قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 35306|ئىنكاس: 241
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1637
تۆھپە : 2845
توردىكى ۋاقتى: 3310
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 14:36:11 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
  باغداش تورى ئىلاۋىسى : دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېقىندا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ھازىر دىيارىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ .دوكتۇر زۇلىپىقار ئۆز باش ئامىرىكىدا ئوقىۋاتقان ۋاقتىدا ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىن ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر تورلىرىغا جۈملىدىن باغداش تورىغا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى يوللاپ  ۋەتەن ئىچىدىكى تورداشلارنى كۆپلىگەن قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى  . تۆۋەندە  كۆزگە كۆرىنىۋاتقان ،ئىستىقباللىق مۇخبىر ئەسقەرجان ئەلسۆيەر تەييارلىغان سۆھپەت خاتىرىسىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق ، سۆھبەت مەزمونى كۆپ بولغاچقا باسقۇچلارغا بۆلىنىپ مەزكور تېما ئاستىغا داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ، مەزكور سۆھبەت ياكى زۇلپىقار مۇئەللىم توغۇرلۇق تەكلىپ سوئاللار بولسا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ تېمىدا ئېلىپ بارساق بولىدۇ

دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت
 زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر


1.jpg


سۈرەتتە : ئاپتور دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆز باش  بىلەن بىللە


      ئاپتورئىلاۋىسى :بىزگە مەلۇم، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى، ساياھەت قىلىشنى ياكى شۇ دۆلەت گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدىكى خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئامېرىكىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاكاممۇلاشتۇۇشقا تىرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئامېرىكىدا ئۆگەنگەنلىرىنى خەلقىمىزنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشىلىتىپ، ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
        جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەنە شۇنداق خەلقىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلار بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىۋاتقان زىيالىلارنىڭ بىرى.
   دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975 – يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتىتىنى پۈتكۈزۈپ، تاكى 2007 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2007 – يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى، نۇتۇقشۇناسلىق، ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قىرلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە بىر مۇنچىلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ 2007 – يىلىدىن بۇيان ژۇرنىلىمىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا «ياغلىق قاپاق ۋە بۇلغانغان كىملىك»، «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كىرزىسى»، «مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك»، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق ئىككى كىتابى نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان.
      دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېقىندا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ياش دوكتۇرنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانى ۋە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىكى تەسىراتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ «سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش مەركىزى» دىكى ئوقۇغۇچىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ سۆھبەت ئارقىلىق يېڭى كۆز قاراشلارغا ئىگە بولالىشىغا، كاللىسدىكى بىر قىسىم گادىرماچ سوئاللىرىغا لايىقىدا جاۋاب تاپالىشىغا ئىشىنىمىز.
   
