قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 22

ئارسلان ئابدۇللا تىلشۇناسلىق لېكسيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

83

تېما

0

دوست

7937

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1581
تۆھپە : 1367
توردىكى ۋاقتى: 2834
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئارسلان ئابدۇللا تىلشۇناسلىق لېكسيەسى


       مەزكور لېكسىيە توغۇرلۇق تەپسىلىي مەزمون ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باغداش تورىغا يوللاندى .مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كېچىكىپ يوللانغان بولسىمۇ تورداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر ۋە ئىلمىي مۇنازىرىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

لېكسيە بەرگۈچى:پىراففىسور،دوكتۇر يتەكچىسى ئارسلان ئابدۇللا تەھور

پىلانلىغۇچىلار:تاھىر ئىمىن ،پەخرىدىن قارلۇق

ئۇيۇشتۇرغۇچى :قارلۇق شركىتى

ئورنى: (ئۇرۇمچى يەنئەن يولى شنخۋا كتابخانىسى 4-قەۋەت)

ۋاقتى:2013-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى پەيشەنبە كەچ سائەت 5:30 دە


  لېكسىيە سىن فىلىمى




11.jpg



        1-ئۆز تۈرك شركىتى ئىجرائىيە دىرىكتورى،ئىلىم مۇنبىرى پىلانلىغۇچى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى›نىڭ مەقسىدى ۋە ئۇچ ئاساسى پىرىنسپى بولغان ‹‹ئىلمىيلىك،تەرەققىيات ۋە ئنسانچىللىق››نى تونۇشتۇردى ۋە 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ خاتىرسنى ئوقۇپ چىقتى
      2-لېكسيە باشلىنىشتىن بۇرۇن شنجاڭ ئۇنېۋېستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،دوكتۇر ئابدۇرىھىم راھمان ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ھاياتى ،ئىلمى ئىزدىنىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قسقىچە تەرجىمھالى

(ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى ماتېريال بۆلۈمى تەييارلىغان )

ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى. ئارسلان ئابدۇللا 1955-يىلى قومۇلدا تۇغۇلغان. 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى  فاكۇلتېتىدا ئۆزبېك تىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1990-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىتا بىلىم ئاشۇرغان. 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە كافېدرا مۇدىرى، فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى،قوشۇمچە شىنجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتايشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىسىنىڭ پەن يېتەكچىسى، "211 قۇرۇلۇشى" ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى نۇقتىسىنىڭ پەن يېتەكچىسى، جوڭگو تىل-ئەدەبىياتى پوست دوكتورلۇق پونكىتىنىڭ باشلىقى، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى دوكتورلۇق نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
              ئارسلان ئابدۇللا 34يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا پەن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغاللانغان. ئۇ ماگىستېر، دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا "جەمئىيەت تىلشۇناسلىقى"، " 'قۇتادگۇبىلىك' نىڭ بەدىئىي سەنئەتلىرى"، "دېئالېكت ۋە رايونلار مەدەنىيىتى"، "ئاتروپولوگىيە تىلشۇناسلىقىدىن تېزىسلار"، "ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى"، "فولكلور تىلشۇناسلىقىدىن لېكسىيىلەر"، " تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تەسىرلىشىشى" قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆتكەن. ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، فرانسىيىنىڭ ئالى تەجرىبە-تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن دەرس ئۆتكەن ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن.ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى بويىچە تۇنجى بولۇپ ماگىتېر ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلىگەن، دۆلەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى پروگراممىسىغا رېياسەتچىلىك قىلغان.  ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايوننىڭ " قۇتادغۇ بىلىك ئىستىلىستىكىسى"،"شىنجاڭنىڭ غەيرى ماددىي  مەدەنىيەتلىرى ۋە ئۇلارنى قوغداش" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىلىرىغا، دۆلەتنىڭ "غەربىي يۇرتتىكى تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تەسىرلىشىشى" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىسىغا رېياسەتچىلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى نەتىجىلىك تاماملىغان. ھازىر دۆلەتنىڭ "غەربى-شىمالدىكى تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تىل ئىتتىپاقداشلىقى توغرىسىدا تەتقىقات" دېگەن تېمىدىكى تالاشتۇرۇپ تەسىس قىلىدىغان پەۋقۇلئادە زور تەتقىقات پروگراممىسىغا، "ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىق ئارخىبى" دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات پروگراممىسىغا، شۇنىڭدەك "ئاراتۈركنىڭ يەرناملىرى توغرىسىدا تەتقىقات" قاتارلىق پروگراممىلارغا رېياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇ گېرمانىيە، روسىيە، ئاۋىسترالىيە، ئاۋىستېرىيە، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ 12پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا، 5 پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايوننىڭ 2-ۋە 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ رومان،ھىكايە، ئوچېرىك، ئىلمىي ماقالىدىن  30 نەچچە پارچىنى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان.  ئارسلان ئابدۇللا پەن يېتەكچىسى سالاھىيىتى بىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ پەن قۇرۇلىشىغا رېياسەتچىلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى كۈچەيتىشتە، تەتقىقات كوللېكتىپلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا، دەرس ۋە دەرسلىك ئىسلاھاتىدا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە،ئىلمىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتىنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان كەسىپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشتە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پوست دوكتورلارنى تەربىيىلەش ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشتە، دۆلەتنىڭ "211 قۇرۇلۇشى"دىكى نۇقتىلىق كەسىپ ___ "جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى"نىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتا ، فولكلور، مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسپلەر بويىچە ماگىستېر تەربىيىلەش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ بەدىلىگە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر مۇكاپاتىغا ئىككى قېتىم، ئاسپرانتلىق نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر مۇكاپاتىغا بىر قېتىم ئېرىشكەن؛


          啊大大大.jpg

       7-ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى لېكسيە جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى،تىلشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۆھپىسى،ئۇيغۇر تىلىغا  تەسر كۆرسەتكەن باشقا تىللار ۋە ئۇيغۇر تىلى تەسر كۆرسەتكەن تىللارنى تەپسلى تونۇشتۇردى.شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشتا نۆۋەتتە بىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسللەرنى بايان قىلدى.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئستىمالى ھەققىدە توختالدى،يېڭى سۆز ياساشتىكى ئىلمى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇردى.شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەريانىدىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.قاتناشقۇچىلاردىن 20دىن ئارتۇق كىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنى ئورنى،يەسلى مائارىپى،ئۇيغۇر تىلىنڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى ئورنى،سۆز ياساش،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۇكلىرى،تىخنىكا ئاتالغۇلىرى ھەققىدە توختىماي سۇئال سوراپ لېكسيە كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇردى.ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن سۇئال سوراش مەجبۇرى توختىتىلدى.
       8-لېكسيەدىن كيىن دوكتۇر ئابدۇرىھىم راھمان خۇلاسە سۆزى قىلدى ۋە لېكسيە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە، ئۇستازلارغا،  رەھمەت ئىيتتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتى كۇچى ،ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ھەققىدە يۇرەك سۆزىنى بايان قىلدى.
لېكسيە ئاخىرىدا ئۆز تۈرك شركىتى ئىجرائىيە دىرىكتورى،ئىلىم مۇنبىرى پىلانلىغۇچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى ھەيئىتى نامىدىن ‹‹ھۆرمەتلىك ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى،‹‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى ››ئارقىلىق ئىلىم تاراتقانلىقىڭىز ئۈچۈن شەرەپلەندىڭىز !››نامىدىكى ئۇچ تىللىق شەرەپ خاتىرسى ۋە رامسار كىيملىرى سوۋغسىنى تەقدىم قىلدى.

    فىلىمگە ئالغۇچى:مسرانىم تور بېكىتى قارلۇق شركىتى،مسرانىم تور بېكىتى ،فوتوگراف جۈمەخۇنلارنىڭ تۈرلۈك ئشلىرىغا ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز.تارقېتىشقا ياردەملەشكەن بارلىق تور بېكەت مەسئۇللىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر فىلىم ۋە مەزمۇنلارنى تارقېتىشقا بولىدۇ ،تەتقىقات ۋە  ئاممىۋى بىلىم ئۇچۇن ئشلىتىشكە بولىدۇ.قانۇنى ماتېريال قىلىشقا بولمايدۇ.

باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

1

تېما

0

دوست

879

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 22:33  

مۇشۇ بىر ئىش پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ: تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى ھىلى ئېنگىلىز، ھىلى ئورۇس، ھىلى پارىس . . . تىللىرىدىن كىرگەن دەيدىغان تىلشۇناسلىرىمىز تولىكەن. ئۇلار «توختا، بۇ گەپ ئەسلى ئۇيغۇر(تۈرك)چە گەپ بولۇپ، باشقىلار ئۇيغۇر(تۈرك)لەردىن قوبۇل قىلغانمىدۇ- يا؟» دەيدىغاننى ئويلامدىغاندۇ، ئويلىمامدىغاندۇ؟  يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە ياشىغان ئەجداتلىرىمىز خەقنىڭ گېپىنىلا ئۆگىنىپ ئۆتمىگەن بولغىيتى؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23265
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ لىكسىيە  بەك ئەھمىيەتلىك  بۇپتۇ .  ئالىمنىڭ  ئانا تىلىمىزنىڭ   مەۋجۇتلىقى ئۇچۇن  داۋاملق  كۇچ  چىقىرشىنى  ئۇمۇت قىلىمىز . تىلشۇنۇس ئالىم  ئارسلان ئابدۇللا  ئەپەندى گەرچە  خەنزۇچە  ئوقۇغان بولسىمۇ  ئەمما ئۇنىڭ  ئانا تىلدا  ئىپادىلەش ئىقتىدارى  بىزنى  ھەقىقەتەن  قائىل قىلىدۇ .  بىز ئالىمدىن نۇرغۇن ئۇمۇتلەرنى كۇتىمىز .
   

0

تېما

0

دوست

875

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11447
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى، لېكسىيەنىڭ  ئۈن-سېن شەكلىنى يوللاپ قويسىڭىز،سڭزدڭن تېخىمۇ سۆيۈنەتتۇق.بىزمۇ ئاڭلىغان بولساق.

0

تېما

0

دوست

875

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11447
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان ئابدۇللا ئەپەدىگە يېزىلغان ئوچۇق خەت مۇنبەردە كۆرۈنمەيدىغۇ.شۇنچە تېز ئۆچۈرۈلۈپ كېتتىمۇ؟نېمىشقا ئەمدى ....؟قىزىق،مۇنازىرە قوزغاش ياخشى ئىش ئەمەسمۇ.ئەنسىرىگۈدەك  يېرى يوقتىغۇ ئۇ تېمىنىڭ.

18

تېما

0

دوست

2356

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 288
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saqa يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 01:41
ئارسلان ئابدۇللا ئەپەدىگە يېزىلغان ئوچۇق خەت مۇنبەردە ...

ئۆچۈرىلمىدى.مانا./thread-21565-1-1.html

0

تېما

0

دوست

900

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 22:32
مۇشۇ بىر ئىش پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ: تىلىمىزدىكى بىر ...

قۇل مىجەزلىك زىيالىللارنىڭ قېن-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن .
باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ سۆزلۈكلىرىنى قەستەن ئانا تىلىغا قىستۇرۇۋالىدىغان قىلمىش بەكمۇ ئېغىر .
مىنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، ئۆزبەك بىلەن سودا قىلىش جەريانىدا كۇچۇكلىنىپ ئۆزبەكچە سۆزلەپ كىتىشلىرى قىززىق .
ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرچە سۆزلىسە ئۇ ئۆزبەكمۇ چۈشىنىدۇ .

146

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   47.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 6508
تۆھپە : 4547
توردىكى ۋاقتى: 1239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تارىخى ئەھمىيەتلىك تېمنى كىچكىپ كۆرگەنلىكىمدىن ئۆكىنىمەن...ئارىسلان ئەپەندىمدەك زىيالىلىرىمىزىڭ ئىلمنىڭ زاكىتىنى تېز-تېز ئايرىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

2

دوست

1478

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ebrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 00:57  

...........

ئالتۇن

29

تېما

1

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 449
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ebrar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 14:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
مۇنۇ ھايۋاننىڭ تور بې ...

ئاداش بۇ توربەتنى ئاچقان ئادەم ئۆزى ئۇيغۇر بولسمۇ يازغان گەپ سۆزلىرنى يەھۇدى ناسارا كاپىرمۇ يازمايدۇ، بىز بۇنىڭغا سۆز-قىلشقا ئاجىز .بۇنىڭغا ئەڭ ياخشسى يۇقرى قاتلامدىكى ئۇيغۇر باشلىقلار سۆز قىلغلىنى ياخشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )