رادىل ئابلاغا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رادىل ئابلا ئەپەندىم :
باغداش مۇنبىرىدىكى << ئۇيغۇر يىزىقىم چاندىمۇ؟>>( ./thread-22425-1-1.html ) دىگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. مەنلا ئەمەس تىمىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا 99% تورداش ئارمان شىركىتىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان. ئارمان شىركىتىنىڭ مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق ئىلان قىلغان باياناتى كىشىنى تىخىمۇ ئۈمدسىزلەندۈرىدۇ. تورداشلار ئيىتقاندەك ئارمان شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى خەلقىمىزنىڭ مىللى كارخانىنى قوللاشتىن ئىبارەت قىممەتلىك روھىنىڭ نەتىجىسى دەپ كىسىپ ئيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بىز ھۆكۈمەتنىڭ مىللى كارخانىلارنى قوللاش ياخشى سىياسەتلىرىمىڭ رولىنى، رادىل ئەپەندى سىزنىڭ شىركەتنى ھازىرقىدەك تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ۋە شىركەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارىڭىزنى چەتكە قاقمايمىز. لىكىن خەلقنىڭ يۇقارقى روھىنىڭ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت. بولمىسا ئارمان شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە،چەتئەللەردىكى سىتىلىش مىقداررى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى سىتىلىش مىقدارىنى سىتاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. ئۇشبۇ تېمىنى ئوقۇۋېتىپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى >>ژورنىلىدا ئوقىغان بىر ماقالە ئىسىمگە كىلىپ قالدى. ماقالىدە دىيىشىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىن بىر ئىكىسكۇرسىيە ئۆمىكى ***** چاۋشىيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەكشۈرۈشكە بارغان . بۇ جەرياندا ئكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر ئوبلاستا ئچىلغان بىر قىتىملىق يىغىننى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن. ماقالىدە دىيىشىچە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ خىلى كۆپ قىسمى خەنزۇ يولداشلار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىاۋشىيەنزۇلار %100 دىگۈدەك خەنزۇتىلىنى بىلىدىكەن. لىكىن ئۇ يىغىندا ئوبلاست باشلىقى باشتىن ئاخىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا سۆزلىگەن، تەرجىمان يىغىن قاتناشچىلىرىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. ئۆمەكنىڭ مەسۇلى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھىلىقى باشلىقتىن سورىغان،<< سىلەر ھەممىڭلار خەنزۇ تىلىنى خۇددى ئانا تىلىڭلاردەك ياخشى بىلىدىكەنسىلەر، شۇنداق بولغاندىكىن ئىككى خىل تىلدا يىغىن ئچىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇچە خىەنزۇ تىلىدىلا سۆزلىسىڭىز بولمامدۇ >>. دىگەندە ھىلىقى باشلىق مۇنداق دىگەن. << دىگىنىڭىز توغرا، ۋاقىتنى قەدىرلەش كىرەك. ئانا تىلنى تىخىمۇ قەدىرلەش كىرەك. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ ئانا تىلدا سۆزلىمىسەك. مۇشۇنداق يىغىنلاردا ، چوڭ پالىيەتلەردە ئانا تىلىمىز چەتكە قايرىپ قويۇپ قەدىرلىمىسەك ، ئانا تىلىمىزنى كىم قەدىرلەپ بىرىدۇ.>> ...... ھىلىقى باشلىقنىڭ گىپى خېلى ۋاقىتلارغىچە خىيالىمدىن كەتمىگەن ئىدى. ئەمدى گىپىمىزگە كەلسەك ،ئارمان شىركىتىدەك << مىللى كارخانا>> دەپ قالپىقى بار بىر شىركەتنىڭ، ئىستىمالچىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى بولمىش بىر مىللەتنىڭ، ئۆزىنى ياخشى بولغان تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بىر رايوننىڭ يىزىقىغا بولغان بىپەرۋالارچە مۇئامىلىسى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. راستىنى دىگەندە رادىل ئابلا ئەپەندىم ،ئارمان شېركىتىڭىز ئارمان شىركىتىنى قىزغىن قوللاپ كىلىۋاتقان، ئارمان شىركىتىنى ئۇيغۇر مىللى كارخانىلىرىنىڭ پەخرى دەپ قەدىرلەپ كىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ قىزغىن روھىغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ چاچتى . تور دۇنياسىنىڭ كۈچىگە سەل قارىماسلىقىڭىزنى ،شۇنداقلا سىزنىڭ بىر ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ ،پىكىر تەكلىملىرىمنى ئويلاپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،مىنىڭچە بۇ مېنىڭلا ئەمەس كەڭ تورداشلار شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدى .
پېقىر thznap ۋە كەڭ تورداشلاردىن
2014-1-30 -كۈنى
|