قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: uyhguray

(لاڭ شەن پىڭ)3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتالامدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

دوست

2333

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 08:11:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
لاڭ شىەنپىڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ بەك ياخشى قىلىۋاتىسىز. بۇنىڭ بۇ خىلدىكى ماقالە- ئەسەرلەر كەم بۇلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چۇقۇم ئىجابى تەسىرى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن بەك سۈيۈندۈم.
لىكىن مۇشۇنداق ياخشى تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ تايىنى يوق،قىزلىرىمىزنى ئۇنداق،ئەرتىسلىرىمىز مۇنداق،دەپ غەيۋەت تىملىرى بولغان مۇنبەردىكىلەر ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇپ غاجىشىپ،‹‹ئاق تاغلىق،،،قارا تاغلىق›› بولۇپ كىتىدىكەنمىز،ھەيرانمەن،بۇنى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق خەق دەپ چۈشەندۈرەمدۇق ياكى مۇنبەردىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنداق مىجەزى بارمۇ؟؟؟؟

12

تېما

0

دوست

3718

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 207
تۆھپە : 972
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 23:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاڭ ئەپەندىم مالىيە مىنىستىرى بۇلۇپ قالغان بولسا، نەچچە يىلدىن بېرى مۇقىم تۇرۇۋېلىپ ئۆسمەي تۇرۇۋالغان مائاشىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۆستۈرۈپ بېرەتتىكەن پۇل تېجەپ....
قۇتلان تېلفۇنلىرى

9

تېما

4

دوست

4600

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 00:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ ! بۇ يازما ياخشى بولغاچ تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى بەھرىمەن بولسۇن دەپ شاھتۇرغا كۆچۈرۈپ قويدۇم، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن

1

تېما

2

دوست

2522

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17570
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 724
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 21:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاڭ شىەنپىڭ ئەپەندىم مالىيە منستىرى بوپ قالغان بولسا پۇقرالارنىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرەمتىكى .«قورقۇنۇشلۇق ئامىرىكا »دىگەن ماقالسىمۇ بەك ياراپ كەتكەنتى ماڭا،مۇشۇنداق  ئسىل ماقالىدىن بەھىرمەن قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر،ھارمىغايسىز،مومكىن بولسا لاڭ ئەپەندىمنىڭ ماقاللىرې توپلىمى  ئويغۇرچە تەرجىمە قلىنىپ كىتاپ بوپ نەشىر قىلىنسا بەك ئسىل ئش بولاتتى ،كۆزىمىز خىلى ئىچىلىپ قالغان بۇلاتتى.

