قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11666|ئىنكاس: 75

«چوڭ يولۋاسقا زەربە بېرىش» ھالقىلىق پەيىتتە تۇرۇۋاتىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئـەلـقـۇچــار

14

تېما

1

دوست

3392

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13371
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 332
تۆھپە : 819
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 17:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى: كومپارتىيەنىڭ «چوڭ يولۋاسقا زەربە بېرىش» ئويۇنى ھالقىلىق پەيىتتە تۇرۇۋاتىدۇ


پايدىلىنىش خەۋىرىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋەر تېمىسى:
◆جۇڭگو مۇئاۋىن مىنىستىردىن يەرلىك ئەمەلدارلارغىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايىتماقتا.
◆جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايىتماقتا.
◆يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى دوڭشېڭ چىرىكلەشكەن دېگەن گۇمان بىلەن بۇ يىلغا تەۋە ئىككىنچى بولۇپ تەكشۈرۈلگەن مەركىزىي كومتېت ئەزاسى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2014 نەپەر كەنت كادىرىنىڭ پاسپورتىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسىنىڭ چىرىكلىك ھادىسلىرىگە بولغان نارازىلىقى تۈپەيلىدىن، شى جىنپىڭ «چىۋىننىمۇ، يولۋاسنىمۇ تەڭ يوقىتىش» (بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىمۇ ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ) چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۆتكەن ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئالتە ئۆلكە ۋە تۆت ھۆكۈمەت ئورگىنىغا بېرىپ، چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك ھادىسلىرىنى ئىككىنچى قېتىملىق نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.
شىياڭگاڭ پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى دىڭ شۆلىياڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا: «چىرىكلەشكەنلەر جازاغا ئۇچىرىسا، شى جىنپىڭ غايەت زور قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ» ـــ دەيدۇ.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەر يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چاقىرىلىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، چىرىكلىك ھادىسلىرى 2013-يىلى جۇڭگو خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان 10 چوڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرغان. 2012-يىلى 7-ئورۇندا تۇراتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 16 نەپەر ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر چىرىكلىككە چېتىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن.
سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 23-دېكابىر سانىدا:«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش» (ئاپتورى خەن يوڭخوڭ) دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان.
جۇڭگودىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى 20-دېكابىر كەچقۇرۇن، ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى (باش مىنىستىر دەرىجىلىك) لى دوڭشېڭ قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.
بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن لى دوڭشېڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە ئاخبارات ۋە تەشۋىقات تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2009-يىلى تۇيۇقسىز تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇلتۇر 11-ئايغا كەلگەندە، ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدا ئۇنىڭ سالاھىيتى بىراقلا پارتىيە مەركىزىي كومتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆسكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ جياڭ جىيېمىندىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ موللاق ئاتقان مەركىزىي كومتېت ئەزاسى بولۇپ قالدى.
ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، لى دوڭشېڭ بايقىلىشتىن تۆت كۈن ئىلگىرى (16-دېكابىر) ج خ مىنىستىرلىكى پارتكومىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقان. بەلىكىم ئۇنىڭ بۇنداق تاساددىپىيلا تەختتىن غۇلاپ چۈشۈشىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولغىيىتتى. مانا بۇ، بۇ نۆۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۇياقتىن شەپە بېرىپ، بۇياقتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسنىڭ نەتىجىسى.
شۇنداق قىلىپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ باشلىرىدا باشلانغان بۇ ئويۇن قەدەممۇ- قەدەم ئىچكىرلەپ كىرىش، ھەممە تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش نەتىجىسىدە، «چوڭ يولۋاسقا زەربە بېرىش» ئويۇنىغا تەرەققىي قىلىپ، ھالقىلىق پەيىتكە قەدەم قويدى.
تاشقى دۇنيا بۇ بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ جاسارىتىنىلا كۆرەلەيدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر جۇڭگودا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلسا، ئېنىقكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن ئىسلاھاتقا ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز چۈشكەن بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۆتكەن ئايدا چاقىرىلغان 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، ھوقۇقدار رەھبەرلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئېنىق، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىككى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشنى بەكرەك تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن بىلەلەيمىزكى، 19-نويابىردىن ئاي ئاخىرىغىچە 2 نەپەر مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار (خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن بوخۈەي بىلەن سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى گو يوۋمىڭ) تەكشۈرۈلدى. 12-ئاي كىرىپ ئەمدى 20 نەچچە كۈن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا 4 نەپەر ئەمەلدارنىڭ (ئۇلار جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن ئەنجوڭ، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرى فۇشىياۋگۇاڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسىلىرىدىن توڭ مىڭچىيەن ۋە لى دوڭشېڭ) ئەمىلى تۆۋەنلىتىلدى ياكى تەكشۈرۈلدى.
يېقىندىن بۇيان، ھەر ھەپتىدە بىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار پاش بولۇپ جازالاندى. تۆۋەن قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئىچىدىمۇ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە» گە خىلاپلىق قىلىپ جازالانغانلىرى خېلىلا كۆپ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، 3-ئومۇمىي يىغىن بېكىتكەن ئىسلاھات نىشانى كۆپ لىنىيە بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە ئوخشاشمىغان ئورۇنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ۋە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لىنىيە خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىتا ئەركىن قويۇۋېتىش تەدبىرىنى قوللانغانلىقىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، ئەھمىيەتكە ئىگە تۈرلەر، مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان «ئېرىمچىك» پىلانى قاتارلىقلار ئاخىرى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى.
يۇقرىقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە، بۇلاردىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىدى «پارتىيە ۋە دۆلەتنى ھالاك قىلىش» تىن ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىسلاھاتنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇب بولۇشى، تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، بىر مەيدان ئەل رايى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات يۇقىرى- تۆۋەننىڭ ماسلىششىغا مۇھتاج. نۆۋەتتە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەكىتلىنىۋاتقان «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش+ ئىسلاھات» بولسا مەركىزىي كومتېت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتا. بۇ نۇقىتىنى ئورۇنداشتا قىيىنچىلىق ۋەخىيىم- خەتەر كۆپ. بۇ قېتىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەر قەتئىي نىيەتكە كەلدى. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نەتىجىلىرىگە قىزىقسىڭىز، نەزەرىڭىزنى 2014-يىلىغا ئاغدۇرۇڭ!

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلقۇچار

-1

تېما

0

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24008
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لى مىڭ باۋ قاچان جازالىنىدۇ؟!
./thread-21638-1-1.html
قۇتلان تېلفۇنلىرى

-1

تېما

0

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24008
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە مۇئاۋىنلار جازالىنىپ ، باش باشقۇرغۇچىلار قانۇن تورىدىن چۈشۈپ قالامدۇ نىمە؟
---
19-نويابىردىن ئاي ئاخىرىغىچە 2 نەپەر مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار (خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن بوخۈەي بىلەن سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى گو يوۋمىڭ) تەكشۈرۈلدى. 12-ئاي كىرىپ ئەمدى 20 نەچچە كۈن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا 4 نەپەر ئەمەلدارنىڭ (ئۇلار جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن ئەنجوڭ، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرى فۇشىياۋگۇاڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسىلىرىدىن توڭ مىڭچىيەن ۋە لى دوڭشېڭ) ئەمىلى تۆۋەنلىتىلدى ياكى تەكشۈرۈلدى.

2

تېما

0

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 800
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چوقۇم چوڭ يولۋاسلارنى يىقىتقاندا ئاندىن چىۋىنلەرمۇ ئەۋرەز كۆلچىكىگە تاشلىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ يولۋاسنى تۇتۇش ھەقىقەتەن مۇھىم . چوڭ يولۋاسنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش ھەممىدىن مۇھىم . مەركەزنىڭ نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى خوشال قىلىدۇ . خەلق سىلەرنى قوللايدۇ ، تىرىشىڭلار .

0

تېما

1

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلىيى كاجلار ۋە بىر قەدەر دۆترەكلەر تۇتۇلىدۇ شۇ،تەجرىبىلىك پارىخورلار ئەجدىھا ھىساپلىنامىكى،ئالار يەنىلا چوڭ ھوقۇقتا تۇرۇۋېرىدۇ.

15

تېما

1

دوست

2186

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 19:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ كىچىك يولۋاشلارغا قاچانمۇ كېېلەر ،،،،،،،،،،

2

تېما

0

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 800
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 20:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىكلىك تۈگىمىگۈچە مۇقىملىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسمىكىن دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )