بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kamran-bag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-3 11:56
ساقچىلار توغرىسىدا قىزىقارلىق پاراڭلار
كامرانبەگ يوللانمىسى
ساقچىلار ئادەتتە كىشىلەرگە ھەيۋەتلىك،سۈرلۈك ،ئەقىل پاراسەتلىك بىلىنىدۇ .بىراق ساقچىلارمۇ ئادەم،ئۇلارمۇ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھەرخىل ئىشلارغادۇچ كېلىدۇ .تۆۋەندىكىلىرى ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلار . ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدىكى بىر ساقچى لۈكچەكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر قۇتا بىھۇش قىلىش سۇيۇقلىقىنى سېتىۋېلىپ ، قىزدوستىغا تەغدىم قىلماقچى بولغان ،شۇكۈنى كەچتە ئۇيۇيۇنۇپ بولۇپ ،ئادىتى بويىچە بىر قۇتا ئەتىرنى ئېلىپ بوينىغا پۈركۈگەن.ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ھۇشىنى يوقاتقان ،ئائىلىدىكىلىرى سېزىپ قېلىىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان .بۇساقچى ھۇشىغا كەلگەندىلا ئۆزىنىڭ ھېلىقى بىھۇش قىلىش سۇيۇقلىقىنى ئەتىرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ سالغانلىقىنى بىلگەن . ئەنگىلىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى بىر ئايال ساقچى بىر مىھمانخانىنىڭ ئۆيىدە بىر ئايال جىنايەت گۇماندارىنى تۇتماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، قارشى تەرەپ سومكىسىدىن تۆت دانە ئاق چاشقاننى قويىۋەتكەن .نەتىجىدە ئايال ساقچى چىرقىراپ قاشقان .ئۇ ھۇشىنى يىغىپ قايتىپ كەلگەندە ،ئايال جىنايەتچىمۇ ، ھېلىقى تۆت چاقانمۇ كۆرۈنمىگەن . ئاۋېستىرىيىدىكى بىرئالاھىدە ساقچى ئەتىرتىنىڭ ئادەملىرى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قاراقچىلار ئوتتۇرغان بىر پىكاپنى قوغلىغان ،ئىككى ماشىنا تاغ يولىدا ئۇچقاندەك ماڭغان . بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلمىگەنلىكتىن ساقچى ماشىنىسى بىر جىددى ئايلانمىدا يولدىن چىقىپ تاغدىن غۇلاپ چۈشۈپ كەتكەن .ماشىنىدىكى تۆت نەپەر ساقچى ماشىنىدىن سەكرەپ چۇشىۋالغان ساقچى ماشىنىسى بولسا غۇلاپ بېرىپ يەنە بىر ئايلانمىدا كېتىۋاتقان قاراقچىلارنىڭ ماشىنىسىغا ئۇدۇلدىن سوقۇلغان ، نەتىجىدە قاراقچىلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىپ ،قول قوشتۇرۇپ تۇرماقتىن باشقا ئامالى بولمىغان . ئاۋىستىرالىيىنىڭ بورىسپان شەھىردىكى بىر ساقچى باشلىقى بىر بىنانىڭ 4ـقەۋىتىدە قانۇنسىز قىمارئويناۋاتقان قىمارۋازلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كۆپ ئادەم ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ ،ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن .بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ئىكەن،چوقۇم ئىجرا قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپ ،بىر ئەترەت ساقچىنى باشلاپ ئىدارىگە كىرگەندە ،قەۋەتنى خاتا ساناپ قېلىپ5ـ قەۋەتكە چىقىپ كەتكەن.ئىشىك نۇمۇرىغىمۇ قارىماي ئىشىكنى تېپىپ ئاچقان .نەتىجىدە ، ئۇ ئۆيدىكى بىر نەچچە ئادەم ساقچىلارنى كۆرۈپ بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشكەن .ئەسلىدە بۇ ئادەملەر قانۇنسىز قورال ياراق قاچىلاۋاتقان ئىكەن . ساقچى باشلىقى خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ قورال ـ ياراق ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇپ قانۇن بويىچە جازاغا تارتقان .كىيىن مۇشۇ يىپ ئۇچى ئارقىلىق بىر قورال ـ ياراق ئەتكەسچىلىرىنى پاش قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ساقچى باشلىقىنىڭمۇ ئەمىلى ئۆسكەن .ھېلىقى 4ـ قەۋەتتىكى قىمارۋازلار بولسا تىۋىشنى ئاڭلاپ بەدەر تىكىۋەتكەن. ئامرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرى گۇروھىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ،زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرى دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان بىر كوچا ئەتراپىغا مىۋە ـ چىۋە ، مىلىچمال ،گېزىت ـ ژورنال ۋە ئۇششاق يىمەكلىك ساتىدىغان 8ـ7 ئورۇن تەسىس قىلىپ ،ساقچىلارنى سېتىقچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ كوچىدىكى ھەرىكەتنى كېچە ـ كۈندۈز كۈزەتكەن ،يېرىم يىلدىن كېيىن ،ساقچى تەرەپ يېتەرلىك يىپ ئۇچى تاپقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ،ئاخىرى زەھەرلىك چىكىملىك گۇرۇھىنى بىچىت قىلغان ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ، ھېلىقى سېتىقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان رازۋېتچىكلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى يۇقىرىغا ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان .8-7 كىچىك دۇكان يېرىم يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 8000مىڭ دوللاردىن كۆپىرەك پايدا ئالغاچقا ،بۇ رازۋىتچىكلار خىزمەتنى تاشلاپ ،سودىغا كىرىشىپ كەتكەن . ئىسپانىيەدە 21نەپەر ساقچى ئەمەلدارى دەرىجە ئاتلاش ئىمتانىغا قاتناشقان .نەتىجىدە 21 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. يۇقىرىدىكىلەر بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى بۇيرۇغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىمتىھان ئالغان ئادەمنىڭ سوئال قەغىزىنى خاتا تارقىتىپ قويغانلىقى، بۇ ئىمتىھان قەغىزى شۇ يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ10ياشلىق بالىلاردىن ئىمتىھان ئالىدىغان ئىمتىھان سوئاللىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان .
مەنبە : ئەدەبىي تەرجىمىلەر
باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ |