىمۇ بېرىڭ ،مەنمۇ ئاكا ،ھەدىلىرىم ئالدىدا بىزنىڭمۇ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرۇپ قوياي دىدىم .
        - نىمە پۇل ؟  سەن تېخى مەندىن ھېساپ ئالغۇچى بولدۇڭما ؟سىز ئاۋازىڭىزنى قويىۋېتىپ ۋارقىرىدىڭىز ، مەنمۇ بوش كەلمىدىم .
    -خوش ئەجەپ ئاپىڭىز ئاغرىپ قالغاندا 20 يۈئەن، ئاكىڭىز ئۆي سالغاندا 15 مىڭ يۇەن بېرەلىدىڭىز- يۇ، مىنىڭ ئاپام ئاپا ئەمەسمىكىنا  ،15 يىلدىن بېرى خىزمىتىڭىزنى قىلىپ شۇنچىلىكمۇ يۇزۇم يوقما مىنىڭ .بەك پەسكەنس...‹‹چاڭ ›› قىلىپ ئۇرۇلغان تەستەكنىڭ زەربىسى بىلەن سەنتۇرۇلۇپ بېرىپ تامغا ئۈستۈم .مانا مىنى ھاقاراتلىگىنىڭنىڭ جاۋابى سىز ئالقانلىرىڭىزنى سىلىغىنىڭىزچە ئاچچىقتىن قارىداپ تۇراتتىڭىز . بىزنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىمىزدىن بالىلارمۇ ئويغۇنۇپ كەتتى ،
       -دادا،ئاپا نىمە بولدۇڭلار ،شاھزاد ئۆڭسۆلى يوق كىرىپ كەلدى
        - ھېچ ئىش يوق چىقىپ ئۇخلا   سەم ماڭا سەت ئالايغانچە بالىغا گەپ قىلدىڭ . شاھزاد يۈزۈمگە قاراپلا ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى .
  - يۈر ئوغۇلۇم چىقىپ ئۇخلايلى  ،ھېچ ئىش بولغىنى يوق . شۇ كىچە كۆزۈمگە قەتئى ئۇيقۇ كەلمىدى   تاڭ ئاتقىچە كۆز يۇممۇدۇم. بىچارە ئوغلۇم كىچىچە يۇتقانغا بىشىنى پۈركىۋېلىپ يىغلاپ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالدىكىن بىلمەيمەن ئەمما قەلبىمدە نە سىزگە ،نە بۇ گۆرستانلىقنى ئەسلىتىدىغان ‹‹ئۆي››ىمىزگە نىسبەتەن قىلچىلىك مۇھەببەت قالمىغان ئىدى . مەن ئەمدى قەتئى نىيەتكە كەلگەن ئىدىم ،ھېلىمۇ بىچارە بالىلىرىم شۇنداق يۇۋاش ،گەپ ئاڭلايدۇ شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئاكا ھەدىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىنى   ياراشتۇرۇپ كېيدۇرۇپ قويساممۇ ئانچە قەغىشلىك قىلمايتتى .  مەنغۇ مەيلى شۇ بىچارە بالىلارغا زۆرۈر بولغان كىيىملەرنى ئېلىپ بەرگىچىمۇ شۇنچىلىك  سېسىق گەپلەرنى ئاڭلاپ پاتتىڭىىمغىچە تويۇپ كەتكەن ئىدىم ....
        مەن قەتئى نىيەتكە كەلگەن ئىدىم . پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمنىڭ بېشىنى يىنىڭ سىلاپ ئۆز ئۆزەمگە خىتاپ قىلدىم .جىنىم بالىلىرىم مىنى كەچۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنى جاپادا قويدۇم ،بۇندىن كىيىن بوينۇڭلارنى ھەرگىز قىسىلدۇرمايمەن ، كۆڭلۈمدە ئاپامغىمۇ شۇنداق ۋەدە بەردىم ‹‹جېنىم ئاپا 15 يىلدىن بېرى ئۆيۈم ،بالام دەپ سىزگە ياخشى قارىيالمىدىم ،مەن بەك دۈت ئىكەنمەن ، ئەمدى بولسىمۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن...››ئەتىگىنى بالىلارنىڭ  ئازراق كىيىملىرىنى ئېلىپ بالىلارنى مەكتەپلىرىگە ئاپىرىپ قويۇپ ، ئىشقا كەلدىم ۋە مەكتەپ مالىيەسىدىن پۇل قەرز ئېلىپ ئاپامنىڭ يېنىغا باردىم ھەمدە ئاكامغا بۇ ئازبولسىمۇ ئالىم ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى ئۆزى ئالدىراش بولغاچقا كېلەلمىدى  دەپ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي  قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم . يېنىكلەپلا قالدىم .   ئاپام ھەممىمىزگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئاقىلىپ ئاكام ۋە چوڭ ئاچاملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى . مەنمۇ يېنىڭ تىنىپ بىز چوڭ بولغان ئۆيگە كەلدىم نىمە دىگەن ئىللىق ئۆي -ھە ،مەن يەڭلىرىمنى تۇرۇپ  نەچچە كۈندىن بۇيان   يالغۇزسىراپ قالغان ئۆنى پاكىز تازىلاپ رەتلەپ چىقتىم چۈشتە شاھزاد مۇشۇ ئۆيگە كەلدى كەچتە قىزىمنىمۇ مەكتەپتىن ئۇدۇل ئەكىلىۋالدىم .  