قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11122|ئىنكاس: 110

ئەركىم:خەنزۇ ساقچىنىڭ ئەسلىمىسى(تەرجىمە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

147

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى: 6520
تۆھپە : 4785
توردىكى ۋاقتى: 1265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                             
                                                        خەنزۇساقچىنىڭ ئەسلىمىسى
                                                                 (ئەركىم)


تىل ئاغدۇرغۇچىدىن :
ۋاڭ دا خاۋنىڭ بىلوگىغا كىرسەم مۇنۇ يازما
请你不要逼我开枪让你上天堂دېققىتىمنى تارتىپ قالدى ئاغدۇرۇپ باقتىم...ئەلۋەتتە، سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا خاتالىقلاردىن نېرى بولالماسلىقىم مۇمكىن. تورمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
       ئون يىللىق ساقچىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ خەتەرلىك كەچمىشىم. تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىدە قۇربان بولۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. قەتئىي ئەقلىمدىن ئۆتمەيدىغان يېرى شۇ بولدىكى مەن ئۇچىراتقان ئىككى نەپەر تېرورچى قوشكېزەك قېرىنداشلار ھەسەن بىلەن ھۈسەن ئىدى، بىز قوڭڭىمىزدا ئىشتان يوق چاغلاردىن باشلاپلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان 30 يىللىق جان-جىگەر دوستلاردىن ئىدۇق.
     شۇكۈنى ساقچىخانا يېتەكچىسى ئەنىۋەر مەن بىلەن بىللە كەنىتكە بېرىپ ئامانلىق خىزمىتىنى تەكشۈرمەكچى ئىدۇق، لېكىن ئىدارىدىن باشقا يىغىننى ئېچىشقائورۇنلاشتۇرۇش بولغانلىقتىن، ماشىنىنى يالغۇز ھەيدەپ ئاتلاندىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يېزا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچى باشلىقىلىق ۋەزپىسى بىلەن تۆۋەنگە تەكشۈرەشكە مېڭىشىم ئىدى. تاغ يولى بولسىمۇ يېڭى ياسالغان، بېيجىڭ شەھىرى مەبلەغ سالغان ئەمدى قاتناش باشلىغان، ماشىنىمۇ ئاز يول بولغاچقا، بۇنداق ئازادە يولدا ماشىنا ھەيدەش ھوزۇرلۇق ئىدى.
     تاغ ئېغزىنىڭ ئەگمىسىدە، سۈرئەتنى ئاستىلاتتىم،ئۇشتۇمتۇت يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ ماڭا قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ماشىنىنىڭ دەرزىسىن بويۇنداپ قارىسام قوشكېزەك ئاغا-بوۋاق ھەسەن-ھۈسەنلەر ئىكەن. يول ياقىسىغا توختاپ، ماشىنىدىن چۈشۈشكەتەمشىلىۋاتقىنىمدا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ قالدىم، ئۇ ئىككەيلەن بىر مېتىردىن ئۇزۇن خەنجەرلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ماشىنىغا تاشلانغىنىنى ئىلغا قىلدىم.
ئۇلار ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مېنىڭ كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ  تۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز ھەسەن خەنجىرىنى پۇلاڭلاتىقىنىچە ماڭائېتىلدى. مەن تېزلىكتە ماشىنىنىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى چىڭ تاقىۋېلىپ، ئۇلارغا ۋاقىراپ: ھەسەن، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نىمە قىلماقچىسەن؟! دېدىم. ھەسەن خەنجىرى بىلەن تەلۋىلەرچە ماشىنىنىڭ دەرىزىلىرىنى ئۇرۇپ چېقىشقا باشلىدى. ھۈسەن خەنجىرىنى تۇتقىنىچە ئىككلىنىپ تۇراتتى. ھەسەن ھۈسۈنگە قاراپ ھۆركىرەپ: ماشىنىغا ئوت قوي!دېدى. ھۈسەن قوينىدىن بىر قۇتىنى ئېلىپ، ماشىنغا ئاتتى. قارس قىلىپ تەگكەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئالدى ئەينەكتىكى سايىسى غايىپ بولدى. پۈتۈن بەدىنىمنى تېتىرەك بېسىپ، خىيال قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا كۆز ئالدىمدا ئوت يامراشقا باشلىدى، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۆزەمنى پەسكە ئاتتىم، بۇرنۇمغا قويۇق بىنزىن ھىدى ئۇرۇلدى. ھەسەن خەنجىرىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭا تاشلاندى، مەن بۇرۇلۇپلا تاشقا قاراپ ياماشتىم، ھەسەن ئىز بېسىپلا ئەگەشتى. ھۈسەنمۇ خەنجەرنى كۆتەرگىنىچە مۇدۈرلۈپ، سۈدۈرلۈپ ھەسەننىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كېلىۋاتاتتى. بوڭ، قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، پەسكە قارىسام ماشىنا پارتىلاپتۇ.
     قانچىلىك يۈرگۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، يۈگۈرگۈدەك ماجالىم قالمىدى. كەينىمدىن ھەسەننىڭ قىسىلغان نەپىسى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. مەن يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ تاغقا قاراپ يامىشىۋاتىمەن، ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى 5-6 مېتىرلا قالغانتى. مەن بىر تەرەپتىن ھەسىرەپ -ھۆمۈدەپ تاغقا يامىشىۋېتىپ، كەينىمگە قاراپ:- ھەسەن سەن زادى نىمە قىلماقچى؟دەپ سورۇدۇم.
ئۇنىڭ دېمى ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ:-مەن...مەن... سېنى ئۆلتۈرۈمەن!
يەنە قاچقۇدەك ماجالىم قالماي دۆم تۇرۇپ:- نىمە ئۈچۈن؟ دەپ سورىدۇم.
قاۋۇل، بەستىلىك كەلگەن ھەسەننىڭمۇ تۇرغۇدەك ھالى قالمىغانتى. ئۇ بىر قورام تاشقايۆلىنىپ تۇرۇپ كالىدەك پۇشۇلداپ غەزەپ بىلەن:- مەيلىكى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خەنزۇ بولسىلا ئۆلتۈرىمەنمەن، دەپ ئاللاھ يولىدا قەسەم ئىچىتىم...
ساراڭ بولدۇڭمۇ ھەسەن؟ بىز دېگەن بىر تال نانى تەڭ بۆلۈپ يەپ چوڭ بولغان قېرىنداشلار! شۇ تاپتا ئۇنىڭغا تاشلىنىپ بېرىپ، كاللىسىغا بىرنى قويۇپ،سەگىتىپ قويغۇم كېلەتتى.
-بۇرۇن شەيتان كۆزۈمنى توسۇپتۇ، سېنى قېرىنداش دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەمدى بىز قېرىنداشئەمەس. مەن ساراڭ ئەمەس، غازات قىلىمەن، سەنلەر دىنسىزلار بۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيسىلەر! دېگىنىچە، خەنجىرىنى شىلتىپ ماڭا تاشلاندى. پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ تاغقا ياماشتىم، ھەسەنمۇ ئىز باستى.
بۇ چاغدا تاپانچام بارلىقى ئېسىمگە يەتتى، باياتىدىن ئېسىمگە نىمىشقا كەلمىگەندۇ؟
شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتىم، ئالدىمدا ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تىك گىلاڭ تۇراتتى. مەن گىلاڭ بويىغا قىستىلىپ كەپ قاپتىمەن. پۇت –قوللىرىم يۇمشاپ، ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ھەسەن بولسا خەنجەرنى شىلتىغىنىچە سىلجىپ كەلدى.
  تاپانچىنى چىقىرىپ ھەسەنگە:- قېرىندىشىم، ئەمدى چېكىنىش يولۇم قالمىدى، مېنى ئوق چىقىرىشقامەجبورلىما! دېدىم. ھەسەن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قەدىمنى توختاتتى. شۇتاپتا ئالدىمدىكىھەسەن ھەم تونۇش ھەم ناتونۇش سىياقتا كۆرۈنەتتى. قانداق بىر غايەت زور كۈچ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى شۇقەدەر رەھىمسىز قىلىۋەتكەندۇ؟  ئۆزەمنى قاتتىق توختۇن تۇتۇشقا تىرىشىپ:قېرىندىشىم، مەيلى سەن قانداقلا مەقسەتتە مېنى ئۆلتۈر، لېكىن، ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىڭنى بولسىمۇ ئويلاپ قوي. ئىككىمىزنىڭلا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىمىز بار، مەن ھەرگىزمۇ ئوغلۇمنىڭ كىچىكىنە تۇرۇپ يېتىم قېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن.دېدىم. ھەسەن بىردەم تەمتىرەپ تۇرغاندىن كېيىن خەنجەرنى ئويناتقىنىچەھۆكىرەپ:-ئوغلۇمنى ئاللاھنىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم! بىر خەنزۇنى ئۆلتۈرسەم، پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەر جەننەتكە كىرىدۇ.
  -ھەسەن،خەنجىرىڭنى تاشلا! ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا :-  ئەگەر قورالنى تاشلىساڭ، مەن ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولاي، بىز يەنىلا قېرىنداش، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەرمەن ساڭا بۇرۇنقىدەكلا ياردەم قىلاي.
  - ئۇسوغوق بىر تەبەسسۇم ئىلكىدە:- ھىم، سەن بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزغا ياردەمقىلالمايسەن. دېدى.
- سەن دەپباققىنە، نىمە قىينچىلىق ئۇ؟ ئاخىرقى دەقىقىلەردە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى تېپىۋېلىشىنى، نىيىتىدىن يېنىشىنى ئۈمىد قىلىپ:- بىز ياردەم قىلالمىساق، ھۆكۈمەت ياردەم قىلىدۇ، دېدىم.
  - بىزنىڭ پەقەت بىرلا قىيىنچلىقىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بارلىق خەنزۇلارنى قوغلىۋېتىش! سەنلەر ياردەم قىلالايتىڭلارمۇ؟ ھەسەن گويا بىر ياۋۇز مەخلوقتەك قولىدىكى خەنجەرنى شىلتىغىنىچە ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ: سەن خام خىيال قىلما ،  ھەرگىز خەنجىرىمنى تاشلىمايمەن، ئاللا يولىدا شېھىد بولۇشقا قەسەم قىلغانمەن.
  - مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: - قېرىندىشىم، سېنى ئېتىپ جەننەتكە كىرىشىڭگە مەجبورلىما! پەقەت بىر پاي ئوق كۇپايە،ئاتا-ئاناڭ بىر پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ، ئايالىڭ تۇل، بالاڭ يېتىم قالىدۇ. مېنىڭ ئوق چىقارغۇم يوق، چۈنكى ئاشۇ كىچىككىنە بىر پاي ئوق بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىدۇ.
- غازاتتا ئۆلگەنلەر شېھىد بولۇپ جەننەتكە كىرىدۇ.مېنى ئۆلۈم بىلەن قورقىتىمەن دەپ خام خىيال قىلما! مەن ئۆلۈمدىن قورۇقمايمەن.ھەسەننىڭ نەزىرى بۆرىنىڭكىدەك ۋەھشى ئىدى.
مەن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم:- ھەسەن،  ئۆزگىگەھاياتلىق يولى بەرگەنلىك، ئۆزىگە بىر ھاياتلىق يولى بەرگەنلىك بىلەن باراۋەر، مېنى ئوق چىقىرىشقا قىستىما، ئۆتۈنۈپ قالاي. مېنى مەجبورلىما، مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن مەسلىھەتلىشەيلى، مېنى نىمىشقا بۇنچە مەجبورلايسەن،  ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىنى خەنجىرىڭنى تاشلىساڭ،سەن بىلەن بىرلىكتە ئاللاغا ئىشىنىشكە رازىمەن!
  ھۈسەنمۇ قوغلاپ يېتىشىپ چىقىتى. ئۇ قولىدىكى خەنجەرنى تاشلاپ ئاكىسىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ يىغلاپ: -ئاكا خەنجەرنى تاشلا! دېدى.ھەسەن زەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ، خەنجەرنى ئۇنىڭغا توغۇرلاپ چاپتى. ھۈسەن چەبدەسلىك بىلەن دالدىلانغان بولسىمۇ بىر بارمىقى چېپىلىپ قىپقىزىل قان ئېتىلىپ چىقتى. مەن شىددەت بىلەن قەددىمنى تىكلەپ، ئاسمانغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئۈزۈپ:ھەسەن، قولىڭنى تارت! دەپ ۋاقىرىدىم. ھەسەن قولىدىكى خەنجەرنىڭ پۇلاڭلاتقىنىچەماڭا قاراپ تاشلاندى، مەن ھېچنىمنى خىيال قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، ئوق ئۈزدۈم. بۇ پۈتۈنلەي تەبىئىي بولغان جاننى ساقلاش ئىنكاسىى ئىدى.
  ئوق ھەسەننىڭ كۆكرىكىگە تېگىپ، زەپ بىلەن يىقىلىپ چۈشتى.
