ۋىن جىياباۋ ئارام ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلدى
ئاپتور:چىياۋ لېي
جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى باش مىنىستىرى ۋىن جىيا باۋ ئارام ئېلشىقا چىققاندىن كېيىن ئاساسەن ئاشكارا پائالىيەت قىلىپ باقمىدى، ئۇنداق ئۇ نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ يىقىندا، شىياڭگاڭلىق ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب ۋۇ كاڭ مىن ئاخباراتلارغا ئالدىنقى ئايدا ۋىن جىيا باۋ ئۆز قولى بىلەن ئۇنڭىغا خەت يازغانلىقىنى ئاشكارلىدى . ۋىن جىيا باۋ خېتىدە:<< مىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىم توشۇپ خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلغىلى 9ئايدىن كۆپرەك بولدى ، بۇ مەزگىلدە مەن ئائىلىدە ئارام ئىلىشقا چىققان بىر قىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزدۇم : بەدەن چىنىقتۇرۇش ، خەتتاتلىق ،كىتاب ئوقۇش ،دوسلار بىلەن كۆرۇشۇش دىگەندەك>> دەپ يازغان ئېدى.
ۋۇ كاڭ مىننىڭ ئيتىشىچە ،ۋىن جىيا باۋ نىڭ ئۇنڭىغا خەت يېزىنشىنڭ سەۋەبى ۋىن جىياباۋ سوۋغا قىلغان<< ۋىن جىيا باۋ مائارىپ ھەققىدە>> سوۋغا قىلغاندىن كېيىن بىر پارچە <<ۋىن مىنىستىر سوۋغا قىلغان كىتاب>> دېگەن ماقالنى يازغانلىقى ھەققىدىكى ئشىلارنى بايان قىلش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ ماقالە ئۆتكەن يىلى12-ئاينىڭ 4-كۇنى ئېلان قىلنغان ، ۋىن مىنىستىر مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۇنى ئۇنىڭغا خەت يازغان . ۋىن جىيا باۋ خېتنىڭ باش قىسمىدا شۇ ماقالىنى تىلغا ئېلىپ .، ۋۇ كاڭ مىنىڭ ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ناھايىتى يېقىنلىق ھېس ئيتىقان.
ۋىن جىيا باۋنىڭ دوستىغا يازغان بۇ خېتى ،ئۇنىڭ ئارام ئىلىشقا چىقاندىن كىيىنكى ھىسياتنى ئاشكارلاپ تۇرىدۇ . ۋىن جىيا باۋ خىتىدە :<< مەن دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى چوڭ ۋەقەلەرگە ناھايىتى كوڭۇل بولىمەن . ئلىمىزنڭ پەقەت كۇچلۇك ئىقتىساد ، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت كۈچى بولۇپلا قالماستىن يۇقىرى مەدىنيەت ۋە ئالىيجاناپ ئەخلاقى بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن . مەن جەمئيەتنىڭ ئتتپاق، دوستانە ، كەڭ قورساق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمەن ،شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن قەلبنى مايىل قىلىپ كۇچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.>> دېگەن .
ئۇ يەنە: << مەن نەچچە ئون يىلنى دۆلەت ئۈچۈن تەقدىم قىلدىم ، تىرشىپ خىزمەت قىلدىم ، ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلمىدىم ،مەن ۋەتەننى خەلقىمنى قىزغىن سويدۇم ، ئىجتمائىي ئادىللىق، باراۋەرلىكنى ئىزدىدىم . ئۆز رازىلىقىم بىلەن ئۆزۈمنى مىللى گۇللىنىش چوڭ ئشلىرىغا ئاتىدىم .مەن مۇكەممەللىكنى قوغلاشتىم ،ئادىمىي خاراكتىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئادەم بولۇشنىڭ مۇكەممەللىكى، ئۆزەمنىڭ ئېتىقادىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ،مۇكەممەل بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم . مەن ئەزەلدىن ، قەتئى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزكۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ئىشنى قىلمىدىم ، چۈنكى مىنىڭ ئېتىقادىمنى تەۋرىتەلەيدىغان ھېچقانداق مەنپەئەت يوق . ھازىر دەم ئېلىشقا چىقتىم . مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مۇساپىلىرىنى توغرا باسىمەن،ئاندىن تۇغما ھالەتتە دۇنياغا تۆرەلدىم ،كەتكەندىمۇ پاك- پاكىز كىتىمەن .>> دېگەن.
ۋۇكاڭ مىنىڭ ئيتشىچە:<< ۋىن مىنىستىر تەسىرلەنگىنى ئۈچۈن ئۇنڭغا خەت يازغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.>> . ئۇ منىستىر بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا ئاچقان ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، ئلگىرى مۇخبىرلار <<پۈتۈن يېغىن مەيداننى لەرزىگە كەلتۇردى>> دىيىشكەن گەپنى قىلىغان . ۋىن جىيا باۋ مۇنداق دېگەن: << مەن سەمىمىيىلىك بىلەن ئارزۇ قىلمەن، مەن ، پۈتۈن ھاياتىمنى خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا بېغىشلىدىم ، خەلق ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشى مۇمكىن ،شۇنداقلا منىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشىم بىلەن ھەممە ئۈنتىنسىز ئۇنتۇلۇپ كىتەر>> دېگەن . ۋۇ كاڭ مىنىڭ ئيتىشىچە: ئۇ بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا ناھايىتى تەسىرلەنگەن ،ئىنتايىن ھاياجانلنىپ، <<ۋىن مىنىستىرنىڭ قايغۇسى>> دېگەن ماقالىنى يازغان ۋە ئېلان قىلغان
ۋۇ كاڭ مىن :<< ۋىن مىنىستىر خەلقنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ،دائىم نامراتلارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ دەردىنى سورايدۇ ، ئاپەت رايونىغا ،تاغلىق رايونلارغا زاۋۇت ، كەنىت ، مەكتەپ بىرىپ ئامما بىلەن ھەمنەپەس بولىدۇ . دەيدۇ. بەزىلەر ئۇنى<يىڭ دى> دەپمۇ قويىدۇ ، مەسخىرىلەرگە ئۇ كۆنۇك . ئايلار يىلار مۇشۇنداق <مەسخىر> چىلەرنى پەيدا قىلدۇ ، ئېھتىمال ئانچە كوپ ئەمەستۇ . >> دەيدۇ . ۋۇ كاڭ مىن يەنە : << مەسخىرچى> لەرنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولمىسىلا ، ھامان ئەپتى بەشىرسىنى ئاشكارلايدۇ . ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزاق يىلدا >> دەيدۇ.
http://news.sina.com.cn/zl/zatan/2014-01-18/1144913.shtml
ئالۋۇن تەرجىنىسى |