بىلەمسىز ئالىم بۇ بىر ئاي جەريانىدا نېرۋام شۇنچىلىك ئارام تېپىپ قالدى كىچىك قىزىم پات پات قەغىشلىك كىلىپ قويغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بالىلارمۇ كۆنۇپلا قالدى كېلەر   ھەراست ئاپاممۇ ساقىيىپ  قاپتۇ ئەتە ئۆگۈن ئىچىدەقايتىپ  كېلىدىكەن    ئاپامنىڭ سالامەتلىگى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگىچە ئاپامغا سىزگە قاراپ بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋالاي دەپ   ئالىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلدىم ، بالىلار كىچىك بولغاچقا ،ئۇنۇڭ ئۈستىگە سىزگە بەكلا ئامراق بولغاچقا ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كەلدىم دەپ قويىمەن (ئاللا ئىگەم يالغان سۆزلىگىنىمنى كەچۈرەر ).
          شۇنداق ئالىم خەتنى تولۇق ئوقۇغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ،ئەمدى ئىچىم ئازراق بوشاپ ،خېلىلا يەڭگىللەپ قالدىم.بىلەمسىز بۇمىنىڭ 15 يىلدىم بېرى ھېچكىمگە ئېيتالماي ئىچىمدە توشۇپ كەتكەن دەرتلىرىمنىڭ  پەقەت ۋە پەقەت بىر قىسمى .بەلكىم ھېچكىمگە دىمىدىم دىسەم ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ ئەمما ،بۇراست . ئاپام ،ياكى ئاكا ھەدىلىرىمگە ئېتامدىم ؟ياق ياق ،چۇنكى مىنى سىزگە ئۇلار زورلاپ بەرمىگەن بىز ئۆزىمىز تېپىشىپ توي قىلغان ، ئاپىڭىز ياكى سىڭلىڭىزغا ئەسلا دىيەلمەيمەن ،ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە سىزدىن ئازراقلا دادلاپ قويغان كۈنى سىزنىڭ مىنى قانداق قىلىدىغانلىغىڭىز ماڭا بەش قولدەك ئايان ...خىزمەتداشلىرىمغا تېخىمۇ دىيەلمەيمەن  .‹‹ئەقىللىق خوتۇن ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يايمايدۇ دەيدىكەن ››   ئائىلىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكىگە بانا بولۇپ بېرىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن .شۇنداق بىر ئايدىن بۇيان بالىلار ناھايتى ياخشى تۇرۋاتىدۇ . ئەمدى مەخسەتكە كەلسەم مەن ئاجراشماقچى ،بالىلارنى تولا ئويلاپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىم .  بالىلار خېلى ئاق قارىنى بىلگىدەك بولۇپ قالدى . مىنىڭ ئارتۇق تەلىۋېم يوق  ماڭا مال دۇندا ،ئۆيلەرنىڭمۇ كېرىكى يوق  خاتېرجەم ياشىسام بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قاتساملا بولدى .پەقەت سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم ئىككى يۈرەك پارەمنى مەندىن تالاشماڭ ئۇلار سىزنىڭ قولىڭىزغا قالسا ،ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قوللۇق ئۇلارنى يامان يولغا باشلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن . مەندىن غەم قىلماڭ مەن ھازىر ئاددى ساددا تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدىم ،مائاشىممۇ خېلى يۇقۇرى ،ھەرقانچە بولسىمۇ بالىلارنىڭ بوينىنى قىسىلدۇرماي چوڭ قىلالايمەن ،(ئاپاممۇ بىزنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان) مەن بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا زېھنىمنى  ئاپامنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە سەرىپ قىلىمەن .گېپىمنى چۈشەنگەنسىز .. سىزنى دۆشەنبە كۈنى سەھەردە سىزنى نىكاھ تىزىملاش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن .خوش ئامان بولۇڭ ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ،ھەراس كومپىيوتېر بەك زىيانلىق كۆپ ئولتۇرماڭ  .....
      ئاخىرسىنى ئوقۇشقا  جۈرئەت قىلالمىدىم . ئىچىمدىن ئاچچىق بىر يىغا ئېتىلىپ چىقتى ...خىيالغا پېتىپ قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن   ئايالىمنىڭ خېتىنىڭ ھەر بىر قۇرلىرى ماڭا تەستەك بولۇپ تەرەپ تەرەپتىن ئۇرۇلىۋاتاتتى. شۇتاپتا يۈزلىرىم كۆيۈشكەندەك چىمىلداپ كېتۋاتاتتى... ھەراس بۇگۇن شەنبىغۇ ...مەن ئالدىراپ كىيىمىمنى كىيدىمدە ئىشكاپتىن  كارتىنى ئېلىپ ئۆيىن ئالدىراپ چىقتىم .....

0

تېما

0

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23452
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 10:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئانچە قانائەت تاپالمىدىم، پۇل-مالغا شۇنچىلىك ھېرىس ئادەمنىڭ بىر پارچە خەت بىلەنلا «تەستەك» يەپ، ئىنساپقا كېلىپ قېلىشى ئەمىليەتكە تازا ئۇيغۇن ئەمەس، «مەن»نىڭ يولدىشىنىڭ 15 يىلدىن بېرى يىغقان پۇلنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى ئايدىڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە 15 يىلدىن بېرى كىيىم كىيمەي، ياكى ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىغا ئارىلاشماي، ياكى ئىقتىسادنىڭ زادى نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى سورىماي ئۆتىدىغان ئايال كىشىمۇ موشۇ دەۋرىمىزدە يوق دېيەرلىك بولسا كېرەك. ھېكايە تۇرمۇشقا قانچىلىك يېقىن بولسا، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنكاسىمدىن ئىجادىي پايدىلىنارسىز، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

158

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   52.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24157
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 10:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا ئىقتىساتچان ،ئاددى-ساددا بولۇش ياخشى ئەھۋال،بىراق ھەددىدىن ئاشۇرىۋىتىشمۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ مىھىرلىك كۆڭۈللەرگە ئازار بىرىپ قويىدۇ..... ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزغا تەشەككۈر قىرىندىشىم، قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي!!

2

تېما

0

دوست

5941

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 727
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 10:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنىڭ ئاخىرى رىئاللىققا ئۇيغۇن كەلمىدىمۇ-نىمە، مەن بىر ھۆكۈمانىڭ‹‹ بېخىلنىڭ ئوڭ قولى بىلەن مەيدە يانچۇقىنىڭ ئارىلىقى 1000يىللىق مۇساپىگە توغرا كېلىدۇ››  دېگەن ھىكمەتلىك سۆزىنى ئوقۇغان ئىدىم. بىر پارچە خەت بىلەنلا مىڭ يىللىق مۇساپىنى يوق قىلىۋىتىپسىز.

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە رەھمەت .

0

تېما

0

دوست

589

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21568
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ،ئەمما مۇشۇ بىر خەت بىلەن ئاپىخسىقنىڭ دەرھال ئۆزگەرگىنىگە ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ.ھىكايىنىڭ ئاخىرسى باركەندۇق دەپ ھېس قىلىپ قالدىم.سىزگە رەخمەت.

5

تېما

5

دوست

3285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 23:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا ئىقتىساتچان ،ئاددى-ساددا بولۇش ياخشى

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 14:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق پىخسىق ئەرلەر جەمىيىتىمىزدە خېلى كۆپ .ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،بىراق مەنمۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىن قانائەت تاپالمىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )