- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1045
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
4.5%
|
كىما ئۇ قاسىم سىدىق دىگەن. (ما گىپىمگە چىچاڭشىپ كەتمەڭلا جىما يەنە، 100 ياشقا كىرىپمۇ ئۆزىنىڭ ناھىيىسىنىڭ بازىرىغا بىرىپمۇ باقمىغان ئادەم بار دەپ ئاڭلىغان مەن. قاسىم ئەپەندىنىمۇ ئاستا-ئاستا بىلىپ قالارمىز)
بۇ قاسىم سىدىقمۇ قىززىق ئادەمكەن. دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم ئۆزى ئىجات قىلغان، ئىختىرا قىلغان، بايقىغان يىڭىلىقلارنى مۇكەممەللەشكەندىن كىيىن ئاندىن جاھان ئەھلىگە ئاشكارىلىغاننى كۆرگەن. بۇ ئەپەندىم ئۆزى بايقىغان ھەم تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان نەزىرىيە، تىئورمىلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىققاندىن كىيىن، نوپوزلۇق ژورناللار (ھەر قانداق نوپوزلۇق ژورناللار ئىلمىي ئەسەر، ئىسپات، ھۆكۈملەرنى ئىلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى مۇئەييەن كۈچ، ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، ھەم مۇتلەق كۆپچىلىك قايىل بولۇپ ئىتىراپ قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەرىيە ۋە ھۆكۈملەر دۇنياغا تەبئى ھالدا كەڭ تارقىلىدۇ ھەم دۇنيا ئىتىراپ قىلىدۇ.ھازىرقىدەك پوكانداش كەتمەيدۇ)، ئىلمىي مۇنبەرلەر، تەتقىقات ئاپاراتلىرى، دۆلەتنىڭ نوپوزلۇق ئاپاراتلىرى ئارقىلىق ئىلان قىلىپ دۇنيانى قايىل قىلىش يولىنى تاللىماي، ئايىغى تىخى چىقمىغان، قانداق چىقىشى تىخى ئىنىق بولمىغان نەزەرىيىلىرىنى توردا ئىلان قىلىپ، باشقىلار بىلەن ياقىلىشىپ يۈرگىنىگە قاراپ ھەيران قالدىم...........
يەنە بىر يىرى:
قاسىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى تىخى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ. لىكىن بۇ ئەپەندىنىڭ ھەر بىر بىر ئىغىز گىپىدىن ‹‹مىنىڭ مۇتلەق توغرا›› دىگەن كۈچلۈك پۇراق كىلىپ تۇرىدىكەن. ........
قاسىم ئەپەندى. تەتقىقاتىڭىزغا، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. لىكىن، ھەيران مەن : سىزنىڭ تۇتقان يولىڭىز يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ۋە ھىلىھەم ياشاۋاتقان ھىچ بىر تەتىقاتچى ۋە ئالىمنىڭكىچە ئوخشىمايدىكەن. سىزنىڭ تىخى ئايىغى چىقمىغان مۇشۇنداق بىر دۇنياۋى زىل تىمىنى توردا بازارغا سىلىپ (گىپىمنى خاتا چۈشەنمەڭ) %99.99 چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ، پوكاندىشىپ يۈرگىنىڭىزگە قارىسا ئادەمنىڭ سەل كۈلگىسى كىلىدىكەن. (بۇ گىپىم خاتا ئەمەس، سەل ئىغىر بىسىق بولۇڭ)
سىز باشقىلارنى قايىل قىلىمەن دەيدىكەنسىز ئالدى بىلەن نەزەرىيىڭىزنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىقىپ دۇنيا ئەھلىگە سۇنۇڭ. ئاندىن بۇنچە كۈچەپ كەتمىسىڭىزمۇ ھەممە ئادەمنى قايىل قىلالايسىز..........
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئىلمىي يولغا قايتىڭ، يەڭگىلتەكلىكنى تاشلاڭ ئەمدى.
ماڭا تەنبىھ بىرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، پەقەت شاكىلىنى تاشلىۋىتىپ مىغىزىنى چاقسىڭىزلا بولدى....... |
|