نەپەس كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى،مۇدىر ۋىراچ،پىرۇفېسسۇر پىدا دۆلەت
پىدا دۆلەت شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،مۇدىر ۋىراچ،تېببىي ئۇنۋېرسىتېنىڭ پىرۇفېسۇرى،قوشۇمچە جۇڭخۇا «تۇبىركۇليۇز ۋە نەپەس» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى،مەملىكەتلىك تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،جۇڭگو سىل كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،شىنجاڭ تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى،شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتى «ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى، شىنجاڭ سەھىيە سىستېمىسى ئالىي ئۇنۋان باھالاش تۇبىركۇليۇز ــ نەپەس گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى،دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللىكلەر ئۇنۋان باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئىلمىي جەمئىيىتى تىببىي داۋالاش ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
پىدا دۆلەت 1938-يىلى غۇلجا ناھيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۈچ يېشىدا دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئائىلىسى ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزىسىنىڭ ئالتۈي كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەن،ئۇ ئالتە ياشقىچە ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولغان.ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاكىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ،1946-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە« ئىلى مەكتەپ»تە،1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا ۋە ئۆزبىك مەكتەپتە،1953-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە ئەرلەر ئوتتۇرىدا،1956-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە ئىلى 1-سىفەندە ئوقۇپ،شۇ يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستۇتى(ھازىرقى تېببىي ئۇنۋېرسىتېتى)نىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1963-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،مەكتەپ قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئۆپكە (ھازىرقى نەپەس)كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى تېببىي داۋالاش،ئوقۇتۇش،تەتقىقات ۋە قوشۇمچە ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى.كۈندىلىك كىلىنىكىلىق تېببىي داۋالاش خىزمەتلىرىدە،دوختۇرخانا ئىچى-سىرتى،شەھەر ئىچى-سىرتىدىكى كونسۇلتاتسىيەلەردە نۇرغۇنلىغان ئېغىر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىك مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىپ،كەسىپداشلىرى بىلەن بىمارلار ئىچىدە ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. مىللىي،خەنزۇ مەخسۇس كۇرۇس،تولۇق كۇرۇس ۋە ئاسپىرانت سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈپ باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى.
ئۇ بىۋاستە قاتنىشىپ مەشۇلات ئۆتكۈزگەن «ئېلىكتىرۇنلۇق تالا –شاخچا كانايچە ئەينىكىدە ئۆپكىدىن ھاياتلىق توقۇلمىسى ئېلىپ ئۆپكە راكىغا دىياگنۇز قويۇش تەتقىقاتى» قاتارلىق ئۈچ تۈردە سەھىيە نازارىتى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.شىنجاڭنى ئېچىش پەن-تېخنىكا مۇنەۋۋەر ماقالىلارنى باھالاشتا «ئەيدىز كېسەللىكى»بىلەن «خەتنە قىلىشنىڭ كىلىنىكىلىق ئەھمىيىتى»قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1987-يىلى ۋە 1988-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ماقالىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«ئەنئەنىلىك كىسلاتادا بوياش ئۇسۇلى بىلەن psr (گېن)ئۇسۇلىدا 74 نەپەر كۆكرەك بوشلۇقى سۇيۇقلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى سىلىشتۇرۇش تەتقىقاتى»ناملىق ماقالىسى 1995-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن تېغىدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك «مولىكۇلىلىق بىئولۇگىيە ئىلمىنى نەپەس سىستىمىسىدا قوللىنىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغاندا يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىدا مۇنەۋۋەر ماقالىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ،كېيىنكى يىللىق خەلقارالىق يىغىنغا قاتناشتۇرۇش قارار قىلىنغان.1996-يىلى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچىسى بېيجىڭ «خەلقارالىق نەپەس كېسەللىكلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئېلان قىلىنىپ ئىنگىلىز تىلىدىكى توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ۋە جۇڭخۇا «تۇبىركۇليۇز ۋە نەپەس» ژورنىلى بىلەن« شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېت ئىلمىي ژورنىلى» دا تولۇق تېكىستى بېسىلغان.
« ‹قۇتادغۇبىلىك› تىكى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ يېتەكچى نەزىريىسى» خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىلغان ماقالىسى 1993-يىلى ئۆكتەبىر بېيجىڭ «خەلقئارا ‹قۇتادغۇبىلىك › ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئېلان قىلىنىپ ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ يەنە 50 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى جۇڭخۇا «تۇبىركۇليۇز ۋە نەپەس»،شىنجاڭ «سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى»،شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېت «ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق مەملىكەتلىك ۋە ئۆلكىلىك ژورناللاردا،شىنجاڭ،غەربىي شىمال ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئېلان قىلىنغان.ئۇزۇن يىللىق تىببىي داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى كىتابلارنى يازغان:
1.«ئۆپكە سىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ داۋالاش » 2001-يىللىق ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى باھالاشتا پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى تىزىمىغا ئېلىنغانلىق شەرەب گۇۋانامىسىغا ئېرىشكەن.
2.«مەملىكەتلىك تۇبىركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ داۋالاش خىزمەت قوللانمىسى» (تەرجىمە ئەسەر) سەھىيە مىنىستىرلىكى بېسىپ تارقاتقان كىتاب.رەھبەرلىكنىڭ تەكلىپى،شىنجاڭنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر دەرىجىلىك تۇبىركۇليۇز كېسەللىكى ئالدىنى ئېلىش ــ داۋالاش ئاپاراتلىرىدا تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىنىڭ مۇھىم ئوقۇتۇش ماتىريالى قىلىنغان.شۇ سەۋەبتىن جۇڭگۇ سىل كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبە جەمئىيىتىنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
3.«ئىچكى كېسەللىكلەر لىكسىيەسى» (نەپەس كېسەللىكلىرى قىسمىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان).دوختۇرخانىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانىلىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلارنىڭ دەرسلىك ماتىريالى قىلىنغان.(شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان)
4.«ئىچكى كېسەللىكلەر» (خەنزۇچە دەرسلىك بولۇپ،ئۇنىڭ نەپەس سىستىمىسىدىكى كېسەللىكلىرىنى يېزىشقا قاتناشقان).مەكتەپنىڭ قارمىقىدىكى «خەت-چەك مەكتىپى تىپى»دە ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەرسلىك ماتىريالى قىلىنغان.
5.«خەتنە قىلىش بىلىملىرى» 2001-يىللىق ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پىرۇفېسسۇر پىدا دۆلەت ئادەتتىكى تېببىي داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ سىرتىدا شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىلمىي ماقالىلارنى تەھرىرلەش،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش،ئىلمىي جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن جۇڭخۇا تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى،جۇڭخۇا »تۇبىركۇليۇز ۋە نەپەس» ژورنىلى،جۇڭگو سىل كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ شۆبە جەمئىيىتىنىڭ شەرپ مۇكاپاتى ۋە گۇۋانامىلىرىگە ئېرىشكەن.
ئۇ خىزمەت ئورنىدا كجپ قېتىم «ئىلغار خىزمەتچى»،«مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»،«مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىسى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
2001-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى «قۇياشقا تىرەك بولغۇچى»، «ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتكەن شەرەپلىك ئوتتۇز يىل» شەرەپ مۇكاپاتى تارقىتىپ بەرگەن.2008-يىلىشىنجاڭ مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار مۇكاپاتى» دا مۇكاپاتلانغان.
ئۇنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغاچقا «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان مەشھۇر كىشىلىرى» ۋە «جۇڭخۇا مېدىتسىنا ئىلمىي مۇتەخەسىسلىرى» قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە شەرەپ گۇۋانامىسى تارقىتىپ بېرىلگەن.ئۇ 2005-يىلى شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ،يەنىلا ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ،دوختۇرخانا مۇتەخەسىسلەر ئامبالاتۇرىيەسىدە داۋاملىق ئىشلەپ كەلمەكتە.
تەيارلىغۇچى: ئابلەت ئابلېكىم