مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش
قاسىم سىدىق
ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە،كىلاسسىك مىخانىكىدىكى ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش ئۇقۇمى مۇئەييەن ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملارغاتەدبىقلىنىدۇ،مەسىلەن يەر شارىدەك قوياشنى ئايلانغان ھالدا ئۇز ئوقىدا ئايلىندىغان ئاسمان جىسىملىرىغا شۇنداق. كۋانىت مىخانىكىسىدا بولسا مۇئەييەن مەركەزنىڭ بولىشى شەرىت قىلىنمايدۇ،ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن _ ئۇزلۆك ئايلىنىش) زەررىچە ئۇزىنىڭ خوسۇسى خۇسۇسىيىتى دەپ قارىلىدۇ.
دىمەك ،كۋانىت مىخانىكىسى،مىكرو دۇنيا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا يول قويۇپلا قالماي،بۇنداق ئېغىش،زەررىچىلەر دۇنياسىدىكى بىر ئومۇمى ھالەتتىن ئىبارەت.
1 زەررىچىلەر دۇنياسىدا تاشقى تەسىر سەۋەبىدىن ھەركەتتىكى زەررىچىلەرنىڭ ئۇزىدىكى زەرەتلىك خۇسۇسىيەتكە قاراپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا بىر تەرەپكە ئاغىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەجىربە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاز ئەمەس.لورىنتىس كۈچى ئوقۇمىدا زەرەتلىك زەررىچىلەر ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتكەندە ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن بىر تەرەپكە ئاغىدۇ،مۇشۇ زەررىچىلەرنى ئاغدۇرىدىغان كۈچ لورىنتىس كۈچى،دەپ شەرھلەنگەن.
ئوخشىمىغان زەرەت مىقدارىغا ئىگەزەرەتلىك زەررىچىلەر ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسىدە بىر بىرىدىن پەرىقلىق ئۇزگىرىش ياسايدۇ.
يۇقۇرقى رەسىمدە ئۆستىدىكى زەررىچىنىڭ زەرەت مىقدارى 0 دىن كىچىك بولغانلىغى ۋەجىدىن ماگىنىت مەيدانى B تەرەپكە ئاغمىغانلىغى ،ئاستىدىكى زەررىچىنىڭ زەرەت مىقدارى 0دىن چوڭ بولغانلىغى ئۈچۈن B تەرەپكە ئاغقانلىغى چۈشەندۆرۆلگەن.
مەنفى زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ تەكشى ماگىنىت مەيدانىدايۇقۇرىغا قاراپ يۆتكۆلۆپ تەكشى ئايلىنىۋاتقان ھالەتتىكى سىفرال تىرايىكتورىيىسى
يۇقۇرقى رەسىمدىن تەكشى ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتۆۋاتقان مەنفى زەرەتلىك زەررىچىلەر نىڭ سائەت سىتىرلكىسىغا قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ۋە ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا سىفرال تىرايىكتۇرىيە ياساۋاتقانلىغىغا ھۆكۆم قىلغىلى بولىدۇ.
2
ئوخشىمىغان زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش (سىپىن)يۆنىلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.شۇنداق ئەھۋالدىلا ئۇلارنىڭ ئېغىش يۆنۆلىشىدە پەرىق كۇرۇلىدغانلىغىدىن باشقا كۈچ مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ زەررىچىلەر ھەركىتىدە ئېغىش كۇرۇلىدۇ.
مىنىڭ بۇنداق قارىشىمغاسەۋەپ بولغان بىرمۇنچە ھادىسىلەربار،ئۇلار :
1.غەيرى خالل ئىففىكىتىنىڭ ئىسپاتلىنىشى.
كىۋانىت خالل ئىففىكىتى ئۆتكۆزگۈچلەردىن ئىلىكتىر ئېقىمى ئۆتكەندە ئۆتكۈزگۈچلەردىكى زەرەت توشۇغۇچىلارنىڭ لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر تەرەپكە ئاغىدىغانلىغى ۋە ئىلىكتىر بىسىمى پەيدا قىلىدىغانلىغىنى كۇرسىتىدۇ.لىكىن،غەيرى خالل ئىففىكىتىدەبولسا ماگىنىت مەيدانىسىزمۇ بۇنداق ئېغىشنىڭ مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلىنىدۇ.
2.شۇتلاندىيە سانىت ئاندىرىس ئونۋېرىستېتىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بايقىشى.
شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ تەجىربىسى ھاۋانىڭ قارشىلىغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاكىئومدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ،پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى تىزلىكتە پېقىرىۋاتقان كىچىك شارغا چۈشۈرۆلگەن لازىر دەستىسىنىڭ تولغۇنۇپ ،سىفرال ئايلىنىۋاتقان بۆلەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىگى بايقالغان.
红色曲线代表着激光光束穿过紫色球体时发生的偏振
بۇلاردىن بىز ھاۋا ۋە ماگىنىت مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنۆلىشىدىن ئاغىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.
ئۇنداقتا ،مۇشۇنداق ئېغىشقا سەۋەپ بولغان زادى نىمە؟دىگەن سوئالغا دۇچ كېلىمىز.شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابى پەقەت بىرلا،ئۇ بولسىمۇ بۇنىڭ سەۋەبى _ 29-تىئورمىچە ئېغىش.
غەيرى خالل ئىففىكىتىدە بۇنداق ئېغىشنىڭ ماگىنىت مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ مۆمكىنلىگى ئىسپاتلىنىدۇ.بۇنداق زەررىچىلەر ئېغىشىغا ھاۋا تەسىر قىلىدۇ،دىيىشىنىڭمۇ قىلچە ئىلمى ئاساسى يوق.چۈنكى ،بۇنداق زەررىچىلەر ھاۋا مالىكولىلىرىغا نىسبەتەن بەكمۇ كىچىك بولۇپ،ھەر بىر ھاۋا مالىكولىسىنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئېغىش يۆز بېرىۋاتىدۇ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
سىپىنغا(ئۇز ئوقىدا ئايلىنىشقا) ئىگە بارلىق زەررىچىلەر سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇزىنىڭ سىپىنى يۆنۆلىشى تەرەپ(ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپ)كە ئاغىدىغانلىغىنى ھەقىققىدىكى تەتقىقات ۋە كۆزۆتۈش نەتىجىلىرى ئاز ئەمەس.
قارىغاندا قۇتۇپلۇشۇش ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش يۆز بەرگىدەك.تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيىتقاندا 29-تىئورمىچە ئېغىش سەۋەبىدىنلا قۇتۇپلۇشۇش ھادىسىسى يۇز بەرگىدەك.
3.ئوپتىك ماگنۇس ئىففىكىتىنىڭ بايقىلىشى.
ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرى 2008-يىلى يورۇقلۇقتا 29-تىئورمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئېغىش ھادىسىسىنى بايقاپ،بۇ ھادىسىگە"ئوپتىك ماگىنوس ئىففىكىتى" دەپ نام بەرگەن.بۇ ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى"تەبىئەت ئوپتىكىسى"نىڭ 2008-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
4.بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشى
بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشىدائاتۇملارمۇتلەق نۆل گىرادۇسقا يېقىنلاشقان ئەھۋالدا گاز ھالەتكە ئايلىنىپ،پائولى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىغا بوي سۇنمىغان ھالدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.بۇ قاراش 1995 -يىلى روبىدى(Rubidium)ئاتۇملىرىنى تەجىربە قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشى چاستۇتىسى ئىنتايىن يۇقۇرى دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئىنتايىن قىسقا بولغان زەررىچىلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.سولتۇنلارمۇ شۇنداق.بۇلارنىڭ ھەممىسى 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ،دەپ قارايمەن.
3
بىز يۇقۇرقى 2-ئابزاستىكى مىساللاردىن 29-تىئورمىچە ئېغىش ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئۇزىنىڭ خاس ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى،ھەممىنى تاشقى كۈچكىلا باغلاپ چۈشەندۆرۆشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ يىتەلەيمىز.
ئەمدى سورىلىدىغان سوئال شۇكى،زادى نىمە ئۈچۈن مىكرو دۇنيادا ئومۇمىيۆزلۆك كۇرۇلىدىغان ھەركەت شەكلى ،ماكرۇ دۇنيادا چەكلىنىشى كىرەك؟.
بۇ ھەرگىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇزىنىڭ ئىشى ئەمەس،پەقەت بىزنىڭ بىلىش ۋە نەزەريىۋى رامكىلىرىمىزنىڭ چەكلىمىسىنىڭ ئىشىدىن ئىبارەت.بىز تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەركەت شەكىللىرىنىڭ چەكلىكلىگى ۋە ئومۇمىلىغى،ئورتاقلىغىنى كۇرۇپ يېتەلمەيۋاتىمىز،خالاس!.
ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوخشاش ھەركەت شەكىللىرى مەيلى مەيلى مىكرۇ دۇنيادا ياكى ماكرۇ دۇنيادا يۇز بەرسۇن ئۇلارنىڭ شەرىت،سەۋەپلىرى ئوخشاش بولىدۇ.29-تىئورما مىكرۇ دۇنيادا ،مەيدانسىز بوشلۇقتا ۋە ۋاكىئومدا ئورۇنلۇق بولغان ئىكەن،ئوخشاش شەرىت ئاستىدا ماكرۇ دۇنيادىمۇ ئورۇنلۇق بولىدۇ .
2013.9.1
|