قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 654|ئىنكاس: 4

قارىياغاچ روھى(ئابلەت ئابلېكىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

470

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24844
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 21:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arustan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 21:45  

قارىياغاچ روھى  
ئابلەت ئابلىكىم
(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ)
كېچىلىرى قارىياغاچ،
مېنىڭ يولداشىم.
يوپۇرمىغى شىلدىرلىسا،
تۆكۈلەر ياشىم.
ھەر قېتىم بۇ خەلق قوشۇغىنى ئوقۇغۇنىمدا گۈزەل تىل،شېئىرى ئوبراز،ئەپچىل قۇرۇلمىغا سىغدالغان چوڭقۇر مەزمۇننىڭ سېھرى كۈچى تەسىرىدە ئۆزگىچە ھېسلارغا چۆمۈلىمەن.
قوشاقتا ئۆتمۈشتىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاپلىق ھىسياتى يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرلۇپ،تۇرمۇش غېمى،ئالۋاڭ-ياساق،ھاشار-سېلىقلار دەستىدىن ئۇيقۇسى قاچقان لىرىك قەھرىماننىڭ ھويلىدىكى سىرداش ھەمراھى قارىياغاچقا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ھەسرەتلىك خىيال سۈرۈۋاتقان ھالىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەنگەن.
  ئېغىز ئەدەبىيات ياكى يازما ئەدەبىياتتا بولسۇن قارىياغاچقا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز.بەزى ئەسەرلەردە قارىياغاچ گۈزەللىكنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنسە،بەزى ئەسەرلەردە جىن-شاياتۇنلارنىڭ ئۇۋىسى، شۇملۇقنىڭ،بالايى-ئاپەتنىڭ سىمۋۇلى قىلىنىدۇ.ھەتتا خەلقىمىز ئارىسىدا ‹‹قارىياغاچنى ھويلاڭغا يولاتما›› دىگەن قاراش ئەقىدىگە ئايلانغان.
نىمىشقا خەلقىمىز ئارىسىدا قارىياغاچقا نىسپەتەن بىرتەرەپلىمە قاراش ئومۇملاشقان؟خېلى يىللاردىن بۇيان بۇ سوئال تەپەككۈرۈمنى غىدىقلاپ كەلدى.بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم.قارىياغاچ ئاتالغۇسىدىكى ‹‹قارا›› قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ئۇلۇغ،كۈچلۈك،مۇستەككەم›› دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.دىمەك،قارىياغاچ‹‹ كۈچلۈك ياغاچ›› دىگەنلىك بولىدۇ.
   بالىلىق تۇيغۇلۇرۇم قارىياغاچ بىلەن مەھكەم باغلانغان.كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىمىزنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە بىر مازار بار ئىدى.چوڭلار بۇ مازارنى نامەلۇم ئۇلۇغ زاتنىڭ مازىرى دەپ چۈشەندۈرەتتى.مازارنىڭ ئەتراپى سۆگەت،قارىياغاچلار بىلەن قاشالىنىپ ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولۇپ،كىشىگە سىرلىق،سۈرلۈك تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى.بالىلار بىلەن مازارغا ئوينىغىلى بارغىنىمىزدا قەلبىمنى ئاجايىپ ۋەھىمە چۈمكىۋالاتتى.ئاۋام ئارىسىدا مازاردا جىن بارلىغى توغرىسىدا ھەر خىل مىش-مىش پاراڭلار تارقىلىپ يۈرگەچكە، مازاردىكى ئەگرى-توقاي قارىياغاچلار كۆزۈمگە بەئەينى جىن-ئالۋاستىلاردەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى.قارىياغاچ شاقلىرىغا قونۇۋالغان ساناقسىز قاغىلار ئالا-تاغىل قاقىلداپ، مازارغا تېخىمۇ سۈرلۈك كەيپىيات ئاتا قىلاتتى.چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە: مەلۇم مازاردىكى    قارىياغاچتىن كېچىسى غەلىتە ئاۋاز چىقارمىش،يول ياسىغۇچىلار يولغا توغرا كىلىپ قالغان بىر قارىياغاچنى كەسكەندە ئۇنىڭدىن قېپقىزىل قان ئاققانمىش...
  قارىياغاچ تۈز ئۆسمەيدۇ،غۇدۇر-بۈدۈر قوزاقلىرى ئۇنى تولىمۇ قوپال كۆرسۈتىدۇ.قارىياغاچنىڭ تاشقى ھالىتى كۆرۈمسىز بولسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تاشقى تەسىرلەرگە قارىتا ئالاھىدە بەرداشلىق بېرىش روھى بار.ئەگەر مەجنۇنتالنى گۈزەل ساھىپجامالغا ئوخشاتساق،قارىياغاچ قېرى مومايغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭدا گۈللەردىكى لاتاپەت،مەنزىرە دەرەخلىرىدىكى نازاكەت،قارغايدىكى سالاپەت يوق.ئۇ مەجنۇنتال،سۇۋادان،قارغايلاردەك كىشىگە ئىستىتىك تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدۇ.نۇرغۇن قارياغاچ ئورمانلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.ئىھتىمال بىزدىكى قارىياغاچقا بولغان بىرتەرەپلىمە قاراش مەزمۇن بىلەن شەكىل،ماھىيەت بىلەن ھادىسە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىگىدىن بولسا كىرەك.
قارىغاي تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆركەم،ئەڭ ھەيۋەتلىك،ئەڭ جەلىپكار مەۋجۇدات.شۇڭا بىر شائىر قارغاينى:
  يېشىل چىدىر،يېشىل مۇنار،يېشىل ئوق،
تاغ باغرىدا قەد كۆتەرگەن قارىغاي.
  يېشىل بەرگى غولى ئۈچۈن تەسەددۇق،
ئۆسەر ئەركىن قار،يامغۇرغا قارىماي.
دەپ تەرىپلىگەن.ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن تارتىپ،غولى،شاق-شۇمبىلىرىغىچە شۇ قەدەر گۈزەك،جەلىپكار.ئۇ تاغ باغرىنى،مۇستەككەم تاشلارنى يېرىپ،جاپا-مۈشكۈلات،جۇدۇن-چاپقۇنلارغا قىلچە باش ئەگمەي،ھەيۋەت بىلەن قەد كېرىپ تۇرىدۇ.قېيىن شارائىت ئۇنى قورقۇتالمايدۇ،ئەكسىچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ قەيسەرلىكنى يېتىلدۈرىدۇ.شۇڭا يازغۇچى-شائىرلىرىمىز قارىغاي توغرۇسىدا كۆپ نەرسىلەرنى يازدى.قارغاينى گۈزەللىكنىڭ،جەسۇرلۇقنىڭ،قەيسەرلىكنىڭ سىمۋۇلى قىلدى.قارىغاي شۇ قەدەر قەدىرلىككى،ئۇنىڭ ھەر دانىسى نەچچە يۈز يۈەن بولۇپ قالماي،ئۇ ئىدارە-ئورگان،خەلق مەيدانى،مېىھمانخانىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك جايلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈشكە ئامراق.
  مەن رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن ساياھەت نۇقتىلىرىغا باردىم.ئادەمنى لال قىلىدىغان تەبىئەت گۈزەللىگىدىن ھوزۇرلاندىم.تەبىئەتنىڭ تەڭداشسىز ماھىر رەسسام،مەڭگۈ قېرىمايدىغان گۈزەل ‹‹جانان›› ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.ئەمەلىيەتتە بۇ گۈزەللىك يەنىلا قارىغاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
  مەندە تەبىئىي ھالدىلا قارىياغاچ بىلەن قارغاينى سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى.بۇ ئارقىلىق مەنتېقىلىق يەكۈنگە ئېرىشمەكچى بولدۇم.ئەمەلى پاكىت ئۇلارغا بولغان قارشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.
  30 يىل ئىلگىرى قارىغاي بىلەن قارىياغاچنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆي سالغان بىر دېھقان يېڭى ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئۆي ئۆگزېسىنى ئاچقاندا ئويلىمىغان ئىش يۈز بەرگەن: ئۆيگە سالغان تۆت قارىغاينىڭ ئىككى بېشى پۈتۈنلەي سېسىپ كەتكەن.ئەمما ئۈچ دانە قارىياغاچ ناھايىتى مۇستەھكەم تۇرغان.شۇڭا ئۇ قاراياغاچلارنى يېڭى ئۆيگە قايتىدىن سالغان،قارىغاينىڭ ئىككى بېشى سېسىپ كەتكەچكە كارغا كەلمىگەن.
  كىشىلەر بارا-بارا قارىياغاچنىڭ كارامىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.ئۆي،ئېغىل،لاپاسلىرىغا قارىغاي ۋە كۆك تېرەك ئورنىغا قارىياغاچ سېلىشقا باشلىدى.بىر دانىسى 30 يۈنگىمۇ يارىمايدىغان قارىياغاچنىڭ باھاسى بىردىنلا 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.نەتىجىدە قارىياغاچ ئىھتىياجنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقتى...
  قارىياغاچقا قارىساملا كۆز ئالدىمغا جاپاكەش دېھقانلىرىمىز كېلىدۇ.قارىغاي كۆركەملىگى بىلەن زىيالىلىرىمىزغا ئوخشىسا،دىھقانلىرىمىز تاشقى كۆرۈنىشى قوپال،ئەمما مۇستەھكەم،قەيسەر،چىداملىق قارىياغاچقا ئوخشايدۇ.
  دېھقان جاپا-مۈشكۈلاتتىن قورۇقمايدۇ.ھەشەمەت،شۆھرەتتىن خالى ياشايدۇ.تىنىمسىز مېھنەت قىلىش بەدىلىگە كىشىلەرنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قامداپ،ئۇلارغا خاتىرجەملىك،بەخىت ئاتا قىلىدۇ.دېھقاننىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى ئۇ تەبىئەت بىلەن دوستانە ئۆتۈپ،بىر ئۆمۈر ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەرنى قەدىرلەپ،شۈكرى-قانائەت بىلەن ياشايدۇ.يوقتىن زارلانماي،باردىن پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ.چېرچىل‹‹دۇنيادىكى بىردىنبىر تەلەيلىك ئادەم ئىشلەشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەمدۇر››دىگەن .دېھقان مېھنەت قىلىش ئارقىلىق خوشاللىق تاپىدىغان ‹‹نان تەڭرىسىدۇر››.
دېھقان باھار بىلەن تەڭ ئويغۇنىدۇ،ئېتىزغا ئوغۇت توشۇپ،يەر ھەيدەيدۇ.ئۇرۇق سالىدۇ،ھەربىر مايسىنى خۇددى بالىلىرىدەك پەرۋىش قىلىدۇ.سۇ تۇتىدۇ.قوناق مايسىلىرىنى ئوتايدۇ.خامان ياساپ،پىژغىرىم ئىسسىقلاردابۇغداي تېپىدۇ،سامان،توپان توشۇيدۇ.كۈزدە قوناق ئورۇپ،ئاقلايدۇ.قوناق تېپىدۇ.قوناق ۋە شاق توشۇيدۇ.مال باقىدۇ،ئۇنىڭ مۇقۇم دەم ئېلىش كۈنى بولمايدۇ،ئۇ بىر ئۆمۈر يەرگە باغلىنىپ ياشايدۇ.ئېغىر جىسمانى ئەمگەك ئۇنىڭ قوللىرىغا تارشادەك يىرىگلىك،مۇسكۇللىرىغا تۆمۈردەك قاتتىغلىق،تېرىلىرىگە قارىلىق ئاتا قىلغان.قېيىن شارائىت ئۇنىڭ خارەكتىرىنى تاۋلاپ،ئۇنىڭدا ئاجايىپ چىدامچانلىقنى يېتىلدۈرگەن.
شۇڭا ئۇ ھاردىم-تالدىم دىمەيدۇ.گاھى ئاچ گاھى توق يۈرۈۋىرىدۇ.تاۋۇز بىلەن نان يەپ،سۇغۇق چاينى غورتۇلدىتىپ ئىچىپ،پادىشاھنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ.ئۇ قۇۋۋەت تالقانلىرىنى،رىستۇرانلاردىكى قىممەت باھالىق نازۇ-نىمەتلەرنى يىيەلمىسىمۇ،قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيەلمىسىمۇ،مېھنىتىنىڭ تەمىنى تېتىغاندا ئالەمچە شاتلىققا تولىدۇ.
  قاراياغاچ كۆرۈمسىز،لىكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا باشقا دەرەخلەردە مەۋجۇت بولمىغان ئاجايىپ چىدامچانلىق،تاشقى تەسىرلەرگە قارىتا ئالاھىدە بەرداشلىق بېرىش روھى بار.بۇ روھ قاراياغاچ روھىدۇر.قاراياغاچ روھى دېھقان روھىدۇر.

20

تېما

0

دوست

2141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 343
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ياخشى تېمىلارنى يوللاڭ،تەتىلىڭىز مەنىلىك ئۆتكەي.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

396

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24261
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 14:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىشلىرى مۇۋاپىق،ئىشلىتىلگەن سۆزلەر بەك يېقىشلىق ئىكەن،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

0

تېما

1

دوست

2834

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 17:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراياغاچنى دېھقانغا ئوخشاتقىنىڭىز تازا مۇۋاپىق بولۇپتۇ ، راس سىز ئىيتقاندەك قاراياغاچنىڭ خىستىلىتى دېھقاننىڭ خىسلىتى بىلەن ئوخشاش . يەنى چىداملىق ،ئاددى ساددا ،ئوشۇقچە شارائىت تاللىمايدۇ ،مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزىگە خاس خارەكتىرنى ئۆزگەتمەيدۇ ، بۇ خىسلىتى دەل دېھقانلىرىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالغۇچى ھەققى ئاۋانگىرات چەڭچىلىك  رولىغا بەك ئوخشايدۇ .
يەنە بىر خىسلىتى تىخىممۇ ئوخشايدۇ ، ئاسان ئاۋۇيدۇ ، ئۇرىغى چۈشكەن يەردە ئۈنەلەيدۇ (چاقچاق) .
ئۇنىڭ يەنە بىر خىسلىتى ئۇ ئەزەلدىن مۇشۇ زىمىندىكى ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى ........

11

تېما

0

دوست

959

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 191
تۆھپە : 167
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 18:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 17:52
قاراياغاچنى دېھقانغا ئوخشاتقىنىڭىز تازا مۇۋاپىق بولۇ ...

بۇرۇن مېنى بىر قىسىم دوستلىرىم ‹‹ قاراياغاچنى ھويلاڭغا يولاتما ، قەشقەرلىقنى ئۆيۈڭگە يولاتما›› دەپ مېنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىمنى قارا ياغاچقا سېلىشتۇرۇپ مەسخىرە قىلماقچى بولاتتى ، گەرچە شۇ چاغدا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىم بۇ ماقالغا رەنجىپ ، ئىككى ئۇيغۇر بىر بىرىگە ھۆرۆ -پۆرۆ دىيىشكەن بولسىمۇ ، مەن پەقەت مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنەتتىم ، بۇ مېنىڭ توخۇ يۈرەك قورقۇنچاقلىقىمدىن رەددىيە بېرەلمىگىنىم ئەمەس ، پەقەت نادان كىشىلىرىمىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ، بىر تائىپە تۇرۇپ بىر بىرىنى كەمسىتىۋاتقانلىقىدىن بولغان ئاچچىق كۈلۈش ئىدى ، تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشلىرى ئاخىرى مېنى خۇشال قىلدى ، ھازىر چاندا ئەقلىنى ئىت يەپ كەتكەنلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، ئۇيغۇرلاردىكى بىر قوۋىم ،بىر يىلتىز تۇرۇپ بىر بىرىنى كەمسۇندۇرىدىغان ‹‹قەشقەرلىك›› ،‹‹قارا ياغاچ›› دىگەن ئاتالغۇلار ئاساسەن يوقاپتۇ ، ئاپتورنىڭ بۇ تەسىرلىك ئىپىك نەسىرىنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز ياشلىق چاغلىرىمدىكى ئاشۇ كۆرىنىشلەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى ،دىمەك قارا ياغاچ ، قەشقەرلىك يىغىپ ئېيىتقاندا ھەممىمىز ئىزگۈ تىلەككە ، ئادىمىلىككە ، قەيسەرلىككە ، ۋىجدانى غۇرۇرغا ئىگە ئوبدان ، بەلەن ئەل بىز ، ئاپتورنىڭ مېنى ياشلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمگە يېتەكلەپ بارغىنىغا ئاپىرىن ، قەلەم تۇلپارىڭ ھارمىغاي !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )