- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10719
- نادىر
- 0
- يازما
- 586
ئۆسۈش
1.8%
|
xerhan يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 12:04
ئەمما نىمىشقىدۇر بۇ ئابىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتىدا ‹‹ ...
شېرخان ئەپەندىم ، بۇ توغۇرلۇق مەن سىزگە ئامىنە شىركىتىنىڭ لىدىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمنى ئېيتىپ بىرەي ئاڭلاپ بېقىڭ .
2012 - يىلى ياز .
قۇلۇمدا ئامىنە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قارقات شەربىتى ،
بۇنداق رەڭلەندۇرگۈچ قۇشۇلۇپ ياسالغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ئانچە ياقتۇرمايتىم ،
لىكن مەن سېتىۋالغان دۇكاندا مۇشۇنىڭدىن باشقا مىللىچە ئىچىملىك بولمىغاچقا مۇشۇنى سېتىۋالغان ئىدىم .
ئادىتىم بۇيىچە قۇتا ئورالمىسىدىكى زاۋۇت ئادرىسى ، ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇن ، ھالال بەلگىسى بارمۇ - يوق دىگەنلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم ،
ئەپسۇس ، ھالال بەلگىسى يوق شۇئان كۆڭلۈمگە شەك چۈشتى .
ئىسىمدە قېلىشىچە 2010 - يىلىنىڭ ئلدى - كەينىدە ئىشلەپچىقارغان ئىچملىكلىرىدە مۇسۇلمانچە دىگەن خەت كۈرۈنەرلىكلا يىزىقلىق ئىدى .
شۇئانلا ئامىنە شىركىتىنىڭ قۇتا ئورالمىسىدىكى 0991 دىن باشلانغان نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىدىم ، تېلفۇننى بىر قىز ئالدى .
- ياخشىمۇسىز ئەپەندىم ، بۇ ئامىنە شىركىتى .
- باش لىدىر بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ، دىدىم سوغۇقلا .
- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، باش لىدىر يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن گۇاڭجۇغا كەتكەن ئىدى .
- ئۇنداق بولسا ئىشلەپچىقىرىش بۈلۈم دېرىكتۇرۇڭلار بىلەن كۈرۈشىمەن .
- ئەپەندىم گەپ - سۆزىڭىز بولسا ماڭا دەۋىرىڭ ، مەن بۈلۈم دېرىكتۇرىنىڭ كاتىپى .
بولمايدۇ ، چۇقۇم دېرىكتۇرۇڭلار بىلەن كۆرۈشىمەن ، دىدىم قاتتىقراق تەلەپپۇزدا .
- بىرئاز ساقلاپ تۇرۇڭ . . . . . . .
بىر ئازدىن كىيىن بىر ئەر كىشى تىلفۇننى ئالدى .
- ياخشىمۇسىز ئەپەندىم ، مەن ئىشلەپچىقىرىش بۈلۈم دېرىكتۇرى ، قانداق ئىشىڭىز بار ئىدى ، دىدى مۇلايىم تەلەپپۇزدا .
- قانداق شىركەت سىلەر ، شىركىتىڭلاردا نىمە ئىشلەپچىقىرىۋاتىسىلەر ؟ دىدىم يەنىمۇ قاتتىقراق تەلەپپۇزدا .
- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، ئېنىقراق چۈشەندۈرسىڭىز بۇلۇپتىكەن .
- مەن سىلەر ئىشلەپچىقارغان قارقات شەربىتىنى ئىستىمال قىلىۋاتقىلى بىر نەچچە يىللار بولدى ، بۇرۇن قۇتا سىرتىدا مۇسۇلمانچە دىگەن خەت بار ئىدى ، لىكىن ھازىر قارىسام يوق ،
ھازىر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىڭلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلشىغا ماس كەلمەمدۇ قانداق ؟ مۇشۇنداقمۇ ئىش بۇلامدۇ ؟
- ئەپەندىم ، سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشۈمگە قۇلاق سېلىڭ ، دەپ گەپ باشلىدى ھېلىقى دېرىكتۇر ،
-مەھسۇلاتىمىزنى ئىچكىرىدە ئىشلەپچىقارغىنىمىز راست ، لىكىن خام ماتىرىياللىرىنى مالايسىيا ، ۋە ئىراندىن كىرگۈزىمىز ، شۇڭا مەھسۇلاتىمىز 100% ئىشەنچىلىك ھەم ھالال ،
بىزنىڭمۇ مۇسۇلمانچە ، ھالال دىگەن خەتلەرنى راسا يوغان قىلىپ باسقىمىز بار ، لىكىن بىزگىمۇ قەتئى ئامال يوق ،
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
- ئالدىنقى يىلى ئىچكىردىكى زاۋۇتلارغا 1 مىليون يۈەنگە يېقىن سىرىتقى بولىقى بىلەن قۇتا ياساتقۇزغان ئىدۇق ،مۇسۇلمانچە ھەم ھالال دىگەن خەتلەرنى باستۇرۇپ ،
ئۇزاق ئۆتمەيلا ھۈكۈمىتىمىز مۇسۇلمانچە خېتى بار سىرىتقى ئورالمىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىزەگە 1 مىليون يۈەن زىيان بولدى .
- ئىشلەپچىقارغان ئىچىملىكلىرىمىزگە كەلسەك ، ئاللاھ خالىسا مەھسۇلاتىمىز 100% ئىشەنچىلىك ،ئەگەر بىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن شەكلەنسىڭىز بازارلاردا سېتىلىۋاتقان باشقا ئىچىملىكلەرنى ھەتتا مېنرال سۇنىمۇ ئىستىمال قىلمىسىڭىز بولىدۇ .دىدى ئۇ دېرىكتۇر .
- ھە ، ئەسلى ئىش مۇنداقمىدى .
دېرىكتۇر يەنە سۆز باشلىدى .
- شىركىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر 5 ۋاخلىق ناماز ئوقۇيدۇ ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە بۇلۇش ئۆلچىمىگە قاتتىق دىىققەت قىلىمىز .
ئۇ دېرىكتۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىلغان بىر ئېغىز گىپى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە .
-بىز مۇسۇلمان ، قۇلىمىزدىن يىلىغا بىر نەچچە مىليون قۇتا ئىچىملىك چىقىدۇ ، دىمەك يىلىغا نەچچە مىليون مۇسۇلماننى ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيمىز ، ھېلىغۇ نەچچە مىليون مۇسۇلمان ئىكەن ، بىرەر ئادەمگە بىر چىشلەم ھارام يىگۈزگەننىڭ جاۋابىنى بىرەلمەسلىگىمىز مۇمكىن ،
شۇڭا خاتىرجەم ئىستىمال قىلىسڭىز بولىدۇ .
گەپلىرىگە قايىل بولدۇم ، سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى .
تورداشلار خىيال قىلىپ بېقىڭلار ، ئەگەر يۇقارقى سۇئالىمىنى ئارمان شىركىتىگە قويغان بولسام قانداقراق جاۋابقا ئىرىشىشىم مۇمكىن ؟ بۇلۇپمۇ ھازىرقى شارائىتتا .
بۇ سۇئالنىمۇ ئارمانلىقلارغا چۇقۇم قۇيىمەن ، بىز دىگەن ئىستىمالچى ، ئىستىمال قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ خۇرۇچلىرىنى بىلىش ھۇقۇقىمىز بار .
ئارمانلىقلارغا چۇقۇم تېلىفۇن قىلىپ مۇنازىرلىشىمەن ، كەسكىن مۇنازىرلىشىمەن .
قېنى ،ئارمانلىقلارنىڭ ئىستىمالچىللىرى بىلەن مۇنازىرىگە چۈشكىدەك ئىقتىدارى ھەم شىجائىتى بارمۇ -يوق ؟ |
|