ۋەتەن ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئوتى

2.jpg

سۈرەتتە :دوكتۇر زۇلىپىقار بارات خارۋارد ئۇنۋېرستىتى جەمىيەتشۇناسلىق فاكولتىتىدا


   ئەلسۆيەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلپىقار مۇئەللىم، ئالدى بىلەن مەن ھاياتىنى ئۆزگىچە مەنەلار بىلەن بېيىتىش يولىدا روھىنى چېنىقتۇرۋاتقان، تەپەككۇرىنى يېڭى پىكىرلەر بىلەن زەرەتلەپ، مەنە ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغالار نامىدىن سۆھبەت داستخىنىمغا مەرھەمەت قىلغىنىڭىزغا سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. سۆھبىتىمىزگە كەلسەك، سىز 2007 – يىلى «خەلقئارالىق فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشتىڭىز، 2009 – يىلى ئامېرىكا شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا نائىل بولۇپ، دوكتۇرلۇق پىروگراممىسىغا قوبۇل قىلىندىڭىز ھەم بۇ يىل (2013 - يىلى) 5 – ئايدا ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىڭىز. دېمەك، سىز دىيارىمىزدىن چىقىپ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالدىڭىز. خۇش، ئۇنداقتا سىز ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنى تاللاپ قالدىڭىز؟ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن نېملەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
   ئۆزباش: ئۇشبۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سوئالىڭىزغا كەلسەم، مەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشنى 2010 – يىلى قارار قىلغانىدىم، چۈنكى قەلبىمدە ئانا يۇرتۇمغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەت ئوتى لاۋۇلدايتتى، يۇرتۇمنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. يەنە كېلىپ، بۇرۇن ماڭا قالتىس بىلىنگەن ئىشلار ئىچىگە چۇڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى ئۇنچە قالتىس بىلىنمەس بولۇپ قالدى. ئوقۇغانسېرى، ئىزدەنگەنسىرى گۇڭگا غايىلەرگە ئالدانماس بولۇپ قالدىم. ئامېرىكىدا ياشاش جەريانى مەن ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىش جەريانى ھەم  كىملىك، كوللىكتىپ رىشتە، ۋەتەن، نىجادلىق ئوقۇملىرى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىنىش جەريانى بولدى.
   يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «نىيۇ يۇرۇكتىكى قەشقەر توپىسى» ناملىق ھېسبايانىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتىياجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن. بىز ئۆز يۇرتىمىزدا ياشاپ، ۋەتەن، ئانا يۇرت ئوقۇملىرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرۇنغان قىممەتلىك ئىلمىنىتلارنى بايقىيالماي قالىدىكەنمىز ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ھەم سەل قارايدىغان قىممەتلىك تەرەپلەر بولىدىكەن. ۋەتەن، يۇرت ئوقۇملىرىنىڭ ئەسلى ۋەزنى كونكىرىت نەرسىلەردە ۋە كونكىرىت ئادەملەردە ئىكەن. مەن ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئىنگىلىز تىلىدا ياكى كەسپىي دەرسلەردە قىينالمىدىم، بىراق مېنى بىر خىل چەكسىز تەنھالىق قىينىدى، غېرىبلىق ئوتنىڭ ئىچى ۋە تېشى تەڭ كۆيدۈردى. «مەن مۇشۇ پېتى تەنھا ئۆتەمدىم؟ مۇشۇ ئوتتا داۋاملىق كۆيەمدىم؟ كۆيگىنىم نېمىگە ھېساب؟ كۆيسەممۇ مەيلى، لېكىن مېڭىۋاتقىنىم بارسا كەلمەس يولمۇ؟» دېگەن ئويلار كاللامدا قايتا – قايتىلاپ زاھىر بولدى. تەتقىق قىلىدىكەنمەن، ئىزدىنىدىكەنمەن، بىراق بۇ ئورۇنۇشلىرىمنىڭ نەتىجىسى ئاخىرىدا ئۆزۈمگىلا ھېساب بولىدىكەن. كەسپتە ئۇتۇق قازىنىمەن دەپ بارغانسېرى ئۇيغۇر رېئاللىقىدىن چەتنەيدىكەنمەن. مانا شۇنداق قىلىپ بۇ ئىزدىنىش سەپىرىدە مەن ئىككى خىل ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كەلدىم. بۇنىڭ بىرى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش. بۇ جەريان مەندىن ئۇيغۇرچە تەپەككۇردىن ياتلىشىشنى، يازمىلىرىمنى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە يېزىشىمنى، ئامېرىكىلىقلارغا خاس تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئۇيغۇرغا خاس ئۆزلۈكۈمنى قىسىش، بېسىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۆزۈمنى ئۇزۇن مۇددەت دەڭسەپ بېقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇنداق قىلالايدىكەنمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر ئويلىنىش جەريانى بولدى. بىرىنچى خىل تاللاش مېنى ھېس - تۇيغۇسى ماشىنىلاشقان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى.
   ئاخىر ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ قايغۇ ۋە خۇشاللىققا يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە جۆر بولۇش ئىستىكىدە بولدۇم. ئەسلىدىمۇ مەن ئامېرىكىغا گىراجدان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ كېلىپ، ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۆز قەۋىمىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، كاللامدىكى گادىرماچ سوئاللىرىمغا چۇڭقۇرلاپ جاۋاب ئىزدەش ئارزۇسىدا چىققانىدىم. ئالتە يىلدا نۇرغۇن سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم، ئىزدەندىم. ئادالەتسىزلىك ئادالەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان بۇ زاماننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپتىميۇ، ھېرىپ كەتتىم. تەۋراتتا «بىلگەنسىرى ئازابىڭ كۈچىيىدۇ» دېيىلگىنى بىكار ئەمەسكەن. ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ بېشىمۇ-ئاخىرىمۇ ئازابقا تۇتىشىدۇ. ئاخىرى ئامېرىكىدا ياشاش ئىستكىدىن ۋاز كەچتىم. بۇ بوشاڭلىقىمدىن ئەمەس. ئايىغى چىقمايدىغان نىشانلارغا ھاياتىمنى ئىسراپ قىلشىنى خالىمىدىم. بەلكىم بۇنداق تونۇشقا كېلىشىم جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ماڭا تەنقىدىي كۆزىتىش نۇقتىسىنى تەمىن ئەتكەنلكىدىن بولسا كېرەك.
   ئالتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئاتىدىم، بىراق ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. چۈنكى تەكلىماكان دىيارى ناھايىتى مېھىرلىك بىر زېمىن. چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئۇنتۇلمىغانلا بولسا، يۇرتىدىن توختاۋسىز بىر سادا ئۆزىنى چاقىرىۋاتقاندەك تۇيغۇنىڭ ئىسكەنجىىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەنمۇ بۇ تۇيغۇنىڭ چاقىرىشىدىن ۋە ئازابلىشىدىن خالىي بولالمىدىم. ئېھتىمال مۇساپىرچىلىقتا ۋەتەننىڭ قەدرى تېخىمۇ ئۆتۈلدىغانلىقىدىن شۇنداق بولسا كېرەك. بىز ۋەتەن، يۇرت ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىىپ باقساق بولىدىكەن.
   ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئىككى ئاي جەريانىدا مەن بىر مەسلىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم، يەنى كۆپىنچە كىشىلەر جان – جەھلى بىلەن تىرىشىۋېتىپتۇ، ئەمما قىسمەن كىشىلەردە شەخسىيەتچىلىك كۈچىيىپ كېتىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ئومۇمىيلىقنى ئويلايدىغانلار ئازىيۋېتىپتۇ، بۇ بىر خىل بىنورمال ھادىسە. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆي، ماشىنا، خىزمەت ئۈچۈن تىرىشىدىكەنمىز، بىراق مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىكەنمىز. ئىمكان بار بىر – بىرىمىزگە مېھىرلىك بولساق، بىر – بىرىمىزگە تەبەسسۇم قىلساق.
   مەدەنىيلىشىشنىڭ ئۆتكۈنچى، شاكال نەرسىلىرىگە ئەل بولۇپ كەتسەك بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايلىقلىرىمىز بار. ئۇلار ياشاش خىرسى داۋامىدا يوقاپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۆزىمىزگە قايتىپ، يىلتىزىمىزنى تاپالىساق، ئاندىن باشقا مىللەتلەر بىزنى كۆزگە ئىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسىنى تاشلىۋېتىپ، يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلساق، باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
    ھازىر بىزدە تۈركىيە خۇراپاتلىقى ۋە ئىمپورت خۇراپاتلىقى مەۋجۇت ئىكەن. قىسمەن سودىگەرلەر ئىمپورت قىلىنمىغان مەھسۇلاتلارغىمۇ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى دەپ يېزىۋالىدىكەن، بۇ بىر خىل كاززاپلىق. ئۆتكەندە بۇرادەرلەر بىلەن كۇچاغا بارغاندا بىر ئاشخانىدا غىزالاندۇق، يەۋاتقان بېلىقىمىز تۈركىيە بېلىقى ئەمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «تۈركىيە بېلىقى» دەپ يېزىۋاپتۇ، چايلىرىنىڭ قېپىغا «تۈركىيە چېيى» دەپ يېزىۋاپتۇ، ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام، ئۇ چايلار تۈركىيە چېيى ئەمەسكەن. بۇنىڭدىن قايتما مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە ئىپورت قىزغىنلىقى ۋە تۈركىيە مەستانىلىقى كەمسىنىشنىڭ ئەكس مەنىدە ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   ھېس قىلىشمچە، شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قويۇۋالغان ئىستىمال تەلىپى يۇقىرلاپ كەتكەچكە، ئۇلاردا بەخت تۇيغۇسى كەملەپ كېتىۋېتىپتۇ. بىزدە «تىز قاينىغان گۆش قاتتىق پىشىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىز مەدەنىيلىشىش قەدىمىمىزنى سەل ئاستىلاتساق، مەدەنىيىتىمىزدىكى پۇچەك تەركىبلەرنى سىقىپ چىقارساق.
    مۇقەددەس دەستۇرلىرىمىزدا «سەن بىر ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسەڭ، ئۇنىڭغا ھەركىتىڭ بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قۇربىڭ يەتمىسە سۆزۈڭ بىلەن قارشلىق كۆرسەتكىن، ئۇنىڭغىمۇ قۇربىڭ يەتمىسە دىلىڭدا قارشىلىق كۆرسەتكىن» دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەت جەڭگىۋارلىق تەلەپ قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە ھەممىزنىڭ تۈپكى ھەرىكەت قىبلىنامىمىز بولۇشى كېرەك. ئارىمىزدىكى زامانىۋىي خۇراپاتلىقلارغا ۋە جەمئىيتشلىۋاتقان بىنورماللىقلارغا مۇۋاپىق يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرىشىمىز لازىم.مەن  ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمئىيىتى، ئۆز پۇشتىغا، ئۆز قىزلىرىغا ئىگە بولالايدىغان، بىر ئىشلارغا ئاكىتىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمنى چۇڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى يوشۇرمايمەن.
   
 ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىنىقى

    ئەلسۆيەر: ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەچمىشلىرىڭىزنى ئەسلەپ باقسىڭىز قانداق؟
   ئۆزباش: ھازىر «ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىنىقى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىمغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇر تىنىقى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. ئۇيغۇر ساداسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن خەلقئارالىق مىللەتكە ئايلىنىپ بولدى. ھەممە يەردە قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلار ۋەتەننى سېغىنىدۇ، ۋەتەن ئىشتىياقى، ۋەتەن ئوتى ئۇلارنى قىينايدۇ. مەن ئامېرىكىدا قەشقەر توپىسىنى ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان تۇتىيا بىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر بوۋاينى ئۇچراتتىم. ۋەتەننى سېغىنىپ يىغلاۋاتقانلارنى ئۇچراتتىم. نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتى چەتئەللەردە ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئىستىكىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چەتئەلدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزگىلەر ئارقىلىق ۋەتەننىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تونۇدى. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە يۇرتۇم ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىم بىر كۈنمۇ توختاپ باقمىدى. ئۆزبېك شائىرى مۇقىمى: «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر» دېگەنىكەن. سىرىتلاردا ۋەتەن ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەر دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ. توردىن ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز.
   بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسى، قىسقىسى ھەممە يەردە يۇرتداشلىرىمىز، تەقدىرداشلىرىمىز، قىسمەتداشلىرىمىز بار. خۇددى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلىگىنىدەك ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلارمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلەيدۇ. مەن جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم. شۇ جەرياندا «سىز قايسى مىللەت؟ نەدىن كەلدىڭىز؟» دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولدى. ئۇيغۇر دېسەم دەسلەپتە ئۇقمايتتى. كېيىن بارا – بارا ئۇقىدىغان بولدى. ھازىر چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنى باشقىلار بىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئالىم – مۇتەخەسسلىرىمىزنىڭ ئۆز ساداسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ تۇرغانلىقىمۇ بىر سەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار ناھايىتى تىرىشچان مىللەت. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن. ئادىل تۇنىياز «ئۇيغۇر بولۇش بەخت دېمەكتۇر» دېگەنىدى. زامانىۋىيلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە نۇرغۇن ياخشى ئەنئەنىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز، لېكىن يەنىلا بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىنىرگىيەرىمىز زور. نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمىز بار، «چۈشكۈنلۈك شەيتاننىڭ ئىشى»، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ چۈشكۈنلەشمەي، مەدەنىيەت تىندىتسيىمىزدىكى  ئېسىل تەرەپلەرنى ساقلاپ قېلىشىنى، زامانىۋىلىشىش خۇمارىدا خۇدىنى يوقىتىپ شاكال مەدەنىيەتلەرگە ئەل بولۇپ كەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن.
     گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بوستۇندىكى ساففولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەيسەر مىجىت ئاكىنىڭ ئۆيىدە لەغمەن يېگەندىكى تەسىراتىمنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئۇشۇقچە ئىش بولمىسا كېرەك. قەيسەر ئاكىنىڭ ھاممىسى ماينىسا ھەدىمىز ئوخشىتىپ لەغمەن ئەتتى، شۇ لەغمەنلەرنى چاكىلدىتىپ  يېدۇق. ئۇ كۈنى قەيسەر مىجىتنىڭ ئۆيىگە يۇرتىمىزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بارغانىكەن. ئۇلار ئالدىغا كەلگەن لەغمەننى كۆرۈپ «ئاھ لەغمەن» دەپ يىغلىشىپ كەتتى. چەتئەلگە چىقسىڭىز ئۇيغۇرغا خاس بەلگىلەرنى، ئىماگىلارنى ۋە تاماقلارنى سېغىنىدىكەنسىز. مەنمۇ شۇنداق بولدۇم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كونسۇل كوچىسىغىچە بولغان ئارلىقتىكى يولنى بەكلا سېغىندىم. مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ «تار كوچا» ناملىق ناخشىسىدا ئىپادىلەنگەن ۋەتەن ئوتىدا پۇچىلىنىش ھېسىياتى مېنىڭ ۋەتەنگە بولغان تەلپۈنۈش ھېسىايتىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى.
   بىز ۋەتەندە تۇرۇپ چەتئەلگە ئىنتىلدىكەنمىز، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە ئىنتىلىدىكەن. چەتئەلگە بېرىپ، ئىككى - ئۈچ يىلدىن كېيىن چەتئەلگە بولغان ھېسياتلىرىمىز قانىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر سۆزلىشىشىمىزدىن تارتىپ تاماققىچە ھەممە مەسلىلەردە يېڭى يېڭى تاسقاشلارغا دۇچ كېلىمىز، شۇ چاغدىلا بىز جامائەتچىلىك ۋە يۇرتداشلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلىدىكەنمىز. چەتئەل زېمىنىدىن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن چېغىمىزدا ئۈرۈمچى كۆزىمىزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر كۆرۈنىدىكەن.


          داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ .
مەزكور
سۆھبەت ياكى زۇلپىقار مۇئەللىم توغۇرلۇق تەكلىپ سوئاللار بولسا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ تېمىدا ئېلىپ بارساق بولىدۇ .



باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

18

تېما

17

دوست

3697

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1190
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:04:58 |ئايرىم كۆرۈش
باغداش تورىدىكى دوستلارنىڭ سۆھبەتنىڭ داۋامىغا داۋاملىق دىققەت قىلىشىنى، ئۆز - ئارا مۇنازىرە شەكلىدە مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالغا ئىلگىرلەش يولىدا تىنىمىسىز ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ سۆھبەت بىر ئىلھام مەنبەسى بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

1

دوست

4044

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1034
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 636
تۆھپە : 825
توردىكى ۋاقتى: 634
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:05:16 |ئايرىم كۆرۈش
زۇلپىقار ئەپەندىمنىڭ ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ قايىتىپ كەلگەنلىكىنى چىن دىلىمدىن تەبىرىكلەيمەن . !
سىزنىڭ  پىلانىڭىز بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ‹‹ ئىلىم چېيى ›› نىمۇ كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن . سىلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر !

5

تېما

1

دوست

815

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17326
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:19:28 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىشى ئاجايىپ بىر داغدۇغا بىلەن ئوقۇپ، ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈردى.
بۇمۇ بىر خەيرلىك بىر ئىش بولغۇسى، ئۇيغۇرنىڭ بىر  دوكتۇرى كۆپيۈپتۇ !

6

تېما

2

دوست

2608

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:35:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلپىقار مۇئەللىم .ۋەتىنىمىزگە ساق-سالامەت قايتىپ كەلگىنىڭىزدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم ،ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
تورداشلارغا سەمىمى تەكلىپىم :ئالدراقسانلىق ،قىزىققانلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىش ،پۈچەك ئىنكاسلار بىلەن تىمىدىن ھۇزۇر ئېلىشىمىزغا دەخلى يەتكۈزمىسەك ...!

0

تېما

0

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 952
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 15:55:27 |ئايرىم كۆرۈش
زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدىكى تەجىربىللىرى بىلەن ئورتاقلاشساق .

0

تېما

0

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24771
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-9
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 16:04:53 |ئايرىم كۆرۈش
مىللەتەنىڭ مەنپەتىنى ئويلىغا قىرىنداشلارنىڭ ئشلرى ئوڭۇشلۇق بۇلسۇن

1

تېما

2

دوست

1985

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 16:06:56 |ئايرىم كۆرۈش
   ئالدى بىلەن زۇلپىقار بارات ئاكىمىزنىڭ ئوقۇشىنى نەتىجىلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن . بىزدە سېستىمىلىق تەربىيە ئالغان جەمئىيەتشۇناسلار بەكمۇ ئاز ھەتتا يوق ھېساپتا ئىدى . كۆپىنچىمىز مەسىلىلەرگە يۈزەكى ھېسيات بىلەن باھا بېرىپ شۇ باھالىرىمىزنى ھەقىقەت دەپ بىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتتۇق . بىزگە مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ماھىيەتلەرنى تېپىشقا قادىر ئىلىم ئەھلى بەكمۇ زۆرۈر . زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )