قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 1

سەئىدىددىن مۇھەممەد كاشغەرىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 03:55:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
               
                        سەئىدىددىن مۇھەممەد كاشغەرىي
                                  غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر



              14-15-ئەسىرلەردە ئۆتكەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىلەن پارىس تىللىق خەلقلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كۆرىنەرلىك تۆھبە قوشقان كاشغەرلىك ئالىم،مۇتەپەككۈر ۋە شائىر مەۋلانا سەئىددىن كاشغەرىي (سەئىددىندىن مۇھممەد كاشغەرىي ،سەئىدۇلھەق ۋەددىنى كاشغەرى ،سەد ئەل-دىن مۇھەممەد ئەل كەشغەرى )  ھىجىرىيە 1178- (مىلادىيە1377-يىلى) كاشغەردە ئۇلۇغلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ بالىلىق   چاغلىرى كاشغەر ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن ئازاپ- ئوقۇبەتلىك يىللىرىغا توغرا كەلگەن. يەنى، 1369-يىلى ئەمىر تۆمۈر(ئاقساق تۆمۈر) قەمەرىددىن كاشغەردە توپىلاڭ قوزغاپ،بەشبالىق خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان(1330-1363) ئەۋلادى ۋە ئۇنى ياقىلايدىغان ھەرقايسى تەبىقە ئادەملىرىنى قىرغىن قىلىپ قانغا بويىغان،ئۇنىڭ كەينىدىنلا،يەنى مىلادى 1375-يىلى ئەمىر تۆمۈر قەمەرىددىن بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كاشغەر شەھرىنى تامامەن خاراپ قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە كاشغەر خەلقى، جۈملىدىن سەئىددىندىن كاشغەرىنىڭ ئائىلىسى ئۆزىنىڭ سەرگەندارلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. بۇلار پەرغانە، خۇجەنت،سەمەرقەنت شەھەرلىرىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.ئاخىرى بۇ جايلاردىمۇ تىنىم تاپالماي، بۇخاراغا كۆچۈپ بارغان. بۇ چاغدا سەئىدىندىن كاشغەرى بالاغەتكە يەتكەن بىر يىگىت بولۇپ قالغان.ئۇ بۇخارادا باھائىددىن نەقشىبەندى(مىلادىيە 1318- 1389-يىللار) مۇدەررىسلىك قىلغان بۇخارا مەدرىسىگە ئۇقۇشقا كىرگەن ۋە ئۇقۇش جەريانىدا ناھايىتى تىرىشىپ ئۈگىنىپ،خۇجا باھايىدىن نەقشىبەندىنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان.شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنتايىن سادىق مۇرىتىغا ئايلانغان. خۇجا باھايىدىن نەقشىبەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇجايدىكى شەيخلىرىنىڭ ھەسەتخورلىقى تۈپۈيلىدىن خۇراسان ئۆلكىسىگە بېرىپ، بەلخ، ھېرات قاتارلىق جايلاردا رەسمى تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرگەن.شۇنداقلا مەۋلانا نىزامىدىن خامۇش ۋە جالالىدىن ئەبۇ يەزىد بۇرابى قاتارلىق تەسەۋۋۈپ پىرلىرىدىن داۋاملىق تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئۆگەنگەن.شۇنداق قىلىپ تەسەۋۋۈۇپ ئۆلۈمالىرىنىڭ ئىچىدە زور شۆھرەت قازانغان ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھېراتتا تۇرۇپ قالغان . ھىجىرىيە 860- (مىلادىيە 1456-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ) يىلى 82 يېشىدا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ جەسىدى ھىراتنىڭ ھىيابان دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان .
        يەنە بەزى ماتىرىياللاردا،سەئىدىددىن كاشغەرىنىڭ قېيىن شارائىتتىمۇ كاشغەردە تۇرۇپ، يىگىتلىك چاغلىرىدا مەدرىستە ئوقۇغان.بۇ يەردە ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى،ئىسلام كالامىزىمىنى، ئەرەبى، پارىسىي، تۈركىي ئەدەبىياتنى ۋە باشقا شۇ چاغلاردا مەدرىستە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان تەبىئىي،ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، زامانىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەللا مەسىگە ئايلىنىپ بولغانلىقى قەيت قىلىنغان .كېيىنكى، ئىچكى نىزا بەك كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئائىلىسى بىلەن سەمەرقەنتكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان .
«تارىخىي رەشىدى»دە يېزىلىشىچە:«ھەزرىتى مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرى-كاشغەر ۋىلايىتى ئۇلۇغلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ،ئۇلارنىڭ تەبىقىلىرى ئىچىدە،تەقۋادار ئالىملار ۋە سالىھ ئەۋلىيالار بار  ...»بولغان،« مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرىنىڭ تەبىقىلىرى ئىچىدە ...ئۇلۇغ زاتلار بار ئىدى»،«مەۋلانا(سەئىددىندىن كاشغەرىي) ياشلىق ۋاقىتلىرىدا كاشغەردىن چىققان ئىدى.مەۋلانا مۇھەممەد ئەتتار مەشھۇر ئالىملاردىن بولۇپ،ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ خىزمىتىدە ئىدى.ئۇ زاتمۇ كاشغەرلىك.مەۋلانا مۇھەممەد ئەتتار مۇنداق دېگەن: مەۋلانا سەئىددىندىن بىلەن ئىككىمىز بىر شەھەردىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن،بىز سەمەرقەنتتە ھەمىشە بىر-بىرىمىزگە ھەمرا بولۇپ بىللە ئىلىم تەھسىل قىلاتتۇق. كۆپىنچە قىرائەت كىتاپلىرىنى بىللە ئۆتكۈزشگەنىدۇق.دائىم ھەمسۆھبەت بولۇپ تۇراتتۇق» . مەۋلانا سەئىددىدىن كاشغەرىي خۇراساندا سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا (1438-1505)مىرزا سالدۇرغان «مەلىكان مەدرىسى»دە مۇدەررىسلىك قىلىپ نۇرغۇن ئەللامەلەرنى يېتىشتۈرگەن ھەم تەسىرى چوڭقۇر بولغان،ئۇنىڭ شاگىرىتلىرىدىن مەۋلانا ئابدۇراخمان جامىي، مەۋلانا ئۇلائىدىددىن، مەۋلانا شەمسىدىن رۇمى قاتارلىقلار خۇراسان ئېلىم- ئەھلى ئىچىدە ئۇلۇغلۇقتا ۋە ئالىمخانلىقتا ئەھلى ئىلىم ئىتىراپ قىلغانلار بولۇپ تونۇلغان .  «تەزكىرەتۈ-شۇئەرا»تا يېزىلىشىچە: «مەۋلانا [نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامىي]نىڭ ئەسلى تۇغۇلغان جايى جام ۋىلايىتى خارجېرد يېزىسى بولۇپ، ئۆسكەن ۋە ھايات كەچۈرگەن يېرى پايتەخت ھېراتتۇر.ئۇ دەسلەپ ئىلىم،ئەدەپ ئۈگىنىش بىلەن مەشغۇل بولدى. بارا-بارا زامان ئالىملىرىنىڭ يىتەكچىسسىگە ئايلاندى.تەبىئىتىدە ئىلىم ۋە پەزىلىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرىراق دەرىجىدە كۆتۈرىلىشىنى ئىستىدى. [شۇنىڭ ئۈچۈن] تالىپلىق دەردى ئالىي ھىممەتلىك ئىتىكىدىن تۇتتى. مۇرىتلىق قولىنى مەرىپەت ئىگىسى،شەيخۇلئىسلام،ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلار قىبلەگاھى... شەيخلەر شەيخى، ئۈلۈغ خاجە بەھائۇددىن نەقشىبەندى جاناپلىرىنىڭ...مۇرت ۋە خەلىپىلىرىدىن سەييىد سەئىدىددىن مۇھەممەد كاشغەرىگە بەردى.مەۋلانا [ئابدۇراخمان جامىي] بىرمۇنچە ۋاقىت مەۋلانا سەئىددىدىن [كاشغەرىينىڭ] ھوزۇرىدا تۈرلۈك ۋە مۇناسىپ خىزمەتلەرنى قىلدى. رىيازەت، مۇجاھىتلىق،پىقىرلىق سۈلۈكىدىن كۆپ مەرتىۋە ھاسىل قىلدى.ئۇ بۈزرۈكۋارنىڭ مۇبارەك خىزمەتلىرىنىڭ بەرىكىتى بىلەن مەۋلانا تەسەۋۋۇپتا ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشتى... مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرىدىن كېيىن،مىللەت ۋە دىن  نۇرى مەۋلانا ئابدۇرا‍خمان جامىي ئۇنىڭ ھەقىقىي ئورۇنباسارى، تەرىقەت كۇرسىسىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى...» .دېمەك،«ئابدۇراخمان جامى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد شەيخى سەئىددىندىن مۇھەممەد كاشغەرىينىڭ يىتەكچىلىكىدە،سوپىزىلىق سۈلىكىنى تەتقىق قىلىپ،مەزكۈر مەزھەپنىڭ سادىق مۇرىدى ۋە مەشھۇر ئۆلىماسىغا ئايلانغان ھەم ئۇنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن» . يەنى ھىراتتا ئاساسەن نەقشىبەندىيە سۇپىزىمىنىڭ جەمىيىتىگە رھەبەرلىك قىلغان بۇ كىشىگە مەشھۇر ئا.جامى مۇرىدى،كېيىن ئۇنىڭغا كۈيئوغۇل بولغان .
مەۋلانا سەئىدىدىن كاشغەرىي ئۆمرىدە ئەرەبىي،پارىسىي   بىلەن ئون نەچچە پارچە ئەسەر يازغان. يەنە ئەرەپ تىلىدىن پارىسىي ۋە تۈركىي تىلىغا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى ۋە فىققە- ھوقۇقشۇناسلىقىغا بېغىشلانغان «مىنيەتۇل مۇساللا ۋەغەينەتۇل مۇفتەدا»، «تۆھفەتۇل مۇسەللى،تەرجىمەئىي مەنيەتۇل»  ، «كەلىمات خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى»،«رىسائىي لەتائىف»، «ۋۇجۇتنامە»  قاتارلىق ئەسەرلىرى تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگەن .بەزى بىر مەنبەدە ئىيتىلىشىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ 15خىل نۇسخسىدىن كۆپرەك  قوليازمىسى تاشكەنتتىكى ۋەتەنپەرۋەت مۇھاجىر ، مەرھۇم مۇھەممەد زەئىيدىننىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىپ تۈرۈلغان .
       سەئىدىددىن كاشغەرىينىڭ مەۋلانا سەككاكى،ئەبەيدۇللا لۇتفى،ئەلشىر نەۋايى قاتارلىقلارغا بولغان تەسىرىمۇ خېلى كۈچلۈك بولغان.جۈملىدىن ئەلىشىر ناۋايىنى «خەمسەتۇل مۇتەھەيرىن» ناملىق كىتابىدا ئۇنى تەسەۋۋۇپنىڭ چوڭ ئەربابى سۈپىتىدە ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنداق بايان قىلغان:«ھەزرىتى قۇتبى تەرىقەت ۋە غەۋسى ھەقىقى مەۋلانا سەئىدىددىن كاشغەرىكىم، ‹نەقشىبەندىيە›خوجالەرى سىلسىلەسىنىڭ ئۇل زاماندا كامىل ۋە مۇكەممەل مۇرشىد ۋە خەلىفەسى ئەردى...» .
       سەئىدىددىن كاشغەرىي جەمەتىدە ئالىم-ئۆلۈمالار كۆپ بولغان.ئۇنىڭ دادىسى زەينىدىن كاشغەرىي(كاغىراقى) ئۆز زامانىسىنىڭ ئاتاغلىق ئەللامەسى بولۇپ تونۇلغان.بۇ كىشىنىڭ ئەۋرىسى شەيخ ئالامىدىن پارىس تىلىدا«مۇناقىپ خوجا زەينىدىن»ناملىق كىتاپ يازغان. بۇ كىتاپنى ئابدۇئەلى سەرمەنى (كاشغەرى)1797-يىلى كاشغەر ئۇيغۇر تىلى شىۋىسىگە تەرجىمە قىلغان. سەئىدىددىن كاشغەرىينىڭ نەۋرىسى ماۋلانا مىرفازىل پارىس تىلىدا«سىررەل ئەسرار»ناملىق كىتاپ يازغان بولۇپ،بۇنىڭدا سوفىزىمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى ۋە تەرىقەت قائىدىلىرى شەرھىلەنگەن... «تارىخىي رەشىدى» يېزىلىشىچە،  سەئىدىددىن كاشغەرىي جەمەتىدىن شەيخ ھەبىب دېگەن كاتتا بىر زات يېتىشىپ چىقىپ زامانداشلىرى ئارىسىدا ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتكەن دەپ چوقۇنۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  كىتاپتا ئۇنىڭ ئەۋلىيالىق ھەركىتىدىن بىر مىسال كەلتۈرۈلگەن. شەيخ ھەبىب  شەيخ سەييىد كارىزگەرنىڭ مۇرىتى بولغان،شەيخ سەييىد كارىزگەر بولسا شەيخ مۇھىب مۇجەررەدنىڭ مۇرىتى بولغان.شەيخ ھەبىب بولسا ئەمىر سەييىد ئەھمەد بىلەن زامانداش بولغان.ئەمىر سەييىد ئەھمەد بولسا «تارىخىي رەشىدى»نىڭ ئاپتۇرى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ تۆرتىنچى بوۋىسى ھىساپلانغان .
تەسەۋۋۇپ(سوپىزىم)-ئىسلام دىنىدىكى مۇرەككەپ بىر دىنىي پەلسەپىۋىي ئېقىم بولۇپ،ئۇ ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىپ ئانچە ئۈزۈن ئۆتمەيلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ،ئىسلام دىنى تارقالغان رايۇنلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىلگىرى- كېيىن يېتىپ بارغان ھەم شۇ ئەل ۋە رايۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ھاياتىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭىمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمان شەرقىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي،مەدەنىي ھاياتىنىڭ ھەرقايسى ساھە ۋە قاتلاملىرىدا تەسەۋۋۇپنىڭ تەسىرى ياكى ئۇنىڭ ئىزلىرى رۇشەن كۆرۈنۈپ
      تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەپ خەلىپىلىكى ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر، زىددىيەتلەر بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىدى.
      ئىسلام دىنىنى سىرتقا كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جىھاتلاردا بوسۇندۇرۇلغان ئەللەردىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈرلۈك ماددى بايلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر ھەمدە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئولجا ئۈلىشىپ، بارا-بارا ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىشكە باشلىغانىدى.
ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا بولسا ھوقۇق ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىش مەخسەت قىلىنغان تۈرلۈك ئىچكى نىزالار،سۈيقەستلەر كۈچىيىشكە باشلىغان.ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دىنىي ئىشلار ئەمەس،بەلكى دۇنياۋىي (سياسىي)ئىشلار بولۇپ،دىنى ئەشلار ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى.
      ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىپ تېخى ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بېرىشكە باشلىغان بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر،ئىتىقادى كۈچلۈك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ،بولۇپمۇ ئەيش-ئىشرەتلىك تۈرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئاددى خەلقنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەسلىكى،شۇڭا ئاۋام خەلق ئارىسىدا بۇ ئۆزگىرىشلەرگە نىسپىتەن مەلۇم دەرىجىدە نارازىلىق، قاشىلىق خاھىشى تۇغۇلىشى، بۇ خىل كەيپىياتقا خاتىمە بېرىش ئىستىكى ئويغىنىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.
      شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي رىئاللىقتىن نارازى بولغان،ئىتىقادىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ دىنىي ھايات ئىچىدە ياشاش ئىستىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق بۇزۇقچىلىقلار بىلەن تولغان جەمىيەتتىن ئايرىلىپ خىلۋەتلەرگە جايلىشىپ تاۋاپ- ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئىبارەت زاھىدلىق يولىغا ماڭىدۇ.مانا بۇ تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى بولغان زاھىدلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش. دېمەك،ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەركىيدۇنيا بولۇپ،زاھىدلىق يولىغا مېڭىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىققا بولغان نارازىلىقىنىڭ،قارشىلىقىنىڭ پاسسىپ ھالدا ئىپادىنىلىشى ئىدى.گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەركىتى ئارقىلىق پاسسىپ شەكىلدە بولسىمۇ رىئللىققا،فئېوداللىق زۈلۈمغا بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلىدى.شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى زاھىدلىقنى گەرچە رىئاللىققا بولغان نارازىلىقنىڭ پاسسىپ ھالدىكى ئىپادىسى بولسىمۇ، لېكىن شۇ تارىخىي مۇھىتقا نىسپىتەن يەنىلا بەلگىلىك ئەمىيەتكە ئىگە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ،دەپ قەيت قىلىنىدۇ ،
      مانا مۇشۇنداق ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلغار ئىدىئولوگىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھەسسە قوشقان سەئىدىددىن كاشغەرى پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن،مەنىۋىي ئىجادىيەت ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ روھى كامىللىقى ئۈچۈن بېغىشلاپ،نۇرغۇن مۇنەۋۋەر شاگىرىتلارنى يېتىشتۇرۇپ،ئىلمىي نەزىرىيىۋىي ئەسەرلەرنى يېزىپ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دىن تارىخى،ئىدىئولوگىيە تارىخى ۋە باشقا پەن تارىخىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  

مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى،2010-يىللىق 2-سان
赛尔德丁•穆罕默德•喀什噶里,中国穆斯林,2010.2.


0

تېما

0

دوست

260

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15145
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىددىن كاشىغەرى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ زات، ئۇ كاشىغەردە تۇغۇلۇپ، خۇراساننىڭ مەركىزى ھىراتتا ياشىغان، دىمەك ھىرات شەھرىدە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار كۆپ ئىدى، سەئىددىن كاشىغەرى بۈگۈنكى زاماندا پارىس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پىشىۋاسى دەپ ئۇلۇغلىنىۋاتقان ئابدۇراخمان جامىنى تەربىيلىگەن بولۇپ، ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى ۋە قىيىنئاتىسى ئىدى.  
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )