قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1517|ئىنكاس: 11

تۆھپىكارلار ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قۇياش يېيىشكە بو

17

تېما

6

دوست

3050

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10892
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 588
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 601
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

           2013-يىلى بىلەن ۋىدالاشتۇق، ئۇ، يەنە بىر ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەسلىمىلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ بەدىئىي قىممىتى، تارىخى قىممىتى، ئىستېمال قىممىتى يۇقىرى قىممەتلىك ئەمگەكلىرىنى خەلقىگە تەقدىم ئېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئالەمدىن ئۆتتى، ئەنە شۇ ۋەتەن، خەلق سۆيگۈسىنى ئىلىم بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۆز ۋەتىنىگە، ئۆز خەلقىگە ھالال ئەمگىكى بىلەن بىلەن جاۋاب قايتۇرغان تۆھپىكارلاردىن ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد پەخىرلىنىدۇ. قېنى 2013-يىلىدا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان تۆھپىكار ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچى، شائىرلىرى، مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ئەسلەپ ئۆتىمىز:

          1. ئىدىقۇت ئاسمىدا چاقنىغان ئەركىنلىك، مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنىڭ ئاخىرقىسى، مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان بىرىدىن-بىر ئوغلى، پېشقەدەم زىيالىي، مائارىپچى ئىبراھىم مۇھىتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.        مەرھۇم ئىبراھىم مۇھىتى 1920-يىلى تۇرپان ئاستانىدە تۇغۇلغان. ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدا گومىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئىبراھىم مۇھىتى قولىغا قورال ئېلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان.        ئىبراھىم مۇھىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دارىلفۇننىڭ يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1953-يىلى بېيجىڭدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ،ئىقتىساد، ستاتىستىكا كەسپى بويىچە تۆت يىل ئوقۇغان. بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.        1965-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندا،«توردىن چۈشۈپ قالغان پومېشچىك»، «قارا گېزەندە» دەپ تارتىپ چىقىلىپ، ئون يىلغا يېقىن ئازاب چەككەن. 1981-يىلى سىياسەت ئەمەلىيلەشكەندە، ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئېلېكترلەشتۈرۈش بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.       پېشقەدەم زىيالىي ئىبراھىم مۇھىتى 90 نەچچە يىللىق ئۆمۈر مۇساپىسىدە بىر قانچە دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، جەڭ مەيدانلىرىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە كۆپ تۆھپە قوشقان.ئىبراھىم مۇھىتى ئاتىسى مەخسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئائىلە شەجەرىسىگە ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ، تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي دەۋرنىڭ تولۇق سۈرەتلىنىشىگە ھەسسە قوشقان زات.
       2. پېشقەدەم يازغۇچى، ئەدىب مۇھەممەد ئوسمان (باغراش) ئەپەندى-2013يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.مەرھۇم مۇھەممەد باغراش 1952-يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.       ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا باي ئەسەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.مۇھەممەت باغراش 1980-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا «سەپداش» ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. كېيىن ئۇ «ساۋاب»، «تۆت قۇلاق»، «ئالمىچى»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا»، «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت»، «ئاقساق بۇغا» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرك ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار مۇھەممەت باغراشنىڭ ۋاپاتىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش، دېيىشمەكتە.
       3   . كۈلكە-چاقچاق ئۇستازى ھىسام قۇربان ئاكا 2013-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت4:30دا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ھىسام قۇربان 1930-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.خەلقىمىز تەرىپىدىن «زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى»، «ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى» دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان چاقچاققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان. ئۇ تونۇلغان چاقچاقچىغا ئايلانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك مەشرەپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ-كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ئىچكى مەناغا باي، ئىلمىي يۇمۇر-چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن. ئىلى چاقچاقلىرى 2011-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، بۇ قېتىم ھىسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
       4. شائىر ۋە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت 18‏-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، «تاڭ لىرىكىلىرى»، «تەڭرىتاغ شاماللىرى»، «تۈن تېۋىشلىرى»، «توزان قەسىدىسى»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئارقىلىق «ئۇيغۇر تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئۇقۇملاشتۇرۇش شەكلىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئېلىپ كىرگەن»          ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلى پەۋقۇلئاددە ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانجان ساۋۇت ئەسەرلىرىنىڭ تىل قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدىكى تىل بايلىقى، تىلنىڭ ئىپادىلەش ۋە ئېستېتىك كۈچى ھەم راۋانلىقى كېيىنكىلەرگە ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. يەنە بەزى ئوبزورچىلار ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بولسا «ئۇيغۇر تىلىغا سۆڭەك ئاتا قىلغان شېئىرى تىل» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
      5. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.     توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. توختى باقى ئارتىشى كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋى ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.
       6. ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2013-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 40 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، 8-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە دەپن قىلىندى.     ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بولغان، 1997-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. 2002-يىلى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ ئەلا نەتىجە بىلەن پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر، رۇس، خەنزۇ، ئىنگلىز، قىرغىز، تۈرك تىللىرىنى ياخشى بىلگەن ئىدى.دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئاساسلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى مەشھۇر بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بىشكەكتە 2003-يىلى قىرغىزىستان «ئىلىم-پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان.      ئۇ، ئاكىسى نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،«ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» نامىدا نەشر قىلدۇرغان.       ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق مونوگراپىيىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ رۇس تىلىدىكى كىتابلار كاتولىكىغا كىرگۈزۈلۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇلغان. بۇ كىتاب يەنە رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.
     7. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە «بۇلبۇلقارىم» دەپ نام ئالغان مەشھۇر دىنىي زاتلىرىمىزدىن ئابلەت قارىھاجىم 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر ئايرودرومى بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى يولدا ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئەتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.مەرھۇم 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى2-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىلگىرى ئۆزى ئىمام بولغان ئاتۇش تىجەن مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، مىڭلىغان خەلق مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇپ يەرلىكىدە قويغان.       مەرھۇم 13 يېشىدىلا قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپ، ناھايىتى يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن «بۇلبۇلقارىم» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىن تىجەن مەسچىتىگە ئىمام بولغان.  پار-پۇر زاۋۇتى يولى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان. مەلۇماتلاردا مەرھۇمنىڭ ناھايىتى كۆپ شاگىرتلارنى تەربىيىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
     8. بۇلتۇر-11ئاۋغۇست ئاتاقلىق سەنئەتكار رابىيە مۇھەممەد كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.رابىيە مۇھەممەد (1942-2013) كۇچا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەخرىي رەئىسى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ناخشا ئېيتىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.      رابىيە مۇھەممەد ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى 30 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنى چەتئەل تاماشىبىنلىرىغا تونۇشتۇرغان ھەمدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1997-يىلى «رابىيە مۇھەممەد ناخشا سىنىپى» نى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 11 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىگەن.      رابىيە مۇھەممەد ئۆزىنىڭ 60 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن. ھاياتقا چىن مۇھەببەت بېرىپ، ئەقىدە-ئېتىقاد بىلەن ياشىغان. ناخشا ئېيتىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

9      . ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىككۈچىلىك كەسپى ساھەسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، بۇ ھەقتىكى كەسپىي بىلىملەرنى نەزىريىۋىيلەشتۈرۈش ۋە زور بىر تۈركۈم ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشقان قەشقەر ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى نۇرمۇھەممەتجان مېھمان نەشرگە سۇنماقچى بولغان «كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تىككۈچىلىك ئاساسلىرى دەرسلىكى»نى جىددىي تەييارلاش جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 2013-يىلى 2-يانۋار يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكى قوزغاپ بىۋاقىت ئالەمدىن ئۆتتى.نۇرمۇھەممەتجان مېھمان 1966-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇنىڭ تىككۈچىلىككە دائىر 70 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ھەمدە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى»، «بەدەن تۈزۈلۈشى نورمال بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىيىملىرى»، «رېشىلىيە گۈل نۇسخىلىرى»، «ئۇيغۇر كىيىملىرىنى لايىھىلەش ئاساسلىرى»، «كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى»، «تىككۈچىلىك»، «تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدىن سوئال-جاۋابلار» قاتارلىق 13 پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان. «ئاياللارنىڭ كىيىنىشى ھەققىدە» ناملىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى خەلقئارا مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەرھۇم ئىلگىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن «دۇنياغا مەشھۇر شەخس»، «دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئۇستازى»، «خەلقئارا مۇتەخەسسىس» قاتارلىق ناملارغا نائىل بولغان ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
مەنبە ؛ماتېرىياللاردىن.


ئالتۇن

31

تېما

2

دوست

3956

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 453
تۆھپە : 932
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 18:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىردا ئىسمى چىققان ۋە ئىسمى چىقمغان ئۇيغۇر مىللتىنىڭ نۇرغۇنلغان ئىشلىرىغا ئۆزنىڭ بىر كىشلىك تۇھپىسىنى قوشقان ئۇزتازلارغا ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

18

تېما

1

دوست

2704

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 288
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 18:57:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرائىم مۇتئىي 2010-يىلى ۋاپات بولغان.

0

تېما

43

دوست

2927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 846
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 21:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن .رەھمەتلىك ئالىملىرمىزنى ياد ئەتكەچ ، شۆرەتكامدەك ئۇلۇغ مەنزىلدە ھارماي چىپىۋاتقان تۇلپارلىرمىزغىمۇ قەلىب تۆرىمىزدىن بىر كىشلىك ئورۇن ھازىرلاپ قويايلى!!!ئۇلارنىڭ شۆھرىتى بىزنىڭ شۆھرىتىمىز،ياشاڭلار مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىرى

0

تېما

3

دوست

2156

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 22:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇق ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.(ئامىن)

148

تېما

0

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   51.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1405
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 6527
تۆھپە : 5065
توردىكى ۋاقتى: 1310
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 11:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇلۇق يىل بولۇپ قاپتۇ. بىز ئازاپلىرىمىزنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئۆز كەسىپلىرىمىزدە نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى!
ئەزىزلەر ياتقان جايىڭلار جەننەت گۈلشەنىدە بولغاي...

9

تېما

3

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 328
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 12:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەرھۇملىرىمىزنىڭ جايى جەننەتتە بولسۇن ، ھاياتلارنىڭ قەدرىگە يىتەيلى، ئۇلارنى قەدىرلەيلى، تەۋەرۉكلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولعاي !!!

9

تېما

3

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 328
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 12:03:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەرھۇملىرىمىزنىڭ جايى جەننەتتە بولسۇن ، ھاياتلارنىڭ قەدرىگە يىتەيلى، ئۇلارنى قەدىرلەيلى، تەۋەرۉكلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولعاي !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )