ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە سىتالىنىڭ
<يۈز ئۆرۈگەنلىكى > نىڭ سىرى
1945-يىلى جياڭ جىشى ھاكىمىيتى بىلەن كىرېمىل سارىيى ئىمزالىغان جۇڭگو-سوۋېت شەرتنامىسى ،سىتالىننىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو كوممونىستىلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا گۇمانى پوزىتسىيەدە بولغانلىقنى ئوچۇق چۈشەندۇرۈپ بېرىدۇ.يەنئەن ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشنى كۈچەيتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتدە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاش ئارقلىق يەنئەننى دېپلوماتىيە جەھەتتە قوللاشتىن تامامەن ۋاز كەچتى .
گىرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيتى مۇقىملىشىپ قالغان ئىدى ، جىياڭ جېشى بولسا روسلارنىڭ ياپونىيەگە ھۇجۇم قوزغىشىدا ئۆزى بىلەن ئالدىن -ئالا مەسلىھەتلەشمەسلىكىدىن ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى .ئۇ يەنىلا روسلار قوشۇنلىرىنى شەرقىي شىمالغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ،جۇڭگو كوممۇنىستلىرى روسلارغا ئەگىىشىپ كىرىۋېلىپ ،شەرقىي شىمالدا تېزدىن ھاكىمىيەت قۇرۋالىدۇ دەپ قورققانىدى .لېكىن كېرىمىل سارىيى ئۇنداق قىلمىدى ، ئەكسىچە روسلار جىياڭ جېشى بىلەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزۈپ جىياڭ جېشىنىڭ قوشۇنلىرىغىلا ياردەم بېرىدىغان ،جىياڭ جېشىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدىغان بولدى .ئۇ چاغدا ، شەرقىي شىمالدا جىياڭ جېشىنىڭ ياكى ئامىرىكىنىڭ قوشۇنى يوق ئىدى .شۇڭا مەيلى جۇڭگو گومىنداڭچىلىرى بولسۇن ياكى ئامىرىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ كۆزەتچىلىرى بولسۇن ھەممىسىلا بۇ قالتىس ئەپلەشكەن ئىش بولدى دەپ قاراشقان ،ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، بۇ شەرتنامىدا جۇڭگو كوممىنىستلىرىنىڭ بىراقلا سېتىۋېتىلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن .
كېرىمىل سارىيڭنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەنپەئىتىدىن سىرت باشقىچە مەقسىدىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىشارەت بولمىغان .كېرىمىل سارىيى ئىشتىن بۇرۇنقى جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ باش شىتابى تۇرىۋاتقان يەنئەننى خەۋەرلەندۈرمىگەنلىكتىن شەرتنامە ئېلان قىلنىش بىلەن يەنئەن قاتتىق چۆچىگەن .
بۇ يەردە ئىنتايىن روشەن بولغىنى شۇكى ،يەنئەننىڭ سىياسىي لۇشيەنىدە ئىنكاس قىلىنغىنى تامامەن ئوخشاش بولمىغان يۆلۈنۈش بولدى ،شەرتنامە ئىمزالىنىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن (لېكىن تېخى ئاشكارلانمىغان) ياپونىيە تەسلىم بولدى .جۇڭگو كومپارتىيىسى خىتاپ ئېلان قىلدى ۋە ئۆز قوشۇنلىرىغا نەنجىڭنى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇ يەردە <خەلق ھۆكۈمىتى > قۇرۇش ، شىمالىي جۇڭگو بىلەن شەرقىي شىمالدىكى شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىش ، جىياڭ جېشى ھاكىمىيتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى . يەنئەن جىياڭ جېشىنىڭ نەنجىڭ ياپۇنپەرەس قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيى دەپ قاراپ ئۇنى <فاشىست ئۇنسۇر>،<ۋەتەن ساتقۇچ> ۋە <خەلق دۈشمىنى >دەپ ئاتىدى .
ياپۇنىيە تەسلىم بولۇپ تەخمىنەن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شەرتنامە رەسمىي ئېلان قىلىندى ، يەنئەن شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ سىتالىنىنىڭ ئامىرىكا بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ گومىنداڭ ھاكىمىيتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدى ،ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئېلىشىشتا ،ئۇلار ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىشتىن باشقا يول قالمىغانىدى .
بىر ئايدىن كېيىن ،ئامىرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۇرلىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ماۋزىدۇڭ چۇڭچىڭغا بېرىپ جىياڭ جېشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .سۆھبەت 42كۈن ئېلىپ بېرىلدى . نەتىجىدە <قوش 10 ماددىلىق كېلىشىم > ئىمزالاندى ، ماۋزىدۇڭ بۇ كېلىشىمنى < قەغەز يۈزىدىكى نەرسە > دەپ ئاتىدى .
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ،سىتالىن ماۋزىدۇڭنىڭ غەلبىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىن سىرت ،ئۆز ئىنقىلابىنىڭ قېلىپى توغرىسىدىكى ئىشلاردا ماۋزۇدۇڭنى گەپكە كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزەلمەسلىكىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمىغان ،شۇڭلاشقا 1945-يىلى جىياڭ جېشى بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنى روسلار شەرقىي شىمالغا ھۇجۇم باشلاپ ئېككىنچى كۈنى ئىمزالىغانلىقىنىڭ ئۆزى روسلارنىڭ دۆلەت مەنپەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ،شەرتنامىغا ئاساسەن ،جىياڭ جېشى تاشقى موڭغولىيەدىن ۋاز كېچىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بىر قېتىم پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغان ، جىياڭ جېشى يەنە روسىينىڭ ئىلگىرى شەرقىي شىمالدا ئىگىدارچىلىق قىلغان تۆمۈر يول ۋە كارخانىلىرىنى سوۋېت ئېتتپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغان ، ۋەھالەنكى بۇ تۆمۈر يول ۋە كارخانىلارنى سىتالىن ئۆز ۋاقتىدا ياپونىيە تەرەپ بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ ياپۇنىيەلىكلەرگە سېتىۋەتكەن ئىدى . شەرتنامىدە ھەتتا روسىيەنىڭ لۈيشۇن پورتىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا بولغان كونتىروللۇق ھوقوقىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .<19450يىلدىكى يالتا كېلىشىمىدە مۇنداق مەسىلىلەردە جىياڭ جېشىگە ھېچقانچە پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى بېرىلمىگەن > بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاش ۋاقتىدا ، ئامىرىكا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچ دائىرىسىدا بولىدۇ دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە سەددىچىن سېپىلى چىگرا قىلىنغان ھالدا ،سەددىچىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا ئامىرىكا ئارلاشمايدۇدېگەن مەزموندە يوشۇرۇن شەرتنامە تۈزگەن .
1945-يىللاردا سىتالىن ئېھتىمال (ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودىكى زور كۆپ ساندىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇشۇنداق قارىغان ) جىياڭ جېشىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك خىل قوراللانغان قوشۇنلىرى قورال -ياراقلىرى ناچار ئەمما سانى كۆپ بولغان كومپارتىيە قوشۇنىنى ناھايىتى تېزلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ ،زۆرۈر تېپىلغاندا ئامىرىكا چوقۇم زور كۈچ بىلەن ئارلىشىپ جىياڭ جېشىنىڭ مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ، سىتالىن جۇڭگو كومپارتىيسىگە ئارمىيسىنى تارقىتىۋېتىپ ئاز سانلىق تەرەپ سۈپىتىدە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ جىياڭ جېشى بىلەن ھەمكارلىشىشقا نەسىھەت قىلىشتىمۇ ،ئېھتىمال يوقىرىدا بايان قىلىنغا كۆز قارىشىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن ،جۇڭگودا ئامىرىكا ياراشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان گېنىرال مارشالىل < بارلىق مەسلىھەتچىلىرىمىزنىڭ پىكرىگە ،ئىگىلىگەن ئاخباراتلىرىغا ئاساسلانغاندا ،سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي شىمالدا جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ قوشۇنلىرىنى قوللىمايدۇ >دەپ ئېيتقان . جىياڭ جېشنىڭ قوشۇنلىرى شەرقىي شىمالدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىو ئۇزاق ئۆتمەيلا ۋەيران بولدى ،جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچى تېزلا ئۇلغۇيۇپ ، 1949-يىلى پۈتۈن جۇڭگودا غەلبىگە ئېرىشتى ،مانا بۇلار سوۋېت ئېتتىپاقىنىڭ شىمال تەرەپتە رايون خاراكتىرلىك زومىگەرلىكنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئېھتىمالىنى يوققا چىقاردى .
ئۇ چاغدا ،ئامىرىكا ھاۋا ئارمىيسى جىياڭ جېشى قوشۇنلىرىنى ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق شىمالدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە توشۇپ بەرگەن ئىدى .بۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان ياپۇنىيە ئارمىيسىنىڭ قولىدىكى شەھەرلەر ئۆتكۈزۋېلىندى . شەرتنامىغا ئاساسەن بىزنىڭ <ئامىرىكا > ھاۋا ئارمىيىمىز بىلەن دېڭىز ئارمىيىمىزمۇ نەچچە يۈز مىڭلىغان گومىنداڭ قوشۇنىنى شەرقىي شىمالغا يۆتكەپ بەردى . سوۋېت ئىتتىپاقى قوماندانلىق شىتابى ھەرقايسى مۇھىم شەھەرلەرنى ۋە تۆمۈر يوللارنى بىر -بىرلەپ گومىنداڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى .
لېكىن بۇ چاغدا جۇڭگو كومپارتىيىسى ئاللىقاچان ئىنتايىن قۇدىرەتلىك بىر كۈچ بولۇپ قالغان ئىدى ، بۇ كۈچنى يوقىتىۋېتىشكە مۇسكىۋا ئىمزالىغان بىر پارچە قۇرۇق قەغەزنىڭ قۇربىتى يەتمەيتتى . كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىمۇ بىر مىليونغا يېتىپ قالغانىدى ،جىياڭ جېشى ياپۇنلارنىڭ ۋە روسلارنىڭ قولىدىن شەھەرلەرنى ئۆتكۈزۋېلىپ مۇداپىئە كۆرىۋاتقاندا جۇڭگو كومپارتىيەسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ پىيادە يۈرۈش قىلىپ زور كۆلەمدە شەرقىي شىمالغا كىرىشكە باشلىدى .
باش قوماندان جىياڭ جېشى دەل شەھەرلەرنى ۋە تۆمۈر يول لىنىيسىنى ئىگىلەۋاتقان ۋاقىتتا كوممۇنىستلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ خىللانغان قوشۇنلىرىنى ۋە مۇنەۋۋەر كادىرلىرىنى ھەرقايسى كەنت-بازارلارغا كىرگۈزۈپ يەرلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى كۈچەيتتى .بۇ بىر مەيدا ئېلىشىش خۇاڭخېدىن باشلاپ شەرقىي شىمالغىچە بولغان رايونلاردا ئومىمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئىككى تەرەپ چۇڭچىڭدا ئاساسى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەربىي ئاپپاراتلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى . گېنىرال مارشالىل ياراشتۇرغۇچى بولدى .
سىتالىن شەرقىي شىمالدا جىياڭ جېشىنى ھۆكۈمىتىنىلا ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللاشقا قوشۇلغان چاغدا ،ئىشنىڭ ئەكسى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئالدىن -ئالا كۆرۈپ يەتكەنىدى .جىياڭ جېشى شەرقىي جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ يېڭۋاشتىن ھوقوق ئىگەللەپ ،ئالدى بىلەن سەددىچىنىڭ جەنۇبىدىكى كومپارتىيە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىۋەتمەكچى ياكى ئۇلارنى شەرقىي شىمالغا قوغلىۋەتمەكچى بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن كارامەت ئىستىراگىيەلىك تالانت كېرەك ئىدى . جىياڭ جېشى ئامىرىكا قوشۇنلىرىنىڭ جۇڭگو ئۇرۇش رايونىدىكى قوماندانى گېنىرال ۋېتماننىڭ مەسلىھەتىنى تىڭشىماي ،شىمالىي جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە كومپارتىيە قوشۇنلىرى تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ئاۋۋال ئارقا سېپىنى مۇستەھكەملىمەي ئەخمىقانە ھالدا شەرقىي شىمالنى كونتىرول قىلىشقا ئۇرۇندى ، بىراق ئىش تامامەن ئەكس تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىپ شەرقىي شىمال كومپارتىيە قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشتىكى مۇستەقىل بازىسى بولۇپ قالدى .
مەزكور تېما باغدش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
|