  ھۈسەن ئاكىسىنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
مېنىڭمۇپۇت-قوللىرىم يۇمشاپ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدىلا يۈكۈندۈم، يۈز-كۆزلىرىم ياشلاربىلەن ھۆل بولۇپ ئۆكسۈپ تۇرۇپ:- قېرىندىشىم، سەن نىمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسەن؟ بىز نىشمىقا ياخشى قېرىنداشلاردىن بولالمايمىز؟ نىمىشقا مېنى ئوق چىقىرىشقا مەجبورلايسەن؟ پەقەت جەننەتكە چىقىپ كېتىش ئۈچۈنمۇ؟!
... ...
بۇ قېتىملىق «ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش »ۋەقەسىنى يۇقىرىغا دوكىلات قىلغاندا ھۈسەننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدىم. ھەسەننىڭ ئۆيىنى تەكشۈرىگىنىمزدە نۇرغۇنلىغان ئەسەبىيدىنى ئىدىيەنى ، تېرورلۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان سىن فىلىملىرىنى تاپتۇق.  ئۇ مۇشۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بىر كېچىدىلا بارلىقىنى غازاتقا ئاتاش يولىنى تاللىغان ئىدى.
  ئۇزاقئ ۆتمەي مېنىڭ تەستىقلىشىم بىلەن ھۈسەن ياردەمچى ساقچى بولدى، مېنىڭ يېتەكلىشىمدە بىر يىلدىن كېيىن پارتىيەگە كىردى. مېنىڭ تونۇشتۇرۇشۇم بىلەن كەنىتكە قايتىپ كەنىت باشلىقى ۋە پارتكوم سېكىرتارى بولدى. كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچەمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.
  ھەسەننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئايالى قايتا ياتلىق بولدى، ئوغلىنى مەن بېقىۋالدىم، شۇنداق قىلىپ ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپ قالدىم.
بەش يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىككى ئوغلۇم ئالتە ياشقا كىردى. ھۈسەن يېزا باشلىقى بولدى. نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتەپكە ئۆگىنىشكە بارغۇچە مېنى يوقلاپ كېلىپتۇ.بىز ئىككى ئەركەك قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىشقىنىمىزچە ئۈن-تىنسىز يىغلىشىپ كەتتۇق.ئاخىرىدا مەن بىر ئېغىز گەپ قىلدىم. –
مەيلى قانداقلا دىنغا ئىشىنەيلى، چوقۇم ياخشى ھايات ياشىشىمىز ھەممىدىن ئەۋزەل.ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقىنىڭ نۇرغۇن تاللاش يولى بولىدۇ.
ھۈسەن:جەننەتتىكى كاۋاپتىن، زىمىندىكى نان ئەۋزەل، دېدى.
جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن مىش-مىش پاراڭلاردىن ئاڭلىشىمچە ئۇ كەلگۈسىدىكى ناھىيە ھاكىم نامزاتى ئىكەن.
  ئۆز ۋاقتىداھۈسەننى قوغداپ قېلىشىمنى سەۋەبى پەقەت ۋەقەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش، تەۋەلىكىمدىكى مۇقىمسىزلىق كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. بىر دېھقاننىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەپ كادىر بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.
  بىكار چاغلىرىمدا ئىككى ئوغلۇمنىڭ شوخلۇقلىرىغا قاراپ ئولتۇرشنى ياخشى كۆرىمەن. ھەسەننىڭ ئوغلى بارغانچە ھەسەننىلا كىيىپ چىقىۋاتىدۇ. مەن دائىم ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ھەسەننى ئەسلەپ قالىمەن، ھەسەننىڭ ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە نىمىلەر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كېتىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرى ھەسەننىڭ ئوغلىغا دادىسىنى قاندقمۇ چۈشەندۈرەرمەن؟
  بىر كۈنى ئۆيدە تاسادىپىي ۋاڭ دا خاۋ نىڭ « مەنپەت پەلسەپەسى» قولۇمغا چىقىپ ۋاراقلاپ قالدىم. تۆۋەنكى قۇرلارغا نەزىرىمنى تاشلىدىم.
  « دىن ھەرگىزمۇ مۇتلەق خىيالى ئەمەس، ئۇ ئىنسانىيەت مەنپەت ئىھتىياجىنىڭ ئەڭ غايىۋانەئوبېيكتىپ ئىنكاسى، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى مەنپەت ئىنكاسى. شۇنداقلا دىننىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ مۇستەھكەملىكىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەجۈتلا بولىدىكەن، دىنمۇ چوقۇم مەۋجۈت بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ۋە گۇرۇھلار دىننى ئۆزشەخسىي مەنپەتىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، دىننى ھەددىن زىيادە كۆپتۈرۈپ ئىلاھىيلەشتۇرىدۇ. بارلىقىنى ئاتا قىلسا ئۆلگەندىن كېيىن كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقائېرىشىدۇ، دەپ كىشىلەرنى خاتالىققا يېتەكلەيدۇ. دىننىڭ ئوڭايلىقىدىن پايدىلدنغۇچى ھايات چېغىدا ئەمەلىي مەنپەتكە ئېرىشىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ماددىي مەنپەت بولىدۇ-بۇھەم ماددىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسى، روھى مەنپەتمۇ  ھەم لازىم-ئۇ روھى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى. ھەددىدىن زىيادە ماددىي مەنپەت ۋە روھىي مەنپەتنى قوغلىشىشنىڭ ئىككىسىلا بەك زىيانلىق. رئاللىقتىكى ماددىي مەنپەت بىلەن روھىي مەنپەت تەمپۇڭ بولغاندا، جەمئىيەت ۋە ھايات ھەقىقى  ماسلىشالايدۇ. دىن- ئىنسانلارنىڭ مەپەتىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئىجاد قىلىنغان. دىن-ئىنساننىڭ ماددىي مەنپەتىنى قاندۇرش بىلەنبىرگە(مەسلەن دىندىن پايدىلىنىپ بايلىقىنى شىلەپ)، شۇنداقلا روھىي مەنپەتىنىمۇ قاندۇرلايدۇ(مەسلەن دىندىن پايدىلىنىپ روھىغا تەسەللىي بېرىپ). بىراق، دىن - كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا  روھىي مەنپەتىنى قاندۇرۇشتۇر.  دىننىڭ روھى مەنپەت قىممىتىنى ئەسەبىيلەرچە كۆپتۈرگۈچىلەرنىڭ مەقسىتى، باشقىلار بىلەن ماددىي مەنپەتنى تالىشىشتىن ساقلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەنلىرىنى ماس ھالدا ئاشۇرۇشتۇر. ئۇلار كىشىلەرنى رېئال مەنپەتىنى قۇربان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلاردىن ھەقسىز مەبلەغ تەننەرخىگە ئېرىشىپ، ئۆزلىرىگەئەمەلىي  زور پايدا جۇغلايدۇ. دىندىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىلەر دائىم ئەڭ ئىلاھىي ئاتاقتا، ئاخرەتتىكى مەنپەت-ئۆلگەندىن كېيىنكى مەنپەت(جەننەت)لەر بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ رېئال مەنپەتتىن ۋاز كېچىشكەئۈندەيدۇ. ئومۇمەن بارلىق كۈچى بىلەن جەننەتكە كىرىشكە ئىنتىلىدىغان كىشىلەرئوخشاشلا  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئىنتىلىدۇ،ئۇلار زىمىندا بىر سىكونت كۆپرەك ياشاشقا رازىكى جەننەتكە چىقىشقا ئالدىرىمايدۇ. دىن-ئىنسانغا كېرەكلىك بولغان مەنپەتلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس، لېكىن، بارلىقى ئەمەس. ماھىيەتتەدىن ئادەم مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دىننىڭ ماھىيتىنى چۈشەنمىگەنلەر، ئاخىرەت مەنپەتىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشەنگەنلەر، ئىنتايىن ئاسانلا باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قۇربالىققا ئايلانغۇچىلاردۇر. »
  كىتابقا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ۋاقتىمدا ، ھەسەننىڭ ئوغلى تۇيۇقسىز ئۆيگە يۈگىرەپ كىردى،نەدىن تېپىۋالدىكىن ھە؟ ئۇ قوللىرىنى جۈپلەپ تۇرۇپ ئويۇنچۇق تاپانچىدا مېنى چەنلىگىنىچە، توختىماستىن پاڭ،پاڭ، پاڭ...دەۋاتاتتى.
شۇئان بېشىم ئايلىنىپ، كۆزئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتىم.


2014-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى  تەرجىمە توردىن قىلىندى (ئەركىم)

0

تېما

0

دوست

1012

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ  لاۋزا تىتىقسىز كىنۇدىن بىرنى كۆرۋاتامدىمەن نىمە ........................................تىرورچى ھاكىم نامزاتى بولدىغان قانداق جايدۇ ئۇ؟ سوجاڭ جاناپلىرى سىلى نەدە، قايسى ساقچىخانىدا ئىشلەۋېتىپ يازغان خاتىرە بۇ؟
   
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1012

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:13:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تاقا -تۇققا بىر نەرسە يازىدىغان ۋاڭ داخاۋ دىگەننىڭ قولىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ-ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتسەم.......

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5300

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1296
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

0

دوست

2667

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇ يالغانچى كۆت

0

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20063
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فانتازىيىلىك ھىكايىمۇ ياكى ئامىرىكا فىلىملىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو سىنارىيەسىمۇ؟

0

تېما

13

دوست

2619

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 21:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nul يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 20:20

قوڭىغا بىر شاپىلاق قۇيۇپ تاپقان بىمەنە تېتىقسىز كۇچا پارىڭى.بۇ گىپىڭ بىلەن ساراڭ،جىن چاپلاشقانلارنى ئالدىيالايسەن.

5

تېما

1

دوست

1011

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 21:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە مەنتىقىگە پەقەت ئۇيغۇن ئەمەسكەن... چىنىپ قالغان يەرلىرى بەك كۆپ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )