قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 5

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق مارشاللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

413

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 23:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                                   2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق مارشاللار







1.مارشال روممىل
              2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاجايىپ يۈكسەك ھەربى تالانتى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ، ئۆلگەندىن كىيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشى ناتسېسىت گېرمانىيسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە  مارشالى ، كىشلەر تەرپىدىن قۇملۇق تۈلكىسى دەپ نام بىرىلگەن روممىلدۇر . مانسىتايىن ، روممىل ۋە گودېرئان 2-دۇنيا ئۇرۇشدىكى ناتسېسىت گېرمانىسىنىڭ 3چوڭ داڭلىق مارشالى ئىدى . ئۇلار سىياسى ۋە تېنچىلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، گېتلىرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى قورالى ، شۇنداقلا ناتسېسىتلارنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى
، فاشىزىمنىڭ قولچوماقچىسى بولسىمۇ ، بىراق ئولارنىڭ يۈكسەك ھەربى تالانتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان . بۇنىڭ پاكىتلىرى ناھايتى كۆپ ، مەسلەن فىرانسىينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى داڭلىق ماگنوت مۇداپىيە سېپىنى ۋەيران قىلىش ، ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان شىمالى ئافرىقىنى ئىشغال قىلىش قاتارلىقلار . مارشال روممىل گېتلىرنىڭ ئەڭ ئەتۋارلىق شۇنداقلا ناھايتى تېز ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسىرىنىڭ بىرى . روممىل ھايات ۋاقىتىدا سىرلىق شەخىس بولۇپ ، ئۇ توغىرلىق كىتاپلارنىڭ سېتىلىشى ھەر قانداق 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى گېرمانىيە گېنىرالىنىڭكىدىنمۇ كۆپ .ئونىڭ بېغىشلىمىسى<<روممىل قەيەردە بولمىسۇن ھەممىنىڭ ئالدىدا>> دىگەن سۆزدىن ئىبارەت . ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى  ، تەشۋىقات مېنىستىرى گېبلىس ئۇنى ماختاپ <<خەلىق مارشالى>>دەپ سۈپەتلىگەن ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ئونىڭغا ناھايتى زوقلانغان بولۇپ ، ئۇنى<<سەن سوغۇققان ھېيلىگەر دۈشمەن ، بىر ئۇلۇغ گېنىرال>>دەپ سۈپەتلىگەن .
         روممىل 1989- يىلى پىرۇسسىيە(ھازىرقى گېرمانىيە) ھېردىھامدىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئاتا- ئانىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى . روممل تۆت بالا بولۇپ، روممىل 3- پەرزەنىت ئىدى . روممىلنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى بولسا ئېنژېنېر بولۇش ئىدى . بىراق دادىسىنىڭ ئىدىيسىگە ئاساسەن ، 1910- يىلى 9- ئايدا خان جەمەتى ئارمىيسىگە قاتناشقان .1911-يىلى 3-ئايدا ھەربى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ ، ئوقۇش جەريانىدا 17ياشلىق كەلگۈسى ئايالى لۇسى بىلەن تونۇشقان . روممىل ھەربى مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا  دائىم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان . كىيىن ئوفىتسىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن . 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روممىل ناھايتى قەيسەر ، ئىرادىلكلىكى ۋە ھەربى جەھەتتىكى قەيسەرلىكى ۋە شۇنداقلا رەھىمسىزلىكى بىلەن 3نەپەر ئەسكەرنى باشلاپ ، 20نەچچە نەپەر فىرانسىيە ئەسكىرنىڭ ھوجۇمىنى بىت-چىت قىلغان ، كىيىن كاپىتانلىققا ئۆستۈرۈلگەن 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن ۋىنا شەھەرلىك يېڭى شەھەر ھەربى ئىشلار ئىنستۇتنىڭ مۇدىرى بولغان . گېتلىر ھوقوق ئىگلىگەندىن  كىيىن ئۇ يازغان <<پىيادە ئەسكەرنىڭ ھۇجۇمى >> دىگەن كىتاپ ،گېتلىرنىڭ قىزقىشىنى قوزغاپ ، ناھايتى تېز ئۆستۈرۈلگەن .1933-يىلى گېتلىر گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن كىيىن ، ئۇنى كۈزتۈپ ، ئۇنىڭ نام-ئاتاق ۋە شان-شەرەپكە ئامراقلىقىنى بايقىغان ۋە پايدىلانغان .1934-يىلى گېتلىر ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچىرشىپ پاراڭلاشقان . ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى گېتلىرنى ناھايتىمۇ خوشال قىلغان . 1939-يىلى گېتلىر گېرمانىيسى پولشانى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىدا گېتلىر ئۇنى ئۆزنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى<<بۆرە ئۇۋىسى>>نىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرگەن ۋە باش شىتابنىڭ تەربىيلىشىگە ۋە تەستىقىغا سالمايلا گېنېرال لېيتنانىت ئۇنۋاننىنى بەرگەن . خۇددى تارخچىلار دىگەندەك <<روممىل گېتلىر ياقتۇردىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالغان>> .كىيىن پولشا ئۇرۇشغا قاتناشقان .بۇ ئۇرۇشتا ناتسېسىت گېرمانىيسى 10كۈن ئىچىدە پولشا ، بېلگىيە ، لېيكسومبورگ قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئورۇش ئوتىنى فىرانسىيگە تۇتاشتۇرغان بولۇپ ، 1940- يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى7-بىرونىۋىك دېۋىزيىسىنىڭ كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرگەن . فىرانسىينى مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش داۋامىدا  روممىل 4-گوروپپىۋوي ئارمىيە 7-بىرونىۋىلك دېۋىزيىسىنىڭ كوماندىرى  سالاھىيتىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان . بۇ ئۇرۇش داۋامىدا روممىل فىرانىسيە ئارمىيسىنىڭ 2دېۋىزيىسىنى ئۆزنىڭ سىتراتىگىيەلىك جەڭ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ بىر دىۋىزيە ئەسكىرى كۈچ بىلەن مەغلۇپ قىلغان  .فىرانسىيلىكلەر ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە دېۋىزيىسىنى<<ئالۋاستى دېۋىزيە>>دەپ ئاتىغان . چۈنكى روممىل دائىم قارشى تەرەپ ئويلىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ، قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلغان . ئۇنىڭ فىرانسىيە ئۇرۇشىدىكى سىتراتىگىيتسى بولسا زەمبىرەكلەرنىڭ ھىمايسى ئاسىتىدا ، ماشنىلاشقان قىسىم ئارقىلىق پىيادە  ئەسكەرلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە ، بىر چەتتىن ئىلگىرلەپ بىر چەتتىن ئۇرۇش قىلىپ ،ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىش ، ھەتتا قېرىنداش قىسملارنىمۇ ناھايتى يىراقتا قويغان . بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسى ئارمىيسىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىلھامى بولغان . روممىل دېۋىزيىسى بۇ ئۇرۇشتا 2000نەپەر ئەسكەردىن زىيان تارىتقان ، ئەمما فىرانسىيە ئارمىيسىدىن 97000ئەسكەرنى يوقاتقان ۋە ئەسىرگە ئالغان . موشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى  فىرانسىيە 6ھەپتە ئىچىدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، گېتلىر  ئۇنى  ئالاھىدە چاقىرتىپ مۇكاپاتلىغان . 1941-يىلىدىكى شىمالى ئافرىقا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روممىل سىرلىق شەخىس قاتارىغا ئۆتكەن بولۇپ ،ئىتالىيە ئارمىيسىنىڭ مەغلۇبىيتىنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان . چۈنكى 1941 -يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى  ئۇ شىمالىي ئافرىقا ئالدىنقى سەپ كوماندىرلىقىنى ئۆتكۈزۋېلىپ ، 1941-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە  3دېۋىزيە ناتسېسىت گېرمانىيە ئارمىسى ۋە 2دېۋىزيە فاشىسىت ئىتاليە ئارمىيسىگە بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىپ تانكا ، پىيادە ئەسكەر ۋە ھاۋا ھۇجۇمىنى تەڭ قوزغاپ،ئۆز قوشونىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە نەچچە ھەسسە كۈچلۈك  ئەنگلىيە ئارميسىنى ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە(3ھەپتە) مەغلۇپ قىلىپ ئارقا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ ،  ئافرىقىنىڭ بىر تەرپىدىن يەنە بىر تەرەپتىكى مىسىرغا قوغلىۋەتكەن . شىمالى ئافرىقىدا پەقەت توبروك پورتىلا ئەنگىلىيە ئارمىسيىنىڭ قولدا قالغان . بۇ ئىش چېرچىلىنىمۇ چۆچۈتۈپ ،زور مىقتاردىكى ياردەمچى قوشۇننى دەرھال توبرۇكقا ياردەمگە ئەۋەتكەن . بىراق توبرۇك ئاخىرىدا يەنلا 1942-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيلىكلەرنىڭ قولغا ئۆتكەن .ھەتتا ئەنگېلىيە ئارمىيسىنىڭ قوماندانى- ئىتاليە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان مەشھۇر گېنېرال ئوۋكىنامنىمۇ ئەسىرگە ئالغان بولۇپ ، بۇ ھەممىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان .بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1942-يىلى1-ئايدا گېتلىر ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانىنى بېرىپ ناتسىېسىت گېرمانىيسىنىڭ شىمالى ئافرىقا گوروپپىۋوي  ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرگەن ، بۇچاغدا روممىل 51 ياشتا ئىدى . روممىلنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى ئۇرۇش تەجىربىسى بولسا :سۈرئەت بىرىنچى . ئەنگىلىيە ئارمىيسى روممىلىنىڭ دائىم شىمالى ئافرىقا جۇغراپىيسىگە ۋە كىلىماتىغا  تاينىپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى ، دائىم ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يىڭىدىغانلىقى ، ئۆزگىرىپ  تۇردىغانلىقىنىغا ئاساسەن ، ئۇنى <<قۇملۇق تۈلكىسى روممىل>>دەپ ئاتىغان . 1943-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گېتلىر ئونى چاقىرتىپ ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىغان .روممىلل ئۆز ھاياتىدا 30دانە ئەتراپىدا ئوردىنغا ئېرىشكەن . 1943-يىلى 8-ئايدا ئىتاليىدىكى گوروپپىۋوي  ئارميسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن . 1943-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيدە تۇرۇشلۇق گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن . 1944-يىلى6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە فىرانسىيگە كىرگەندىن كىيىن ، گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ بىر قاتار مەغلۇبىيتى باشلانغان . شۇنىڭ بىلەن روممىلدا گېتلىرغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان ،شۇندىن باشلاپ روممىل گېتلىرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك قارىشلاشقۇچىسى بولۇپ قالغان . 1944-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى گېتلىرنى قەستلەشكە قاتناشقانلىقتىن(بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىياسى قەسىتلەش بولۇپ ، روممىلىنىڭ  رەقىپلىرى  مارتىن ھرمان ئونى كۆرەلمەي قەستىلگەن ، چۈنكى نەچچە يىل ئىلگىرى روممىل ھېرماننى ھاقارەتلىگەن . ئەمەليەتتە بولسا روممىلىنىڭ 1944-يىلى7-ئاينىڭ24-كۈنى <<بۆرە ئۇۋسى>>دا يۈز بەرگەن ، گېتلىرنى قەسىتلەش سۈيقەستى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى)  1944-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 53يېشىدا گېتىلىرنىڭ بويرۇقىغا ئاساسەن  بالىسى ۋە ئايالى ئۈچۈن ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغان . ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن گېتلىر ئونى ناھايتى دەبدەبلىك ئۇزاتقان .
          ئۇ غەرىپ ھەربىيلىرى تەرپىدىن <<ئۇرۇش ھايۋىنى>> دەپ ئاتالغان .ئۇ رەھبەرلىك قىلغان دېۋىزيەنى بولسا <<ئالۋاستى دېۋىزيە>> دەپ ئاتىغان . ئەنگىليىلىكلەر ئونى <<قۇملۇق تۈلكىسى>> دەپ ئاتىغان . بۇلار ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسنى مۇئەييەنلەشتۈردۇ . ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزنى ماختىشنى ياقتۇردىغان بولۇپ . <<يەڭگۈچى روممىل >> دىگەن سۆزگە بەكلا ئامراق ئىدى . روممىل زىديەتلىك شەخىس بولۇپ ، بەزدە گېتلىرنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى تۇرغان . مەسلەن : 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېتلىرغا ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى نۇرغۇن  گېرمانىيلىك ئۆكتىچىلەر ، فىرانسىينىڭ <<چەتئەللىكلەر كورپۇسى>>غا قاتنىشىپ(فىرانسىينىڭ بۇ قوشۇنى توغىرىسىدا كىيىن سۆزلەيمەن ، بۇ ھەقتا ۋانداننىڭمۇ كىنوسى بار) ، گېرمانىيە ئارمىيسىگە قارشى تۇرغان . فىرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، گېتلىر بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەندە ، روممىل بۇ بۇيرۇقىنى رەت قىلغان . بىراق گېتلىر ئۇنى يەنلا ئەتۋارلاپ ئىشلەتكەن .
          روممىل فىرانسىيدىكى ئورۇشتا مۇنداق بىر يەكۈننى ئويلاپ تاپقان بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ : ئىككى ئارمىيە ئۇرۇشقاندا ، كىم ئاۋۋال ئوت ئېچىپ قارشى تەرەپنى بېسۋەتسە  شۇ ئاسان غەلبە قىلالايدۇ.ئۇرۇش توختىغان چاغدا ئۇرۇش تەرەققىياتنى ساقىلىغان كىشى مەغلۇپ بولىدۇ . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ <<ئاۋۋال مۇشىت ئاتقان نوچى>> دىگەن ماقالىغا ماس كىلىدۇ ، بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسى ھەربىيلىرنىڭ مۇھىم سىتراتىگىيسى بولۇپ قالغان  . شۇڭا روممىل 2 دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن قۇرۇقلۇق ھوجىمىنى بىرلەشتۈرۈپ دائىم دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېردىن چىقىپ ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ تۇرغان .
         ئەلۋەتتە روممىل مەغلۇپمۇ بولغان . روممىلىنىڭ مەغلۇبىيتى ئەنگېلىيە مارشالى سىېر مونتىگومىرنىڭ شىمالىي ئافرىقىغا كىلىشى بىلەن باشلانغان . ئالامان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ ئارمىيسىنىڭ  ئارقا سەپ تەمىناتى ، ئوق- دورا ، ئاشلىق كەمچىللىكى ، ئەسكەر كۈچى  يېتىشمەسلىك ، ئىتاليىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ موسسولىننىڭ تەختىن چۈشۈشى ۋە شۇنداقلا مارشال مونتېگومىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى  قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ، روممىل شىمالى ئافرىقىنى قولدىن بىرىپ قويغان . 1943-يىلى روممىل گېرمانىيگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئەسلىمە يېزىشنى باشلىغان .

2-مارشال مونتېگومىرى

        مارشال بېرناندۇ لاۋ مونتېگومېرى (Bernard Law Montgomery),بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگېلدىكى داڭلىق ئەنگېلىيە گېنرالى ، ھەربى ئىشلار ئالىمى ، ھەربى سىياسىيون ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ، ئەنگىلىيە ئىمپىريە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش سەنمۇجاڭسى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ داڭلىق قوماندانلىرىنىڭ بىرى . تۆھپىلىردىن شىمالى ئافرىقىدىكى <<قۇملۇق تۈلكىسى>>روممىلنى مەغلۇپ قىلغان ئالامان ئۇرۇشى ،  فىرانسىيدىكى نورماندىيە ئۇرۇشى قاتارلىقلار بار . 2002-يىلى مونتىگومىرى BBCتەرپىدىن <<ئەنگىليە تارخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس>>نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان .
ئۇرۇشتىن كىيىن ئەنگىليە پادشاھى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن گىرافلىق(ئاقسۆڭەك)لىك ئۇنۋانى بېرىلگەن .
     مونتېگومېرى 1887-يىلى 11-ئاينىڭ17-كۈنى لوندوننىڭ كوننىكتون رايوننىڭ شىېنماكتۇن كەنتىدىكى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . كىچىكىدە باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا پەننى نەتىنجىسى ناھايتى ناچار ، لىكىن تەنتەربىيدە ناھايتى ياخشى بولغان ، 1907-يىلى سانخوس ھەربى مەكتىۋىگە كىرگەن .  1908-يىلى12-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئەنگېليىنىڭ ھىندىستاندىكى قوشۇندا كەنجى ئوفىتسىر بولغان . 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىرانسىيە ،بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان . ئۇرۇشتىن كىيىن پودپولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ۋە  سەنممۇجاڭلارنى تەربىيلەش ھەربى ئىنستىتوتقا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن . ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 1921-يىلدىكى ئېرلاندىيە ئۇرۇشغا قاتناشقان . 1926-يىلى 1-ئايدا سەنممۇجاڭلارنى تەربىيلەش ھەربى ئىنستىتوتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن . 1935-يىلى مۇدىر ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن . 1937-يىلى9-پىيادىلەر كورپۇسىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.1938-يىلى10-ئايدا پەلەستىندە تۇرۇشلۇق 8-دېۋىزيىنىڭ كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە پەلەستىنلىكىلەرنىڭ قوراللىق توپلىڭىنى بېسىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن ، گېنىرال لېيتنانتلىققا ئۆستۈرۈلگەن .1939يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئىچىدىكى <<پولات دېۋىزيە>>دەپ نام ئالغان 3-دېۋىزيىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن . كىيىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن ئەنگېلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىسىملىرى بىلەن بېلگېيە ئارمىيسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، گېرمانىيە ئارمىيسىگە تاقابىل تۇرغان ، كىيىن گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇمىدا فىرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ،دېينكۇرىكتىكى چېكىنىش ئارقىلىق ئەنگېليىگە قايتىپ ، يۇقىرى دەرجىلىك ئوفىتسىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىسىغا قاتنىشىپ ساپا ئۆستۈرگەن . 1942-يىلى 7-ئايدا ئەنگېليىنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسى <<قۇملۇق تۈلكىسى>>روممىل تەرپىدىن مىسىرغا قوغلىۋىتىلىپ ،قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئەنگېلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل 1942-يىلى 8-ئاينىڭ4-كۈنى مونتېگومىرنى ئەنگېليىنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن . مونتېگومىرى شىمالى ئافرىقىغا بارغاندىن كىيىن ، چېرچىلىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە روممىلنىڭ تېلگىرامما كودىنى يېشىش ئارقىلىق ، 1942-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈندىن11-ئاينىڭ4-كۈنگىچەروممىلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئافرىقا گوروپپىۋى ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان .شۇنىڭ بىلەن شىمالى ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانننىڭ ۋەزيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان . ئەنگىليە پادشاھى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن گىرافلىق(ئاقسۆڭەك)لىك ئۇنۋانى بېرىلگەن  ۋە ئۇنى گېنىرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرگەن . 1943-يىلى 7-ئايدا ئۇ 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنى باشلاپ ، ئىتاليىنىڭ سېتسىليىدە قۇرۇقلۇققا چىققان . 1944-يىلى 6-ئايدا ئېزىنخاۋىرنىڭ نورماندىيدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشنىڭ باش ياردەمچىسى بۇلۇپ ،زور تۆھپە ياراتقان ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن .1945-يىلى 21-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنى باشلاپ گېرمانىينىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ھەربى قوشۇننىڭ تەسلىمنامىسىنى قوبۇل قىلغان  ۋە ئۇرۇشتىن كىيىنكى ئەنگېليە ئىشغاليىتىدىكى گېرمانىينىڭ باش ھەربى-مەمۇرسى بولغان  شۇنداقلا ئىتتىپاقداش ئارمىينىڭ گېرمانىيە باشقۇرۇش كومتىتىنىڭ ئەنگېلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان . 1946-يىلدىن1948-يىلغىچە ئەنگېليە باش سەنمۇجاڭلىقققا ، 1948-يىلدىن1951-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوغدىنىش ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ، 1951-يىلدىن1958-يىلغىچە شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ھەربى  تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان . 1958-يىلى 50يىللىق ھەربى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پېنسىيگە چىققان . 1976-يىلى 3-ئاينىڭ21-كۈنى 89يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
        مونتېگومىرى كىچىك ۋاقتىدا تولمۇ شوخ بولغاچقا ، ئاتا- ئانىسىغا دائىم چاتاق تېپىپ بېرەتتى .ئۇ 38ياشقىچە توي قىلمىغان . شۇڭا كىشىلەر مازاق قىلىپ <<ھەربى قوشۇن موتىگومىرنىڭ خوتۇنى >>دىگەن . 1927-يىلى 7-ئاينىڭ27-كۈنى 40ياشلىق مونتىگومىرى 39ياشلىق بېتتىنى (ئامىركىلىق) ئەمرىگە ئالغان. 1937-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى بېتتى ئاق قان كېسىلى بىلەن ئۆلگەن . ئۇرۇش ۋاقتىدا مونتىگومىرى دائىم ئالدىنقى سەپتە يۈرۈپ ، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرگەن .
موتىگومىرى بولسا ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئۆزنى تاۋلىغان ، ئاستا-ئاستا يېتىلگەن ھەربى، ئۇنىڭ تالانىتى كىيىن بايقالغان .
3-مارشال ژوكوف

  گېئورگى كونىستانتىنوۋىچ  ژوكوڧبولساسابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ (سوۋىت سوتسىيالىستىك سوۋىتلەر رېسپوبلىكىسى ، روسچە, CCCPئېنگىلىزچەUSSR )  1942-يىلىدىن 1945-يىلغىچە سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى، مارشال (باش قوماندان سىتالىن) بولغان بولۇپ،موسكىۋا ئۇرۇشى، سىتالىنگىراد ئۇرۇشى، كۇرىسكى ئۇرۇشى ۋە بېرلىن ئۇرۇشلىرىغا بىۋاستە ئالدىنقى سەپكە بېرىپ  قوماندانلىق قىلىپ ،زور تۆھپىلەرنى ياراتقان .  ژوكوڧ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيسىنىڭ2-دۇنيا ئۇرۇشى دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەغلۇبىيتىنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان داڭلىق ھەربى قوماندان،ھەربى ئىستىراتىگىيچى ، شۇنداقلا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 1936-يىلى قوزغالغان تازلاشتا 【توپا –چاڭ】 تەگمەي ساق قالغان گېنېرال ، سىتالىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئوفېتسىر . ژوكوڧ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ داڭلىق ، تۆھپىسى ئەڭ چوڭ مارشاللارنىڭ     بىرى (ئېزىنخاۋىر ، مونتىگومىرى ۋە ژوكوڧ).1945-يىلدىن تاكى 1957-يىلى 10-ئايداخېروشوف تەرپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغچە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قورۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ باش قۇماندانى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسى ئىشغال قىلغان گېرمانيە زىمىندىكى باش ھەربى قوماندان قوشۇمچە باش مەمۇر، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىسترلىقىنىڭ مىنىستىرى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوممىنىستىك پارتىيسى (بولشىۋىكلار پارتىيسى)سىياسى بىيروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.1974-يىلى 6-ئايدا كىسەللىك سەۋەبدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.زوكوفنىڭ ھەربىي تالانتىغا ھەتتا ئىتتىپاقداش ئارمىينىڭ ۋە ناتسىست گېرمانىيسىنىڭ ھەربىيلىرىمۇ قايىل بولغان.
   1917-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتگەندە ژوكوڧتۇرغان روتا ئىنقىلاپ قىلىپ،ئوفىتسىرلارنى قولغائېلىپ،ژوكوفنى رەھبەرلىككە سايلىغان. كىيىن ژوكوڧئۆزنىڭ بولشىۋىكلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.1917-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى  ژوكوڧ موسكىۋاغا بارغان . ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ قوغداش ئەتىرتىگە قاتناشقان.1918-يىلى 8-ئايدا قىزىل ئارمىيگە قاتنىشىپ موسكىۋا ئاتلىق1-دىۋىزيە4-پوللىكقا تەقسىم قىلىنغان.1919-يىلى 3-ئاينىڭ5-كۈنى ژوكوڧ بولشىۋىكلارپارتىيسىگەئەزابولغان. ئاقلاربىلەن قىزىللارئۇرۇشى(گىراژدانلارئۇرۇشى) مەزگىلىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن،1920-يىلى 7-ئايدا ژوكوڧ ئوفىتسىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن . (بۇ ئارلىقتا ژوكوفنىڭ سۆيگەن قىزى ماريە باشقلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن)  شۇندىن باشلاپ ژوكوڧ قەدەممۇ – قەدەم ئۆسكەن(ئادەتتىكى ئەسكەرلىكىتىن مارشاللىققا).بۇ ئارلىقتا ژوكوڧ  سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا يىلى-1936قوزغالغان تازلاشتا ھايات قالغان ۋە يەنلا ئۆستۈرۈلگەن(ژوكوف تازلاش مەزگىلىدە سىتالىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن،چۈنكى مارشال تۇخاچىۋىسكى سىتالىن تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن باشلاپ ، شۇنىڭدىن كىيىن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە زور تۈركۈمدە رەھبىرى كادىرلار، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر تازلانغان،ناتسېسىت گېرمانيىسى بلەن بولغان ئۇرۇشتائوفىتسىرلارتولمۇكەمچىل بولغان ،بۇئارلىقتا سىتالىن ئۇنى ناھايتىمۇ تېز ئۆستۈرگەن). ژوكوڧ  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ قوماندانلىقىدىن  تۇنجى تانكا گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ(بىڭتۈەننىڭ)قوماندانى بولغان.ناتسېسىت گېرمانىيسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا(ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشدا)ژوكوفنىڭ ھەربى تۆھپىسى ناھايتى چوڭ بولۇپ،ئۆزنىڭ ئاجايىپ يۈكسەك ھەربى تالانتى ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارىغا تاينىىپ ،سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ موئاۋىن باش قۇماندان بولغان .2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۇنياغا مەشھۇر  موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشى ، سىتالىنىگىرادنى قوغداش ئۇرۇشى ، كۇرىسكى ئۇرۇشى،  بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى قاتارلىق مىليون كىشىلىك ئۇرۇشلاردا سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىگە قوماندانلىق قىلىپ ،گېرمانىيە ئارمىسىنى مەغلۇپ قىلغان .مانا موشۇ ئۇرۇش غەلبىسى ژوكوفنىڭ ھەققى ھەربى تالانتىنى جارى قىلدۇرشىغا ئۇل سېلىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى كۈچەيتكەن .ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ،قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان
     1917-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتگەندە ژوكوڧ تۇرغان  روتا ئىنقىلاپ قىلىپ ، ئوفىتسىرلارنى قولغا ئېلىپ، ژوكوفنى  رەھبەرلىككە سايلىغان. كىيىن ژوكوڧ ئۆزنىڭ بولشىۋىكلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.1917-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى ژوكوف موسكىۋاغا   بارغان.  ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ قوغداش ئەتىرتىگە قاتناشقان.1918-يىلى 8-ئايدا قىزىل ئارمىيگە قاتنىشىپ موسكىۋا ئاتلىق1-دىۋىزيە4-پوللىكقا تەخسىم قىلىنغان .1919 - يىلى 3-ئاينىڭ5-كۈنى ژوكوڧ بولشىۋىكلار پارتىيسىگە ئەزا بولغان.كىيىن روسيىدىكى ئاقلار بىلەن قىزىللار ئۇرۇشى(گىراژدانلار ئۇرۇشى) مەزگىلىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ،1920 -يىلى 7-ئايدا ژوكوڧ ئوفىتسىرلققا ئۆستۈرۈلگەن.1936 –يىلى ئىسپانىيدىكى ئىچىكى ئۇرۇشقا سىتالىن بىلەن ۋورشولوفنىڭ بۇيرۇقى بويچە بارغان(ئىسپانىيدىكى ئىچكى ئۇرۇش بولسا ئاخىرىدا فاشىست فىرانكونىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشقان. 5- كالوننا دىگەن سۆز موشۇ چاغدا پەيدا بولغان).1937-يىلى قايىتقان .1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-ئارمىيسىنىڭ قوماندانلىقىغا ،ئۆستۈرۈلگەن ،1938 -يىلى بېلروسيە ھەربى رايۇننىنىڭ باش قوماندانى بولغان .يەنە شۇ يىلى باش شىتابنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىتالىننىڭ قۇشۇلىشى بىلەن  يۇقارقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ھەربى ئىشلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ، جوڭگوغا كىلىپ ياپون ئارمىيسىنىڭ ھەربى ئىستىراتىگىيسى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ تەتقىق قىلغان . 1939-يىلى 6-ئايدا ژوكوف تاشقى موڭغۇليە خەلىق جۇمھۇريىتى ئارمىيسى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىگە بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىپ ياپون ئارمىيسىنىڭ ئېغۋاگەرچىلىكىنى تارمار قىلغان يەنى ئۆزدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان ياپونيە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان.بۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە ژوكوف پىيادە ئەسكەر ، توپچى قىسىم ، بىرونۋىك قىسىم ۋە ھاۋا ئارمىسىنىڭ ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئورۇش قىلىپ ،ئەڭ يېڭى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1939-يىلى 9-ئاينىڭ 16كۈنى تاشقى موڭغۇليە خەلىق جۇمھۇريىتى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى بىر تەرەپ ، ياپونيە بىر تەرەپ بولۇپ موسكىۋادا ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمگە قول قويغان ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇپ ، تاشقى موڭغۇليە خەلىق جۇمھۇريىتى بىلەن قورچاق مانجۇريىنىڭ چىگراسىنى بىكىتكەن . ياپونلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بىر قېتىملىق موتۇرلاشقان قىسىمنىڭ موھىملىقىنى چۈشەنمىگەنلىكتەك ئازاپلىق ساۋاقنى قوبۇل قىلغان . موشۇ ئۇرۇش جەريانىدا ژوكوف موتورلاشقان قىسىم ئىشلەتكەن ھەربى ئەسلەھەلەرنىڭ كەمچىلىكىنى تېپىپ چىققان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى موتۇرلاشقان قىسىمنىڭ ھەربى ئەسلەھەلىرىنىڭ زور دەرجىدە ياخشىلىنىشغا زور تۈرىتكە بولغان . موشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1940-6-ئايدا ژوكوف گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئوكرائىنا ھەربى رايۇنننڭ نۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. 1941-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونيىنىڭ ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرىتنامىسىنى ئىمزالاپ ،1945 يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى مانجۇريىگە قوشۇن چىقارغۇچە تىنىچ ئۆتكەن . شۇندىن باشلاپ ژوكوڧ قەدەممۇ – قەدەم ئۆسكەن.يەنى ئاددى سولدات (ئەسكەر)لىقىتىن ئۇچقاندەك ئۆسۈپ ، ئەڭ ئاخىرىدا مارشال (يەنى گېنېراللېسموس)لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
     ژوكوفنىڭ تۆھپىسى ناھايتىمۇ چوڭ  بولغانلىقتىن  ، سىتالىننىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە  ۋە ئىشىنىشىگە سازاۋەر بولغان.1937-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا  قوزغالغان«چوڭ تازلاش »مەزگىلىدە ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە  نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوفىتسىرلار تازلاپ چىقىرىلغان شۇنىڭ بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە زور دەرجىدە ئوفىتسىر كەمچىللىك كىلىپ چىققان .بۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ناتسېسىت گېرمانىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا زور كۆلەملىك مەغلۇبيەتكە ئۇچىرغان.بىراق ژوكوف يەنلا ئامان قالغان ۋە ئۆستۈرۈلگەن . سىتالىن ئۆلگەندىن كىيىن خېروششوف  بىلەن بېريە (KGBنىڭ سابىق كاتتىۋىشى)ھوقوق تالشىش كۆرشىدە ،ژوكوف خېروششوفنى قوللاپ ،ئۇنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوممىنىستىك پارتىيسىنىڭ باش سېكىرتارى) بولشىغا ياردەم قىلغان . بىراق خېروششوف تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ژوكوفتىن ئەنسىرەپ(چۈنكى بېريەنى يۇقاتقاندىن كىيىن ئۆزنىمۇ يوقتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداقلا سىتالىنغا ئۆچمەنلىكىدىن-بۇنى كىيىن مۇمكىن بولسا سۆزلەيمەن) ، ئۇنىڭ يوگۇسلاۋيە ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭ بارلىق ھەربى ۋە مەمۇرى ھوقودىن ئېلىپ تاشلاپ ، پەقەت مارشاللىق ئۇنۋانىلا ساقلاپ قالغان . بېرژېنىېف خېروششوفنى ئۆرۋەتكەندىن كىيىن ،ژوكوفنىڭ نامى ۋە مەمۇرى ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن . (خېرششوفنىڭ سىتالىن بىلەن شەخسى ئۆچ-ئاداۋىتى بار،بۇ ھەقتە كىيىن خېروششوف ھەققىدە ئايرىم سۆزلەيمەن،ھازىر سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن). 1958-يىلى 3-ئايدا ژوكوف رەسمىي تۈردە پېنسىيگە چىققان(پېنسىيە مائاشى 5500رۇبلى ، تەخمىنەن1357دوللار) .1964-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى خېروششوف تەختتىن چۈشۈپ ، بېرژېنىف تەختكەچىققاندىن كىيىن ئەسلگە كەلتۈرۈلگەن.
        ژوكوف بىلەن سىتالىننىڭ مۇناسىۋىتى توغىرلىق ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ ، لېكىن ژوكوفنىڭ چوڭ تازلاشتىن ئامان قالغانلىقى ۋە ئۆسكەنلىكى ئۇنىڭ ئالاھىدە مۇناسۋىتىدىن  ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ھەربى جەھەتتىكى تۆھپىسىدىن دەپ قارايمەن.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا سىتالىن ھەممنى قىرۋەتسە ،ئىككى پۇتىنىڭ بىر ئۆتۈككە تىقىلدىغانلىقىنى بىلىدۇ- دە ، بۇ ناھايتى ئېنىق بىر مەسلە .لىكىن ژوكوفنىڭ ھەققەتەنمۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاجايىپ تۆھپىسىنى ۋە يۈكسەك ھەربى تالانتىنى يوققا چىقىرىشقا قەتئى بولمايدۇ . چۈنكى ئەگەردە مۇشۇ ئوفېتسېرلار بولمىغان بولسا ، بەلكىم سوۋىت روسيىسىنىڭ تارىخى قايتا يېزىلغان بولاتتى . ئۇنداقتا بۇنىڭغا  ئەگشىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ تارخىمۇ قايتا يېزلاتتى – ئەلۋەتتە . -دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ،سوۋىت ئىتتىپاقىدا <<چوڭ تازلاش>> بولۋاتقان بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئوفېتسىېرلار تۇتقۇنلۇقتىن چىقىپلا ، ئالدىنقى سەپكە بارغان(ئاق يولۋاس فىلىمىنى كۆرشىڭىزگە تەكلىپ بېرىمەن)، ھەتتا تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرمۇ ئەسكەر بولغان . 2-دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ،سىتالىننىڭ قارغۇلارچە قۇماندانلىقى تۈپەيلىدىن، بىر مېليوندىن ئارتۇق سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيسىدىكى ئەسكەر زىيانغا ئۇچىرغان.ناتسېسىت گېرمانىيسى سوۋىت ئىتتىپاقىنى يوقتىش ئۈچۈن ، ئەسىرگە چۈشكەن ئەسىرلەردىن قورچاق <<سوۋىت ئىتتىپاقى ئازاتلىق ئارمىيسى>> ، <<مۇسۇلمانلار دېۋىزيىسى>> قاتارلىقلارنى قۇرغان ۋە ئۆزنىڭ گۆشىنى ئۆزنىڭ يېغىدا قورىغان.  .(چۈنكى شۇ چاغدا بەزلەر سوۋىت ئىتتىپاقدىن ،توغىرسى سىتالىندىن يىرگەنگەن)【بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار سابىق دېموكراتىك گېرمانىينىڭ تېلۋىزيە تىياتىرلىرىدىن روھىمسىز فىرونىت ۋە ئامېرىكىنىڭ مەرگەن ناملىق فىلىمىدا سۆزلەنگەن 】.بۇ ئارلىقتا ژوكوف بېلرۇسيە 1-يۆنلىش ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانى بولغان ، بۇمەزگىلدە پۇتۇن ئارمىدىكىلەرنىڭ ئويۇشۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە يېڭلىق يارتىش روھىنى رىغبەتلەندۈرگەن .كىيىن ژوكوڧ  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ قوماندانلىقىدىن  تۇنجى تانكا گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ (بىڭتۈەننىڭ) قوماندانى بولغان . ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ،ئىنچىلىك بىلەن ۋەزيەتنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ھەمدە ھېسابلاپ ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاساس سالغان .ناتسېسىت گېرمانىيسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا (ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشدا)ژوكوفنىڭ ھەربى تۆھپىسى ناھايتى چوڭ بولۇپ،ئۆزنىڭ ئاجايىپ يۈكسەك ھەربى تالانتى ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارىغا تاينىىپ ،سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ موئاۋىن باش قۇماندان بولغان .2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۇنياغا مەشھۇر  موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشى ،دۇنيانى تىتىرەتكەن سىتالىنىگىراد ئۇرۇشى ، 900كۈنگە سوزۇلۇپ تۇنجى گېرمانىيە مارشالى پاۋلوف ئەسىرگە چۈشكەن لېننىنگېراد ئۇرۇشى ، كۇرىسكى ئۇرۇشى،  سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن غەرپىنىڭ تالىشى باشلانغان  بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى قاتارلىق نەچچە مىليون كىشىلىك ئۇرۇشلاردا مارشال ژوكوف سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىگە قوماندانلىق قىلىپ ،گېرمانىيە ئارمىسىنى مەغلۇپ قىلغان . مانا موشۇ ئۇرۇش غەلبىسى ژوكوفنىڭ ھەققى ھەربى تالانتىنى جارى قىلدۇرشىغا ئۇل سېلىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى كۈچەيتكەن . سىتالىن مانا موشۇ ژوكوف قاتارلىق بىر نەچچە نەپەر  ئالى ئوفىتسىرلارنىڭ ھەربى تالانتىغا ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارغا  تاينىپ ، موسكىۋاغا60 كېلومىتىر قالغان ناتسېسىت گېرمانيىسى ئارمىيسىنى قەدەممۇ- قەدەم چېكىندۈرگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.مارشال ژوكوفنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىغا ئىتتىپاقداش ئارمىينىڭ ۋە فاشىست ئەللەرنىڭ ھەربىي-ئوفېتسىرلىرىمۇ  ناھايتى قايىل بولغان. بۇنىڭغا قەتئى كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ .

9

تېما

4

دوست

4600

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 11:56:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىمۇ نۇرغۇن داڭلىق مارشال بولالىغۇدەك ئادەم بار ئىدى ،ئەمما ئىستىراتىگىيىچى( سىياسەتشۇناس) ، پەيلاسۇپ يوق ئىدى . ئەنۋەر مۇسابايوفتەك كارخانىچىلارمۇ تەل ئىدى بولمىسا .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ana tilim maggu yokalmaydu

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 2445
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 18:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ خىياللىرىم يەنىلا دۆلەت ئازات بۇلۇش ھارپىسىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى ئابدۇكىرىم ئابباسوفلارنىڭ پاجىئەلىك ئۈلۈمىگە كىتىپ قالدى..نىمىلا دىگەن بىلەن تارىخى قايتىلانمايدۇ.

4

تېما

0

دوست

5132

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1147
توردىكى ۋاقتى: 388
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 20:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 18:16
بۇ تىمىنى ئوقۇپ خىياللىرىم يەنىلا دۆلەت ئازات بۇلۇش ھا ...

بۇ ئىككى  گىنرالغا  ھەيران  قالمەن  زادى ؟  قانداق قىلىپ گىنرال بۇلغاندۇ ؟  ئوخشاش  گوشنى  بىر ۋاقىتتا  قازانغا  سالسا  تەڭ  پىشاتتى  .  ئەمما  بۇ ئىككى گوش بالدۇر  پىشتى  . بالدۇر  قوساققا كىردى  شۇ .
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

11

تېما

0

دوست

3098

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 667
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 12:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارشال روممىل ئالامەت ئۇتۇق قازانغان مارشالكەنتۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )