قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 2

ساغلام ئۇزۇقلۇنۇش توغرىسدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

923

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 11:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                        ساغلام ئۇزۇقلىنىشتىكى 13 مۇھىم نوقتا



ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش كۆپلىگەن كىشلەر خيالقىلغىنىدەك ئۇزۇقلنىشنى قالايمقانلاشتۇرۋىتىش ياكى ئۆزىنى تارتىپ چەكلەش ئەمەس.ساغلام ئۇزۇقلنىشنىڭ بىرنىچى پىرنسىپى ناھايىتتى ئاددى بولۇپ، تۈرلۈك ، خىلمۇ-خىل يېمەكلەرنى ئستىمال قىلىشتۇر.چۈنكى ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەردە ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇقلۇقلار بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن،مىۋىلەر، كۆكتاتلار، ئاشلىقلار، پۇرچاق تۈرىدىكىلەردە كاربون سۇ بىرىكمىللىرى ، ئۇسۇملۈك تالاسى، ۋىتامىن ۋە مىنرال ماددىلار مول بولۇپ، ياغ ئاز بولىدۇ. گىلستۇرول بولمايدۇ. بۇلار ئادەم بەدىنىنى كۆپلىگەن كالورىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قالغان كالورىيەلەر چۇقۇم تۆەن مايىلىق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى دەپ قارالغان مايسىز گۆش ، ئوي قۇشىلىرى ۋە بېلىقلاردىن كېلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەنگە كىرگەن كالورىيە بىلەن بەدەندىن چىقىپ كەتكەن كالورىيەنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشىمىز ، يەنى بەدىنىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان نورمىدىن كۆپ يېمەكلىك ئىستمال قىلماسلىقىمىز . ئۇنداق بولمىسا ئاسانلا سەمىرىپ كتىمىز. قانچەھەرىكەتچان، ئەمگەكچان بولساق قانچلىك كۆپ يېسەكمۇ يەنىلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغىلى بولىدۇ.  
تۆۋەندىكى 3 ئاساسلىق باسقۇچنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ ئامراق يېمەكلىكىڭىزدىن ۋاز كىچىش مەنسىنى بىلدۇرمەيدۇ. پەقەت سىزنىڭ پۇتكۈل تامىقىڭىزتەڭپۇڭلاشقان ھەم ئۇزۇقلۇق ۋە ئۈسۈملۈك تالالىرىغا مول بولسىلا، ئاندا-ساندا يەپ قويدىغان مايلىق تاماقلار ھېچقانچە گەپ ئەمەس. ئەمما مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ يىيلىشىش قېتىم سانىنى چەكلەش، ھەم بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئستىمال قلىشتەرەپدارى بولۇش.

ئۇنىڭدىن باشقا ساغلام ئۇزۇقلىنىشىنى يېمەكلىك تاللاش دائىرسىنى كېڭەيتىشنىڭ بىرپۇرسىتى دەپ قاراپ، بەك يەپ كەتمەيدىغان يېمەكلىكلەردىن بولۇپمۇ كۆكتاتلار، پۈتۈندانلىق يېمەكلىكلەر ياكى مىۋىلەرنى يەپ بىرىش. ساغلام ئۇزۇقلىنىش ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئشتىھاسىنى قوزغىمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بىرش دىگەنلىك ئەمەس.

تۆەندىكى ئاساسلىق تەۋسيىلەر ساغلام ئۇزۇقلىنىشى ئاددىتىنى يىتلىدۇرۇشتە بىلىشكە تىگىشلىك نوقتىلار
1. يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك يەپ بىرىش. مىۋە، كۆكتات، پۇرچاق ، دانلىق ئاشلىق قاتارلىقلار دا ناھايىتتى ياخشى كاربون سۇ بىرىكمىللىرى ، ئۇزۇقلۇقلار،تولۇقلىغۇچى ماددىلار بولۇپ كالورىيە مىقداردى بىرقەدەر تۆۋەن . بۇلاردا ھەر كۈنى بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان يېمەكلىك تالالىرىدىن 20-30گىرامغىچە بولۇپ، كاربون سۇبىرىكىمللىرىنىڭ   قۇبۇل قىلىنىشىنى ئاستلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  ئىنسۇلىن ۋە قانشېكىرىگە بولغان تەسىرى ئاز بولۇپ ساغلاملىقنى باشقىچە مەنپەتلەر بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر مۇھىم بولغان ۋىتامىن ، مىنرال ماددىلار ،ئۇسۇملۈكلەردە بار بولغان خىمىيلىك تەركىپلەر (ئۇسۇملۇك خىميىلىك تەركىپلەر ساغلام بولۇشنىڭ ئاساسى ) بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
2. يىشل، ساغۇچ ، سېرىق رەڭدىكى مىۋىلەر  ۋەكۆكتاتلارنى يەپ بىرش ، مەسىلەن: يېسۋىلەك، سەۋزە، قوغۇن ، ئاپلىسىن تۈردىكى مىۋىلەر. بۇ تۈردىكىلەردىكى ئوكسدىلىنىشقا قارىشى تۇرغۇچى ماددىلار ۋە باشقائۇزۇقلۇقلار مەلۇم تۈردىكى ئۆسمە ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلشتا ياردىمى بار. كۈندە بەش قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئستىمال قىلىپ بىرىش .
3. تاتلىق يېمەكلىكلەر ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىدىن ئاق بولكا ۋەتۈزلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئسىتىمال قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەش. شېكەر  تۈرلۈك يېمەكلىكىلىرىمىزىگە بىرنىچى بولۇپ قۇشۇلىدىغان قوشۇلىغۇچى . كۈندە ئىچىلىدىغان  بىر بوتۇلكا ml340 لىق سودا سۈيىمۇ(160كالورىيە) بىر يىل جەرىيانىدا يىغىلىپ ئادەمنى 5.9718675 كىلوگىرامدىن ئارتۇق سەمىرىتىدۇ. نۇرغۇن تاتلىق يېمەكلىكلەردىكى ياغ تەركىبىمۇ يۇقىرى بولۇپ ، كالورىيە مىقدارىمۇ ناھايىتتى كۆپ .
4. ھايۋانات ياغلىرىنى كەم ئستىمال قىلىش، ھايۋانات ياغلىرىدا تۇيۇنغان مايلار مول بولۇپ،قاندىكى گىلسترول مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، ساغلاملىققا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. مايسىزگۆش ، تىرسى ئېلۋىتىلگەن ئوي قۇشلىرى، ياغىسز ياكى تۆۋەن ياغىسز يېمەكلىك مەھسۇلاتىلىرىنى ئسىتىمال قىلىش.
5.ياغىنىڭ يەتكۈزۇلۇش يولىنى ئۈزىۋىتىش. تاللا بازالىردىكى ھىدرولاشتۇرۇلغان كۆكتاتلار  ۋە تىز تاماقخاندىكى يېمەكلىكلەردە ياغ ئشلىتىلىدۇ.
6. بېلىق ۋە مېغىز تۈردىكىلەرنى كۆپرەك ئستىمال قىلىش. بۇلاردا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان تۇيۇنمىغان ياغلار بولىدۇ. زەيتۇن يېغى ياكى زىغىر ياغىلىرىنى سېرىق ماي ۋەيېمەكلىككە سۈركەپ يەيدىغان سۇنئى مايلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش.
7. تاماق مىقدارى نورمال بولۇش، بولۇپمۇ يۇقىرى كالورىيىلىك يېمەكلەرنىڭ مىقدارى نورمال بولۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رىستۇرانلاردىكى كۈتۈش سالمىغى بەكمۇ ھەشەمەت بولۇپ كەتتى. ئالاھىدە تاماقلارنى بۇيرىماسلىق، دوستلار بىلەن تەخسىنى ئايرىم ئشلىتىش. ئشتىھا ئاچدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا بىۋاستە تاماقنى بۇيرۇتۇش.
8. كۈندىلىك گىلستورول قۇبۇل قىلىش مىقدارىنى 300دىن ئاشۇرۋەتمەسلىك. گىلستىرول پەقەت ھايۋانات گوش ياغلىرى ، ئوي قۇشىلىرى گۆشلىرى ، سۈتتىن ، تۇخۇم سېرىقىدىن پىششقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىلا بولىدۇ.
9.يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇش، ئوخشاش تۈردىكى يېمەكلىكلەر بىلەن بىر كۈن ئىچىدە قۇرساق تويغۇزۇشتىن ساقلىنىش. ئاساسلىق ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بولىشىنى كاپالەتكەئىگە قىلىشقا مۇمكىنچىلىگىنى كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئستىمال قىلىش ئارقىلىق كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك ئۇزۇقلارنىڭ قۇبۇل قلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ خىل ئۇزۇقلىنىش دائىم بىر خىل يېمەكلەردە بولغان دېھقانچىلىق دوراقالدۇقلىرىدىن زەھەرلىنىش مىقدارىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.
10.مۇۋاپپىق بولغان كالتىسىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. كالتىسى ساغلام سۇڭەك ۋە چىشنىڭ كاپالىتى. ياغ تەركىبى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەردىن كالتىسى قۇبۇلقىلىش، مەسىلەن قايمىغى ئايرىۋىتىلگەن سۈت ، تۆۋەن قايماقلىق قېتىق قاتارلىقلاردىن. ئەگەر ئەڭ ياخشى بولغان ئۇزۇقلۇق تەركىپلەرنى قۇبۇل قىلىشقا مۇمىكىن بولمىسا ،تولۇقلىغۇچى ئۇزۇقلۇقلارنى ئستىمال قىلىش.
11. ۋىتامىن ۋە مىنرالىنى ماددىلارنى تولۇقلغۇچى ئۇزۇقلۇقلاردىن  ئەمەس يېمەكلىكلەردىن قۇبۇل قىلىشىشقا تىرشىش. تولۇقلىغۇچى ئۇزۇقلۇقلار ھەرگىزمۇ ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان ۋىتامىنلار،مىنرالنى ماددا ، ئۇزۇقلۇق ۋە بىرىكمىلەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.  يېمەكلىكلەر بەدەندىكى نۇرغۇن ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئۇنۈملۈك رولىنى جارى قىلىدۇرۇشتىكى«تەڭشىگۈچلۇك» رولىنى ئۆتەيدۇ.
12.بەدەن ئېغىرلىغىنى نورمال ساقلاش. بەدەن ئېنىرگىيسىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش ۋە سىرتقاچىقىرلىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش. زۇرۇر بولغان تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللۇنۇش.
13. ھاراق ئىچىدىغانلار زىيادە كۆپ ھاراق ئىچمەسلىك، زىيادە ھاراق ئىچىش كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىللىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئسپىرتىلىق ئىچملىكلەر ھېچقانداق ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىمەي تۇرۇپ كۆپلىگەن كالورىيە پەيدا قىلىدۇ.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

15

دوست

3962

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 21:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما  يوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر ، چۈنكى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى ، بىر ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ناچار بولۇشى ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ، شۇڭا ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتلدۈرۈش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3312
توردىكى ۋاقتى: 612
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 21:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )