سەككاكىلارنى تونۇش ۋە ئۇ ھەقتىكى
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى، جۈملىدىن ئەدەبىيات تارىخىدا ئىككى سەككاكى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، يۇرتى ئىجادىي پائالىيىتى، سەرگۈزەشتىلىرى، ياشىغان زامانى توغرىسىدا يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە شىنجاڭ، جۈملىدىن ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان ماتېرىياللاردا ئېلىشمانچىلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىنچىكە دىققەت قىلىنمىغانلىق سەۋەبلىك، بۇ خىل ئېلىشمىقانچىلىق ھادىسىسىگە ئالىم، پىروفېسسورلىرىمىزمۇ ىئشتىراك قىلىپ قالدى. ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان چوڭ تىپتىكى قامۇسلارغا بۇ خىل مۈجمەل قاراش سۆرەپ كىرگۈزۈلدى. ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ قالدى. نوپۇزلۇقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن خاتا نەپ ئالدى ياكى پايدىلاندى. ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق قىلىپ قويغان. مەن «ئىككى سەككاكىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق بىر ماقالە يېزىپ، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق خەنزۇچە كىتابىم سەھىپىسىگە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 – يىلى 6 – ئايدا نەشر قىلدۇرغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا قىزىققۇچىلار ۋە بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قالار، ئېلىشمانچىلىق قايتا تەكرارلىنىپ قالماس دەپ ئويلىغانىدىم، كۈتۈلمىگەندە غ. خوجا ئابدۇلنىڭ «ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئانا تىل» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2000 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى سانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك سانىدا ئېلان قىلىنىپ، ئىككى سەككاكى توغرۇلۇق ئېلىشمانچىلىقنى قايتا تەكرارلاپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇشۇ تېما ئۈستىدە قايتا ئۆز پىكرىمنى جامائەتچىلىككە سۇنۇپ، بۇ ساھەدىكى ئېلىشمانچىلىققا خاتىمە بېرىلىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم.
پېشقەدەم ئۇستازىمىز ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1980 – يىلى 1 – سان (تۇنجى سان)دا ئېلان قىلغان «ئەدەبىي مىراس ھەم ۋەسىقىلىرىمىز» ناملىق يىرىك ماقالىسىدە (بۇ ماقالە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە» دېگەن ماۋزۇ بىلەن خەنزۇچە «چېگرا رايون» ‹边赛› ناملىق ژۇرنالنىڭ 1982 – يىلى 3 – سانىدا ئېلان قىلىنغان) ئىككى سەككاكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرگەن. بۇ يەردە شۇ ماقالىدىكى باياننى تەكرارلاپ ئۆتىمەن:
سەككاكى: لۇتفى بىلەن زامانداش، بىر قاتاردا تۇرىدىغان يەنە بىر شائىر — سەككاكىدۇر. سەككاكى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئالىم بار، ئۇ —سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈف ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەلخارەزمى سەككاكى، بۇ — «مۇفتاھىل – ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) دېگەن مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى. بۇ كىشى مىلادىيە 1160 — 1228 – يىللىرى ياشىغان بولۇپ، چىغتاي (چاغىتاي) يېنىدا ئىلمىي مەسلىھەتچى ئىدى، ئاخىر چىغتاي تەرىپىدىن جازالىنىپ زىنداندا ئۆتكەنىدى، مازارى قورغاستا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. شائىر سەككاكى بولسا، تۆمۈرىلەردىن ئۇلۇغ بەگ ۋاقتىدا (15 – ئەسىردە) ياشىغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان (شائىر سەككاكىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى بەزى ئالىملار «دىۋانى سەككاكى» دېگەن نام بىلەنمۇ تىلغا ئالىدۇ — نەقىلچىدىن).
يۇقىرىقىدىن باشقا، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1984 – يىلى خەنزۇچە نەشرى)دە ئاساسەن شائىر سەككاكى تونۇشتۇرۇلغان. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن، بىرىنچى كىتاب، 2 – قىسىم، قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمى مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان)دا ئىككى سەككاكى ئايرىم تونۇشتۇرۇلغان. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى» (ۋ. غوپۇر، ئە. ھۈسەيىن تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987 – يىلى نەشرى)دا شائىر سەككاكى تونۇشتۇرۇلغان. «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات» (شېرىپىدىن ئۆمەر يازغان، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» (غ. ئوسمان تۈزگەن، ش ئۇ ئا ر مائارىپ كومىتېتى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى 1996 – يىلى باستۇرغان) قاتارلىق كىتابلاردا مېنىڭ دەسلەپكى دەلىللىشىمچە ئاساسەن توغرا بايان قىلىنغان. مەن ئىككى سەككاكى ھەققىدىكى ئېنىقسىزلىقلارنى ئوڭشاشقا ئاز – تولا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە يەنە «يۈسۈپ سەككاكىنىڭ ‹مىفتاھۇل ئۇلۇم› ناملىق ئەسىرىدىكى تىل ۋە سۆز سەنئىتىگە دائىر بايانلىرى ھەققىدە» ناملىق ئاددىي ماقالە يېزىپ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن غوجا ئەھمەد يۇنۇس ئەپەندى «چاغاتاي دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكى ۋە خۇنۇخاي مازىرى» ناملىق ماقالە يېزىپ، يۈسۈپ سەككاكىنىڭ ھاياتىنى توغرا بايان قىلىشقا تىرىشقان. ئۇنىڭ ماقالىسى ئىلگىرى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 – يىلى نەشر قىلدۇرۇلغان.
ئىككى سەككاكى توغرىسىدا مۇشۇنچىۋالا مۈجىمەللىكلەرنىڭ ئارقا –ئارقىدىن سادىر بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر خېلى بار. ئاساسلىقى شۇكى، بۇلار توغرۇلۇق شىنجاڭدىكى ساقلىنىپ قالغان قوليازما ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك بولۇپ، ۋاسىتىلىق ئېلىنغان ماتېرىياللارنى كۆپ كىشىلەر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. ئىككىنچى تەرەپتىن، ئايرىم كىشىلەر ئەستايىدىل بولماي ياكى توغرا ماتېرىيالنى ئاختۇرۇپ كۆرمەي، ئاڭلىۋالغان ماتېرىياللارنى قوشۇپ، ئەسىرىگە كىرگۈزۈپ قويغان.
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىم، بىزدە سەككاكىلار توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ھەقتىكى مۈجىمەللىكلەر ئايدىڭلىشىپ، بىر قەدەر توغرا قاراش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىلىمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە دۇرۇسلۇقى نامايان بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ قايىللىقى ئاشىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ «كىتاپ مۇنبىرى»2001-يىللىق 1-سان
《论认识赛喀克等人及其研究概况》
。1, 2001. 新疆《图书论坛》
|