5

تېما

2

دوست

3088

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرى؛ لاڭشەنپىڭ

1. باجنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى؛ 2. مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ 3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ زور كۆلەمدە ئۆسۈشى.
ئاۋال بىرىنچىسىگە كېلەيلى، ھەر قايسى كارخانىچىلار، سىلەر ئالدىنقى يىلى قانچىلىك باج تاپشۇرغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ بىز قولغا چۈشۈرگەن ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى سىلەر تاپشۇرغان بىۋاسىتە باج بىلەن ۋاسىتىلىك باج جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى پايدىسىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. سىلەر ھەر بىرىڭلار قانچىلىك باج تاپشۇرىسىلەر؟ بىۋاسىتە باجغا ۋاسىتىلىك باجنى قوشقاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستىمال باجلىرىنى قوشقاندا، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى شەخسلەردىن ئالغان بېجى ئوتتۇرىچە تاپاۋەتنىڭ %51.6 گە يەتكەن. بۇ ئىككى رەقەمنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى رەقەم ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يۇقىرى باج يىغالايدىغان دۆلەت يوق، جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا بۇنداق يۇقىرى باج يىغقان سۇلالە يوق، ئەمما بىزنىڭ بۇ سۇلالىمىزدە يىغىلىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن بىر يەردە دەرس سۆزلىسەم، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇچراپ قېلىپ، بىز شۇجىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە 9 ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن يىللىق باج يىغىش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدۇق دېدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئايىمايلا، سىلەردەك مۇشۇنداق كادىرلار جۇڭگونى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلدىڭلار دېدىم. نېمىشقا؟ بۈگۈن سىلەرگە جاۋابىنى بېرەي. تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق كېلىپ چىقتى؟ تاۋباۋ ۋەقەسىنىڭ يېقىندىكى غەۋغالىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمىدى. سىلەرچە پەقەت مايۈن ھېلىقىدەك تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققى دېگەنلەرنى يىغىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغاندىمۇ؟ ئىش بۇنداق ئاددى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. سىلەرگە بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ تور سودىسى 523 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2009- يىلى 250 مىليارد ئىدى. يەنى بۇلتۇر بىر قاتلانغان. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا 350 مىلياردقا يېتىپ بولدى. بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن ئاۋال 800 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ جۇڭگونىڭ GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ تور سودىسى بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيانىڭ %40 گە يەتتى. بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا تور سودىسىنىڭ %50 گە يېتىدۇ. GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدىغان دۆلەت %50 تور سودىسىنى ياراتسا، سىلەرچە جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانمىدۇ؟ خاتالاشتىڭلار، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بۇنى بىلەمسىلەر؟
ھۆكۈمەت قولايلىق دۇكان، مىلىچمال دۇكىنى دېگەندەك كىچىك ماگىزىنلاردىن ئېغىر باج ئېلىۋاتىدۇ. ھېسابلاپ كۆرەيلى، 15 خىل باجنىڭ ئىچىدە كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكىگە ئوخشاش %5 تىجارەت بېجى، %17 قوشۇلما قىممەت بېجى، يەنە باشقا بىر قاتار باجلار بار. جۇڭگودىكى بۇ دۇكان ئاچقۇچى پۇقرالار ئەڭ بىچارە بىر توپ. ئۇلار بىر مىلىچمال دۇكىنى، كىچىك بىر تاللا بازىرى ئېچىشقىلا چىقىنالايدۇ. ئەمما دۇكان ئاچسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى شىلىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر باج يىغىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ھۆكۈمەت خەلق ئارىسىدىكى پارچە سېتىش بازىرىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلدى. كىچىك تاللا بازارلىرى، ئەپچىل دۇكانلاردىن ئېلىنىدىغان باج كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، كىمگە پايدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە كاررىفور، ۋالمارتلارغا پايدا بولىدۇ. نېمىشقا؟ ۋالمارتنىڭ دائىرىسى چوڭ، كۆلەم جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، مەسئۇل بوغالتىردىن بىرنى تېپىپ، باج كېمەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما كىچىك دۇكانلار بۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىنتايىن غەلىتە دۆلەت، تاللا بازىرى قانچە چوڭ بولسا، بېجى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى مالىيە خادىملىرى ئارقىلىق باجدىن قانۇنلۇق قاچالايدۇ. چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ تېخى باج ئېتىبارلىرى بار.
ئۇلار باھانى كونترول قىلىپ، پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكىدىن سەل تۆۋەن چۈشۈرسىلا، يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق كىچىك دۇكانلارنى شاللىۋىتەلەيدۇ. ئاندىن رايون خاراكتېرلىك مونوپوللۇق شەكىللىنىدۇ. مونوپوللۇقتىن كېيىن، بۇ ۋالمارت، كاررىفورلار مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ، مالنىڭ پۇلىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋىلىپ بەرمەيدۇ، مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، بايرامنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى مال پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ رايون خاراكتېرلىك مونوپولچىغا ئايلىنىپ بولغان. پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈشنىلا بىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىشنىلا بىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق. چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ بېيجىڭدىكى ۋۇمىي مال سېتىۋىلىش مەركىزىنى مىسالغا ئالايلى. تورغا چىقىپ باھا تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىدۇقكى، ۋۇمىيدىكى ئالتە خىل ئۇششاق يىمەكلىكنىڭ باھاسى گۈزەل زىمىن (جىنشيۇ دادى) توپ تارقىتىش بازىرىدىكىدىن 2.85 ھەسسە يۇقىرى. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ ئۇلارنىڭ مونوپوللۇق شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىر رايوندا چوڭ تاللا بازارلىرى قانچە كۆپ بولسا، پارچە سېتىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلارنى يوقاتسىلا، بۇ مۇقەررەر ئاقىۋەت بولىدۇ. چوڭ تاللا بازىرى قۇرۇلۇپ، رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، باھانى ئۆستۈرۈپ ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئاندىن مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قالىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىمتىيازنى كىم بەرگەن؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز.
شياڭگاڭدا قانداق؟ شياڭگاڭدا كىچىك دۇكانلار باجدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك كەچۈرۈم قىلىنغان. پەقەت ئىككىلا خىل باج بار. بىرى %0.1 لىك رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال بېجى، يەنە بىرى مەلۇم سوممىدىكى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تاپشۇرىدىغان %17 لىك پايدا بېجى. ئەمما راۋۇرۇس پايدا تاپالمىسا بۇ باجنى تاپشۇرمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدا ھەممە يەردە كىچىك دۇكانلار بار. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ باج نۆل دىگۈدەك بولغانلىقتىن، پارچە سېتىش باھاسى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. كىچىك دۇكانلارنىڭ باھا رىقابەت تەھدىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا ئىلگىرى كاررىفور، ۋالمارتلار كىچىك دۇكانلارغا ئەگىشىپ باھا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ، قانچە چۈشۈرسە شۇنچە زىيان تارتقان. كىچىك دۇكانلارنىڭ رىقابىتى بولغانلىقتىن، مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مال تەمىنلىگۈچىنى بوزەك قىلساڭ، ئۇلار ساڭا ئىشلىمەي، كىچىك دۇكانلارغا تەمىنلەيدۇ. ئوخشاشلا گەپ، نېمىدەپ كاررىفورغا ئىشلىگۈدەك؟ شۇڭلاشقا شياڭگاڭ پۈتكۈل جۇڭگودىكى چوڭ تاللا بازارلىرى مەۋجۇت بولالمىغان بىردىنبىر جاي. شياڭگاڭغا ساياھەتكە بېرىپ باققان بولساڭلار، دەپ بېقىڭلار، كاررىفورنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ۋالمارتنىچۇ؟ ياق. نېمىشقا؟ ھەممىسى يوقىتىلغان. قانداق قىلىپ؟ شياڭگاڭ رايونىنىڭ ھۆكۈمىتى تۆۋەن باج سىياسىتى ئارقىلىق كىچىك دۇكانلارنى يۆلەپ، چوڭ تاللا بازارلىرىنى شاللىۋەتكەن. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ پايدىسى بەك چوڭ!
بىرىنچىدىن، تۆۋەن باج سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە پارچە سېتىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىستىمالچىلار نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. مال تەمىنلىگۈچىلەرنى، ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلمىسا، ئۇلار بۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى، قايتا مەبلەغ سېلىشنى، كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مانا بۇ شياڭگاڭدىكى ئىستىمال بازىرىنىڭ شۇنچىۋالا گۈللەپ - ياشنىشىنىڭ سەۋەبى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىچۇ؟ بىرەر شەھەرگە ۋالمارت كىرسە، ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ. ئاندىن يەنە بىر شەھەرگە كىرىدۇ، يەنە بىر مۇنچە دۇكانلار غايىب بولىدۇ. ئاخىرىدا رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، باھانى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدۇ، مالنىڭ كىرىش باھاسىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنى بوزەك قىلىدۇ. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچىم شىنجىندا كاررىفورغا 380 مىڭ يۈەنلىك گۈرۈچ ئۆتكۈزۈپتۇ. ھىساب بوغىدىغان چاغدا، 380 مىڭ يۈەننى ئالالماي ئەكسىچە كاررىفورغا 8000 يۈەن قەرز بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقا؟ مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، تىجارەت ھەققى، قانداقتۇر فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى تۇتۇپ، پۇل يەتمىگەن گەپ. خوش، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاۋباۋ ۋەقەسى يۈز بەردى؟ چۈنكى پۇقرالارنىڭ چىقىش يولى قالمىدى. ئېغىر باجنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت كاررىفور، ۋالمارتلارلا مەۋجۇت بولۇش، كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىش بولدى. بۇ پۇقرالار تاۋباۋ تورىدا بىچارىلەرچە بىۋاسىتە سېتىشقا مەجبۇر بولدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ مانا بۇ جۇڭگو تور سودىسىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ئاۋام پۇقرا كۈن ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ، نېمىشقا؟ باج بەك ئېغىر! شۇڭا تاۋباۋ بەك نوچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مايۈننىڭ سەۋىيىسى يۇقىرىلىقىدىن ئەمەس، خاتالاشماڭلار. ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر باج سىياسىتى ئەسلىدە كىچىك دۇكانلارنى ئېچىشقا تېگىشلىك پۇقرالارنى تاۋباۋ بازىرىغا كىرمىسە بولمايدىغان ھالەتكە قىستىدى. ئۇلار توردا ئۆزلىرىنىڭ غورىگول مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، يوقنىڭ ئورنىدىكى پايدىسىنى تېپىپ، كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ تور سودىسى مۇشۇنداق ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئەمىسە تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق ئىش؟ ئۇ بولسىمۇ مايۈننىڭ ئاشۇ ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ تۆۋەن تەننەرختە تىجارەت قىلىش خىيالىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىدۇر. سەن بۇ تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھەققى دېگەننى بىردىنلا بۇنداق يۇقىرى قىلىۋەتسەڭ، كاپالەت سوممىسىنى 200 مىڭغا چىقىرىۋەتسەڭ، خەق قانداق جان باقىدۇ؟ سېنىڭ بۇ قىلىغىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر بېجىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ يەنە سوراي، بۇنداق قىلىشىڭنىڭ بىرەر نەزەرىيە ئاساسى بارمۇ؟ كىچىك سودىگەرلەر بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، تاۋباۋ ئاخىرى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. بىر يىل كىچىكتۈرەلىگىنىڭ باشتىكى قارارىڭدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چىسلانى خالىغانچە قارار قىلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالىغانلىقىڭدىن ئەينى چاغدا سېنىڭ بۇ سوممىنى خالىغانچە قارار قىلغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سەندە ھېچقانداق نەزەرىيە ئاساسى يوق. بولمىسا قانداقمۇ ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالايسەن؟ گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ، يەنى كاپالەت سوممىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشۈڭ، ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشىڭ باشتىكى قارارىڭغا تۈزۈلمىنىڭ يار يۆلەك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. سەن ئۆزەڭچە تاۋباۋنى مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردۈم دەپ ئويلامسەن؟ خاتالاشتىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساڭا ياردەم قىلىپ تاۋباۋنى ئۇتۇققا ئىگە قىلدى. شياڭگاڭدا بولغان بولسا، تاۋباۋ مەۋجۇت بولالامتى؟ مۇمكىن ئەمەس، نېمىشقا؟ ئۇششاق سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ، باھا ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس. تاۋباۋغا ئەسلا ئېھتىياج يوق. شياڭگاڭدا مال باھاسى ئۇنداق پەرق قىلمىغاچقا، كىشىلەر ساپما كەشىنى كىيىپ، پەسكە چۈشۈپلا نەرسە – كېرەك سېتىۋالىدۇ. ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چوڭ تاللا بازارلىرىغا بېرىپ سېتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا قاتناش ئەھۋالىمۇ ياخشى. ئەمەلىيەتتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھازىر باجدىن قاچماي ياشىماق تەس، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن! (ئالقىش)
------------
ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسام تەستىقلىمىدى، كۆپچىلىكنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشىگە  ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 19:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جىڭ» گەپ قىلىدىكەن .

0

تېما

0

دوست

54

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25782
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 01:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىنىڭ قارىشىسىدا تۇرۇپ، ماقالا يېزىۋاتقانلارنىڭىنىمۇ تەڭ كۆرۈپ تۇرۇش لازىم. چۈنكى بۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىي نەزەرىيەلەردىن بەكرەك، جۇڭگو ئاممىسىنىڭ  قارشى ئېلىش ئالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلەۋاتقانلىرى بەكرەك غايىپەرەسلىككە تولغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي دۆلەت ئەھۋالىدىن ئايرىپ، نوقۇل غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيلىرىنى ئاساس قىلىپ تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. شۇڭا، ھازىر ئۇنىڭ كىتاپلىرى ۋە نەزەرىيەلىرى ئىلگىركىدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولماي قېلىۋاتىدۇ.
قانداق بۇلۇشى كېرەك؟ دىگەن سۇئالغا قارىغاندا ئەڭ نەپ بېرىدىغىنى  قانداق قىلىش كېرەك؟دىگەن سۇئالدۇر. بۇ ئەپەندىنىڭ مۇھاكىمىلىرىدە دەل مۇشۇ سۇئالغا جاۋاپ يوق. قاخشاش- تەگەش، كىملەردىندۇ ئاغرىنىش، ئۈمۈدسىزلىنىش بۇ كىشىنىڭ نەزەرىيىلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك. بۇ جەھەتتە بۇ ئەپەندىنى بەكرەك بىزنىڭ ئۇيغۇر ‹ زىيالىيلىرى›غا ئوخشتىپ قالىمەن.
ئىچكىرىدە  ئوننەچچەمىڭ شېركەت يىقىلغان بىلەن يەنە نەچچە ئونمىڭ يېڭى شېركەتلەرنىڭ قۇرۇلۇپ، شېركەتلەرنىڭ رىقابەت جەريانىدا ئۆز- ئارا ئالمىشىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى  نىمىشقا تولۇق يەتكۈزمەيسىلەر؟

0

تېما

1

دوست

258

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25098
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 13:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
perex يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 01:35
بۇ كىشىنىڭ قارىشىسىدا تۇرۇپ، ماقالا يېزىۋاتقانلارنىڭ ...

لاڭ شىەنپىڭ ئەپەندىنىڭ ماقاللىرنى بولسا كۆپىرەك يوللىغان بولساڭلار تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالغان بولاتتۇق .شۇنداقتىمۇ جاپا چىكىپسىز رەخمەت ھارمىغايسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )