قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2355|ئىنكاس: 14

گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن ئەراپات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16548
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 14:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   جىنى چىڭ مۇشۇك » دەپ نام ئالغان پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئاراپات يەنە بىر قىتىم ئامان قالدى: ئۇ قۇملۇققا موللاق ئىتىپ چۇشۇپ كەتكەن ئايرۇپىلان سۇنۇقلىرى ئارىسىدىن ئومىلەپ تۇردى.ئاراپات قانداق تىرىك قالدى؟ لۇندۇندا چىقىدىغان « تايمىس گىزىتى » بۇ ۋەقەنى مۇنداق خەۋەر قىلدى:
   ئانتونوۋ تىپلىق ئايرۇپىلان ( روسىيىنىڭ تىرانسىپورىت ئايرۇپىلانى ) نىڭ ئارقا بولمىسىنى بىر خىل ۋەھىمە قاپلىغان بولۇپ، ھەربىر ئادەم ئالاقزادىلىگىنى چاندۇرماسلىق ئۇچۇن ئوزىنى زورغا بىسىپ ئولتۇراتتى.سانسىز خەۋىپ -خەتەرنى بىشىدىن ئوتكۇزۇپ، مىڭ ئولۇپ، مىڭ تىرىلگەن ئاراپات كوڭلىدە نەچچە ئون يىل جاپالىق بىلەن ئوتكۇزگەن ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەمدى ئاخىرلىشىدىغانلىغىنى جەزىملەشتۇرۇپ بولغانىدى.
   ئۇ قاتۇرۇپ قويغاندەك ئولتۇراتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ كوزەينەكتىن قۇملۇقنىڭ بورىنىدا قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن بوشلۇققا قاراپ قۇياتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە ئايرۇپىلاننىڭ نىشاندىن ئادىشىپ قالغانلىغى، بىنزىننىڭ تۇگىگەنلىگى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەرلەر تاكرارلىناتتى. ئاراپاتنىڭ سادىق ھەمراھلىرى ئايرۇپىلان يەرگە چۇشۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ھاياتىغا يىتىدىغان زىيان-زەخمەتنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش نىيىتىدە بىر مۇنچە ئەدىيال بىلەن ئۇنى قاتمۇ-قات يوگەپ قويۇشتى.
   ئاراپاتنىڭ نەزىرىدە خۇددى، ئوز سايىسىدەك كورۇنىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر باشلىغى فادى ئۇنىڭ يىنىدا تۇگۇلۇپ ئولتۇراتتى. ھەر ئىككەيلەن ئۇن-تۇنسىز، چۇڭقۇر ئويغا چۇمگەن ئىدى.
   توساتتىن فادىنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھاپىزەتچىلەردىن بىرسى:
- قاراڭلار، ئاستىمىزدا يەنە بىر ئايرۇپىلان تۇرۇدۇ،-دەپ ۋاقىردى. ئەمىلىيەتتە، ئۇ ئوزى ئولتۇرغان ئايرۇپىلاننىڭ يەرگە چۇشكەن كولەڭگۇسىنى كورگەنىدى.
   ھايال ئوتمەي ئانتونوۋ لىۋىيىنىڭ قۇملۇغىغا چۇشۇپ كەتتى-دە، ئاسمان پەلەك قۇم-توپا كوتۇرۇلدى. ئايرۇپىلان گەۋدىسى ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەچكە، ئاراپات ئايرۇپىلاندىن قاڭقىپ چىقىپ،نەچچە ئون ئىنگىلىز مىلى نىرىغا بىرىپ چۇشتى. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا يۇز-كوزى قانغا بويالغان ھالدا، مىدىر-سىدىر قىلالماي ياتاتتى. فادى ئۇنىڭغا يىقىنلا يەرگە چۇشكەنىدى. ئۇنىڭ بىر پۇتى سۇنغاچقا، ئاغرىققا چىدىماي ئىڭرىسىمۇ، يەنىلا، ئاراپات، ئاراپات ! دەپ توۋلىدى.
   - مەن سالامەت ، ئەنسىرىمە،-دەپ جاۋاپ بەردى زۇڭتۇڭ.
   بىردەمدىن كىيىن يارىلانمىغان ئىككى پەلەستىنلىك قاتتىق چىقىۋاتقان بورانغا قارىماي، تىمىسقىلاپ يۇرۇپ ئوزلىرىنىڭ داھىسىنى ئىزدەپ كەلدى. قاراڭغۇدا بۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. چۇنكى توزۇۋاتقان قۇم ئادەمنىڭ كوزىنى ئاچقۇزمايىتتى.
\   ئاراپات بارا-بارا ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ،ئايرۇپىلان سۇنۇقلىرى ئارىسىدىن ھايات قالغانلارنى تارتىپ چىقىرىشقا ياردەملەشتى. ئاراپاتنىڭ سابىق ھەمراھلىرى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئوزلىرى ئۇچۇن ئولگە دەپ تەرىپلەشتى: ئۇ تۇن بويى يارىدارلار ئارىسىدا پايپىتەك بولۇپ يۇرۇپ، ئۇلارغا تەسەللى ۋە مەدەت بەردى.فادى ئوزىنىڭ مىڭىسى زەخمىلەندىمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىغىنى ئىيتىۋىدى، ئاراپات ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سۇئال سوراپ كورگەندىن كىيىن:
   - قارا سىنى،گەپ- سوزلىرىڭ شۇنداق جايىدا، مىڭەڭ ھىچنىمە بولماپتۇ،-دىدى.
   تىرىك قالغانلار لىيۇتچىكلار بولمىسىگە كىرىپ قاراپ باقماقچى بولغانىدى،بىراق ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا ئىزدەپ تاپالمىدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە بىرىپ قاراپ، باش لىيۇتچىك، ياردەمچى لىيۇتچىك ۋە ئىنژىنىرلارنىڭ ئاللىقاچان ئولگەنلىگىنى كوردى.
   پەلەستىنلىك ئالاقىدار ئەرباپلار: باش لىيۇتچىك ئوزىنىڭ ۋە ئايرۇپىلان گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئاراپاتنى قۇتقۇزۇپ قالغان، دەپ ھىساپلاشتى. باش لىيۇتچىك ئايرۇپىلاننىڭ جەزمەن يەرگە چۇشۇپ كىتىدىغانلىغىنى بىلگەچكە، ئايرۇپىلاننىڭ باش تەرىپىنى بۇرۇن چۇشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئايرۇپىلاننىڭ كەينى بولمىسىدە ئولتۇرغان ئاراپاتنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. ئەگەر ئۇ راستىنلا شۇنداق قىلغان بولسا، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان، توققۇز ئادەم قۇملۇقنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ، گور ئاغزىدىن ئامان قايتىپ كەلدى-دە!
   -قان ھىدىنى بۇرىغان بورىلەر توپلىشىپ كىلىپ بىزگە ھۇجۇم قىلارمىكىن، دەپ بەك ئەنسىرىدىم،-دىدى ئاراپات شۇ كۇنلەردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ،-شۇڭا ئايرۇپىلان سۇنۇقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاختۇرۇپ يۇرۇپ ۇچ تاپانچا تىپىپ كەلدىم.
   ئاراپات شۇ كۇنى قول ئاستىدىكىلەرگە يىمەكلىك ۋە سۇ ئىزدەشكە بۇيرۇق بەرگەن. ئۇلار 11 دانە ماندارىن، ۋە يىرىم لىتىر سۇ تىپىپ كەلگەن.
   - ئاراپات بىزگە، كۇندە يىرىم تالدىن ماندارىن يەڭلار دەپ بۇيرىدى،-دىدى ھايات قالغان بىر ئەپەندى بىزگە،-ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ قۇملۇققا كىچىك تەرەت قىلىشىنى مەنئى قىلدى. بىز بوتۇلكا تىپىپ شۇنىڭغا كىچىك تەرەت قىلدۇق. بۇنداق بولغاندا، قۇملۇقتا بىرقانچە كۇن قامىلىپ قالغان تەغدىردىمۇ ئۇسسۇزلۇققا ئولمەيىتتۇق.
   بوران توختىغاندىن كىيىن،تاز قارا بىزگە يىقىنلا يەردە ئەگىشىشكە باشلىدى. بۇ بىزگە ئۇمىت بىغىشلىدى.
   - مەن كىچىككىنە بىر قۇشنىڭ ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۇرگىنىنى كوردۇم، بۇنىڭغا قارىغاندا بىزدىن 12-15 كىلومىتىر يىراقلىقتا سۇ مەنبەسى بار،- دىدى ئاراپارت.
   ۋەقەدىن كىيىنكى تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇلار ھەقىقەتەن گور ئاغزىغا بىرىپ قالغان ئىكەن. ئانتونوۋ پاچاقلىنىپ كەتكەن جايدىن پەقەت 46 مىتىر يىراقتا بىر كىچىك تاغ بار ئىكەن، 180 نەچچە مىتىر نىرىدا بولسا بىر يەر تەۋرەش رايۇنى بار ئىكەن.
\   ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى بولمىغان شارائىتتا ئۇلار ئۇچۇن قۇتقۇزۇشقا كىلىدىغانلارنى كۇتۇپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئەگەر ئامال بار دىگەندىمۇ، بۇ قۇملۇقنىڭ چىتىگە قاراپ پىيادە مىڭىش كىرەك ئىدى. سۇ ۋە خەرىتە يوق ئەھۋالدا بۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغىلى بولمايىتتى.
بۇ چاغدا پەلەستىن دولىتى ئومۇميۇزلۇك ئاختۇرۇشنى باشلىۋەتتى ۋە خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. لىۋىيە زۇڭتۇڭى كازافىيمۇ بىرنەچچە ئايرۇپىلان ۋە جىپ ماشىنا ئەۋەتىپ ھاۋا يولى لىنىيىسىنى بويلاپ ئىزدەشنى بۇيرىدى. پەلەستىن يەنە ئامىرىكىدىن سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق رازۋىتكا قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. لىكىن ئاراپات تىپىلغانغا قەدەر ئامىرىكا بۇ تەلەپنى ئورۇندىمىدى.
   ھادىسە يۇزبەرگەندىن كىيىن، ئاراپاتنىڭ مەسلەكداشلىرى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. تۇنىستا تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىك بىر سودىگەر ئاراپاتنى ئوزى ئىزدەپ تىپىش نىيىتىدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايرۇپىلاننى ئىجارىگە ئالدى. لىكىن باشقا ئەرەپ ئەللىرى ۋە غەرىپ جىم تۇرۇۋالدى.
    8 - ئاپرىل ئەتتىگەن ساەت ئون يىرىمدا،پەلەستىننىڭ تىرىپۇلى ( لىۋىيىنىڭ پايتەختى ) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىر پارچە فۇتۇ تىلىگىرامما تاپشۇرۇپ ئالدى.
   - ئايرۇپىلان تىپىلىپتۇ !-بىر ئەمەلدار سىمسىز تىلىفۇنغا يىپىشىپ تۇرۇپ قارشى تەرەپتىن سورىدى،-ئاراپاتچۇ؟
15 مىنۇتتىن كىيىن فۇتۇ تىلىگىراف ئاپىراتى « تىرىق-تىرىق » قىلىپ يەنە ئىشقا كىرىشىپ، ئاراپاتنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەن قۇماندانلىق بولۇمىدە پەلەستىننىڭ ئەڭ پىشقەدەم گىنىرالى ماجىتانىڭ كوز ياشلىرى ئىقىپ چۇشتى. ئاراپات دوختۇخانىغا ئىلىپ بىرىلىپ، ئەتىسىلا قايتىپ چىقتى.
   ئاراپات ئوز قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ بىر نەپەر ياردەمچىسى:
   - يۇزىگە سويمەڭلار ! يۇزىگە سويمەڭلار ! - دەپ توۋلاپ، ھەدەپ ئىنتىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنىڭ يىنىغا بىرىشتىن توستى. ئۇنىڭ ئوڭ كوزى كوكەرگەن، يۇزى ئىششىپ كەتكەنىدى. ئوزىنى تۇتالماي قالغان بىر پەلەستىنلىك ئاخىرى قىستىلىپ ئالدىغا ئوتۇپ ئاراپاتنى قۇچاقلىۋالغاندا، ئۇ قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن تۇگىلىپ كەتتى.
    بۇ داھى ئوزىنىڭ ئولۇمدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىغى ئۇچۇن پەقەت ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغانلىغىنى ئىيىتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە باش قويغىلى ئاران بىر نەچچە ئاي بولغان سۇھامۇ پىچىرلاپ:
- قادىر ئاللاغا مىڭ رەھمەت ! - دىدى.
         ( ئەدىبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىل 2 - سانىدىن ئىلىندى)

0

تېما

1

دوست

1938

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 20:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر قەيسەر ئادەم ئىدى.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

2935

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 21:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكىلق ساراڭلار يەنە كار غا كەلمەل
پتۇ دە

1

تېما

14

دوست

3409

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 986
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 21:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپات

2

تېما

4

دوست

1431

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 00:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئۈگىنىشكە تېگىشلىك باتۇر  مۇسۇلمان ئوغلانى .......

3

تېما

5

دوست

6582

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2052
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 20:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turkan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 20:50  

مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئەڭ قول قۇيىدىغان دۇنيادىكى رەھبەرنىڭ بىرىچىسى مۇشۇ ئادەم ، ئىككىنچىسى ئەھمەدى نىجاد .

3

تېما

5

دوست

6582

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2052
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 20:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jmgur يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 21:00
ئامىرىكىلق ساراڭلار يەنە كار غا كەلمەل
پتۇ دە

ئۈش ش ش ش ، بۇ گىپىڭىز ئاۋۇ ئامرىكا ئىسىملىك تورداشنىڭ قۇلىقىغا قەتئى يىتىپ قالمىسۇن ،
ئاڭلاپلا قالسا ئىشڭىز چاتاق .

5

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16548
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 22:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )