قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1555|ئىنكاس: 21

مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇشقا بولارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24459
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 16:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇشقا بولارمۇ؟

  
  

           ئىسلاھات ئېچىۋىىش ئىشلىرىنىڭ ئۆلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، كېڭىيىشى ۋە راۋاجلىنىشى ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەردە ئالامشۇمۇل غەلبىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار مەيدانغا چىقىپ كىشىلەرگە خىزمەت، ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باشقا جەھەتلەدە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارنى زۆزۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە ئېغىرچىلىقلاردىن ئازاد قىلدى. خىزمەت قىلىش، ئىش بىجىرىش، يول يۈرۈش جەھەتلەردە  ۋاقىت قىسقىراپ، ئىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  ئالايلى، بىلەتچىسىز ئاپتۇبۇس، مۇلازىمەتچىسىز ئاشخانا ياكى تاللا تاماقخانا، تاللا بازار، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك پۇل مۇئامىلە ماشىنىسى، تور ئالاقىسى، تور بانكىسى، تور سودىسى..... قاتارلىقلار يۇقىرىقى سۆزۈمنىڭ دەلىلى ئەلۋەتتە.  بۇ تاللا بازار، تاللا تاماقخانا، تور ۋە ئاپتوماتىك ماشىنىلاردىن كىشىلەر خالىغان ۋاقىتتا، خالىغانچە پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى خالىغانچە قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
       مەن ئويلاپ قالدىم، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارنى رازى بولغۇدەك خىزمەت ، تۇرمۇش، ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن  مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قىسمەن بولسىمۇ قاندۇرۇشقا مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشقىلى بولارمۇ؟
      ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ھەر كۈنى خىزمەت يوقلىمىسى قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتى. ئەتىگەندە ۋە چۈشتە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە كېچىكىپ قېلىشتىن ۋايىم يىمەي، خاتىرىجەم ھالدا بالىلىرىنى مەكتەپكە، يەسلىگە ياكى قارىغۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئالدىراش ئىشلىرىنى تۈگۈتىۋېلىپ، ئالدىرىماي-تېنىمەي، بىخىرامان ھالدا مەكتەپكە كېلەتتى. ئارقىسىدىن ئەگەشكەن بالىلىرىغا «بالام مەن مەكتەپكە كېچىكىپ قالسام مۇدىر تىللايدۇ»، «بالام مەن مەكتەپكە كېچىكىپ قالسام مۇدىر مۇئاشىمنى تۇتۇۋالسا مەن ساڭا پۇل بىرەلمەيمەن جۇمۇ»،« بالام مەكتەپكە بارساڭ مۇدىر قۇلىغىڭنى كېسىۋىتىدۇ!» دەپ ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، بالىلىرىغىمۇ مۇدىرغا ئۆچ بولۇشنى ئۆگىتىپ ئولتۇرمايتى.
      ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا بىر قىسىم ئايال ئوقۇتقۇچىلار ھەتتاكى ئەر ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنىڭ كۆيۈنۈپ بېقىپ بىرىشىگە ئىشەنمىگەن ئارزۇلۇق بالىلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىلىپ، كۆز قارچۇغۇدەك ئاسىراپ، «بالا باققۇچىنىڭ دەردىنى تارتمايلا» بىر قوللۇق بېقىپ قاتارغا قوشۇۋالاتتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار دەرسى يوق چاغلاردا دەرس تەييارلاپ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرماي، خاتىرىجەم ئۆيىگە كىتىپ ياكى سىرتلارغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ سەخسىي ئىشلىرىنى پۈتتىرەتتى، ياكى  بولمىسۇن ئۆزى خالىغان ئىشلارنى قىلالايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي ئىقتىدارى» نى نامايەن قىلالايتى. ئۇلار دەرسخانىدىكى دەرس نەتىجىسىنىڭ لاياقەتسىز بولۇپ قېلىشىدىن يۈزى قىزارمىغان ھالدا «ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمىغان دەرسلىرىنى بىجاندىل ئۆگىتىپ، ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىغا پاداكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ،  يۇقىرى باھادا قوشۇمچى كېرىم يارىتىپ، بارلىغىنى خەلققە تەقدىم ئىتەلەيتى.
       ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كىچىككىنە سەۋەپ ئۈچۈن «داۋالىنىش» باھانىسى بىلەن خىزمەت تاشلاپ، چوڭ شەھەرلەردىكى ئىگىز بىنالاردىن ئورۇن ئېلىپ، ھەيۋەت ۋېۋىسكىلارنى ئېسىپ، دەبدەبىلىك ماركىلارنى چاپالاپ، «بالىلار يەسلىسى»،« تىل تەربىيىلەش مەركىزى»، «شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش كۈچىيتىش سىنىپى»، «ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش كۈچىيتىش سىنىپى»، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۈچىيتىش سىنىپى»، «دۆلەت مەمۇرىيلىق ئىمتىھانى تەربىيىلەش سىنىپى»، «يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش تەربىيىلەش سىنىپى»..... لىرىنى ئېچىپ، قوشۇمە كېرىم يارىتىپ، «خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقىنى»نى ھەر يەردە داۋراڭ قىلالايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەرس ۋەزىپىسى ئېلىپ، شارائىتىغا ئاساسەن دەرس ئۆتۈپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا خىزمەت قىلاتتى. ھەرگىزمۇ «قوشتىن چىقىپ سۆرەمگە ماڭغان» دەك ۋەزىپە ئۈستىگە ۋەزىپە يۈكلەپ، دەرس ۋەزىپىسىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى، ئارخىپ خىزمىتى.......يۈكلەنمەيتى .
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار «دەرس تەييارلايمەن، دەرس ئۆتىمەن، تەجىرىبە تەييارلايمەن، تەجىرىبە ئىشلەيمەن، كۆپ ۋاستىدىن پايدىلىنىمەن، تاپشۇرۇق تەكشۈرىمەن، ئايلىق ئىمتىھان ئالىمەن، تەكرار قىلىمەن» دەپ ئاۋارە بولماي ئەركىن خىزمەت قىلالايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇيالايتى. ئوقۇغۇسى يوقلار مەكتتەپكە كەلمەيتى. مەكتەپكە كەلگەنلەرمۇ خالىسا سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلايتى، خالىمىسا مەيداندا توپ ئوينايتى ياكى ئۆزى خالىغان باشقا ئىشنى قىلاتتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئاز دېگەندەك مەھەللىمۇ-مەھەللە، ئۆيمۇ-ئۆي سوكۇلداپ يۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تىل–ھاقارىتىنى، تاپا-تەنىلىرىنى ئاڭلاپ ئائىلە سۆھبىتى قىلىپ، داۋامسىز ئوقۇغۇچىلانى مەكتەپكە ئەكىلىمەن دەپ يۈرمەيتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە يىغىن، سىياسىي ئۆگىنىش، ھەپتىلىك ، ئايلىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ۋە دەرستىن سىرىتقى پائالىيەت دېگەنلەر بولمايتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەيتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش، نەتىجە ئىشلەرش دېگەنلەر بولمايتى. بۇنىڭ بىلەن ئىلمىي مۇدىرلار سىنىپلارنىڭ، بۆلۈم-ئىشىانىلارنىڭ، ئوقۇتۇش گورۇپىلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت نەتىجە خۇلاسىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئايلاپ-ئايلاپ رەقەملەر دۆۋىسى ئارىسىدا چارچىمايتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردىكى سېلىشتۇرۇپ باھالاش بولماي ھەممە ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نەتىجىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك سەۋەبىدىن بىر-بىرىدىن خىجىل بولۇش، يەرگە قاراش، يۈزى قىزىرىشقا ئوخشاش تەڭسىزلىكلەر ئېلىپ تاشلىناتتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش، ناچارلارنى جازالاش، ئىش ئۈنۈم مۇئاشى تارقىتىش لايھىيىسى بولمايتى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىملا «سەۋەپسىز»لا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىپ، بىر قىسىملار يەنە «سەۋەپسىز»لا نۇرغۇن زىيانغا مۇپتىلا بولمايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەرنىڭ ئۇنۋان باھالاش شەرتلىرى بولمايتى. ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم شەرت-شارائىتىغا، ئىمكانىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇنۋان ئالالايتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ، يالغاننى توقۇپ رۇخسەت سوراپ ئولتۇرمايتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا،  خالىغانچە كىتىپ، خالىغانچە كىلىپ ئارزۇسى بويىچە ئىشلىيەلەيتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە «ئىككى ئاساسەن»، «ئەخلاقىي تەربىيە»، «تېنچ مەكتەپ قۇرۇش»، «مۇقىملىق، بىخەتەرلىك خىزمىتى»، «مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلىشى»، «ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇلغان مەكتەپ»، «مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش»،«قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى پائالىيىتى»، «مەكتەپ ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى»، «ئۈچنى ئاشكارىلاش»، خىزمىتى بولمايتى. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇنقى بىخەستىلىگى بىلەن ئىشلەنمەي قالغان خىزمەتلەرنى، تولۇقلانماي قالغان ئارخىپلارنى دەم ئېلىش، ھېيت-بايرام ۋە كەچ قۇرۇنلىغى دەم ئالماي تولۇقلاپ ئىشلىمەيتى. ھەم ئۆزىنى –ئۆزى ئېيىپلاپ «مائارىپ يالغان بىلەن تولۇپ كەتتى» دەپ ۋايسىاپ ئولتۇرمايتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئايلاپ-ئايلاپ دەرس قالدۇرغان، خىزمەت تاشلىغان ئاۋانگارتلار مۇدىردىن قاقشاپ، «ئادالەت بايرىقى»نى كۆتۈرۈۋېلىپ كېچە-كېچىلەپ تورغا چىقىپ مۇدىر ئۈستىدىن داتلاپ يۈرمىگەن ، ئەرز يازمىغان بولاتتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە «شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈش» ياكى «ئىچكىرى تولۇق شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىش» خىزمىتى بولمايتى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش كۈنلىرى، تەتىل ۋاقىتلىرى، ھېيىت-بايراملاردا دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، ماتىرىيال ئىزدەش، ماتىرىيال كۆرۈش، باشقا مەكتەپلەردىن ئۆتۈپ كىتىش ئۈچۈن زورىقىپ، كۈچىنىپ ئىشلەشلەر بولمايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتپلەردە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمەتلىرى بولمايتى. ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش كۈنلىرى، كېچىلىرى مەكتەپتە كۈزەتچىلىكتە تۇرۇپ مەكتەپ باقمايتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپتە چېقىلغان، بۇزۇلغان، يوقالغان مال-مۆلۈكنىڭ سۈرۈشتىسى، سورىغى بولمايتى. نەتىجىدە مال-مۆلۈكلەرنى بۇزغان، يوقاتقانلار چىقىم تارتىپ بۇ مال-مۆلۈكلەرنى تۆلەپ ئولتۇرمايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە «ئادەمنى ئاساس  قىلىش» ھەقىقىي ئىشقا ئېشىپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئوزۇقلىنىشى، بىخەتەرلىگىنى مەركەز قىلىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلەر–تىرىلىشى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋال تۈگەيتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا «يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كېلىدىغانلىغى» سەۋەپلىك بىرلا بۇيرۇق بىلەن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار شەنبە، يەكشەنبە كۈنى، ھېيىت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى نورمال ئوقۇيۇدىغان، نورمال خىزمەت قىلىدىغان ئەھۋالغا تامامەن خاتىمە بەرگىلى بولاتتى. شۇنداقلا ھە دېسە شەنبە، يەكشەنبە، دەم ئېلىش، ھېيىت –بايراملاردا دەم ئالماي ئىشلىگىنىنى مۇدىردىن كۆرۈپ، مۇدىردىن قاقشاپ، مۇدىرنى قاغاپ، مۇدىرنى سېسىتىپ يۈرمىگەن بولار ئىدى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپ بۇيرۇقۋازلىقتىن، ئۆز بېشىمچىلىقتىن، بېسىمدارلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەممە ئەركىن ئازادە، كۆڭۈل تابىخا خىزمەت قىلىدىغان ھەقىقىي ئەركىنلىك ئىشقا ئاشاتتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار مۇدىرنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەكتەپ فورمىسىدىن ئىبارەت كۆرۈمسىز، مودىدىن قالغان، رەختى ناچار قاراكۆك كىيىمنى كىيىپ، پىركازچىكلاردەك كارتا ئېسىپ، شىركەتلەرنىڭ مال ساتقۇچىلىرىدەك گالىستۇك تاقاپ، زىرىكىشلىك ئىچىدە بوينىدىن باغلىغاندەك روھى چۈشكۈن خىزمەت قىلماي ئۆزى ياقتۇرغان، زامانغا لايىق مودا كىيىملەرنى كىيىپ. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ، توسقۇنسىز پىداكارلىق بىلەن ئەركىن خىزمەت قىلاتتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا مەكتەپلەردە خىزمەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلمەيتى. خىزمەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلسىمۇ باياقيدىغانغا ئادەم بولمايتى. شۇنداقلا ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تەدبىر بەلگۈلەش، تۈزۈم چىقىرىش، قارار چىقىرىش....قاتارلىق ئاۋارىچىلىقلار بولمايتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى ئۇرۇنۇشلار، «قانداق قىلغاندا ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى تەلەپ بويىچە ئېلىپ بېرىپ،  ئوقۇتۇش سۈپىنىتىنى ئۆستۈرۈپ كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلات تەربىيىلىگىلى بولىدىغانلىغى» توغرىسىدا بېشى يوق ئاخىرى چىقمايدىغان يىغىنلار ئېچىلمىغان، شەكىلگە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈنۈمسىز تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ئىگىلىنىۋېلىنمىغان بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرگە خىزمەت بېسىمى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش بېسىمى، ئاتا-ئانىلارغا ئىقتىسادىي بېسىم بولمىغان بولاتتى.
   ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا خىزمەتنى مەۋسۇم ئاخىرىدا، يىل ئاخىرىدا زىغىرلاپ خۇلاسە قىلىشلار، قىلنى قىرىق يېرىپ نەتىجە ئىشلەشلەر بولمايتى. شۇندىلا ھەممە ئادەم يىل ئاخىرىدىكى ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى تەڭ تەقسىم قىلىپ، تولۇق ئېلىپ، ئۆز ئەجرىنىڭ مېغىزىنى تەڭ چاقالايتى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە« ھەممە باپ-باراۋەر» بولۇشتىن ئىبارەت كوممۇنىزملىق باراۋەرلىك ھەقىقىي ئىشقا ئاشاتتى.
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا........
   دوستۇم، بۇ يازمىنى ئوقۇپ ھەيران قالماڭ. مېنىڭ يۇقىرىقى بىلجىرلاشلىرىم ئاساسسىز ئەمەس. تارىخقا نەزەر سالسىڭىز دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شەرق ئاسمىنىدا چولپاندەك چاقناپ، ئىككى مىڭ سەككىز يۈز يىلدىن بۇيان ھەممىنىڭ قايىللىغىنى قوزغىغان كوڭزى تەلىماتىنىڭ ئاساسچىسى كوڭزى مۇدىردىن، مۇدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن خالىي ھالدا ئۆز ۋىجدانىدىن بۇيرۇق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى بىجاندىل ئىشلەپ تارىخ سەھنىسىدە تىللاردا داستان ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىكەن.
   ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ مۇدىردىن، مۇدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن خالىي ھالدا مىللەتنى، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بۇيرۇقنى ئۆز ئىمانىدىن ئېلىپ، شىڭشىسەينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىغىنىڭ بېسىمى، يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ چەتكە قېقىشى، نادان خەلىقنىڭ قوللىماسلىغى، دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ چەكلىشى، ساتقىنلارنىڭ بۆھتانلىرى، خائىنلىغى ئاستىدىمۇ تىز پۈكمەي خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئېزىز جېنىنى تەقدىم قىلىشى مېنىڭ بۇ پىكىرىمنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن قوللاپ تۇرۇپتۇ.
   مەكتىۋىڭىزدە ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز، مۇدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىسىز، ھەيدەكچىلىگىسىز، نازارىتىسىز ئۆز خىزمىتىنىڭ بۇيرىقىنى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆز ئىمانىدىن، ئۆز غۇرۇرۇدىن، ئۆز ۋىجدانىدىن ئېلىپ، مەكتەپنى، كەسىپداشلىرىنى، كەسپىنى، ئوقۇغۇچىلارنى، ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە جەمىيەتنىڭ، مەكتەپنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، قەدەمدە بىر نەتىجە يارىتىپ مەكتەپ، يېزا، ناھىيە، ۋېلايەت-ئوبلاست، ئاپتونۇم رايۇن ھەتتا مەركەزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ھەممنىڭ قايىللىغىنى قوزغاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس.
   ئۇلۇق ئاللاھ پەرىشتە ئارقىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ھىرا غارىدا قىلغان تۇنجى قېتىملىق ۋەھىسىدىلا بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ تېنىنى قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم قاتتىق سىقىپ تۇرۇپ، ئۇدا بەش قېتىم «ئوقۇ!» نى ۋەھىي قىلىپ، ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە بۇيرۇپ، كېيىنكى ئۇممەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى بۇيرىغان تۇرسا، بىزلەركىم ئۆزىنى ئۇيغۇر ساناپ، مۇسۇلمان ساناپ، ھېچقانداق بىر قەۋىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلماي يۈرگەنلەر ئۈچۈن ئوقۇش- ئوقۇتۇشتا ھەيدەكچىنىڭ لازىمى بارمىدى؟ شۇڭا ھەممەيلەنگە ئازادىلىك، ئەركىنلىك، ئىختىيارلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇپ باقساق دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن.
دوستۇم سىزمۇ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ، مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇشقا بولارمۇ؟ ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ..... ئۇ ھالدا يەنە قانداق قولايلىق ئەھۋاللار روياپقا چىقىشى مومكىن؟

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3469
توردىكى ۋاقتى: 1124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 21:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بۇلۇش ئۈچۈن مەسئۇليەت ئېڭى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولسا ،مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرغىلى بۇلىشى مۇمكىن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

خوجە

0

تېما

6

دوست

2097

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 515
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 22:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۇسىدا  چوقۇم  بولدۇ!

1

تېما

1

دوست

935

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12124
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 22:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈچىنىڭ شۇملىقىدىن مىكيانغا ئەمچەك بەرمىگەن دەيدىغان گەپنى ياخشى تەھلىل قىلساق بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى چىقىدۇ

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

3442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1016
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 22:55:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلار ،‹‹ پادىشاھسىز ئەلدە تۇرما ›› دەپتىكەن ،شۇڭا مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى بولمىسا ،مەكتەپ قۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى.  ئۇندىن كۆرە ھەممە ئادەم ئائىلىسىدىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا  بولمامدۇ . بىر تەشكىلات بولغان ئىكەن ئۇنىڭ چۇقۇم بىر يىتەكچىسى بولۇشى كېرەك. بىر ئائىلىدىمۇ بىر ئائىلە باشلىقى بولۇدۇ. نۇپۇس دەپتىرىىدىمۇ شۇنداق يېزىقلىق.پادىنىڭمۇ ئالدىدا باشلاپ ماڭىدىغان سەركىسى بولىدۇ.

2

تېما

0

دوست

459

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17753
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 23:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە تەنە قىلغاندەكلا تۇيۇلدى ماڭا  بۇمۇ بوپ قالا ئالدىرمىساق

9

تېما

3

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 328
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 12:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەممە نەرسە پۇل ئارقىلىق ئۆلچىنىۋاتقان، ھەممە نەرسە تاۋارلىشىپ كەتكەن، كاللىمىز ئەنئەنىۋىي مائارىپنىڭ ئىسكەنجىسىدىن 30 يىلدىن بېرى قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان شارائىتتا بۇ تەسەۋۋۇر «ئوتۇپىيە» بولۇپ قالماسمۇ؟ كۇڭزى دەۋرى بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرۇش ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىيات تارىخىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق بولامدۇ قانداق؟

1

تېما

4

دوست

2099

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 13:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مۇدىرسىز مەكتەپ قۇرۇلسا ئوقۇتقۇچىلار «دەرس تەييارلايمەن، دەرس ئۆتىمەن، تەجىرىبە تەييارلايمەن، تەجىرىبە ئىشلەيمەن، كۆپ ۋاستىدىن پايدىلىنىمەن، تاپشۇرۇق تەكشۈرىمەن، ئايلىق ئىمتىھان ئالىمەن، تەكرار قىلىمەن» دەپ ئاۋارە بولماي ئەركىن خىزمەت قىلالايتى.
ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشلارنى قىلمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ.
مۇدىرسىز مەكتەپ بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )